|
|
|
|
پەرزەنت يېڭى تۇغۇلغاندا ، ئاتا- ئانىغا چەكسىز خۇشاللىق بېغىشلايدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ھەم دادا بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىكەن. پەرزەنتىگە بارلىقىنى ئاتايدىكەن . ئانا، مەن تۇغۇلغاندا سەنمۇ شۇنداق بەخىت ۋە خۇشاللىققا چۈمگەن بولغىيمىدىڭ؟ چۇقۇم شۇنداق بولغان. سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن خۇشاللىق نۇرلىرى چاقنىغان، قەلبىڭ ئانا بولغانلىقىڭدىن چەكسىز سۈيۈنگەن بولغىيتى. مىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشنى ، دادام بىلەن بەس - بەستە ، شىرىن خىياللار ئىلىكىدە تاتلىق مۇڭداشقان بولغىيتىڭلار.
مەن ئاستا - ئاستا چوڭ بولدۇم. مەن يەنىلا سېنىڭ بارلىقىڭ بولماقتىمەن. سەن مەن ئۈچۈنلا ياشاۋاتقاندەك ، بارلىق مىھر -مۇھەببىتىڭنى ماڭا ئاتا قىلىۋاتىسەن . قايغۇرغان ۋاقىتلىرىڭدا، مىنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرىم، سىنى شۇ غەم- قايغۇدىن خالى قىلغاندۇ ھە!..........ھېلىمۇ ئېسىمدە، دادامنىڭ<<بالىلىق بولغاندىن بېرى، ماڭا بىرىدىغان مۇھەببىتىڭ ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.>>دىگېنىنى دەپ بەرگەن ئىدىڭ. شۇنداق ئايال كىشى شۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايمىز. توي قىلغاندا<<سۈيۈملۈكۈم ، بارلىق مۇھەببىتىم ساڭىلا خاس>>دەيدىكەنمىز. لىكىن ئانا بولغاندىچۇ ؟ بۇ چاغدا ئوخشىمايدىكەن ئانا! بۇ چاغدا ھەر بىر ئانا بولغۇچى<<قوزام، بارلىق مۇھەببىتىم ساڭىلا خاس>>دەيدىكەنمىز.
ئانا، سەن بەكلا مېھرىبان ئىكەنسەن. مەن سېنىڭ ماڭا بەرگەن ئاق سۈتلىرىڭنىڭ ھەققىنى قانچە قىلساممۇ قايتۇرۇپ بولالمىغۇدەكمەن. سىنىڭ كىچىلىرى تاتلىق ئۇيقۇڭدىن ئويغۇنۇپ ، مىنى ئەللەيلەشلىرىڭ، سېنىڭ ئاشۇ مىھرى ئىللىق قۇچۇقىڭغا چىقساملا يىغامدىن توختاشلىرىم. توۋا كىچىك بولساممۇ شۇ چاغلاردا ئۇششۇق بولسام كىرەك. سەن يەنىلا مېنى بارلىق مىھىر - مۇھەببىتىڭ ، بارلىق سۆيگۈڭ بىلەن مېنى پەپىلىمەكتە .
مەن چوڭ بولدۇم . ساڭا تاتلىق ، تاتلىق ، چۈچۈك تىللىرىم بىلەن گەپ قىلىپ بېرىدىغان ، سىنى ئانا دەيدىغان بولدۇم . سىنى ئانا دىگەن ۋاقتىمدا سەن قانچىلىك بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۈمگەن بولغيتىڭ. ھەر قېتىم چۈچۈك تىللىرىم بىلەن سەندىن سورىغان بالىلارچە سۇئاللىرىمغا ، مەيلى كۆڭلۈڭ يېرىم بۇلۇۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن ياكى ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلىرىڭ بولسۇن..........سەن ئېرىنمەستىن ماڭا جاۋاپ بىرەتتىڭ. مىنى ئاشۇ ئىللىق باغرىڭدا مەھكەم قۇچاقلىغىنىڭچە ، تەبىئەتتىن ھوزۇرلاندۇراتتىڭ. ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈرەتتىڭ. مەيلى مەن ئۇنى چۈشىنەي ياكى چۈشەنمەي، سەن ماڭا ھارماي گەپ قىلىپ بىرەتتىڭ.
بىر كۈن كەچكىچە ھېرىپ - چارچاپ كەتكەن بولساڭمۇ، كەچلىرى سەن مېنى يەنىلا شۇ ئىللىق قوينۇڭ ئىچىدە ، مىنى باغرىڭغا بېسىپ تۇرۇپ، ماڭا ھىكايە سۆزلەپ بىرىسەن . تاكى مەن ئۇخلاپ قالغۇچە. ئۆزىڭنىڭ كۆزى قىزىرىپ ، ئۇيقۇڭ كەلگەن بولسىمۇ، لىكن سەن يەنىلا مەندىن كېيىن، يەنى مىنى شېرىن ئۇيقۇغا غەرىق قىلىۋەتكەندىن كيىن ،ئاندىن ئۇخلايسەن.
ئانا ، سىنىڭ چىرايىڭغا زەن قۇيۇپ باقماپتىمەن. بۈگۈن زەن سالدىم. توۋا ئانا ، سىنىڭ ھېلىقى سۈتتەك ئاق، سىلىق يۈزلىرىڭگە قورۇق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. چاچلىرىڭغا ئاندا -ساندا ئاق كىرىشكە باشلاپتۇ. كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى قېنى؟! ئۇ نۇرلارنى ماڭا بەردىڭمۇ ئانا!!! ئانا مەن سېنى قېرىتىپ قويدۇممۇ؟! سەن مەن ئۈچۈن ، مېنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تىرىشماقتىسەن. مەن ئۈچۈن شۇ ياشلىق باھارىڭ تۇزىماقتا.
پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانا پەرزەنتى ئۈچۈنلا ياشايدىكەن. ئۇلار سوغوقنى سوغوق دىمەي ، تىرىكچىلىك قىلىپ بالىلىرىم دەپ، ئاز بولسىمۇ، ئاشۇ بىر كوي - بىر كويدىن يىققان پۇللىرىغا بىزگە ياخشى يىگۈزۈپ ، بىزگە ياخشى كىيگۈزۈپ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ، ئۆزىنى بارلىقىنى قۇربان قىلىدىكەن. ئۆزى يىمىسىمۇ ، ئۆزى كەيمىسىمۇ <<بالام>> دەپ تۇرۇپ ياشايدىكەن.
ئانا! مەن سېنى غەمگە پاتقۇزدۇم. توغرا مەن ۋاپاسىز بالاڭنىڭ دەردى! ھەي خۇدا مەن نىمانچە ۋاپاسىز! ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىنى مەن نىمىشقا ئويلىمايمەن؟ ئانامنىڭ قانچە، قانچە قېتىم مەن ئۈچۈن تۆككەن يېشىنى ئويلىمايمەن؟ مانا قاراپ باققىنە، بەزى ۋاقىتلاردا ئولتۇرغان يېرىڭدە نەچچە مىنۇتلاپ ھاڭۋېقىپ قالىسەن. ئاشۇ نۇرسىز كۆزلىرىڭدىن قان ياشلىرىڭ ، قورۇق باسقان يۈزىڭنى بويلاپ ساقىپ چۈشمەكتە. بىلدىم ئانا ! سىنىڭ نىمە ئۈچۈن ھاڭۋېقىۋاتقىنىڭنى. مەن ئۈچۈن ! يەنە شۇ مەن ۋاپاسىز بالاڭ ئۈچۈن ! سېنى شۇنداق مىسكىن ، ئويچان قىلىۋەتكەن بارلىقىڭ بالاڭ ئۈچۈن!
ئانا ، بۈگۈن ، ئىشىك ئالدىدا چوڭقۇر خياللار بىلەن مىنى ساقلاۋاتىسەن. مەن ۋاپاسىز بولسام ساڭا يالغان سۆزلەپ بۈگۈن دوستلىرىم بىلەن ، رېستۇرانمۇ - رېستۇران، دىبامۇ - دىبا ئويناۋاتىمەن. سەنچۇ؟! سەن مېنى تامىقىڭنىمۇ يىمەستىن، مەن بىلەن بىرگە يەيمەن دەپ ساقلاۋاتىسەن. ئانا مېنى كەچۈر! مەن نادان بالاڭنى كەچۈر! سېنى مۇشۇنداق خاپا قىلىپ، سېنى بالدۇر قېرتىۋەتكەنلىكىمدىن بەكمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن!
