مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 758|ئىنكاس: 9

بەزى ئادەت سۆزلىرىنىڭ پەيدا بولىشى ھەققىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://barhan88.blogbus.com/

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5568
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9319
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 07:24:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«دولانلىق يوغان ئۆتۈك»

قەدىمكى زاماندا، «دولانلىق »دېگەن نام ناھايىتى مەشھۇر ئىكەن. دولان بېگى باشقا قەبىلە خەلقنىڭ ئۆزيۇرتىغا بېسىپ كىرمەكچى بولۇۋاتقانلىقنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، دەرھال بىركالىنىڭ تېرىسىدىن بىر ئۆتۈك تىككۈزۈپ، دۈشمەننىڭ كېلەر يولىدىكى يىراق بىر جايغا ئېسىپ قويۇپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دۈشمەن تەرەپ دولان يۇرتىنى بېسىۋالماقچى بولۇپ كېلىۋاتسا، يول ئۈستىدە ئاجايىپ يوغان بىر ئۆتۈك تۇرغۇدەك. دۈشمەن كىشىلەردىن: «بۇ نېمە؟»دەپ سورىغانىكەن، كىشىلەر: «دولانلىقلارنىڭ كىيگەن ئۆتۈكى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دۈشمەن: «دولانلىقلارنىڭ بىر پاي ئۆتۈكى شۇنداق يوغان بولسا، ئۆزى قانچىلىكتۇ؟
قارىغاندا، بۇلارنىڭ بىر ئادىمىگە بىزنىڭ مىڭ ئادىمىمىزنىڭمۇ كۈچى يەتمىگۈدەك»دەپ ئويلاپتۇ - دە، شۇئان ئارقىسىغا يېنىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن جاسۇس كىرگۈزۈپ تەكشۈرتسە، دولانلىقلارمۇ ئوخشاش ئادەم ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن تەرەپ دولانلىقلارنىڭ ئەقل پاراسىتىگە قايىل بولۇپ ، ئۇزاق يىللارغىچە ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن كېلەلمىگەنىكەن. شۇندىن تارتىپ، دولانلىقلارغا «دولانلىق يوغان ئۆتۈك»دېگەن لەقەم سىڭىپ قالغانىكەن.



«قارىقاشلىقنىڭ رىزقى كەڭ»

رىۋايەت قىلىنىدۇرلەركى، خىزىر ئەلەيھىسسالام «سائىل» قىياپىتىگە كىرىپ ئېشىكىگە مىنىپ سەپەرگە چىقىپتۇ. سەھەر پەيتىدە ئۇخلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر خورازنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىم سەپەرگە چىقىشنىڭ مەقسىتى - يۇرت شەھەرلەرنى كېزىپ، ئۇ يەرلەردىكى خەلىقلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى سىناپ، سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشۈش ئىكەن.
سائىل «ئا» شەھرىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئېشىكىنى ئوقۇرغا باغلاپ قويۇپ، خورىزىنى سارايۋانگە ئامانەت بېرىپ رەستىگە چىقىپتۇ. يېشى توختىغان، تەقۋادار بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، توخۇنىڭ كۆزىدىن چوڭراق مىتال پۇلدىن بىر دانە ئۇزىتىپ:
_ تەقسىر، يېنىمدا بار - يوق پۇلۇم مۇشۇ.بۇ پۇلغا ماڭا غىزا، ئېشىكىمگە يەم، خورىزىمغا دان تېپىپ بەرگەن بولسىلا، - دەپتۇ. بۇ كىشى ئاچچىلىقلىنىپ:
_ ھوي قەلەندەر، بۇ پۇلۇڭغا نېمە كېلىدۇ؟ مېنى كاشىلا قىلمىغىنا، - دەپ يولىغا كېتۋېرىپتۇ . سائىل ئىزا تارتىپ «پۇشايمىنىڭ كېيىن كەلگەي» دەپ قارغاپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان يۇرتنىڭ ئادەملىرى ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندىن كېيىن ، «ئەستاغپۇرۇللا، ئۇنداق قىلماي، بۇنداق قىلسام بوپتىكەن» دەپ پۇشايمان ئىچىدە ئازابلىنىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
سائىل بىر نەچچە كۈندىن كېيىن «ب» دېگەن يۇرتقا كەپتۇ. بىر مويسىپىت يايمىچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ تەقسىر، مۇشۇ پۇلۇمغا ئۆزۈمگە ئوزۇق، ئېشىكىمگە يەم، خورىزىمغا دان بەرگەن بولسىلا، - دەپتۇ. يايمىچى بۇ «خېرىدار» نىڭ پۇلىغا قاراپ مەسخىرە بىلەن كۈلۈپ:
_ بۇ پۇلىڭىزغا ھۆپۈپ بىر قېتىم ئوسۇرۇپ بەرمەيدۇ، - دەپتۇ. سائىل خاپا بولۇپ «بىر - بىرىڭنىڭ پېيىدا بولغايسەن»دەپ قارغاپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى بىر - بىرىنىڭ ئىزىنى مارايدىغان، بىر - بىرىنىڭ پايدا - پەنپەتىگە چىدىمايدىغان بولۇپ، ھەسەت ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
سائىل بىر نەچچە كۈندىن كېيىن «س»دېگەن يۇرتقا كەپتۇ. بىر باققالنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
_ بۇ پۇلۇمغا ماڭا ئاش، ئېشىكىمگە يەم، خورىزىمغا دان بەرگەيلا، - دەپتۇ. باققال تىرىكىپ:
_ بۇ پۇلۇڭغا بىر تال شاپتۇلمۇ بەرگىلى بولمايدۇ، ئالدىمدىن چاققان كەت، - دەپتۇ. سائىل بەكمۇ رەنجىپتۇ. شۇڭا «تاپقىنىڭ گېلىڭدىن ئاشمىغاي»دەپ قارغاپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى قانچە ئىشىلىسىمۇ تاپقىنى گېلىدىن ئاشمايدىغان يوقسۇزلۇققا گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ.
سائىل بىر ھەپتىدىن كېيىن قارىقاشقا كەپتۇ. ئېشىكىنى ئوقۇرغا باغلاپ قويۇپ، خورىزىنى ساراۋەنگە ئامانەت بېرىپ رەستىگە چىقىپتۇ. ئون نەچچە ياشلىق بىر بالىنى قىچقىرىپ:
_ بۇ پۇلغا ئۆزۈمگە ئوزۇق، ئېشىكىمگە يەم، خورىزىمغا دان ئېلىپ كەل، - دەپ بۇيرۇپتۇ. ئۇ بالا بىر دەمدىن كېيىن كىچىك بىر قوغۇن كۆتۈرۈپ كېلىپ سائىلغا بېرىپتۇ. سائىل سارايغا كېلىپ قوغۇننى يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ .
قوغۇننىڭ شاپىقىنى ئېشىكىگە، ئۇرۇقىنى خورىزىغا بېرىپتۇ. سائىل خۇشال بولۇپ:
_ ئەي، سېخي ئىگەم ئاللا، - بۇ يۇرتلۇقنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلغايسەن، - دەپ دۇئا قىپتۇ. ئاللاتائالا خىزىرنىڭ دۇئا - تەلىپىنى ئىجابەت قىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قارىقاشتا يېمەك - ئىچمەك، نازۇ نېمەتلەر مول ، تۇرمۇش باياشات بولغانىكەن.


«بىرنى بىر دېگۈلۈك»

ھىدايىتۇللا ئىشان جۇڭغار خانى غالدان سىرىننىڭ قوشۇنلىرىغا تايىنىپ، ئىسمائىلخاننىڭ قولىدىن يەكەن خانلىقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، پۇقرالارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ زامانلاردا جۇڭغارلار قىزىل تۇچتىن ياسالغان داچەن پۇلنى بىر پۇل دەپ خەجلەيدىكەن. ھىدايىتۇللا غوجا جۇڭغارلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى پۈتۈن جايلارغا «بىر پۇلنى ئىككى پۇل ئورنىدا خەجلەش» توغرىسىدا پەرمان چىقىرىپتۇ ۋە شۇ يول بىلەن ئۆزىگە ياردەم بەرگەن غالدان قوشۇنلىرىنى باي قىلىشنى ئويلاپتۇ. بۇ پەرماندىن ئالدى بىلەن خوتەن خەلقى نارازى بولۇپ، بىر پۇلنى ئىككى دېيىشكە زادى ئۇنىماپتۇ. پەرمانى ئۆتمىگەن ھىدايىتۇللا غوجا خوتەن خەلىقىگە ھەيۋە قىلىپ ئۇلارنى بىر ئەدەبلەپ قويۇش مەقسىتىدە پۇقرالارنى بىر مەيدانغا توپلاپتۇ. قىرىق نەپەر يۇرت ئاقساقىلىنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقىپ : «بىر پۇلنى ئىككى دەمسەن ، دېمەمسەن؟»دەپ سوراقلاپتۇ. «خۇدامۇ بىر، بىر پۇلمۇ بىر، بىرنى ئىككى دېسەڭ خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ. شۇڭا بىرنى بىر دېگۈلۈك»دەپ قارشىلىق قىپتۇ ئۇلار.
جۇڭغارلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ: «ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلىپ قايسىڭ بىر پۇلنى ئىككى دېمىسەڭ ئۆلتۈرىمىز»دەپ ئۇلارنى قورقۇتماقچى بوپتۇ ۋە بىر - بىرلەپ سوراپتۇ. كىمدىنلا سورىسا «بىرنى بىر دېگۈلۈك» دەپ سۆزىدىن زادى يانماپتۇ. شۇ جايدىلا بىرنى ئىككى دېمىگەنلەرنىڭ باشلىرىنى ئاپتۇ. ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇز توققۇز كىشىنىڭ بېشى كېسىلىپتۇ. قىرىقىنچى كىشىگە كەلگەندە يەنە سوراپتۇ. ئۇ كىشىمۇ جۇڭغارلارغا غەزەب بىلەن تىكىلىپ:«بىرنى بىر دېگۈلۈك» دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇنىڭ بېشىمۇ دەرھال كېسىلىپتۇ. شۇ چاغدا مەيداندا چوقان كۆتۈرۈلۈپ، «بىرنى بىر دېگۈلۈك » دېگەن سادا كۆكنى لەرزىگە ساپتۇ.


مۇغاللار نېمىشقا چۆچۈرە يېمەيدۇ؟

بۇ زاماندا ئەمەس، ئۇ زاماندا، يامغۇر، مۆلدۈردىن ئاتەش ياغقاندا، ئەل خارابلىشىپ ۋەيران بولغاندا، ئاچارچىلىقتىن زار قاقشىغاندا،خۇدانىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن قايسىدۇر بىر پەيغەمبەر ئەلنىڭ دەردىگە يەتمەك بولۇپ چۆل كېزىپ، يۇرت ئاتلاپ، يۇپۇرغا تەۋەلىكىدىكى مۇغال دېگەن يېزىغا كەپتۇ. يول ئازابىدىن ھارغىنلىق يەتكەندە پەيغەمبەر ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ ئايىغىنى يەڭگىل قىلغان تۆگىسىنى باغلاپ قويۇپ، بىر تۈپ سۆگەتنىڭ سايىسىدە يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي تەييار ئولجىنى غەنىيمەت بىلگەن موغاللاردىن بىرنەچچىسى پەيغەمبەرنىڭ تۆگىسنى ئوغرىلاپ چۆچۈرە ئېتىپ يەۋاپتۇ. پەيغەمبەر ئويغىنى قارىسا تۆگىسى يوق تۇرغۇدەك. ئۇ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تۆگىسىنىڭ يوقىلىش سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن دەرغەزەپ بوپتۇ ۋە مۇغاللارنى : «بۈگۈندىن باشلاپ چۆچۈرە يېسەڭ شۇ زامان ئۆلگەيسەن» دەپ قارغاپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ موغال خەلقى چۆچۈرە يېيىشتىن ھەزەر ئەيلەپتۇ ۋە ئەل ئارىسىدا «مۇغاللار پەيغەمبەرنىڭ قارغىشىغا كەتكەن، چۆچۈرە يېسە ئۆلىدۇ» دېگەن رىۋايەت تارقالغانىكەن.

مەنبەسى؛      http://barhan88.blogbus.com/logs/82658457.html   

سەن سەل قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن تىكەن چاتقال بولۇپ ئەۋلادلىرىڭنىڭ يولىنى توسىدۇ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8978
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36607
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7242 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 07:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەتلەرنىڭ مەنبەسى ناھايىتى چوڭقۇر، ياخشى تېمىكەن. نەزەر دائىرەم كېڭىيىپ قالدى مانا، رەھمەت

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10445
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 08:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىماكەن! رەخمەت [s:122]  [s:122]  [s:122]

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13325
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 08:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويغا سالغۇدەك تېما ئىكەن .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15321
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9551 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 09:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق رىۋايەتلەركەن، ئەلبەتتە بىرنى بىر دىگۈلۈك.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4305
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 628
توردا: 7983 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 09:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«قارىقاشلىقنىڭ رىزقى كەڭ» دىگەن رىۋايەتنى 8-10ياش ۋاقتىمدا ئاڭلىغان ..

ئۆلۈم  بىلەن ھايات  پەقەت بىر قىتىم كىلىدۇ ،شۇڭلاشقا تۇغۇلۇشنىڭ .ئەھمىيتى ئۆلۈشنىڭ قىمىتى بولىشى كىرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2653
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15431
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 3356 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-17 02:41:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرى  مەزمۇنى چوڭقۇر،قىزىقارلىق ھەم ئەپسۇسلۇق، يەنە بەزىلىرى ئىبرەت ئىكەن.

قىلغان ئىشىڭغا مىننەت قىلما!

← مەڭگۇ →

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15809
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7242
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 07:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھىچقايسىسىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن ...... [s:148]  [s:148]  [s:148]

★   مەڭگۇ   ★ بۇ يوللار ئۇزۇن ھەم ئەگىرى توقاي ، ئەگەر ھايات ماڭا چاقچاق قىلسا ،مەن ئۇنىڭ بىلەن  مەڭگۇ   كۆرەش قىلىمەن !!!   ←214→

ئامېرىكا بىزنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16185
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8604
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2010-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:13:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا..................قىزىقكەن بەزەنلىرى............ [s:154]

ئامېرىكا قىممەت قارىشىڭدا چىڭ تۇر !

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 123
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9936
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-20 08:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ گەپلەر بار دەڭ ````

سۆيەر بولساڭ ئەگەر بىرسىنى ، قەدىرلەپ ھەم قەدىرلىتىپ سۆي ~~~!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش