مىسرانغا
باغلاپ دىلنى- دىللارغا ئۈزۈڭ،
سورۇن قۇردۇڭ مۇنبەرداشلارغا.
بىلمىگەننى بىلدۇق بۇ يەردە،
ئايلاندۇق ھەم چىن سىرداشلارغا.
مىسران دىسە بىلدۇق ھەممىمىز،
كۆندۇق يەنە سەن قۇرغان بەتكە.
ئالتۇن تاجلىق توننى كەيدۈرەي،
راۋاج تاپسۇن مۇنبەر ئەبەتكە.
باشقۇرقۇرغۇچىلارغا
كۈنقىزغا
مەن ئەمەسمەن ئەسلى مىليونىر،
تىرىشىمەن بۇ يولدا ئەمما.
جاپا چەككەن كۇنقىزغا ئوخشاش،
بولسا پۇلۇم بىرەتىم سوغا.
گەرچە قۇلۇم قۇرۇق بولسىمۇ،
ھورمەت تونى قىلىمەن ئاتا.
ئاددى ئەمەس دوسلارنىڭ كۆڭلى،
<تون> دىگەن ئۇ بولسىمۇ لاتا.
توغرۇلغا
ئارقا سەپتە چىكىپسىز جاپا،
ئەجرىڭىزنى دوسلار بىلىدۇ.
قاراپ قۇيۇڭ پەش-چىكىتلەرگە،
سىزسىز قانداق مۇنبەر كۈلۈدۇ.
ئاتا قىلاي شاتلىق تونىنى،
بىرەلمىدىم ئاڭا ئالتۇن ھەل.
گۈللەتىڭىز مۇنبەرنى شۇنداق،
دوسلار ئۈچۈن چىكىپ كۆپ بەدەل.
كاترانغا
ھىچكىم سىزگە بەرمەيدۇ مائاش،
ھەم شەرەپتىن تامايىڭىز يوق.
مىسران كۈلسە كۈلدى دىلىڭىز،
ھەر بىر تېما سىز ئۈچۈن ئۇتۇق.
كەيدۈرۈمەن سىزگە كۈمۈش تون،
قۇبۇل قىلىڭ دوسلار كۆڭلىنى.
ھەممە گۈللەر ئېچىلسۇن بەس-بەس،
سىز ياڭرىتىڭ مىسران كۈيىنى.
ئىدرىسجانغا
باشقۇرغىچى بولمىسا ئەگەر،
تاقىلاتتى بەتلەرمۇ بۇرۇن.
چىكىپ جاپا كىچە ھەم كۈندۈز،
كۆڭلىمىزدىن ئلدىڭىز ئورۇن.
سىز ئالدىراش بولغاچ ھەر كۈنى ،
مۇنبەرلەردە يوقتۇر تېمىڭىز.
قاراپ باقسام كۈڭۈل كۈزۈمدە،
ھەر تېمىدا سىزنىڭ ئىزىڭىز.
بىرەي شۇڭا ئەل سۈيەر تونى،
دوستۇم بۇنى قۇبۇل قىلسىڭىز.
مىسرانىمنى گۈللەتكەنلەرگە،
كۆڭلىمىزدۇر بۇنى بىلسىڭىز.
ئالىي ئەزالارغا
سىلەرگىمۇ تون كەيدۈرگۈم بار،
بۇلۇپ قالدى پېقىر كەمبەغەل.
يىغىلغىچە مۇنبەرنىڭ پۇلى،
ساقلاپ تۇرۇڭ مىنى بىر مەھەل.
دىلسىرىنىڭ قۇشاقلىرىنى،
نادىرلاشقا يەتمەيدۇ قۇربىم.
يىتىشمەپتۇ بىزگىمۇ تون دەپ،
ھىجران مەندىن رەنجىدى بەلكىم.
مەلىكەمنىڭ يازغان چاقچىغى،
سۇيۇندۇردى دڭللارنى ھەجەپ.
ئىنكاس يېزىپ قويساق ئۇنىڭغا،
ئارشاڭ يۈرەر مۇنبەردە كۈنلەپ.
مەنبە ....قەلىمىم