نىكاھ ئوقۇش ئالدىدا موللىلار تاڭنۇر بىلەن كۆڭۈلنىڭ توي خىتىنى
كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى.
كۆڭۈل بىلەن تاڭنۇر دەرھال توي خىتنى كۆرسەتتى.
گىرملىرىنى قلدۇرۇپ بولغان كۆڭۈل قولدىشى
كەپسىز قىز بىلەن ئۆيىگە كەلدى.
تويغا كەلگەن مىسىرانىم قىز ، يىگتلىرى
داستىخان ئۈستىدە.
مال قۇيۇش باشلاندى. مال قۇيۇشقا
مۇسلىنە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
تاڭنۇر كۆڭۈل قىزنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ، مۇنبەردىكى ئوغوللار بىلەن كەلدى.
تاڭنۇر تەرەپتىن كەلگەن چوڭلار.
بۈگۈنكى بۇ توي مەشرىپىدە مۇنبەردىكى سەنئەت
جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار دوستلارمۇ قۇرۇق قالمىدى.
ئۇلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشىللىرىنى بۇ
ئىككى ياشنىڭ تويى ئۈچۈن ئېيتماقتا.
بۇلار دەقيانوس، ئارمانىم، تۇز قاتارلىقلار بۇلۇپ ،
ئۇلار تاڭنۇر ىبلەن كۆڭۈلنىڭ تويىغا ئاتاپ، ئۆزلىرى
ئىجات قىلغان، بېشىڭلار باش ئايىغڭلار تاش بولسۇن
دىگەن ناخشىسىنى ئوقۇپ بەردى.
بۇ بولسا كۆكنۇريەنى ھازىرقى شاقۇر. ئۇ بۈگۈنكى تويدا كۆڭۈلگە ئاتاپ
ئۆزى يېزىپ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن ناخشىسى
<<ھەسىرەتتە قويدىڭغۇ يارمىنى>>دىگەن
ناخشىسىنى ئېيتىپ بەردى.
بۇ بولسا كۆڭۈلنىڭ يېقىن دوستى فاتىمە، ئۇنىڭ
كىچىك ئىسمى مەريەم . ئۇ كۆڭۈل بىلەن تاڭنۇرنىڭ تويىغا ئاتاپ
<<توي قىلىۋاپسەن ۋاي ئاداش >>دىگەن ناخشىسىنى
دۇتتارلىق ئۇرۇنداق بەردى.
بۇ بولسا نەسۇرۇللا ئۇ كۆڭۈل بىلەن تاڭنۇرنىڭ تويغا ئاتاپ ،
ھېيتلىق بورداۋاتقان قوينى ئېلىپ كەپتۇ.
تاڭنۇر تەرەپتىكىلەر، كۆڭۈلنى يوتكەپ ئېلىپ
مېڭىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.
ئېلىپ مېڭىلغان كۆڭۈل يىغلىماقتا.
زامانى بىلەن قار مەلىكە كۆڭۈلنىڭ يوتقان كۆرپىللىرىنى
چىگىپ تەييارلىماقتا.
ئەسلىدە تاڭنۇر مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆزىدىن
ئوت چىقىرىۋىتەي دەپ ئويلاپ بۇ
ماشىنىنى بىزەپ كەپتىكەن.
بىراق كۆڭۈل بىلەن كەپسىز قىز مەسلەتلىشپ ،
خادىكتا مېڭىشنى ئېيتتى. ئۇلار مەسلىھەت ئۈستىدە.
شۇنداق قلىپ ئۇلار توينى خادىكتا يۆتكەشتى.
ئالدىدا ھىسلىرىم ئۇسۇل دىگەننى بۇلۇشىغا ئويناپ ماڭدى.
تويچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن تەييار تۇرىۋاتقان ،
مۇنبەردىكى قىلىچ خۇشخۇي باشچىلىقىدىكى يۈزى قېلىن يىگىتلەر.
كۆڭۈلنى يۆتكەپ كەلسە، ئىىشك تاقايمەن دەپ ساقلاپ
تۇرغان تۇمۇچۇق.
تاڭنۇرنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەن كۆڭۈل ، گىلەم ئۈستىدە
تۇرۇپ ئۆيگە كىرمەكتە.
ئۆيگە ئېلىپ كىرگەندىن كىينمۇ ، كۆڭۈلنى گىلەم
ئۈستىدە قويۇپ ئۇسۇل ئويناشماقتا. بىچارە كۆڭۈل
قوسقىنىڭ ئاچلىقىدا گىلەم ئۈستىدە ئۇياندىن بۇيانغا
سىلكىنىپ ، ھالى قالمىدى. تاڭنۇرغا تەگكىنىگە تويدى.
بۈگۈنكى بۇ تويغا كەلگەن مۇنبەرنىڭ رەسىمچىللىرىمۇ
بىكار قالماي ئۇلارنى سۈرەتكە تارتماقتا.
ئەتە تىما قلىپ يوللاش ئۈچۈن.
كۆڭۈلنى گۈل چۈشى ۋە يەڭگلەر ئۆيگە ئېلىپ كىرمەكتە.
ئۆيگە كىرگەندىن كىين كۆڭۈل بىر مەيدان ئۇسۇل ئويناپ،
مۇنبەردىكى يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە قايتا ئوت يېقۋەتتى.
كۆڭۈلنىڭ يۈز ئاچقۇسى ئۆتكۈزۈلمەكتە. يۈزىنى
تاڭنۇرنىڭ ئاپسى كۈنقىز ئاچماقتا.
تاڭنۇرنىڭ سىڭىللىرى كۆڭۈلنى كۆرۈش
ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىدە تۇرماقتا. خانئاچىمىز
چىرايلىقمىدۇ ، سەتمىدۇ دەپچۇ.
ئاخىردا بۇ بىر جۈپ ياش ئائىلە بۇيىنچە سۈرەتكە چۈشتى.
ئەمسە مۇنبەر ئەھلى توي تۈگىدى. ئامان ئىسەن ئۆيلىىرڭلارغا قايتىڭلار.
ھە راست ئۇنتۇپ قالغىلى تاس -تاس قاپتىمەن دىسە.
بۇ كۆڭۈل ھەدەمنىڭ مۇنبەردىكى قىزلارغا قىلغان ئازىراق
سوۋغىسى، ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ ئېلىشالا.
ئسمى چىقمغان مۇنبەرداشلار سىلە ئاشۇ يەردىكى جىق ئادەملەرنىڭ ئارسىدا بار.
ئۆزىڭلارنى ئۆزىڭلار تونىۋېلڭلار.
ھا ھا ھا........... ئەمسە خوش ئاللاغا ئامەنەت. بۇ بىر جۈپ ياشقا
بەخىت تىلەپ قويۇڭلار.
چاقچىقىم ئېشىپ كەتكەن بوسا ، ۋاققىدە ئۇچۇر قىلىۋىتەسىلەر.
كۆتۈرەلمىسەڭلار كۆتۈرشىپ بىرىمەن.ھى ھى ھى.............