مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1342|ئىنكاس: 13

قۇربان ھېيىت بايرىمى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 12:42:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇربان ھېيىت بايرىمى ھەققىدە


[align=justify]قۇربان ھېيىت بايرىمىمۇ روزا ھېيتقا ئوخشاش ئەسلى ئىسلامىيەت ئەقىدىسى بويىچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام بولۇپ، خۇددى روزا ھېيتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىغا ئايلىنىپ قالغىنىغا ئوخشاش جەريان ئارقىسىدا تەدرىجىي ھالدا مىللىي بايرام تۈسىنى ئالغان. قۇربان ھېيىتمۇ ئىسلام كالېندارى(ھىجرىيە) بويىچە 12 - ئاي (زۇلھەججە) نىڭ 10 - كۈنى يەنى روزا ھېيىتتىن 70 كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.  قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش، ھېيتلىق راسلانغان داستىخانغا روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان نازۇ - نېمەتلەر قاتارىدا گۆش قويۇلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇراسىم پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەت مەزمۇنلىرى روزا ھېيتقا ئوخشاش . ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى: ① قۇربان ھېيىت تېخىمۇ داغدۇغىلىق ۋە باياشات ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇدرىتى يەتكەنلىكى ئۆيلەردە، بىردىن مال قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ھەر سەۋەبلەر تۈپەيلى  قۇربانلىق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر بازارنىڭ جىڭ گۆشىدىن ئېلىپ قازان قاينىتىدۇ. ھەقىقەتەن قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئۆيلەرگە قۇربانلىق قىلغانلار قۇربانلىق قىلغان مېلىنىڭ گۆشىدىن ئۈچ - تۆت كىلودەكتىن گۆش ئاپىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ قازان قاينىتىپ ھېيتلاپ كەلگۈچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ② ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا ماڭغان جامائەت، بىر توپ - بىر توپ بولۇپ مەسچىتكە يېتىپ بارغۇچىلىك يەتتە ئورۇندا توختاپ يەتتە قېتىم تەگبىر ئېيتىدۇ، مەسىلەن. <ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر> (بۇ <ئاللا ئۇلۇغ> دېگەنلىك بولىدۇ). ③ ھېيتلاش باشلىنىش بىلەن تەڭ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلىنىپ كېتىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئاساسەن يەككە ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ.  ھېيىت كۈنى چۈشلەرگە يېقىن چوڭ جامە پەشتاقلىرى ياكى ۋاقىتلىق ھازىرلانغان مەيدان - سورۇن يېنىدىكى ئۆگزىلەردىن ناغرا - سۇناي ساداسى ياڭرايدۇ. بۇنى ئاڭلىغان خەلق ئارقا - ئارقىدىن بۇ مەيدانغا قاراپ ئېقىپ ئۇسسۇل - ساما باشلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەيدان تەدرىجىي ئۇسسۇل - ساما قاينىمىغا ئايلىنىدۇ، رەڭگارەڭ چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرى قاينىمىغا ئايلىنىدۇ، رەڭگارەڭ چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرى بىلەن بېزەلگەن چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش، ئەر - ئايال بەس - بەستە مەيدانغا چۈشۈپ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ.  ساما - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مەيداننىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ 40 - 50 كىشى، ھەتتا نەچچە يۈز كىشى تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنىلىدۇ.  ساما ئۇسسۇلى جەنۇبىي شىنجاڭدا، بولۇپمۇ قەشقەر رايونىدا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، قىزغىن - جۇشقۇن كەيپىياتتا ئوينىلىدۇ. ھەر يىلى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتگاھ مەيدانىدا نەچچە يۈز كىشى بىرلا ۋاقىتتا ساما سالىدۇ. سامانىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، دولقۇنسىمان شەكىلدە ئوينىلىدۇ. ئوينىغۇچىلارنىڭ قول - پۇت ۋە بەدەن تولغىنىش - ئايلىنىش ھەرىكەتلىرى بەلگىلىك تەرتىپتە ناغرا - سۇناي كۈيىگە رىتىملىق ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ساماغا چۈشكەن شۇنچىۋالا نورغۇن كىشىنىڭ ھەرىكىتى بىر - بىرىگە شۇنداق ماسلىشىدۇكى، كۆز ئالدىڭىزدا خۇددى بىر ئادەم ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك ھاياجانلىقتا ھاڭقېتىپ قالىسىز. قۇربان ھېيىتتا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك <ھارپا كۈنى چاچ ئالدۇرسا، گىلدىڭ باش بولۇپ قالىدۇ> دېگەن بىر خىل غەيرىي - رەسمىي ئادەت قارىشىمۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت بەزى چېچىنى ئالدۇرۇشقا قېرىق ياش - ئۆسمۈرلەرنى شۇ ئۇسۇل بىلەن  چۆچۈتۈش ئارقىلىق بايرام ئالدىدا شەخسىي تازىلىق قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.  روزا ھېيىت بىلەن قۇربان ھېيىت بايرىمىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى تۇراقسىز. بۇ ئىككى بايرام ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەچكە ۋاقتى ھەر يىلى ئون كۈن ئالدىغا سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھىجىرىيە كالېندارىدا ھەر ئاينىڭ كۈن سانى يېڭى ئاي كۆرۈنگەن كۈنىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مىلادى كالېندارى بىلەن ھىجرىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا ھەر يىلى ئون كۈن پەرق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەرق بويىچە بۇ ئىككى بايرامنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ھەر يىلدا ئون كۈن، ھەر ئۈچ يىلدا بىر ئاي ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر ئوتتۇز يىلدا بىر يىل دەۋر قىلىدۇ. دېمەك بىر يىل ئىچىدە تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىر ئېيىدا بايرام ئۆتكۈزۈش نۆۋىتى كېلىدۇ.


مەنبە- بىلقۇت تورى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
menggutax + 10

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15148
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9542 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 01:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئۆتىشىنى تىلەيمەن.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 01:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنىڭ خۇشال -خۇرام ئۆتىشىنى تىلەيمەن


~~~

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئىنسان ئىنساندە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4980
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9032
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 2771 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 01:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.بايرام ئەنئەنىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى .
قىزلار ساڭزىلارنى تەييارلاڭلار.تالىق ئىشلىرىنى تۈگۈتۈڭلار.
ئوغۇللار قۇربانلىقنى تەييار قىلىڭلار.ئۆيدىكى يوقنى بار قىلىشقا ئالدىراڭلار(قۇربۇڭلار يەتكەننى).

ئىنسان ئىنساندەك ياشىسىلا رەزىللىكتىن خالى بولاتتى

قوينىڭدىن تۆكۈل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7994
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8178
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 01:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارنىڭ ھېيىتىغا ئالدىن مۇبارەك بولسۇن. چۈنكى ھېيىت كۈنى توردا يوق... [s:180]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3854
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9587
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 6235 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 02:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىيتىڭلا  كۇڭۇلۇك  شاتلىق  ئىچىدە   ئۇتسۇن. [s:173]  [s:173]  [s:134]

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 02:24:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىگە تەڭ كۆزدە قاراش دېگەن شۇدە!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

سۇ بەك سۇزۇك بول

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5651
يازما سانى: 1215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11159
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 4132 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 02:35:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىداشلار ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنىڭ كۆڭۇللۇك ئۆتۇشۇنى ئۇمۇت قىلىمەن ،
"ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن"....................

نىمە ئۇچۇن بوشۇك بىلەن قەبرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۇنكى ھەر ئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۇچۇن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى ،بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۇچۇن بىرى بولسا مەڭگۇلۇك ئۇيقۇ ئۇچۇن............

ئىنسان كارۋان -د

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16144
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7279
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 02:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايرام مۇبارەك  [s:180]  [s:180]  [s:180]

دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 03:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش