مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 638|ئىنكاس: 2

يېتىم ئوغۇل ۋە يېتىم قىزلارنىڭ بېشىنى سىلا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15312
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9549 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 05:48:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار: « ياخشىلار باغچىسى»نىڭ بۇ بابنى كوپچىلىككە قۇربان ھېيتلىق سوغا سۈپىتىدە سۇندۇم، بەھر ئالغايسىلە. ئاللاھ ھەممىمىزنى خاتىرجەم قىلسۇن.

33. باپ  يېتىم ئوغۇل ۋە يېتىم قىزلارنىڭ بېشىنى سىلاش، مىسكىن، دىلى سۇنۇق كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، شەپقەت قىلىش، ئۇلار بىلەن كەمتەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش توغرىسىدا
  
  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : «مۇئىمىنلەرگە كەمتەر بولغىن». («قۇرئان كەرىم » سۈرە ھىجىر 88-ئايەتنىڭ بىرقىسمى )
  ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن– ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنە ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇ- زىننەتلىرىنى (يەنە مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتى) دەپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن». (« قۇرئان كەرىم » سۈرە كەھف 28-ئايەت )
  ئاللاھ تائالار يەنە مۇنداق دەيدۇ: « يىتىمنى خارلىما سائىلغا قوپاللىق قىلما ». (« كۇرئان كەرىم » سۈرە زۇفا 9-، 10- ئايەت )
   ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردىڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۈشكەللەيدىغان ، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىپ قىلمايدىغان ئادەمدۇر». (« قۇرئان كەرىم» سۈرە مائۇن 1~3 ئايەتلەر)
     260. سەئىد ئىبىن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئالتە كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇلارنى قوغلىۋەتكىن، ئۇلار بىزلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا جۇرئەت قىلالمىسۇن»، دېدى. ئۇ ئالتە كىشى مەن، ئىبىن مەسئۇد ، ھۇزەيىل قەبىلىسىدىن بىركىشى، بىلال ۋە يەنە مەن ئىسمىنى ئاتىمايدىغان ئىككى كىشىدىن ئىبارەت ئىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىدە ئاللاھ تائالا خالىغان نەرسىلەر كەچتى . دىلىغا كەچكەننى ئۆز-ئۆزىگە دەپ كۆردى. شۇچاغدا ئاللاھ تائالا بۇئايەتنى نازىل قىلدى: « ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن- ئاخشامدا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن».(« قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنئام 52- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
          مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
     ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كەمبەغەل، مىسكىنلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى.
     2) سالىھ، تەقۋادار كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ئازار بىرىدىغان، ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىملىقى. چۈنكى، ئۇلارغا ئازار بىرىش ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغانلىقى.
3) كىشىلەرنى مال- مۈلكى ۋە ئابروي- ئىناۋىتىگە ئەمەس، دىنى ۋە ئىمانىغا قاراپ ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش كىرەكلىكى.
4) ئىسلام دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا ئىسلام دىنىدا كىشىلەرنىڭ ئىنسانى قىممەتتە باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلانغانلىقى.
5) ئىسلام دىنىنى ئاللاھ تائالانىڭ جىمى ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن دىنى بۇلۇپ، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن مال- دۇنيا ۋە شان- شۆھرەت بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئارتۇق بۇلىدىغانلىقى.
261. ئەبۇ ھۇرەيرە ئائىز ئىبىن ئەمىر مۇزەننىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە بولسا رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقانلاردىن ئىدى. سەلمان، سۇھەيپ ۋە بىلال قاتاارلىق بىرقانچە كىشىنىڭ قېشىغا ئەبۇ سۇفيان كەلدى. ئاندىن ئۇلار: « ئاللاھ تائالانىڭ قىلىچلىرى ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمىنىنى تىگىشلىك رەۋىشتە چاپالمىدى»، دىيىشتى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « سىلەر بۇ سۆزنى قۇرەيشنىڭ سەردارى ۋە كاتتىۋېشىغا دەمسىلەر؟»، دىدى. ئاندىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ، ئۇنى بۇ گەپتىن خەۋەرلەندۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئىي ئەبۇ بەكرى! سەن ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان بۇلۇشۇڭ مۇمكىن، ئۇلارنى غەزەپلەندۈرۈپ قويساڭ، ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرۈپ قويغان بۇلىسەن»، دىدى. ئەبۇ بەكرى ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئىي قېرىنداشلار! سىلەر خاپا بولدۇڭلامۇ؟»، دىدى. ئۇلار : « ياق، ئىي قېرىندىشىم، ئاللاھ تائالا سىنى مەغفىرەت قىلسۇن»، دىدى.
         مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئىمىنلەرگە مىھرىبان، مۇلايىم بۇلۇش لازىملىقى.
2) ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان سەلمان فارسى، سۇھەيپ ۋە بىلالنىڭ پەزلى ۋە ئورنىنىڭ يۇقۇرلىقى.
3) ئاللاھ تائالا يولىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئارا بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرى ياخشى تەرەپكە بۇرۇپ چۈشۈنىدىغانلىقى.
262. سەھىل ئىبىن سەئىد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيبەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مەن يىتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن»، دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن.
      بۇخارى رىۋايەر قىلغان.
263. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « مەيلى تۇققىنىڭ ياكى يات بولسۇن، يېتىملارنى باققۇچى بىلەن مەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن»، دىگەن. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى مالىك ئىبىن ئەنەس كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن.
   مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يېتىمنىڭ مال- مۈلكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ھامىي بۇلۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
2) ئىبىن بەتتال مۇنداق دەيدۇ: « بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ھەر قانداق بىر ئادەم شۇنداق قىلىشقا قىزىقىدۇ، چۈنكى ئاخىرەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى بۇلۇشتىنمۇ ئەۋزەلرەك ئورۇن يوق».
264. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « باشقىلارنىڭ ئالدىدىن بىر- ئىككى تال خورما ۋە بىر- ئىككى لوقما تائام بىلەن قەيتقان ئادەم مىسكىن ئەمەس، ھەقىقى مىسكىن دىگەن تىلەمچىلىكتىن ئۆزىنى تارتقان ئادەمدۇر».
يەنە بىر رىۋايەتتە: « كىشىلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر ئىككى لوقما ۋە بىر- ئىككى تال خورما بەرسە قايتىپ كىتىدىغان ئادەم مىسكىن ئەمەس، مىسكىن دىگەن ئۆزىنى بىھاجەت قىلغۇدەك بايلىققا ئىگە ئەمەس، لىكىن ئۇنىڭ مىسكىنلىكىنى باشقىلار سەزمەيدىغان، باسقىلار سەدىقىمۇ بەرمەيدىغان، تىلەمچىلىكمۇ قىلمايدىغان كىشىلەردۇر»، دىيىلگەن.
بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) خەتتابى ۋە باشقىلار مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە ئېيتىلغان كىشىلەردىن تىلەيدىغان تىلەمچىگە زاكات بىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىھاجەت بۇلۇپ، مىسكىن دەپ ئاتالمايدۇ. بەلكى، كىشىلەردىن ھايا قىلىپ تىلىمەيدىغان كىشى كەمبەغەل پېتى تۇرىۋېرىدۇ، ئەنە شۇ كىشى مىسكىن دەپ ئاتىلىشقا لايىقتۇر.
2) كىشىلەردىن تىلەشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى.
3) ھەدىستە كىشى ھايالىق بۇلۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
265. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « تۇل خوتۇنلارغا، مىسكىنلەرگەخەيرى- ئېھسان قىلغۇچىغا ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھات قىلغۇچىنىنىڭ، ياكى كىچىسى ئىبادەت قىلىپ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابى بۇلىدۇ» دىگەن.»
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تۇل خوتۇن ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سەۋرى قىلىش، نەپسى ۋە شەيتان بىلەن كۈرۈش قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش بولغاچقا، تۇل خوتۇن ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار ئاللاھ تائالا يولىدا جىھات قىلغۇچى مۇجاھىتقا ئوخشىتىلغان.
2) ئاجىزلارنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىش، ھاجەتلىرىنى ئورۇنلاپ بىرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
3) ئىبادەتنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.
266. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «تائامنىڭ يامىنى توينىڭ تائامىدۇر، ئۇنىڭغا كىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر( يەنى مىسكىنلەر) چاقىرىلماي، كىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر( يەنى بايلار) چاقىرىلىدۇ. كىمكى چاقىرغان يەرگە بارمىسا ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا ئاسى بولغان بۇلىدۇ».
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « ئۇنىڭغا بايلار چاقىرلىپ، كەمبەغەللەر چاقىرىلمىغان توينىڭ تائامى ئەڭ يامان تائامدۇر» دىيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تويغا چاقىرىلسا بېرىش ۋاجىپ، ئەمما باشقا مۇناسىۋەت بىلەن چاقىرىلغان يەرلەرگە بېرىش مەمدۇپتۇر، بىراق شۇ شەرت بىلەن ئىكەنكى، تويدا شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھاراق- شاراپ، ئويۇن- تاماشالار بولماسلىقى كىرەك.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى دەۋرلەردە پەقەت بايلار تويغا چاقىرىلىدىغان بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن ئالا خەۋەر بەرگەنلىكى.
3) كەمبەغەللەرنىڭ ھالىغا يېتىش، ئۇلارغا مۇلايىم بۇلۇش كىرەكلىكى.
4) بايلارنى باي بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇلۇغلاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.
267. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « كىمكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچىلىك بېقىپ چوڭ قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ مەن بىلەن مۇشۇنداق كىلىدۇ»، دەپ ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتتى.
        مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قىزلارنى بېقىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەزلى- ساۋابى.
2) قىزلىرىنى ئوبدان تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇشنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ جەننەتكە كىرىش ۋە ئاخىرەتلىك مەرتىۋىسىنىڭ يۇقۇرى بۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكى.
268. بىلەن كىرىپ بىر نەرسە سورىدى. مەن بىر خورمىدىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدىم. ئۇنى ئايالغا بەردىم. ئۇ ئايال ئۇنى ئوتتۇرسىدىن ئىككى قىلىپ، ئىككى قىزىغا بەردى. ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن يىمىدى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.بەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرگەندە ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى دەپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كىمكى مۇشۇنداق قىزلار بىلەن سىنىلىپ، ئۇكىشى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان بولسا، ئۇ قىزلار ئۇ كىشى ئۈچۈن دوزاقتىن پەردە بۇلىدۇ»، دىدى.
   بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىزلارنى بېقىپ ئوبدان تەربىيەلەشنىڭ شۇكىشىنى دوزاقتىن ساقلايدىغان، خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكى.
269. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مىنىڭ قېشىمغا بىر ئايال ئىككى قىزىنى كۈتۈرىۋالغان بىر مىسكىن ئايال كىردى، مەن ئۇنىڭغا ئۇچ تال خورما بەردىم. ئۇ ئايال ئىككى قىزىغا بىردىن خورما بەردى. بىرىنى ئۈزى يىيىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئاپىرىۋىدى، ئىككى قىزى ئۇنىمۇ يىگۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئايال ئۇنىمۇ ئۇ ئىككىسىگە يىگۈزۈپ قويدى. مەن ئۇنىڭ ئىشىدىن ئەجەپلىنىپ، بۇ ئىشنى بەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردىم. بەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن شۇ ئىشنىڭ سەۋىبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ ئايالغا جەننەتنى تىگىشلىك قىلدى ياكى ئۇنى دوزاقتىن خالاس قىلدى»، دىدى.
    مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئىمىن ئادەمنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىمانىنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ساۋابىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ راسلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان سەدىقىنىڭ پەزىلىتى.
2) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ ئومۇمى ۋە ئايرىم رۇخسىتى بۇيىچە ئېرىنىڭ مال- مۇلكىدىن سەدىقە قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئايال ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئوخشاش ئەجىر- ساۋاپقا ئىگە بۇلىدىغانلىقى.
3) ئانىنىڭ بالىلىرىغا بولغان چوڭقۇر مىھرى ۋە كۈيۈمچانلىقى.
4) جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەر قىز تۇغۇشنى يامان كۈرەتتى. قىز بۇۋاقلارنى كۆمۈۋېتىدىغان قەبىھ ئادەت بار ئىدى. ئىسلام دىنى بۇ خىل قەبىھ قىلمىشقا رەددىيە بىرىپ، قىزلارنى ياخشى تەربىيەلەش شۇ كىشىنڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
270. خۇۋەيلىت ئىبىن ئەمرى خۇزائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « ئىي ئاللاھ! مەن يېتىم ۋە تۇل ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە چېقىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلااندۇرىمەن».
  نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يېتىمغا ۋە تۇل ئايالغا ھەرقانداق رەۋىشتە ئۇۋال قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
2) يېتىم ۋە تۇل ئايال ئاجىزلار بۇلۇپ، ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە قارشى چىققانلىقى بۇلۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا دۇچار بۇلىدىغانلىقى.
271. مۇسئەپ ئىبىن سەئىد ئىبىن ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئىد ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكاتىدىن ئاللاھ سىلەرگە مەدەت قىلىپ تۇرىدۇ ۋە رىزقىڭلارنى بىرىپ تۇرىدۇ»، دىدى.
بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
272. ئەبۇ دەردائى ئۇۋەيمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋەيەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: « مىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن تېپىڭلار، ھەقىقەتەن سىلەرگە سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكاتىدىن رىزقى بىرىلىدۇ ۋە مەدەت بىرىلىدۇ».
ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاجىزلار دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن يىراق، قەلبى دۇنيانىڭ راھەت- پاراغەتلىرىدىن خالىي بولغاچقا، ئىبادەتتە تېخىمۇ ئىخلاسمەن ئىكەنلىكى، ھەممە ئىشلىرىدا بىر ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەيدىغانلىقى.
2) كەمتەر بۇلۇش، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۇستۇن چاغلىماسلىق لازىملىقى.
3)  كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن، ئاجىزلار ئىخلسى ۋە ئاللاھ تائالاغا يۆلۈنىشى بىلەن ئۈستۈن بۇلىدىغانلىقى.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

جەننەت ئانىلارن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17789
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6590
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 07:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بىر مۇسۇلمەن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيادىكى ھەربىر مۇسۇلمەن بىلەن قوشنا ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك......

جاھان باقى ئەمەس لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان ، مىسالىدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان. كىلىپ-كەتمەك ..
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 07:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش