مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 18

توي قىلغانغا ھەرگىز تويماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 04:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توي قىلغانغا ھەرگىز تويماڭ


روزى مۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ


مەلۇم بىر ئىش بىلەن ئالدىراپ كېتىۋاتسام، يېقىندا توي قىلغان بىر ئاغىنەم ئۇچراپ قالدى. سولغۇن چىرايىدىن ئۇ يېڭىلا توي قىلغان يىگىتكە ئوخشىمايلا قالغانىدى.

— يېڭى توي قىلغان ئادەم روھلۇق بولىدىغان، نېمانداق روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىڭ– دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ.

— ھەي ئاداش، نېمە دەي، تۇرمۇش دېگەن ئېغىر يۈككەن، تويدىن كېيىن ھېچ ئىش خۇشياقمايدىغان بولۇپ قالدى، – دېدى ئۇ مەيۈسانە...

ئاغىنەمدىكى غەلىتىلىكلەردىن جەمئىيەتتىكى قىسمەن ياشلارغا نەزەر سالدىم. توي ئىككى ياشنىڭ مۇستەھكەم ئەھدى – ۋاپاسى، چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتىدىن ۋۇجۇدقا چىقىپ، ساداقەت ۋە ۋاپادا گۈللەپ ياشنايدىغان ئائىلىۋى باغ. بۇ باغنىڭ ئاۋاتلىقى توي قىلغان ھەر قانداق ياشنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، خىزمەت، تەربىيە ۋە تەربىيەلىنىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىدىن قول ئۈزۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. بەلكى، ئۇنىڭ گۈللىنىشى، مۇستەھكەملىنىشى ھەركىمنىڭ ئارزۇ، نىشانىنى مەركەز قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. پەۋقۇلئاددە شارائىتتا ئانچە – مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدىغان بىر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇمۇ ماڭا تويىدىن كېيىن (ئائىلىنىڭ ئانچىكى ئىش – كۇشلىرى سەۋەبلىك ھېچ ئىشقا كىرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، ماقالە – ئەسەر يېزىشقا رايى بارمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەپ مۇدىرىمىزمۇ مەكتىپىمىزدىكى توي قىلغان ياشلارنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى قىزغىنلىقى ۋە جان كۈيەرلىكىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى پات – پات ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرىدىغان. ھالبۇكى، ئەتراپىمىزدا ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ، خىزمەتنىمۇ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇتۇق دەرۋازىسىنى چېكىۋاتقانلارمۇ بارغۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ھايات بەيگىسىدىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز تويدىن كېيىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، ئەقىللىق ھەر بىر كىشى تويدىن كېيىن زىممىسىگە ئائىلە، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىدۇ. بەرھەق، بۇلار يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم باسقان ھەربىر ياشقا ئاز – تولا بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ھاياتلىق يولىدىكى بۇ مۇقەررەر بېسىمنى دەپلا چۈشكۈنلىشىپ، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق، قانداق بولغىنى؟ تۇرمۇش بىزدىن ئۈمىدۋارلىقنى، جۇشقۇنلۇقنى، ئىشلارنى كەسكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتسەك، ئائىلە، خىزمەت بېسىمىمىز تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئائىلە تۇرمۇشى قىز – يىگىتنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلىرىدىكىدەك رومانتىك بولمايدۇ، بەلكى، ئەمەلىي بولىدۇ. بۇ رېئاللىققا دادىل يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن مېۋە ئېلىش شىجائىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. ئېنىقكى، ئوخشاشمىغان ئىككى ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئىككى ياش بىر ئۆيدە ئورتاق تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندا ئۇنداق ياكى مۇنداق گەپ – سۆز، سۈركىلىشلەر پات – پات بولۇپ تۇرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئېغىر – يېنىك سىناقلىرىدىن ئۆتمىگەن ياش ئەر – خوتۇنلارغا بۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار، كىچىككىنە بېسىملارمۇ ئېغىر تويۇلۇشى تۇرغانلا گەپ. يېڭى تۇرمۇشقا كۆنۈش باسقۇچىدىكى بۇنداق ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى روھىمىزنى چۈشۈرۈۋالساق، ياشاشتىكى ئەڭگۈشتەرىمىز بولغان ئارزۇ – ھەۋەسلىرىمىز يوققا چىقىدۇ. تويدىن كېيىنكى بىزگە بېسىم تۇيۇلغان ۋاقىتلىق ئۇششاق ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئارزۇ – ھەۋەسلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بەلكىم بىزگە بېسىم ئېلىپ كەلگەن شۇ ئىشلارنىڭ بىر قىسمى ئارزۇ – ھەۋىسىمىزنى جانلاندۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئازراقلا بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئارزۇ، قىزىقىشلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. دېمەك، گەپ تۇرمۇشتا ئۇچرىغان بېسىملارنى يېڭىش ئىقتىدارىمىزنىڭ قانچىلىكلىكىدە. شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېڭى تۇرمۇش باسقۇچىدىكى ياش ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە مېھرىبان، ئەپۇچان بولۇپ، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئائىلىدىكى قوۋناق تۇرمۇشتىن ئىلھاملىنىشنى بىلسىلا، ئىلگىرىكى ئارزۇ – قىزىقىشلىرىنى تېخىمۇ شاخلىتالايدۇ، ھايات ئالبومىنى يەنىمۇ رەڭدار مەزمۇنلار بىلەن بېيىتالايدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ALganazar01 + 100 سىز بىلەن پىكىرلەشكۈم بار ئىدى.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 04:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىش مەسئۇليەتتىن دېرەك بىرىدۇ. توي قىلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئائىلە مەسئۇليىتىنى ئۈستىڭىزگە ئالالايدىغان ئالالمايدىغانلىقىڭىزنى ،پەرزەنت تەربىيىلەش بۇرىچىنى ئادا قىلالايدىغان قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى،تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك دىشۋارچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئۇبدان ئويلۇشۇڭ.شۇ چاغدا توي قىلغانغا پۇشايمان قىلمايدىغان بۇلىسىز .

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

سەن بەخىت بىلەن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11033
تۆھپە نۇمۇرى: 331
توردا: 7428 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 05:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا،  توي  قىلغاندىن  كىيىنكى  ئشلارنى  ياخشى  ئورۇنلاشتۇرغاندا  ئاندىن  توي  قىلغانغا  پۇشايمان  قىلماسلىقى  مۇمكىن!

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17418
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5801 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 05:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  yalpuz0997 كە 2010-11-05 04:50 PMئەۋەتىلدى  :
توي قىلىش مەسئۇليەتتىن دېرەك بىرىدۇ. توي قىلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئائىلە مەسئۇليىتىنى ئۈستىڭىزگە ئالالايدىغان ئالالمايدىغانلىقىڭىزنى ،پەرزەنت تەربىيىلەش بۇرىچىنى ئادا قىلالايدىغان قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى،تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك دىشۋارچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئۇبدان ئويلۇشۇڭ.شۇ چاغدا توي قىلغانغا پۇشايمان قىلمايدىغان بۇلىسىز .
يالپۇزنىڭ گىپىگە قوشۇلىمەن،ھازىرقى ياشلار بەك رومانتىك ،،،،،،،توي قىلغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئوڭۇشلۇق ئۆتىمەن دەپ خام خىيال ئەيلىمەڭ،ئەمما تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل ئېغىر سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشنى نىيەت قىلسىڭىزلا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.........ياخشى كۈنلەر كەينىدىنلا كېلىدۇ،بۇنىڭغا ئىشىنىڭ!!!!!!!!
تېما ياخشى تېما ئىكەن،ئىبرەت ئالساق بولغۇدەك،رەھمەت .

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 252
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16992
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 6653 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 05:13:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي ئىشى ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىش .... چۇقۇم ئەتراپلىق ياخشى  ئويلىنىش كېرەك ...
ئۆي تۇتۇشنى بىلىش ، مەشىق قىلىش ، ئۆگىنىش كېرەك .... بولىمىسا 2~3 ئايدىلا كىلىشەلمىدۇق دەپ ئاجىرشىدىغان گەپ ....  [s:130]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9741
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 05:42:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلماستىن بۇرۇن ئەر سۆزلەيدۇ ، ئايال ئاڭلايدۇ . توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئايال سۆزلەيدۇ ، ئەر ئاڭلايدۇ . ئاخىردا ئەرئايال ئىككىسى تەڭ سۆزلەيدۇ ، خوشنىلار ئاڭلايدۇ ،،،،،،،،،
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ .

مەن پەقەت ۋە پەق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15672
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5047
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2011-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 05:50:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن مەن توي قىلغانغا بۇرنى قۇلقۇمغىچە تويۇپ كەتتىم

مىنىڭ بەختىم
سىھىرگە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 06:06:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

دوستلار ئارىسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4240
يازما سانى: 795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6198
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 5819 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 06:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا، تويدىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىش كېرەك...

باشقىلارنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ دىلىنى نۇرلاندۇر.

ھەممنى ئۇنتۇلدۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12066
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7996
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1294 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 06:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئوغۇلاردىن قورقسا بولامدۇ نىمە [s:148]  [s:145]  [s:181]  [s:164]  [s:149]  [s:161]  [s:143]

ئەگەردە دۇنيادا ھەققىي پاك،ھەققىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!!

uygur man uygur dak yaxay man

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13274
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5095
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2011-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 06:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutun alding uqang ga bir yuda utun aldung digan gap

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 06:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت svzvksu كە 2010-11-05 05:50 PMئەۋەتىلدى :
لىكىن مەن توي قىلغانغا بۇرنى قۇلقۇمغىچە تويۇپ كەتتىم

شۇنداق ھەممە ئادەم ئۆز دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ ئەلۋەتتە....

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 06:54:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت $$ECW$$ كە 2010-11-05 05:42 PMئەۋەتىلدى :
توي قىلماستىن بۇرۇن ئەر سۆزلەيدۇ ، ئايال ئاڭلايدۇ . توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئايال سۆزلەيدۇ ، ئەر ئاڭلايدۇ . ئاخىردا ئەرئايال ئىككىسى تەڭ سۆزلەيدۇ ، خوشنىلار ئاڭلايدۇ ،،،،،،،،،
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ .



ھا ھا ھا ...كۈلىۋەتتىم ئىنكاسىڭىزنى ئۇقۇپ ....راس گەپنى قىپسىز مانا .

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 06:59:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ...ھەممە ئادەم تويدىن كىيىن ياخشى ياشىسامبەخىتلىك ئۆتسەم،ئۇرۇش -جىدەل بولمىسا،بىر -بىرىمىزنى قەدىرلەپ،ئىشىنىپ كۈيۈنۈپ ئۆتسەك دەپ ئويلايدۇ....
بىراق تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئۇنچە ئاددى ئەمەس دوسلار،بۇنداق دىسەم توي قىلمىغانلار قورقۇپ كەتمەڭلار،شۇ تۇرمۇشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق بوران -چاپقۇنلىرى بولىدۇ....ھەم چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ....
لىكىن مەن ئاددى بىر توردىشىڭلار بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشۇڭلارنىڭ شات -خورام ،بگخىتلىك ئۆتىشىنى  تىلەيمەن قېرىنداشلار!!!

كۈنلىرىم سىغىنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12548
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3362
تۆھپە نۇمۇرى: 298
توردا: 2262 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 08:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:148]  مەن تىخى كىچىك بىراق ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن ئۆي تۇتۇش ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش بولماي قالىدىغۇ دەيمەن.  مەن ئويلايمەن ئۆزەم ياخشى كۆردىغان بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرسام بەخىتلىك بولمەن دەپ ئويلايمەن. بىراق يەنە ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن.مەن ياخشى كۆرگەن قىز باشقا بىرنىڭ بولۇپ كىتەرمۇ دەپ....

سىنى ياخشى كۆرمەن،بىراق ساڭابەخىت ۋە خۇشاللىقنىڭ ھەر ۋاقىت يار بولشىنى تىلەيمەن...    سىنى ھەرۋاقىت ئەسلەيمەن ھەم ساڭا بەخىت تىلەيمەن....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش