ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت سەرۋىناز كە 2010-11-04 04:20 PMئەۋەتىلدى :
نورمال ئىش دەپ قارايمەن ،گۈزەل ئاياللاردىن ھەتتا بىز قىزلارمۇ ھوزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىمىز ،ئەرلىرىمىز ھوزۇرلانسا بەك كۆزىگە كىرىۋالماسلىقىمىز لازىم ،ئۇلار خۇددى گۈللەرگە ئوخشايدۇ ،بىز ھېچكىمنىڭ گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىش ھوقۇقۇقىنى تارتىۋالالمايمىز ...شۈبھىسىزكى بىزمۇ بىر گۈل ....ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدە قالمايدۇ .ئاللاھ بار بەزىدە بىزمۇ پۇل ساقلاپ قويىمىز غۇ
ناۋادا ئاياللار ئەرلەرنىڭ ،گۈزەل ئاياللاردىن ھوزۇرلىنىشىغا سۈكۈت قىلسا، ئۇلارغا ھوزۇرلىنىش ھوقۇقنى بەك كەڭ بېرىۋەتسە ئەرلەرنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىشىگە شارائىت تۇغۇلۇپ قالارمىكىن دەيمەن. بەزىلەر ئەرلەر ئاياللارغا قارىغانغىلا تاپتىن چىقىپ كېتەمدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئەرلەر گۈزەل ئاياللارنى قانچە كۆپ قارىغانسېرى كۆڭلىدە جىن پەيدا بولۇپ، گۈزەل ئاياللارغا ئىنتىلىپ ئايالى كۆزىگە سىغماي قالار. پۇل ساقلاش بىلەن بۇ مەسىلىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ قېرىندىشىم. مېنىڭچە بەكمۇ كۆزىگە كىرىۋالماي ئانچە-مۇنچە ئەسكەرتىپ تۇرۇش لازىم، مۇشۇنداق قىلسا ئەرلەر ھېچ بولمىسا ئايالىنىڭ تاپىسىدىن ئەنسىرەپمۇ بولسا گۈزەل ئاياللارنى كۆرگەندە بىر كۆزىنى ئېتىۋالىدىغان بولار(ھا ھا ھا) . ئىشقىلىپ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن قارشى تەرەپنى بەك مەيلىگە قويۇۋەتمەي مۇۋاپىق ھالدا "كۆز-قۇلاق" بولۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇلار پەقەتلا مېنىڭ شەخسىي قارىشىم خالاس.