ئىشلىرىم ئۇڭۇشلۇق بولسۇن دىسەڭ ، ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئال دەپتىكەن . ئانا بۈگۈن يەنە مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىسەن. مىنىڭ بەختىم ئۈچۈن، مىنىڭ ئىنساۋىم ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىسەن . مەيلى سەن قەيەردە بولما ، سىنىڭ دۇئايىڭ مەن بىلەن بىرگە ئىكەن ئەمەسمۇ. بىراق مىنىڭ دۇئايىمچۇ؟ مەن ۋىژدانسىز، نادان ، ۋاپاسىز بالاڭ سەن ئۈچۈن بىر قېتىممۇ دۇئا قىلىپ باقماپتىمەن. توۋا ، ئانا سەن نىمىگەن ئەخمەق! مەندەك ۋاپاسىزغىمۇ دۇئا قىلامسەن؟ ! ئانىنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن مېھنەتسىز مۇھاببەت ئىكەن. لىكىن مەن نىمىشقا كىچىكىپ ھىس قىلدىم؟!
ھەر قېتىم سىنىڭ شۇ قورۇق باسقان يۈزلىرىڭگە، ئاپئاق ئاقارغان چاچلىرىڭغا، غەم- قايغۇ چىقىپ تۇرىدىغان ئاشۇ نۇرسىز كۆزلىرىڭگە قارىغىنىمدا ، ئىچىم ئاچچىقتىن تولغۇنۇپ كېتىدۇ. ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن ئانا. سەن مىنى بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارنى چېكىپسەن. بۇنىڭغا ئاشۇ قورۇق باسقان يۈزلىرىڭ ، ئاشۇ ياشاڭغۇراپ تۇرىدىغان نۇرسىز كۆزلىرىڭ، ئۇچ كەبى ئاقارغان چاچلىرىڭ گۇۋاھ! سەن قىزىل گۈلدەك ياشلىق باھارىڭنى ماڭا ئاتاپسەن. لىكن مەنچۇ ؟سېنىڭ شۇ مېھنەتسىز ئەجىرىڭگە نىمە بەردىم؟! مەن ساڭا نىمە قىپ بەردىم؟! ساڭا شۇ يللارنىڭ يالدامىسى بولغان ئاشۇ رەھىمسىز قورۇق، خاپىلىق ۋە نۇرغۇن غەم-قايغۇدىن باشقا نىمە بەردىم! لىكىن يەنىلا شۇ ئويچان كۆزلىرىڭدىن مىنى ئويلاۋاتقىنىڭنى بىلدىم ئانا!
دادا، سەن ماڭا قەۋەتلا ئامراق ئىدىڭ. ھەر قېتىم تاماق يىگەن ۋاقتىمدا ، سېنىڭ ماڭا يىگۈزۈپ قويۇشلىرىڭ كۆز ئالدىمدن كەتمەيدۇ. سەن ھەر بىر قوشۇقنى پۈۋلەپ، ئاۋال سەن ئۈزۈڭ ئاغزىڭغا سېلىپ بېقىپ ، ئاندىن مېنىڭ ئاغزىمغا سالاتتىڭ. مەنمۇ سېنىڭ قوچىقىڭدا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە بەكلا ئامراق ئىدىم.
دادا ، مەن ساڭا قەۋەتلا ئامراق. كىچىكىمدە سەن نەگىلا بارما ، مەن داۋاملىق كەينىڭدىن ئەگىشىپ تۇرىۋالاتتىم. سەنمۇ مىنى نەگىلا بارما ، بىللە ئېلىپ باراتتىڭ. ئىش قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭدا بولسا، سىنىڭ ئالدىڭدا تۇرىۋېلىپ قىلغان شوخلىقلىرىمدىن ، ئىچ - ئىچڭدىن چىقىرىپ شۇنداق كۈلۈپ كېتەتتىڭ. ئەمدى ئۇقتۇم ، ئەسلى پەرزەنتنىڭ شۇ ئازغىنە كۈلكىسىمۇ ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرالايدىكەن ئەمەسمۇ! بىراق مەن ھازىر ساڭا قانچىلىك كۈلۈپ بەرگەندىمەن؟ ئويلاپ باقتىم، مەن سىنى كۈلكىلىرىم بىلەن خۇشال قىلماپتمەن. بەلكى سېنى خاپا قىلىپ كەپتىمەن دادا! سەندىن رازى بولماي كەپتىمەن. مىنىڭ سەندىن رازى بولمايدىغانغا نىمە ھەققىم !!!مەن بەك نادان ئىكەنمەن!
ئىلگىرى سېنىڭ يىرىك ساقاللىرىڭغا سۈيۈپ ئويناشنى ياخشى كۈرەتتىم. بۇ چاغدا سەنمۇ مىنى باغرىڭغا چىڭ بېسىپ، شۇنچىلىك خوش بوپ كىتەتتىڭ. ھەم مىنى شۇنداق ئەركىلتەتتىڭ. ئەمدىچۇ؟ ئەمدى چوڭ بوپتىمەن. ھەم سىنىڭ شۇ يىرىك ساقاللىرىڭغا سۆيمەس بوپتىمەن. نىمىشقىمۇ بۇنداق بوپ قالغاندىمەن. ئەكەل دادا يۈزىڭنى ، ئاشۇ ساقاللىرىڭنى يۈزلىرىمگە سانچىۋالاي...........ئاشۇ باغرىڭدا بىر دەپ مۇڭلىنىۋالاي!
دادا ، نىمە خىيال قىلىۋاتىسەن؟ شۇنداق ، يەنە نىمە خىيال قىلاتتىڭ، ئەلۋەتتە مەن ۋاپاسىزنى خىيال قىلىۋاتقانسەن. بىراق مەنچۇ ، مەن سىلەرنى خىيال قىلدىممۇ؟ مەن كىملەرنى خىيال قىلىۋاتقاندىمەن؟ مەن نەدىكى ئاقماس، ساختا، ۋىجدانسىز مۇھەببەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاشىقىمنى خىيال قىلىۋاتىمەن.!~ توۋا ، سىنىڭ شۇ قورۇق باسقان يۈزلىرىڭ، نۇرلىرى ئۆچەي دىگەن شۇ كۆزلىرىڭ، نىمىشقا خىيالىمغا كىرمىگەندۇ؟! سىنىڭ يۈرىگىڭنىڭ قانچە قېتىملاپ <<بالام >>دەپ سوقۇۋاتقىنىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟يۈرىگىڭنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى كۆرمىگەندىمەن؟! خىيالچان كۆزلىرىڭ ئالدىدا مېنىڭ سىمايىم. مىنى سېغىندىڭمۇ دادا؟!مەن ۋاپاسىز ھازىرلا يېنىڭغا باراي!
دادا ، ئۇزۇن بوپتۇ ساڭا زەن قويۇپ قاراپ باقمىغىلى. قارا ، چاچلىرىڭ نىمانچە ئاقىرىپ كەتتى؟ يۈزلىرىڭگە نىمانچە قورۇق چۈشۈپ كەتتى؟ قېنى سەندىكى قىران ۋاقىتلار؟! قېنى سېنىڭدىكى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر كۆزلەر؟! قېنى سەندىكى مەزمۇت گەۋدە؟! توغرا ، ھەي ۋىجدانسىز نائەھلى، بۇنى سەن ئۆزۈڭدىن سورا! شۇنداق مەن ۋاپاسىزدىن سورا!!!!!!
دادا ، بۈگۈن سىنى يەنە ساقلاتتىم. مەن ساڭا دىگەنغۇ، << مەن ۋاپاسىزنى ساقلىما>> دەپ. يەنە نىمىشقا مىنى ساقلايسەن؟ چۈنكى سەن مېنىڭ دادام، مەن سېنىڭ بارلىقىڭ. سېنى قانچىلىك خاپا قىلماي ،سېنىڭ كۆڭلى -كۆكسىڭ دەريادەك كەڭ ئىكەن. مانا بۈگۈن يەنە مەن ۋاپاسزنى چوڭقۇر خىياللار ئىلىكىدە ساقلىماقتىسەن. مەنچۇ ؟ مەن بۇنى بىلمدىم. سېنىڭ شۇ سوغوقتا ، تاماق يىمەستىن <<بالام كىلىدۇ>> دەپ مېنىڭ ئامان -ئىسەنلىكىمنى تىلەپ، ساقلاۋاتقىنىڭنى بىلمىدىم. بىلمەيلا قالماي بەلكى سېنى نائۈمۈدتە قويۇپ ، ئۇ كۈنى ئۆيگە بارمىدىم . دادا ، مېنى كەچۈرەمسەن؟ سىنى ئەمدى ساقلاتمايمەن. بولدى بەس نادان ، تۈگۈمەس ئويۇنلىرىڭنى يىغىشتۇر!!!!ئاناڭ بىلەن داداڭ سىنى ساقلاۋاتىدۇ! ئۆيگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىر ۋاخ ئىسسىق تاماقتا بىرگە بول!!!!
دادا، سەن قېرىدىڭ . يەنى ساڭا قېرىلىق يەتتى. قارا مۈكچىيىپ كەتكەن بەللىرىڭگە، ئاران-ئاران يۆتكەپ ئېلىپ كېتىۋاتقان قەدەملىرىڭگە. يەنە مىنى ئىزدەۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟ نەگىلا بارما ، سەن مىنى ئىزدەيسەن، بارلىق مېھىر - مۇھەببىتىڭنى ئاتىغان، مەن ۋاپاسىز بالاڭنى ئىزدەيسەن. بىراق مەن ئۆيدە ئىسسىق ئولتۇرۇپ ، ئىلگىرى سەن ماڭا قانچىلىك مھىر- مۇھەببتىڭنى بەرگەن بولساڭ ، مەنمۇ مىھر- مۇھەببىتىمنى پەرزەنتىمگە بىرىۋاتىمەن. ساڭىچۇ؟ سىنى ئويلاپ باقماپتىمەنغۇ دادا! سەنمۇ مىنى ، مەن مۇشۇ باللىرىمنى چوڭ قىلغاندەك چوڭ قىلغان بولغىيتىڭ؟ ئەمدىلىكتە بۇنى ھىس قلغاندا سەن قېنى دادا!!!!! مەن كىچىكىپتىمەن. بەكلا كىچىكىپتىمەن.......سىنى يوقۇتۇپ قويۇپ ، سېنىڭ قەدرىڭگە يىتىۋاتىمەن. سېنى ئەمدى ئىزدەۋاتىمەن. لىكىن سېنى نىمىشقا تاپالمايمەن؟!
-ئانا، كىم ئۈچۈن يىغلاۋاتىسەن؟
- بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ. يەنە كىم ئۈچۈن بۇلاتتى. سەن ۋاپاسىز ئۈچۈن بولمامدۇ! شۇنداق ئانا ، سەن يەنە مەن ئۈچۈن قان يىغلاۋاتىسەن ئانا . سەن مېنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچىلىك سىنىڭ ئىللىق باغرىڭدا ئەللەيلىنىپ كەپتىمەن. لېكىن مەن سىنى بىرقېتىممۇ باغرىمغا بېسىپ باقماپتىمەنغۇ ئانا! كېلە بولدى يىغلىما ، مەن ۋاپاسىزنى كەچۈر، سىنى باغىرىمغا باسقۇم بار! سىنىڭ تۇنۇش ھىدلىرىڭنى ھىدلىغۇم بار. ئانا!!!! سىلەرنى خاپا قىلىپ مۇشۇنداق مۈكچەيتىۋەتكەن بالاڭلارنى كەچۈرۈڭلار!!! سىلەرنىڭ مېھنەتسىز بەرگەن مېھىر -مۇھەببىتىڭلارنى قەدىرلىمىگەن مەن نائەھلىنى كەچۈرۈڭلار!!!قىزىل گۈلدەك ياشلىغىڭنى توزتىۋەتكەن، مەن ناداننى كەچۈرۈڭلار! مەن كەلدىم ئانا، مەن ۋاپاسىزنى باغرىڭغا باس! سىنىڭ مېنى كۆتۈرگەن ئاشۇ قوللىرىڭنى تۇتۇپ قوياي! مەن ئۈچۈن ماڭغان ئاشۇ پۇتلىرىڭنى تۇتۇپ قوياي ! مەن ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ قوياي! ئۇچتەك ئاقارغان چاچلىرىڭنى تاراپ قوياي! قورۇق باسقان يۈزلىرىڭگە يۈزلىرىمنى يېقىۋالاي! ئىللىق باغرىڭدا ئەللەيلىنىۋالاي!
|
|
|
|
|
|