مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 782|ئىنكاس: 12

مېنى كەچۈر   (نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1508
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5918
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 2130 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 10:27:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنى كەچۈر
(نەسىر)
ئاپتورى:ئادىلجان ئەمەت ئاقىلانە ئۆركىشى
1


  مەن شۇچاغدا ساڭا ھەممىنى يالغان ئېيتقان ئىدىم.سەن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدانغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ مەندىن يىراقلاشتىڭ…
  سەن ئەسلى ئەزىزلەشكە،قەدىرلەشكە ئەرزىيتىڭ.سەن گويا گۈللەرنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ يالتىراپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك شەبنەم تامچىسى ئىدىڭ.سەن كۆڭۈل بېغىمدا سايراشقا ھەقلىق خۇشناۋا بۇلبۇل ئىدىڭ…
  سەن شەبنەم بولۇپ گۈل لېۋىگە قونغىنىڭدا مەن سېنى ئاۋايلىمىدىم،سەن شەبنەم بولۇپ چۈشكەن شۇ گۈلنى يىلتىزدىن قۇمۇرۇپ تاشلىدىم.
  سەن،مېنىڭ ئالدىمغا پەقەت قايتا بىر قېتىملا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمنى تىلەپ كەلدىڭ.سېنىڭ يالۋىرىشلىرىڭ قۇلقىغا كىرمەيتتى…
  مەن ساڭا ئەلەم قىلىپ كۆڭۈل بېغىمدىن قوغلاپ چىقاردىم،ئويلاپ باقسام مەن شۇ چاغدا ساڭا ھەقىقەتەنمۇ تاش يۈرەكلىك قىلغان ئىكەنمەن.توۋا دەيمەن مەن نېمىدىگەن رەھىمسىز-ھە!
   مەن بىلمەپتىمەن،سەن گويا مېنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزۇم ئىدىڭ.پاك نۇرلىرىڭ بىلەن قاراڭغۇ كۆڭلۈمنى يورۇتۇپ نۇرلارغا تولدىراتتىڭ.سەن تاغلادىكى بۇلاقلاردىن ئېتىلىپ چىقىدىغان كەۋسەر ئىدىڭ،مەن ئۇنىڭدىن ئوچۇم-ئوچۇملاپ ئىچكىنىمدە قەلبىم ئارام تاپاتتى…
  سەن ئەمدىلا نوتا سۈرۋاتقان بوستان ئىدىڭ،لېكىن تاغدەك ئېغىر ئازاپ ئالدىدا قىش كېلىشنى كۈتمەستىن ياز پەسلىدىلا خازان بولدۇڭ.

2


  مانا بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ،مەن ۋەدەم بويىچە سېنىڭ تويۇڭغا قاتناشتىم.سەن ئاپئاق توي كۆينىكىنىڭ ئىچىدە بەكمۇ چىرايلىق، بەكمۇ جەلىپكاربولۇپ كەتكەن ئىدىڭ.سەن كۆز ئالدىمدا پەرى سۈپەت پەيدا بولىۋاتاتتىڭ.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سېنى ئالداپ يۈرگەن قەلبىم بۇ قېتىم سېنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى.يۈرىكىم قېپىغا سىغماي كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە سوقۇۋاتاتتى.مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان چىراي تاللاپ يۈرگەندىمەنمۇ؟…
  ياق- ياق بۇ ھەقىقى مۇھەببەت،تۇيۇقسىز لاۋۇلداپ كۆيگەن سۆيگۈ ئۇچقۇنى…
  كۆزلىرىم ساڭا تىكىلىپ-تىكىلىپ قارايتتى،سېنىڭ ماڭا قىيا بېقىشىڭنى تىلەتتىم.سەن تارتىنغا ھالەتتە تۆۋەنگە قاراپ ئولتۇراتتىڭ،بىر ھازادىن كېيىن مېنى كۆردىڭ بولغاي كۆزلىرىڭ ماڭا خۇما باقتى.
  مانا ئەمدى ئوتلۇق ئىككى جۈپ كۆز ئۆزئارا ئۇچىراشتتى.بۇ كۆزلەر مۇھەببەت ۋە ئازابلىرىنى ئېيتىشتى.سېنىڭ كۆزۈڭدىن چىققان بىر تامچە ياش دومىلاپ مەڭزىڭگە بېرىپ توختىدى.
  ئەگەر نومۇس دېگەن نەرسە بولمىسا ئىدى.«مېنى كەچۈر مەن سېنى سۆيىمەن» دېگەن بولاتتىم.ئەپسۇس ئۇنداق قىلالمىدىم،ئۇنداق قىلىشقا يۈزۈم چىدىمىدى.
  سەن كاتتا بېزەلگەن توي ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەر رەتمۇ كۆرۈپ باقمىغان يىگىت بىلەن كېتىپ قالدىڭ…

3

دۇنيادا پۇرسەت قايتلانسا ئىدى،مەن خاتالىقىمنى تۇنۇپ سەن بىلەن ۋېسال تاپقان بۇلاتتىم...نېملا دېگەن بىلەن بىز كىچىكەن ئىدۇق.
مەن سىېنى مەھەللە تەرەپتە ئۇچراتتىم،گەرچە ئېسلزادىلەرگە خاس كىينگەن بولساڭمۇ،ئاشۇ كۈلكە تەپچىپ تۇردىغان گۈل يۈزۈڭ سۇلۇپ مىسكنلىك ئورۇن ئاپتۇ...
  سەن ئانابۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتسەن.بەلكىم ئاشۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرۋاتقان بالاڭ ساڭا،يېڭى ئائىلەڭگە خۇشاللق بېغىشلاپ ناخۇشلۇقۇڭنى تۈگەتسە ئەجەپ ئەمەس...
  ئاھ: گۈلۈم ئۈزۈمنىڭ،ياق سېنڭ بەختىڭنى نابۇت قىلدىم.
  سەن شۇتاپتا مەندىن نەپرەتلىنشكە،مېنى تىللاشقا،ياقامدىن تۇتۇپ تۇرۇپ مەندەك بىر مۇھەببەت قاتىلىنى جازالاشقا ھەقلىق سەن...
  ساڭا يۈرىكىم قىتىدىكى شۇ نىدالارنى ئېيتىۋالاي.مېنى كەچۈر،مەڭگۈ بەخىتلىك بول....
  

     ئاپتۇرى:قەشقەر مارالبېشى ناھيسدىن….كەڭ ئەدەبيات ھەۋەسكارلىنڭ پكىر ئالماشتۇرشىنى خالايمەن.
              تېلفۇن نۇمۇرۇم (ئۈرۈمچى)13139678263،09916753372 (قەشقەر؛)09986165322

كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەننى ئەمەس ۋىجدان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5369
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 4661 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 10:38:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ قىزنى راسلا ياخشى كۆرگەن بولغىيمىتىڭىز ياكى چىرايىغا  قاراپلا مەپتۇن بولغان بولغىيمىتىڭىز .
  ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ قەدرىنى شۇ ئادەمدىن ئايرىلمىغىچە بۈلمەيدۇ.

ئادەم نىمىگە ئېرىششىنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ.كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،كىملەرگە خار بولمىغان؟

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14748
تۆھپە نۇمۇرى: 286
توردا: 4560 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 10:55:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمانداق ئەتتىگەندىلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىدىغاندۇ ، بۇ بىر تېما  ئاپتۇرنىڭ  بىر ئاددىي تېمىسى   بولۇشى مۇمكىن لېكىن تېمىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بوپ كەتتى .
ئۆزى سۆيگەن كىشلەرنىڭ بەختىنى تىلەشمۇ بىر خىل بەخىت ، شۇنداق ئويلىغاندىلا ئادەم ئۆزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك سىزىدۇ . ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن .

پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!

بِسْـــــــــــ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11527
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7845
تۆھپە نۇمۇرى: 324
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2011-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 11:02:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مېنى كەچۈر

بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، تىما ئىگىسى قەلەم  تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!   
كىچىكىپ ھىس قىلغان مۇھەببەتنىڭ جاۋابى پۇشايمان خالاس،

كۆپتۇر سېنىڭ كۆرگىنىڭدىن كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەلەيسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162087
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 11:15:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت تىلەشنىڭ ئۈزىمۇ بىر يۇشۇرۇن ئازاپ.

ئىسىيان مەڭگۈلۈ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 486
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 11:20:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە نەرسە قولدىن كەتكەندىن كىيىن قەدىرى ئۈتۈلدۇ .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش، يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش . يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ، دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 11:25:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.....
توۋا مەن بۇ نەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ سىزنى كۆرگەندەك...سىز بىلەن قايسىدۇر بىر چاغلاردا پاراڭلاشقاندەك بىر خىل ھىسىياتتا بولۇپ قالدىم......
چۈنكى مەن بۇ يىل يېڭىدىن چ چ بىجىرىپ <<خەپ سىنى>> ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن توردا پاراڭلاشقان،كىيىن شۇ يىگتنىڭ قىز دوستى ئۇ قىزمۇ << خەپ سىنى >> دەپ چ چ بىجرپتىكەن ...ئۇ قىز بىلەن دوس بولۇپ قلاغان ئىدۇق ...بەك ياخىشى قىز ئىكەندۇق،مىنى مۇشۇ مىسرانىمغىمۇ شۇ قىز ئۆزىنىڭ بىر نەچچە نادىر تېمىسى بىلەن قىزىقتۇرۇپ ئېلىپ كىرگەن ئىدى،ئۇ قىزمۇ مارالبېشىدىن ئىدى....
خېلى بولدى چ چ نىمۇ ئاچمىدى بوش ۋاقتىم چىقاندا پاراڭلىشىپ تۇراي دىسەم...مۇنبەردىمۇ يوق چىقمىدى...
نىمىشقىكىن تېمىڭزىنى ئۇقۇپ شۇ بىر جۈپ قىز يىگىت خىيالىمغا كىرىۋالدى....
كەچۈرۈڭ تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى جىقراق يېزىپ قويدۇم.....

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 11:31:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مېنى كەچۈر   (نەسىر)

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت isiyan كە 2010-11-12 11:20 AMئەۋەتىلدى :
ھەممە نەرسە قولدىن كەتكەندىن كىيىن قەدىرى ئۈتۈلدۇ .



توغرا دەيسىز ھەممە نەرسە قولدىن كەتكەندىن كىيىن ئاندىن قەدىرلىك بىلىنىدۇ.....

ئىتقاد بارچە بار

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7861
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 2566 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 12:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك شۇنداق چاغلاردا كۈيىدۇ، ئازاپ مەڭگۈلۈك ئازاپ...مېنىڭچە ئۇ قىز ئەڭ بەخىتلىك چۈنكى ئۇ ئۈزىنى سۆيمەيدىغان ئادەمدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەمما يىگىت ئۈزىنى سۈيىدىغان ئادەمدىن ئايرىلىپ قالدى...

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10732
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5040
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2011-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 05:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (HapSini) نىڭ يازمىسىغا

ئەلمىساقتىن قەدىرى يوقتۇر ياندا بارى،                                                           ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.                                                          ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن،مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز.

كەچۇرەلمەيمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش