مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 897|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلارنىڭ ناۋايلىق سايمانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 01:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ ناۋايلىق سايمانلىرى چەككۈچ (تۈكۈچ) چەككۈچ ئۇيغۇر ناۋايلىق مەدەنىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چەككۈچ ئىلگىرى توخۇ، ئۆردەك، غازلارنىڭ قانات پەيلىرىدىن تەييارلىناتتى، ھازىرغا كەلگەندە دەستىسى قىرغۇدا قىرىلىپ، ئۇنىڭغا مىخ ياكى سىم ئورنىتىلىپ ياسىلىدىغان بولدى. نان ياقىدىغان خېمىر بولدۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ناننى شەكىلگە كەلتۈرۈش جەريانىدا خېمىر ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ. نانغا چەككۈچ سېلىپ ياققاندا نان چىرايلىق پىشىپ چىقىدۇ. چەككۈچ چەكمىسە ناننىڭ يۈزى كۆپۈپ، سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ. چەككۈچ ناننىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچىلىك ناۋايلىق ساھەسىدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. پۇزا، يايغۇ نان ۋە قىيمىلىق تاماقلارنىڭ يۈزىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدۇ. يايغۇ موكىسىمان تەخمىنەن 25كم ئۇزۇنلۇقتا ياسىلىدۇ. پۇزىنىڭ ئوتتۇرىسى توم، ئىككى تەرىپىدە تۇتقۇچ قىلىپ (تولۇقسىمان) تەييارلىنىدۇ. ئۇنى مەخسۇس ياغاچ قىرمىچىلىق ئۇستىلىرى قىرىپ تەييارلايدۇ. خېمىرنى قول بىلەن تەييارلىغاندا يۈزىنى نېپىز، تەكشى ئېچىش تەسكە توختايدۇ. خېمىرنىڭ يۈزىنى پۇزا، يايغۇ بىلەن تەكشىلىسە، تەكشى، نېپىز تەكشىلىگىلى بولىدۇ. گەزنە تونۇرغا نان يېقىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويۇشىدىكى ئۆتكۈنچە دەۋردە بارلىققا كەلگەن، ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى. گەزنە يېقىلىدىغان نان ھەجمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك قىلىپ تىكىلىدۇ. بۇلار ئادەتتە چوڭ نان (كاكچا) گەزنىسى، ئارانان گەزنىسى، كىچىك نان (تومنان) گەزىنىسى دەپ بۆلۈنىدۇ. گەزنىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، ئارقا يۈزى تۈز، تەكشى، ئوڭ يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسى ئېگىز، گىرۋەك تەرىپى پەسرەك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى ناننىڭ تونۇر يۈزىدە تەكشى چاپلىنىشى ئۈچۈن مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان. گەزنە يۇلغۇن، سۆگەت ياكى توغراقنىڭ بىر يىللىق بولغان چىۋىقى بىلەن يۇمۇلاق شەكىلدە توقۇلۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى بەلگىلىنىپ ياسىلىدۇ. ئوڭ يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېگىزرەك، ئەتراپىغا نېپىزرەك قىلىپ پاختا سەلىنىدۇ ۋە پاكىز رەخت ياكى يەرلىك گىلەم جاۋىسى بىلەن باستۇرۇپ تىكىلىدۇ. گەزنىنىڭ ئارقا تەرىپىگە قولنى تىققۇدەك قىلىپ يانچۇق تىكىلىدۇ. گەزنىنىڭ يۈزى پاكىز ساقلىنىدۇ، ناننى يېقىپ بولۇپلا گەزنە ئېگىزگە ئېلىپ قويۇلىدۇ. ھەر قەتىم نان يېقىشنىڭ ئالدىدا گەزنىنىڭ يۈزىنى پاكىز قىرىپ تازىلاپ ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ. گەزنە نۆۋەتتە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە.

مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن، «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» 2009-يىل 21-مارت سانىدىن

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 03:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (nepise) نىڭ يازمىسىغا

رەسىملىرى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىدە

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 03:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست.سۆرەتلىرى بولسا ياخشى بۇلاتتى.رەھمەت سىزگە ،ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.......... [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16691
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7233
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1165 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2011-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 04:20:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر باشقا مللەتلەر قىلالمايدىغان ،ناۋايچىلىقلا قالدى،شۇ.

بۇگۇن ماڭمىساق ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4728
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12820
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 04:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(مىنكاۋ خەن )باللىرمىزغىمۇ سۆزلەپ بىرەيلى بولمىسا مومنىڭ تارخنى يادىلۋالمىسۇن يەنە [s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151] .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-10 08:46:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە ھەرتەرەپلىمىلىك تىمىلارنىڭ يوللىنىپ تۇرغىنى ياخشى،سىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم،ھەرخىل-سەرخىل تىمىلارنى داۋاملىق ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرغايسىز [s:173]  [s:166]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش