مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىللەت تۇزەلمەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13366
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 10:45:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى
 ~~~~~~~~~~~~~~~~~~
 لاپقا لاپ ....
 ئۇرۇشتىن قايتقانسەركەردىلەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ھەققىدە لاپ ئۇرۇشۇپتۇ ، بىر ماختانچاق سەركەردە :
 - ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ، ئوق خۇددى يامغۇردەك يېغۋاتاتتى . مەن دۈشمەن بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ قىلچ ئاستىدا قالدىم . كاللام ئۈزۇلۇپ بوينۇمنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ ...- دەپتۇ .
 پاراڭدا ئەپەندىممۇ بار ئىكەن . ئەپەندىممۇ قاتاردىن قالغۇسى كەلمەي :
 - راسىت ئېتىسىز ، ئۇرۇشتا ئادەم قىزىپ كەتكەندىن كېيىن ھېچنىمىنى تۇيماس ، بىلمەس بولۇپ قالدىكەن ، سىزنىڭ بېشىڭز بوينىڭىزنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ ، مېنىڭ بىشىم يەلكەمدىن چۈشۈپ ئۈچ – تۆت قېتىم دومىلاپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي ئۇرۇشىۋەردىم ، - دەپتۇ .
 ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
 كالاچنىڭ مىجەزى
 
 ئەپەندىم بىر تويغا بارغاندا كالىچىنى يېشىپتۇ – دە ، قولتۇقىغا قىسىپ تۆرگە چىقىپتۇ ، مېھمانلاردىن بىرى :
 - ئەپەندىم ، كالاچنى تالاغا قويسىڭىزمۇ بولاتتى ، - دەپتۇ .
 - بۇرادەر ، كالىچىمنىڭ مىجەزى يامان ، كىم يۈر دېسە ، ئىگىسىنى تاشلاپ كېتىۋىرىدۇ ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم .
 ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
 ئەمدى جىم ياتىمەن
 
 ئەپەندىم كېچىسى قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا ، ئالدىدىن بىر مۇنچە ئاتلىق كىشىلەر چىقىپ قاپتۇ ، ئەپەندىم بۇلارنى ئوغرىمىككىن دەپ ئويلاپ ، دەررۇ قەبىرستانلىقتىكى بىرئوچۇق گۆرگە يۇشۇرنۇپتۇ . ئاتلىقلار ئەپەندىمنى كۆرۇپ قىلىپ ، گۆرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋاقىراپتۇ :
 - كىمسەن ؟ بۇياققا چىق !
 -ئۆلۇكمەن ، ئارامخۇدا ياتقىلى قويۇڭلار ، - دەپتۇ ئەپەندىم

  مەنبە:ئۇيغۇر خەلىق لەتىپىلىرى ناملىق كىتاپتىن

مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 12:03:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش