مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1518|ئىنكاس: 19

مەن_ ئۇلارنىڭ قاتىلى(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆڭۈللەر ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4314
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14310
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 06:06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ئۇلارنىڭ قاتىلى

غەزەپ -نەپرەت ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇردۇ .
شۇنداق ،مەن ئۇلارنىڭ قاتىلى .گەرچە مەن ئۇلارنىڭ ۋاستىلىق قاتلى بولمىساممۇ ،بىراق بىۋاستە قاتلى !ئالتە يىل ئوقىغان بۇ زامانىۋى شەھەردە قىلىش ئۈچۈن ،نىكاھنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ دوختۇرخانا باشلىقى مىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچۈمنىڭ ئوغلى ئەزىمەت بىلەن ،ئۆيدىكىلەرنىڭ قوللىماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەنمۇ كارىم بولماي توي قىلدىم.ئىككى چىكىسىدە چاچ قالمىغان ،ئانچە گىپى يوق بۇ قىرى يىگىت شۇندىن ئىتبارەن مىنىڭ يولدۇشۇم بولدى . خىزمەتتىن بۆلەك خوشلۇقى سوغاق بۇ تۇرمۇشقا كۆنۇشكە باشلىدىم .
قەلبتىن -قەلىبكە يول بار دىگەندەك ئۇنىڭ كۆينۇشلىرى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا كۆنۇپ قالىۋاتاتتىم .خىزمىتىمىزنىڭ ئالدىراشلىقى ھەم قالايمىقانچىلىقىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقمنى بىلدىغان ئەزىمەت ھەپتىدە ئىككى قىتىم مۇلازىمەت شىركىتىدىكىلەرگە ھاۋالە قىلىپ تازلاتقۇزاتتى ،ئىشتىن چۇشسەم ئىسسىق تاماق بۇيرۇتۇقلۇق بولۇپ ،ھارغىنچىلقىتا ئىش قىلىشىم ھاجەت قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى .خىزمەت ۋاقتىمدا ئىچملىك ۋە ئۇششاق يىمەكلىكلەر ھەم بايراملاردا سوۋغاتلار ئۇنتۇلۇپ قالمايتى .مەن خۇددى بىر مەلكە ئىدىم،ئەتراپىمدىكلەرنىڭ غەلىتە نەزىرىنىڭ ھەۋس بىلەن باققان نەزەرگە ئايلانغاندا ،مىنىڭمۇ نەزىرىمنىڭ ئۇنىڭغا پەرۋاسىزلىقتىن ئۆتلۇق بىقىشقا ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم .ھايات گۈزەل ،ھەممە نەرسە سۆيۇملۇك ئىدى .بولۇپمۇ ئىرىم ئەزىمەت ھەممىدىن سۆيۇملۇك ئىدى .
يىلدا ئاران ئالىدىغان دەم ئىلىشمدا ئەزىمەتكە چىدىماستىن يۇرۇتقا ئاتا-ئانامنىڭ قىشىغا قايىتتىم .بىراق ئىككىنجى كۈنى كەچتە ئانام
-ئايال كىشى ئىرىنى تاشلاپ قويسا يامان بولىدۇ ،بىز ساق -سالامەت كۆرۈشكەندىن كىيىن مماڭسا قايتىسا -دىدى .تۆتۇنجى كۈنى دادامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلارغا قانماستىن قايتتىم .پىلاندىن بۇرۇن قايتقانلىقىم ئۈچۈن ئەزىمەتكە خەۋەر قىلماي ئۇنى خوش قىلىشنى ئويلۇدۇم ،يول بۇيى ئۇنىڭ مىنى كۆرگەندىكى ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرۇپ شىرىن خىياللاردا ئۆيگە كەلدىم ،بىراق ئۇ يوق ،توغرا ئۇ بۈگۈن دىجورنى ئەمەسمۇ ؟قانغىدەك ئۇخلاپ ،سەتىراشخانىغا بىرىپ چاچ ياسىتىپ قۇنچاقتەك بولۇپ كۈننى ئاران كەچ قىلىپ دوختۇرخانىغا ئالاھىدە مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىشلىتىمەن دەپ ياستىۋالغان ئاچقۇچىنى ئىلىپ ماڭدىم .ئامانلىق قوغدۇغۈچى قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋال سورغاچ ئىتىپ بولغان كىسەلخانا دەرۋازىسىنى ئىچىپ بەردى .
جىمجىپ كىسەلخانىدا دىجورنى سىسترالارنىلا كۆرگىلى بولاتتى . پۇتۇمنىڭ ئۈچىدا دەسسەپ ئەزىمەتنىڭ بۆلىمىنىڭ دىجورنى دوختۇرلار ئارام ئىلىش ئۆيىنىڭ ئادىغا كەلدىم .بىراق جىمجىتلىقىنى بۇ ئارام ئىلىش ئۆيىنىڭ ئىچىدىن چىققان بوش ئەمما ئىنىق ئىڭراشلار بۇزۇپ تۇراتتى .مەن ئارقىمغا يىنىپ دىجورنىڭلىك سەتكىسىگە قارىدىم .
17-مارت سەيشەنبە ئەزىمەت نۇر
دەپ تۇراتتى .ئىچىمگە لازا قۇيغاندەك بىر ئاچچىق سىزىم بىلەن تىزلىك بىلەن ماڭىدىم ،شۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئاللادىن ئۇ ئىڭراشلارنىڭ ئىگىسى ئەزىمەت بولۇپ قالماسلىقىنى تىلەپ ماڭدىم . ئاران ئىلىش ئۆينىڭ ئالدىغان كىلىپ ئەزىمەتكە تىلفۇن قىلدىم .ئەنە مەخسۇس ماڭا توغۇرلانغان {چالىقۇشى}نىڭ مۇزىكىسى ،غەزەپ بىلەن ئاچقۇچتا ئىشىكنى ئاچتىم . يرىم يالىڭاچ ئىككى مەلىئۇن نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي ماڭا قاراپ قىلىشتى .مەن دىجۇرنىلىپ سۇپىسىدا كۆرگەن خەن تىڭنى چاقىردىم ۋە
-为了证明,帮我看他们一眼[ئىسپات ئۈچۇن ئۇلارغا بىر قاراپ قوي]-دىدىم ۋە قولۇمدىكى ئەزىمەتكە ئاتاپ ئالغان ئۇ ئامراق مىۋىلەرنى ئۇلارغا ئاتتىم .خەن تىڭ باشتا ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ قىلىپ مىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ
-夏姐,别冲动[شەھلا ئاچا ،بولدى قىل ]دەپ تۇتىۋالدى .مەن
-ئەزىمەت ،ياخشى ئەر قىياپىتىگە كىرۋالغان ئەبلەخ!-دەپ ۋاقىراپ يىغلاپ سالدىم.يەنە بىر دىجۇرنى ئايال رۇشەن ئاچام كىلىپ ئىشىكىنى ياپقاچ
-كىيمىڭلارنى كىيۋىلىڭلار!-دەپ مىنى خەن تىڭ بىلەن تەڭ قۇچاقلاپ ئەكەتتى .باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلاشقا ئۆچلۈكۈمدە ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتاتتى .بىردەمدىلا كىم خەۋەر قىلدى دوختۇرخانا باشلىقى قىيىنئاتام ۋە ئەزىمەتنىڭ بۆلۇم باشلىقى كەلدى ۋە بۆلۇم باشلىقى كەچۈرۇڭ !مەن قول ئاستىمدىكلەرنى ئوبدان باشقۇرماپتىمەن -دىگەندەك قۇرۇق گەپنى قىلدىم .بىچارە قىيىن ئاتام خىجىل بولغان بولسا كىرەك ،ئۇندىمەستىن مىنى يۆلەپ چۆڭ ئۆيگە ئەكەتتى .
كارۋاتتىن باشقىسىنى ئالمايمەن -دەپ ئەزىمەتكە چىدىماستىن ،قىيماستىن ئازار يىگەن غورورىمنى قوغداش ئۈچۈن ئاجراشتىم .يىغلاپ ئولتۇرغىنىمدا
-يىغلىماڭ ،سىز مەنپەتنى دەپ نىكاھلانغاندىلا خاتالاشقان شۇ چاغدا يىغلىمىدىڭىز ،قاملىشىپ قىلىپ نىكاھىڭىزنىڭ بۇزلۇشىغان سەۋەب بولغاندىمۇ يىغلىمىغان ،سىز بۇ سودا تويىڭىزنىڭ ئاخىرلاشقاندا خوش بولۇپ كۈلسىڭىز توغرا بولىدۇ ،بالام -دىدى.
-ئاپا راسىت ،مەن مەنپەت ئۈچۈن توي قىلدىم ،بىراق مەن نىكاھىمنىڭ بۇزلۇشىغا سەۋەب بولمۇدۇم -دىدىم ئانامنىڭ تەنە گىپىگە چىدىماي
-سىز ئىرىڭىزنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىغا مەن سەۋەبچى ئەمەس دەپ قارامسىز ؟-دىدى ئانام
-ئەلۋەتتە ،مەن سەۋەبچى ئەمەس-دىدىم
-ئەركىشى ئۆيىدە ھەممىدىن ئازادە بولالىسا ،خۇددى ئۆزىنى شاھلاردەك ھىس قىلالىسا ،يۈسۇپنىڭ زۇلەيخاسىدەك سەتەڭ ،جانانلارمۇ ئۇنى ئازدۇرالمايدۇ ،ئەزىمەت ئۆزىنى پادىشاھلاردەك ئەمەس نەلكى خانىشنىڭ خىزمىتىدە بولاۋاتقان قولدەك ھىس قىلىدۇ ،بىلەمسىز ؟جاھان قانچە تەرەققىي قىلىپ كەتسۇن ،ئىنسانلار مارىسقا چىقسۇن ،بىراق ئادەمنىڭ تۇغما خاراكتىرى ئۆزگەرمەيدۇ ،ئاياللار مەڭگۈ ئەلەرنى كۈتىدۇ ،ئەرلەر ئاياللارغا كۈتۇنىدۇ -دىدى ئانام ئاچچىق بىلەن قىشىمدىن چىقپ كىتىپ
ئانامنىڭ مىناەك ئارزۇلۇق قىزنىڭ يۇزىگە ئاياغ قويغان ئادەمدىن غەزەبلەنمەي ئەكسىچە گۇناھنى ماڭا قويشى ،مىنى ئەيىبلىشى قەلبىمدىكى ئۆچمەنلىكىنى تىخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى .-ئامىنە قاراپ تۇر بۇزۇق !
ئامىنەنىڭ ئىشكىنى چەكتىم ،ئىشىكنى ئاچقىنى ئامنە بولماستىن ساقال -بۇرۇتلىرى ئۆسۇپ كەتكەن بولسىمۇ كىلىشكەن بىر ئەر ئىدى .
-ئامىنەنىڭ ئۆيىمۇ ئەمەسمۇ ؟-دىدىم تارتىنىپراق
-ھەئە ،بىراق ھازىر بۇ يەردە تۇرمايدۇ -دىدى ئۇ ئەر ،مەن مىڭىشقا تەمشىلگەندە كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ،ئۇ ئەر تىزلىك بىلەن كىرىپ كەتتى ، مەن ئۆيگە ئىجازەتسىز كىردىم ۋە يىغلاۋاتقان بالىنى قولىدىن ئالدىم .
-بالا قىززىپ كىتىپتۇ 。美林ئەكىرىڭ ھە ئىسپىرىتمۇ ئەكىرىڭ،بالىنىڭ قوسقى قانداق ؟-دىدىم .ئۇ چاپاننى كىيگەچ
-بىر نىمە يىگۈزەلمىەەنتىم -دىدى .مەن ئاشخانىغاندىن قاتىىق ناننى تىپىپ چايناپ ئۇ بالىغا يىگۈزدۇم ،بالا دورىنى ئىچىپ ئۇخلاپ قالدى .مەن ماڭماقچى بولۇپ
-ئامىنەنى قانداق تاپقىلى بولىدۇ ؟-دىدىم
-بىلمەيمەن ،ئاجراشقاندىن بىرى كۆرۇپ باقمىدىم -دىدى ئۇ جايىمدا تۇرۇپ قالدىم ۋە
-مەن ئەزىمەتنىڭ ئايالى -دىدىم قايتىدىم ئولتۇرۇپ
-ئۆيدە تىزغىدەك نەرسىلەر قالماپتۇ ،سەت بولدى -دىدى
-ھىچقىسى يوق-دىدىم مەجبۇرى كۈلۇپ ،ئىككىمىز ئۇنتۇنسىز بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۇ
-ئۇنى ئىزدەپ نىمە قىلىسىز ؟تىللامسىز ؟-دەپ سۆرىدى
-ياق،ئۇ كۈنى شۇنداق بىر قىتىملىق تىزگىننى يوقۇتۇشمۇ ياكى ئىزچىلمۇ ؟دىگەننى سورماقچى ئىدىم-دىدىم ماقسىدىمنى يوشۇرماي ،ئىككىمىز يەنە جىمىپ كەتتۇق . مەن
-نىمە دەپ ئاجرىشتىڭلار ؟-دىدىم ۋە تىزلا-مۇشۇنداق ئالا-جۇقا بولۇپ قالدىم -دىدىم ،ئۇچ ھىچقىسى يوق دىەەندەك مىسكىن كۈلۇپ قويدى ۋە
-ئۇ تۇيۇقسىز ئاجرىشايلى ،مەن سىزگە يۇز كىلەلمەيمەن دىدى ،كىيىن بەزى گەپ ئىشلار بىلەن -دىدى ئۇ مۇجىمەللا
-ياخشى كۆرەمتىڭىز ؟-دىدىم
-ھەئە،ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى يۈرگىنىم -دىدى
-مەنمۇ ئەزىمەتنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ،گەرچە مەندىن چۆڭ بولسىمۇ -دىدىم يىغلاپ -مۇشۇنداق سورمىغان سۇئالغا جاۋاب بىرىدىغان بولۇپ قالدىم -دەپ قوشۇپ قويدۇم ،ئۇ قەغەزنى سۇنۇپ
-يىغلىۋىلىڭ مەن چىقىپ تۇراي ،مەن ئاياللارنىڭ يىغىسىدىن قورقايمەن -دىدى .
مەن بەلكىم ئۆزۈمدە بار نەرسىلەردىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان ئايالدىمەن .گۇزەللىك ئاللا ماڭا بەرگەن ئىسىللىكلەردىن بىرى ،مەن بۇنۇڭغا ئازراق مۇلايىملىق ھەم كۆينۇشنى قوشۇپ ئامىنەنىڭ ئىرىنى ئازدۇرۇشقا ئىشلەتتىم .شۇندىن كىيىنكى قىسقىغىنە ئىككى ئايغا يەتمىگەن ئىچىدە مەن ئامىنەنىڭ بۇرۇنقى ئىرى ئەھمەدبىلەن توي قىلىپ ئۇنىڭ ئوغلى ئەركىنگە ئانا بولدۇم .ئاپام
-نىكاھىنى قىساس ئىلىشىڭىزغا مەقسەد-ۋاستە قىلىپ يەنە توي قىلدىڭىز،نىكاھ ئۇرمىسۇن قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ، يىتىم بالىنى ئىزىپ-تىزىپ خارلاپ قالماڭ -دىدى .
شۇنداق ئەركىننى قىيناش پىلانىم ئىچىدە بولسىمۇ ئەركىندە بىر خىل سىھرى كۈچ ئۈچلۇكنىڭ ئورنىغا مۇھەببەت پەيدابولدى .بۇ ئوماق بۇدرە چاچقا مىھرىم چۇشۇپ قالدى ،بۇ ئوماق ئوغلۇم مىنىڭ ئىستىن سىرىتقى پۇتۇن ۋاقتىمنى ئىگەللەپ كەتتى ،بەزىدە ئەھمەد چاقچاق قىلىپ
-ئەركىن دادىسىنى تونمايدىغان چۆڭ بولۇپ قالمىسۇن جىمۇ ،شەھلاجان-دەپ قوياتتى.ئاپامنىڭ گىپى ئىسىدە بولۇپ ئەھمەدنى شۇنداق ياخشى كۈتىۋاتاتتىم .گەرچە ئەھمەدنى ياخشى كۆزمىسەممۇ ،ئەركىن ئۆز بالام بولمىسىمۇ بەختلىك بىر ئائىلەم بار ئىدى ، شۇ چاغدا مىنى شەيتان ئۇرغان بولسا كىرەك ،بۇ بەخىتنى ئامىنەگە كۆز-كۆز قىلىشقا باشلىدىم .
باشتا -ئەركىن ماڭا مۇنداق ئەركىلدى ،مۇنداق سۆيدى ، مىنى ئاپا دەپ چاقىردى -دىگەندەك قىسقا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئانىلىق غورورىنى بوغدۇم .ئەركىننى چۈچۈك تىللاردا گۇڭۇرلۇتۇپ ئامىنەگە ئاڭلاتتىم .ئۈچەيلەننىڭ چۈشكەن رەسىملىرىنى رەڭلىق ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتتىم .ئۇ تىلفۇن ئىشلىتىشكە جۇرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا مەن پوسۇلكا ئەۋەتتىم ۋە
-ھەرقىتىم بەختتىن ھوزۇرلۇنۇپ تۇرۇپ ئەركىننى باغرىمغا بىسىپ ئەھمەدنىڭ قۇچقىدا ياتقىنىمدا ياراتقۇچىغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۇرۇش بىلەن بىللە سىزگە رەھمەت ئىيىتقىم كىلىدۇ .ماڭا شۇنچە بەخىتنى بەرگىنىڭىزگە رەھمەت !خوشلۇقىمىزدىن بىرگە بەھىرلىنىڭ-دىگەندەك خەت ۋە رەسىملەرنى ئىزچىل پوچتىدىن پوسۇلكا قىلىپ ئەۋەتتىم .
ئالتۇن رەڭلىك كۈز بالدۇر كەلگەن بولۇپ ئەركىننىڭ قىشلىق كىيىمى توغۈرلۇق سۆزلەشكىنىمدە
-بالىنىڭ قىشلىق كىيىمى ئامىنەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئىدى بولدىلا بازاردىن ئالايلى -دىدى . بۇ گەپ بىلەن مىنىڭ قوروسقۇمغا جىن كىردى .مەن ئەركىننى ۋە سوۋغا -سالاملارنى ئىلىپ ئامىنەنىڭ ئاتا- ئانىسىنى يوقلاپ باردىم .
-ئەركىننىڭ كىيىملىرى ھىلىمۇ مۇشۇ ئۆيدە ئىكەن ،كىيىملەرنى ئالغاچ سىلەرگە ئەركىننى كۆرسەتكىلى كەلدىم .قاراڭلار ،بالا ساق-سالامەت ھەم خۇشال ،تىخى ماڭا بەك ئامراق،بىراق بالىنى ئۆز ئانىسىنىڭ باققىنى ياخشى ئىدى -دىدىم دە بالىنى ئىلىپ كىيىم -كىچەكلىنىمۇ ئالماي كەتتىم .
ئويلاپمۇ باقمىغان قورقۇنۈچلۇق ئىش ئامىنە ئەتىسى ئۆز ئۆيىدە دورا يەپ ئولۋالغان بولۇپ
-ھايات ئادەمگە بىرىلگەن ئىسىل سوۋغات،ھىچكىشىنىڭ بۇ سوۋغىدىن ۋاز كىچىش ھوقۇقى يوق!خاتالىق ياق ئازغۇنلۇق بەزىدا ئۆلۈمنى ھاياتلىقتىن ئۇستۇن قىلىدىكەن .مىنىڭ ئۆزۈم سۆيگەن ئىرىم ،پاك ھەم تاتلىق ئوغلۈم ،ئۇلۇغ دوختۇرلۇقتەك كەسپىم بار ،ھەممە نىمىسى تولۇق تولۇق ئايال ئىدىم .يولدىن چىقماي پاكىز ياشاۋىتىپ كىلىۋىتىپ تۇيۇقسىز مەينەتچىلىككە چۈشۇپ كەتتىم ،ھەممە مەندىن نەپرەتلەندى ،مىنى ھىچ كىشى يۆلىمىدى . ئۆلۈمنى چەكسىز يالغۈزلۇقتا ،خورلۇقتا ياشاشتىن ئۆلۈمىنى ئەۋزەل كۆردۇم.مەن ئۆزۈمنى ئۆلتۇرۋالمىدىم ،خورلۇق مىنى ئۆلتۇردى .-دەپ ۋەسىيەتنامە يىزىپ قالدۇرغان ئىدى .
ئەھمەد پۇرلاشقان ۋەسىيەتنامە ۋە مەن ئەۋەتكەن سۇرەتلەرنى ئەكىلىپ
-يوقۇلۇڭ ،مەن مەن سىز بىلەن ئايالىمنى خۇرلاپ خورلۇقىنى چىقىرۋالسۇن دەپ ئەمەس ،بەلكى ئايالىم كەلتۇرگەن خورلۇقلارنى ئۇنۇتسۇن،دەپ توي قىلغان .ئەركىنگە قىلغان ھەقىقىي مۇ ئامىلىڭىز ئۈچۈن قۇلۇمنى تەككۈزمەي،يوقۇلۈڭ-دىدى .
ئەركىننىڭ ئوماق بۇدىرە چاچلىرىنى سىلاپ كەڭ پىشانىسىگە سۆيۇپ بۇ ئۆيدىن ئايرىلدىم .مىنىڭ ئامىنەنى قىيناش ئارقىلىپ ئازار يىگەن غورورۇمغا تەسەللى تىپىش ئۈچۈن قىلغانلىرىمنىڭ ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۇرېىلىش باسقۇچىغا ئاپپىرىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .چامدىنىمنى سۆرەپ قىيىن ئاتامنىڭ ئۆيىگە باردىم . بىراق بۇ يەردىمۇ ئۆزۈم ئۆلتۇرگەن ئىنساننىڭ مىيتىنى كۆرشۇمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن،ئەزىمەت ئۆزىنى 10-قەۋەتتىن تالىۋالغان ئىكەن .
