ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 48قەۋەت ئوگەنگۇچى كە 2010-11-10 10:59 AMئەۋەتىلدى :
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كېرىشى چەكلەنمەمدا؟؟؟؟.....
چەكلەڭ! بىزنى چەكلىگۈڭىز كېلىۋاتامدا؟ تورخانىغا كىرىپ ئويۇن ئوينىساق، دىبا، ۋاڭبالاردا يۈردەك، قىمارخانىلاردا يۈرسەك، جەمىيەتتىكى ناچار كىشىلەرنىڭ كەينىگە كىرسەك بولىدىكەندە؟ مۇنبەرگە كىرسەك نېمىشقا چەكلىنىدۇ ئەمدى؟ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى مۇنبەرگە جەلىپ قىلىپ ئۆگىتىش ئەمەس، ئۇلارنى چەكلەشنى ئويلىغىنىڭىزغا ھەيرانمەن. گەپ بولسا ئوچۇق قىلايلى تورداشلار، ئەگەر چەكلەنگەن بولسا بىزمۇ تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ ئويۇنلىرىغا قايتايلى... مۇنبەردىن چېكىنىپ چ چ دا پاراڭلىشايلى، 穿越火线 گە ئۆزىمىزنى ئاتايلى... شۇنداق قىلساق ياخشى بولامدۇ؟ مۇنبەر قانداق سورۇن؟ ..........
قايناپ كەتمەي، ئۆزۈمنى بېسىۋالاي.... پىكىر بولسا ھەرقايسىڭىز بىلەن پىكىرلىشىمەن. چوڭ دەپ خېلى گەپلەرنى يۈتىۋەتتىم.... ئىشقىلىپ مەن مۇنبەرگە ئۆگەنگىلى كىرگەن.... ................. ............ .............
داۋلىي قويۇڭ! ئورۇنسىز گەپ قىلماڭ! نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگىنىڭىزنى كۆرسۈتۈڭ! چوڭ ئىكەنلىكىڭىزنى پاش قىلىپ پىكرىمنى بالىلارچە دەپ چەتكە قاقماڭ! مۇنازىرىگە تەكلىپ قىلىمەن!