10 داڭلىق بلوگنى نامزاتلىققا تاللاش باھالاش پائالىيتى باشلاندى
بلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر (
Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، Blog ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008 – يىلى تارىختا تۇنجى قېتىم ‹‹
ئۇيغۇرلاردىكى 10 – چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى ›› مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ‹‹
2008 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› نى باھالاپ چىققان ئىدى. بۇ قېتىملىق باھالاش پائالىيىتى Blog نى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر Blog لىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر Blog لىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى دىيارىمىزدىكى بلوگگىرلار ‹‹ ئۇزۇن مۇددەتلىك دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، تارىختىكى ‹‹
2009 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› بېتى ئاق قېلىشقا توغرا كەلدى. 2010 – يىللىق تور مۇساپىمىز 5 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن باشلانغان بولسىمۇ ، ‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› ۋاراقلىرىنى يەنىلا ئاق قويۇشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمىدى. شۇڭا بىز ‹‹
ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش ›› پائالىيىتىنى تەشكىللەشنى قارار قىلدۇق.
مەزكۇر تېما ئېتىبارىدا بىز كەڭ بلوگگىر دوستلار، كەڭ ئوقۇرمەن تورداشلاردىن مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ پائالىيەت 3 باسقۇچ بويىچە داۋام قىلىدۇ؛
بىرىنچى باسقۇچ: بلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بلوگگىرلار ئۆز بلوگىنى كۆرسەتسىمۇ ياكى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ باسقۇچ 11 – ئاينىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە داۋاملىشىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ: نامزات بلوگلارنى ئاۋازغا قويۇش باسقۇچى . بۇ باسقۇچ 12 – ئاينىڭ بېشىدىن 25 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ: 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بولغان باھالاش بېلەت – ئاۋازلىرى ستاتىستىكا قىلىنىپ ، 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
تەپسىلاتىنى يۈكسەل بىلوگىدىن كۆرۈڭ
http://www.yuksel.me/category/top10blog/top10blog2010