ھېيىت نامە
(نەسىر)
ئاپتۇرى:ئادىلجان ئەمەت ئاقىلانە ئۆركىشى
بۇ يېزىنڭ ھەمملا يىرىنى ساڭزا،قۇيماق سامبۇسلارنىڭ ھىدى بىر ئالغان بولۇپ ،ماڭا چوڭ بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى...
مەن ھەيران قالدىم،ئاھ:ئەسلى قۇربان ھېيت يېقىنلاپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ؟..پۈتكۈل دەل-دەرەخلەر ئارتۇقچە يېپىنچىللىرىنى تەنھالىق ئىچىدە ئەركىن نەپەس ئېلىپ بەللىىرىنى تولغاپ ئۇسۇل ئوينىماقتا.ئېرىق-ئۆستەڭلەردىكى سۇلارمۇ مۇز بۇلۇپ قېتىپ كەھرىۋادەك جۇلالانماقتا...
ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغان بۇۋاي-مۇمايلار، نەۋرە-چەۋرىللرىگە،
قۇربان ھېيت ۋە ئىناقلىق توغرىسدىكى ئاجايىىپ قزىقارلىق چۆچەك-رىۋايەتلەرنى ئېيتماقتا.
بىزگە ھېيىتلىق سوۋغات بېرىشكە ئالدىراپ كېتۋاتقان شىۋىرغان ئەپەندى بىلەن قار مەلىكىمۇ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولماقتا.
مەن شىۋىرغان ئەپەندى بىلەن قار مەلىكىنڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىپ ھاياجاندىن نېمە دىېيشمنى بىلەلمەي يۈزلىرىم شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.كۆزلىرىمدىن ھاياجان ياشلىرى قويۇلۇپ پۈتۈن بەدىنم مەمنۇقلۇق ئىچىدە تىترىمەكتە.
قۇربانلىققا ئاتاپ بېقىلۋاتقان كۆك بوز قوچقارمۇ قۇربانلىق بولۇشقا، بىزگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئالدىراۋاتقان چېغى، ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ،ئۆزىنىڭ ئېگسىگە بولغان سادىقلىقنى نامايەن قىلماقتا.
پېشايۋان ئۈستىگە قونۋالغان كۆك كەپتەرلەرمۇ، ھېيىت كېلدىغانلىقدىن خەۋەر تاپتى بولغاي، توختىماستىن سايرىماقتا. ئۇلار تىنچلىقنڭ سىمۋولى بولۇش سۈپتى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئشلىرىغا ئاسايىشلىق،ھېيتىغا كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى تىلمەكتە.
يول بۇيىدىكى يۇلغۇنلار ئارسغا كىرىۋالغان ھەم جىگدە شاخلىرىغا قۇنىۋالغان، ئاق قۇشقاچمۇ زوق –شوخى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇگىمەس «ۋېچىر-ۋېچىر»ناخشىلىرىنى ئېيتماقتا .
چوڭ يولدا سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەملەر توپى،تەۋەرۈك خېزىر سۈپەت ئاتىلىرىنى،پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىنى ئېلىپ تۇپراق بېشىغا يۈرمەكتە.نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان چۆلدەرەپ قالغان بۇ مازارغا ئاۋاتلاشقان بۇلۇپ، تەرەپ-تەرەپلەردىن
قۇرئان –تېلاۋەت كۆتۈرۈلمەكتە .
كېلىن-كۈيئوغۇل،ئۇرۇق-تۇققانلار جەم بۇلۇش ئۈچۈن ئالدىراشلىق ئىچىدە سەپەر ھازىرلىقلىرىنى تەييارلىماقتا.
ئىھ:قۇربان ھېيت سەن ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك سەن ،خاسىيىتىڭ بولسا ھەممە مۇسۇلمانلارنى جەم قىلدىڭ .سەن ئىللىق ئوت ئاتەشسەن ئىللىقلىقىڭ بولسا ئادەۋەت قىلغانلارنى پاكلىدىڭ بارچە مۇسۇلمانلار ئاللاھقا كۆپلەپ دۇئا ھەمدۇ –سانالارنى ئوقۇپ ئاپىرىن ئېيتماقتا.
ئاپتۇرى؛قەشقەر مارالبېشى ناھيسدىن.كەڭ ئەدەبيات ھەۋەسكارلىنڭ پكىر ئالماشتۇرشىنى خالايمەن.