دادا ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن ،سىنىڭ ياخشى بالاڭ بولالمىدىم .مىنى كەچۈر!
دادامدىن قالسىلا ئەڭ ياخشى كۆردىغان شەھلا ، سىنى ئامىنەنىڭ ئۆلىمىدىن بۇرۇن پەرىشتە بىلىپ ئاللادىن ھەرۋاقىت بەختىڭنى تىلەيتىم .بىراق ئامىنەنى ئۇنداق قىيناپ ئۆلۇمگە قىستىغىنىڭنى بىلگىنىمدە مۇھەببىتىم نەپرەتكە ئايلانسىمۇ ،سەندىن بەكلا ئۈمىدسىزلەندىم .دادام ۋە مىنىڭ سىرىم بولغان چۈشكۇنلىشىش كىسلى مىنى 30نەچچە يىل قىيناپ كەلدى .ھەركۈنى دورا يىمىسەم قانچىلىك ئازابتا قالدىغىنىمنى بىر مىھرىبان دادام بىلسە كىرەك .ئۇنۇملۇك دەپ بەش ئايدىن بىرى يەۋاتقان دورا جىنسى ھەۋەسنى كۈچەيتىۋىتىدىغان ئەكىس تەسىرگە ئىگە ئىكەن .شەھلا كەتكەن تۆتۈنجى كۈنى مىنى شەيتان ئازدۇردى ، مەن ئاقكۆڭۈل سىڭلىم ئامىنەدىن ئىشتىن چۈشكەندە ماڭا يىرىم سائەت ئىشلىشىپ بىرىڭ ،دەپ ئىلىپ قالدىم ۋە ئۇنىڭ ئىچىملىكىگە كۆپ مىقداردا ھەۋەس ئۇرغاتقۇچى بىلەن مەس قىلغۈچى سىلىۋەتتىم .
ئامىنەگە مەن زىيانكەشلىق قىلىدىم .ئەركىشى بولۇش سۇپىتىم بىلەن ئەھمەدكە روھىي جەھەتتە قانچىلىك زەربە بەرگەنلىكىمنى بىلىمەن ،ئەھمەدتتىن ۋە ئەركىن قوزامدىن كەچۈرۇم سورايمەن . شەھلاغا ئاھانەت قىلغان بولساممۇ بىراق ئۇنىڭغا كەچۈر دىگۈم يوق.
مەن ئامىنەنىڭ قاتىلىغا ئايلاندىم ،شۇڭا مەن ئۆلۈم يولىنى تاللىدىم -دەپ يىزىلغان قەغەزنى قىيىن ئاتام بەرگەندە ھۇشۇمدىن كەتتىم ،بىراق ئۆلمەپتىمەن.
شۇنداق ،مەن بىرەر قۇرال ياكى خەنجەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۇرمۈدم ،بىراق بىۋاستە ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆلىمىنى كەلتۇرۇپ چىقاردىم .سوت ماڭا جازا ھۆكۈم قىلىپ تورمىگە سالمىغان بولسىمۇ بىراق مەن ۋىجدانىمڭ سوتىدا سوتلاندىم .غەزەپ -نەپرەت ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇردۇ ،كەڭ -قورساقلىق ،يىقىلغاننى يۆلەش ئىنسانلارنى پەرىشتە قىلىدۇ ھەم گزەل قىلىدۇ .سىز مەلۈم ئىشنى قىلغاندا باشقىلارغا تەسىرى يوق دەپ قارايدىغانسىز ئەمما ئۇ مەقسەدسىز قىلغان ھەركىتىڭىز باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى مومكىن !توردا ئولتۇرۇپ مۇشۇ تىمىنى ئوقىۋاتقىنىڭىزدا ئاپىڭىز ،دادىڭىز ۋە ياكى ئۆمۈلۇك ھەمرايىڭىز سىزنىڭ ئۆزگە قاراپ كۈلۇپ بىرەر مىنۇت مىنۇت سىزگە ھەمرا بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندۇ .بۇنى پەقەت ئۇ مىھرىبانلىرىڭىز ئۆزى بىلىدۇ. شۇڭا بۈگۈن ئۆيگە بالدۇر قايتىپ
مىھرىبانلىرىڭىز بىلەن بىللە تاماق يەڭ !

2010-يىلى 3-سىنتەبىر قەغەزگە ئىلىنىپ بۈگۈن يوللاندى .
مەنبەسى : ئۆزۈم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ALganazar01 + 100 ئاچا سىز بارغانسىرى قاتىل بولۇپ كىتىپ با

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !

گەپ ئېغىزدىن چىق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 07:11:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ، ئەسەردىكى <<مەن>>گە ئۆچلىكىم كەلدى. چۈنكى، <<مەن>>دەسلەپ مەنپەت ئۈچۈن توي قىلغىنى بىلەن ، كىين ئەزمەتنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئەسەرنى ئوقۇپ ئۇنىڭمۇ ، شەھلانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سەل ھىس قىلدىم. <<مەن>>بەكلا ئالدىراقسانلىق قىلغان، يەنى كەم ئەقىللىق قىلغان. تۇرمۇش دىگەندە ئۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ. يەنى يولدىشىنىڭ سىرتقا قارشى. بۇنىڭدا بىز ئاياللارنىڭمۇ سەۋەنلىكى بۇلىشى مۇمكىن . ئۇلارغا ھەقىقى مۇھەببەتنى ھىس قىلدۇرالمىغان بۇلىشىمىز مۇمكىن. يەنە بىرسى ئۇلارنى سىرتتا بىرى ئازدۇرىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن. ئەسەردە مىنڭچە شەھلا ، ئۇ ئىشنى كۆرگەندىن كىيىن ، ھەقىقى ئۆي تۇتۇش نىيتى بولسا ، ئۆچ ئېلىشنى ئويلىمايتتى. ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلىغان بۇلاتتى. ھەم ئىرىگە بىر قېتىم پۇرسەت بىرىپ بېقىشى كىرەكتى . ئۇ ئۇنداق قىلمايلا ، ھەر ئىككىسىنى ئۆچ ئېلىش بىلەن ئۈلۈمگە قىستاپ قويغان. ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ئۆز بەختىنى كۆز _ كۆز قىلىپ، ئامىنەگە ئۇچۇر يوللىغان . مانا بۇنىڭ ئۆزىلا ئاياللىق ئەخلاققا ياتمايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى خاتا ئاڭ. ئۆچ ئېلىش، بۇنىڭ بىلەن ئىش ھەل بۇلامدۇ؟ قارماققا ئۇ شۇ كىشىدىن ئۆچ ئېلىۋاتقىنى بىلەن. كىيىن ۋىجدان ئازاۋى تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزى بۇلىدۇ. مۇھەببەتنىڭ  ئۆچمەنلىككە ئايلىنىشىنى خۇدايىم ساقلىسۇن. ئاياللار ئىرىڭلارغا سادىق بۇلۇڭلار. ئەرلەر ئايالىڭلارنى قەدىرلەڭلار.

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

چىدىمىسا چىچىۋە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3553
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9434
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 3378 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 07:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ قىلغىنىڭىز 100%توغرا....
بۇزۇقلارنى سىز جازالىمىسىڭىزمۇ خۇدايىم جازالايدۇ.

موزدوزنىڭ ئاغزىدىن بىلىقچىنىڭ قوڭى پاكىز

ھەق-ناھەق ئالدىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10784
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9064
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 5442 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 07:22:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .لىكىن ئىملا خاتالىقىمۇ ئاز ئەمەسكەن،ئالدىراپ يازغان ئوخشىمامسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1487
يازما سانى: 827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10910
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3827 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 07:39:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيا شەھۋەت بىلەن تولغانمىدۇ ھە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3208
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9270
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 3806 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 07:47:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز
مەن كىمگە ئىچ ئاغرىتىشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم
بىراق بۇنىڭدىن دۇنيانى يەنە بىر قەدەم چۈشەنگەندەك بولدۇم

ۋاقىت ھەممىنى ئى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14787
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9072
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 5575 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 07:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇھىكايدەدادىلارنىڭ مىھرىبانلىقىمۇئارقاكۆرۈنۈش قىلىنغاندەك قىلىدۇ! [s:166]

http://www.2345.com/?k98332372سىز تېخى بۇنى كۆرمىدىڭىزما؟ نېمىگە ساقلاپ تۇرىسز؟ دەرھال كۆرۈڭ..!

سىنى ئەمدى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8222
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9462
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5484 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 08:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ؟
مەنمۇ كىمگە ھىسداشلىق قىلىشنى بىلەلمىدىم، ھەي~~~~ ئىشقىلىپ ھازىرقى ۋەزىيەتنى بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ جۇمۇ ؟  [s:129]

كۈلۈپ  

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16465
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7231
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2010-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 08:20:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  6-  قەۋەتتىكى   تورداشنىڭ  پىكرىگە   قوشىلىمەن  ،     ياخشى  يېزىپسىز  ،  تېخىمۇ  غەيرەت  قىلىڭ

كۈلۈپ  ياشايمەن   خۇدايڭم بۇيرىسا!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15307
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8383
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3976 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 08:47:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقىنىڭ جىقلىقىدىن بەزى يەرلىرى چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ، ئۆزۈم زورلاپ يۈرۈپ قوشۇپ ئوقۇپ، ئاران چۈشەندىم.

ئېتىقاد خۇدانىڭ ۋەدىسىگە باغلانغان ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ، كۆرۈنمەيدىغان مەۋجۇتلۇققا بولغان قايىللىقتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش