بىلسىڭىز ھەممىسى ،ھەممىسى سىز ئۈچۈن
مەن بۇ جايغا ،بۇ شەھەرگە يېڭى كېلىپ شۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلدىم.
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يامغۇر ياغدى .ئىختىيارسىز كۆزۈم كەڭ بوشلۇققا تىكىلدى.
ئاقسۇدا يامغۇر يېغىۋاتقان ۋاقتىسى ئاسمانغا تىكىلگىنىمدە بولسا ،كۆپكۆك
ئاسمان كۈرۈنەتتى،ئەمما بۇ جاينىڭ ئاسمىنىدا سۇس تۇمان كۆرۈنىدىكەن.
ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇنچە بۇلغىنىپ كەتكىنىگە بۇرۇن خەۋەرلەردە بولسا
ئانچە -مۇنچە ئاڭلاپ قالاتتىم.ئەمما ئۈرۈمچىگە كېلىپ باقمىغاچقا،ھېس
قىلماپتىمەن،بۈگۈن بۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن!ئاقسۇ بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ
ھاۋاسى يەنىلا زور پەرقلىنىدىكەن.
مەكتەپ ھويلىسىدىن چىقىپ ،سىرىتقا قاراپ ماڭماقتىمەن ،ئۈرۈمچىنىڭ نەمخۇش
ھاۋاسى يۈزۈمگە ئۇرۇلماقتا ،سىم-سىم يامغۇر ياغقاچقا ،ئۆزۈم يالغۇز خىيال كەپتەرىم
بىلەن مېڭىۋاتىمەن،چۈنكى مەن سىم-سىم يامغۇرغا ئامراق!تۇيۇقسىز سەن ئېسىمگە
كەلدىڭ ،سېنى يۇرتقا تاشلاپ قۇيۇپ ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا ماڭغىنىمدا دىگەن سۆزلىرىڭ
يادىمغا كەلدى :<ئەلقەم،سىز ئۆزگىرىپ كېتىپ قالارسىزمۇ ھە! كۆڭلۈم بەك يېرىم
بۇلۋاتىدۇ !>دەپ كۆزلىرىڭگە ياش ئالغىنىڭ كەينىدىن ئۇلاپلا :<ھېچقىسى يوق،
سىزنى كۈتىمەن ،سىز كەلگۈچە سىزنى كۈتىمەن!> دەپ ئۆزەڭگە تەسەللىي بەرگەنلىرىڭ،
شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ :<ياق ،ماڭا ئىشىنىڭ ! مەن ھەرگىز ئۆزگىرىپ كەتمەيمەن،ناۋادا
مەن ئۆزگىرىپ كەتسەم ،سىز بۇ دۇنيادا ھېچقانداق ئۇغۇللارغا ئىشەنمىسىڭىز بۇلىدۇ.>
دېگىنىم ئېنىق ئېسىمدە !
مانا بۈگۈن ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا كەلگىنىمگىمۇ 2 ئاي بۇلاي دەپ قاپتۇ،بىر ھەپتە ئاۋال
تۇيۇقسىز سېنىڭ :<ئەلقەم ، ئەمدى بىز ئايرىلىپ كېتەيلى ،ماقۇل دەڭ ،بىز دوسىت
بۇلۇپ ئۆتەيلى !!>دىگەن شۇ سۆزنى ئاڭلاپ،نەچچە كۈن كەيپىياتىم ناچار يۈرگىنىمنى
بىر ئاللاھ ئىگەم ئۇقىدۇ ،مەن ئويلىمىغان ،<ئۆزگىرىپ كېتەرسىزمۇ ؟> دىگەن شۇ سۆزنى
قىلغىنىڭدا مەن قانچىلىك تەسىرلەنگەن ئىدىم ھە! ئۆزگىرىپ كېتەرسىزمۇ دەپ ئەنسىرىگەن
بىر ئادەمنىڭ <بىز ئايرىلىپ كېتەيلى !>دېيىشى ماڭا بەك ئېغىر كەلدى ،بۇ جاھاننىڭ
رەزىللىكىگە ئەمدى ئىشىنىۋاتىمەن !
بىلسەڭ جېنىم ،سېنى تاشلاپ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئامراق ئادىمىمنى تاشلاپ بۇ جايغا
ئۇقۇشقا كەلگىنىم ھەممىسى سىز ئۈچۈن ئىدى!چۈنكى مەن بىز ئارلاشقان شۇ كۈندىن
باشلاپ ،ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇپ ،كەلگۈسى ئائىلىمىز ئۈچۈن،يەنى سەن ئۈچۈن
،سېنى باشقىلاردىن ياخشراق كۈن كۆرسۈن دەپ شۇنداق قىلغان ئىدىم ،ئىچىمدە شۇلارنى
ئويلاپ كېتەتتىم،چۈنكى سەن كىيىم كىيىشكە ئامراق ئىدىڭ ،مەن چوڭ بولغاندا،سېنى
باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قالمىسۇن،بۇنىڭغا چۇقۇم ياخشى بىر ئىقتىسادىي مۇھىت
تىكلەپ بېرىمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگىنىم ئېسىمدە! مەن مانا مۇشۇنداق ئويلايىتتىم!
بەلكىم بۇ مەندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بولسا كېرەك ،چۈنكى مۇھەببەت
،ھەقىقىي مۇھەببەت ئەنە ئاشۇنداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇلىدۇ ! مەن ساڭا
مەنىۋىيەت جەھەتتىكى ئۇزۇقنى مەڭگۈ بېرەلەيىتتىم،شۇ ماددىيەتنى بېرەي دەپ ،بېرىش
ئۈچۈن سېنى تاشلاپ ،سېغىنىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ بۇ جايغا ئۇقۇشقا كەلگەنىدىم ،
بىر ئاي بۇلا-بولماي ،بۇ ئارزۇ -ئىستەكلىرىمنىڭ ئاشۇ <ئايرىلىپ كېتەيلى !> دىگەن سۆزنىڭ
قۇربانى بۇلۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن!
توغرا ،بەلكىم راستىنلا ئارلىقىمىز سەۋەپ بۇلۇپ قالغاندۇ ؟بەلكىم مېنىڭ سېنى تاشلاپ بۇ جايغا
ئۇقۇشقا كەلگىنىمنىڭ گۇناھىدۇ ! ئەمما شۇنى بىلگىنكى ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ،سېنى يىراقلارغا
تاشلاپ قۇيۇپ بۇ جايغا كەلگىنىمنىڭ ھەممىسى ،بىلسىڭىز سىز ئۈچۈن،،،،!
_______تاتلىغىم__________
شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرسىتىتى 2010.11.07