فىرانسىيە بىلەن ئۇرگۇۋاي بىلەن تەڭلەشتى
6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 00:30 ئۆتكەندە ، 19-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى A گۇرۇپپا بىرىنچى ئايلانما ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە كاپتون شەھىرىنىڭ «يىشىل نوقتا»مەيدانىدا فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇرۇگۋاق كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى . نەتىجىدە ئىككى تەرەپ 0-0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى .
مۇسابىقىدە ئۇرۇگۋاي ياش توپچىسى لودېريرو مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا ئىككىنچى سىرىق كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلدى . فرانسىيە تەرەپتىن رىبېريمۇ بىر سىرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى . ئۇنىڭدىن باشقا كىيىنكى يېرىم مەيداندا مۇسابىقىچە چۈشكەن ھېنري بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى قوشقاندا 4 نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقانلىق بىلەن(1998،2002،2006،2010) فرانسىيە تارىخىدا رىكورت ياراتتى .
ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەن ئەزالار تىزىملىكى :
فرانسىيە (4-1-4-1) : 1-لورىس ؛ 2- ساگنا ،5- گاللاس ، 3-ئابىدال ، 13-ئېۋرا ؛ 14-توۋلالان ، 10-گوۋو('85_11-گىگناك) ، 8- گوركۇف('75_15-مالوۋدا)، 19-دىئابي ، 7- رىبېري ؛ 21-ئانېلكا('72_12ھېنري)
ئۇرۇگۋاي(4-2-2) : 1-مۇسلېرا؛ 2-لۇگانو ، 3-گودىن ، 6-ۋاكتورلىنو ، 16-ماركىس.پاررېيرا ؛ 11-ئالۋارو.پاررېيرا ، 15-پېرېس('86_8-ئېگۇرون) ، 17-ئارايۋارو.رىئوس ، 17-گونزالېز('63_14-لودېيرو) ؛ 9-سۇئارېز('74_13-ئابرېئۇ) ، 10-فورلان
جەنۇبى ئافرىقا1-1 مېكسىكا
شىنجاڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 8دە ، 19- نۆۋەتلىك ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى يوھان نېسبۇرگ «پۇتبول مەيدان»مەيدانىدا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىپخانى جەنۇبى ئافرىقا كوماندىسى بىلەن مېكسىكا كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلدى . نەتىجىدە ئىككى كوماندىنىڭ كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىسدا ئايرىم ھالدا بىردىن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 1گە قارشى 1 نەتىجىدە تەڭلەشتى .
شۇنداق قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ باشلېنىش مۇسابىقىسى جەنۇبى ئافرىقا كوماندىسى بىلەن مېكسىكا كوماندىسىنىڭ 1-1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاياغلاشتى .
مەنبە-ئوزغان پۇتبول تورى