مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5624|ئىنكاس: 102

«ئاپا م»غا لايىق ئىزلەيمەن (ناتونۇش قىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت ئىزدىمە بەخىت يىنىڭدىلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17604
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 04:55:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالاممۇ ئەلايكۇم مىسرانىم ئەھلى ، چوڭ كىچىك ، توڭ پىشىق ، قىرى ياش ، ئەر ئايال ، ئۇخلاۋاتقان ، يۈرۋاتقان ، يىغلاۋاتقان ، كۈلۋاتقان ئەزىز ئەل جامائەت . سىلەرگە مەن ناتونۇش قىزدىن قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ، مەجنۇنتالنىڭ شاخچىسىدەك 99 گىرادۇس ئىگىلىپ ، يانار تاغ كەبى يۈرىكىمدىن ماگمىدەك سالام~!
ئۆزۈم ناتونۇش بولساممۇ كۆڭلۈم سىلەر بىلەن تونۇش ، مۇنبەردىكى كۈلقىزنىڭ ئاپام ئىكەنلىكى ھەممىڭلارغا مەلۇم . ئاپام گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى ، پەرىلەرنىڭ پەرىسىدىن ئىشىپ چۈشىدىغان سالاپەتلىك ، جەزبىدار ساھىبجامال بولغانلىق ئۈچۈن مۇشۇ كەمگىچە بويتاق . بۇنداق دېسەم ھەيراق قالماڭلار . بۇنىڭ ھەممىسىگە ئاپامنىڭ شۇ ھەددىدىن زىيادە گۈزەل بولغانلىقى سەۋەپچى بولدى . چۈنكى كونىلاردا سەتنىڭ ھالى چىرايلىقنڭ دەردى دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ .
ئاپاممۇ شۇ دەرجىدىن تاشقىرى چىرايلىق بولغانلىق ئۈچۈن ئۇنى قوغلىشىپ ئوغۇللار سەپ سەپ ، نى نى مەن مەن دىگەن گۈزەللەر كىلىپ ئاپام بىلەن چىرايىنى بەسكە سالماقچى بولىۋىدى ، ئاپامنى بىر كۆرۈپلا كورىيەگە قىچىپ كەتتى ، ئاڭلىساق كورىيەدە چىرايىنى كورىيەچە گۈزەللەشتۈرۋاتامىش .
نۇرغۇن يىگىتلەر ئاپامنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ يۈرىكى كاۋاپ بوپ كىتەي دىگەندە 119 غا تېلفۇن قىلىپ ، كاۋاپ بولۇش ئىھتىمالىدىن قۇتقۇزۋىلىنغان بولسىمۇ لىكىن ئوتىنى ئۆچۈرەلمىگەن . ئاپامنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن ئىشكىمىزگە تەلمۈرۈپ ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلار ساناقسىز ......
ئاپام ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كوچىغا شۇنداقلا بىر چىقىۋىدى ، ئاللا كارامەت . يىراق يىقىندىكى ئاڭلىغانلارنڭ ھەممىسى بۇ تەرەپكە ئاتلىنىپ كوچىدا ئادەم دەسسىگۈدەك يەر قالمىدى، شۇ چاغدا نۇرغۇن بىچارىلەر ئاپامنى كۆرۈش ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ ، باشقلار تەرىپىدىن دەسسىلىپ يارلاندى ، ئاپامنى بىر كۆرەلىگەنلەر بولسا "ئاھ كۆيدۈم " دەپلا ھۇشىدىن كىتىپ يىقىلغانچە تا ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا بىھۇش.
شۇڭا شۇندىن بىرى ئاپام جەمئىيەتنىڭ تىچ ئامانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىپ ، سىرىتقا چىقىپ ئۆيدە تۇرۋاتىدۇ .
مەن ھەدىسلەردىن يالغۇز ئاتا ئانىسىغا : ئاتا ئۆيلەپ قويايمۇ ، ئاپا ئەرگە بىرەيمۇ دەپ سورىسا ساۋاپ بولىدىغانلىقى توغىرسىدا ئاڭلىغانتىم . شۇڭا مەن ئۇنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بولغۇسى كۈيئوغلى ناتونۇش يىگىت بىلەن بىرلىكتە بۇ لايىق ئىزلەش ئىلانىنى يىزىپ چىقتۇق .

لايىق ئىزلەش ئېلانى

ئىسمى: كۈلقىز ، ئۆزى گۈزەل پەرى سۈپەت لىۋەن قىز ، يىشى ئاتمىش ، بوي ئىگىزلىكى بىر مىتىر يەتمىش . قىشى كۆمۈردەك ، چىچى توبادەك ، مەڭزى قىزىل خۇددى چولپاننىڭ لەۋ سۇرۇقىدەك . ئۆزى ئورۇقمۇ ، سىمىزمۇ ئەمەس ، ئەڭ ئۆلچەملىك گۈزەللەردىن .
1. ئاپامنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى : يۇمۇرسىتېك چاقچاققا باي ، ئەگەر ئۇنڭ بىلەن توي قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىسىڭىز كۈن بويى چىرايىڭىزدىن كۈلكە كەتمەيدۇ ، چوقۇم 201 ياشقا كىرىىپ ئۆلىشىڭىزدە گەپ يوق .
2.ئاپام ئادەتتە تاماق ئىتىشنى ياقتۇرمايدۇ ، ئەگەر ئۇنڭ بىلەن توي قىلسىڭىز ، كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقنى سىز ئىتىسىز ، ھازىر تاماق ئىتىشنى بىلمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق ، ئاپام ئىككى كۈندىلا تەربىيلىۋىتدۇ . ئوقۇش ھەققى تەربىيلەش ھەققى ئىلىنمايدۇ. شۇندا سىزنڭ ئۇستا بىر ئاشپەز بوپ چىقىشىڭىزدا گەپ يوق .
3.ئاپام كىر قات يۇيۇش ، ئۆي يىغىشتۇرۇش دىگەندەك ئۇششاق ئىشلار بىلەن خۇشى يوق ، ئەگەر ئاپام بىلەن توي قىلالىسىڭىز دائىم مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋىرىپ ھەقسىز ئورۇقلايسىز ، سىمىزلىكتىن قورقمىسڭىزمۇ بولىدۇ .
4. ئاپام شۈنچىلىك تىجەشلىككى ئادەتتە ئۈچ كۈندە بىر تاماق يەپ روزا تۇتۇپ يۈرىيدۇ ، بىر موچەن پۇلىنى ئوغرى ئالسا مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ قوغلاپ يۈرۈپ قايتۇرۇپ ئەكىلىشتىن يانمايدۇ . سىلەرنىڭ تېزلا ھاللىق سەۋىيەدىن ئىشىپ كىتىشىڭلار تەبىئىي .
5.بايام دەپ ئۆتكىنىمدەك ئاپام ئادەتتە سىرىتلارغا چىقىشنى تەرك ئەتكەن ( جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن) ، شۇڭا سىرتنىڭ سەي كۆكتات سىتىۋىلىش ، باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئىلىش دىگەندەك چوڭ چوڭ ھوقۇقلار سىزنىڭ قولىڭىزدا بولىدۇ ، مۇشۇنداق چىنىقىۋەرسىڭىز ساغلام قاۋۇل ئەر بوپ چىقىشىڭىزدا گەپ يوق .
6.ئاپام ئادەتتە سىزنىڭ سىرتنىڭ ئۆينىڭ ئىشلىرىغا تولا ھىرىپ كەتكىنىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ . سىزنىڭ ھىساباتتا ئىزىپ كىتىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ مالىيەنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . ھەر ئايلىق مۇئاشىڭىز ، تاپقان پۇلىڭىز دىگەندەكلەرنى خاتىرجەم ھالدا ئاپامغا تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ ، ئوغرىغا بىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
7. يۇقارقى ئىشلارنى ئۆز جايىدا ئورۇنداپ لاياقەتلىك بولغانلارغا ئاپام ئۆزى تەھسىس قىلغان پۈتۈن دۇنيادا ئىناۋەتلىك "مۇناۋەر ئەر" كىنىشكىسى تاقىتىپ بىرىدۇ .

ئەمدى شەرتكە كەلسەك :
1.چوقۇم ئەر بولىشى كىرەك . ( ئاپامنى قىزلارنىڭ قوغلىشىشى سىلىق ھالدا قەتئىي رەت قىلىندۇ )
2.چىراي تۇرقى راۋرۇس بولۇشى كىرەك ، ئەرلەر گۈزەللىرى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇدەك بولمىسىمۇ ، لىكىن چوقۇم قاملاشقان بولۇشى كىرەك .
3."تۆت بولۇش" قا ئىگە بولغان بولۇشى كىرەك . (شەخسىي تۇرالغۇسى بولۇش، پۇلى بولۇش، ماشىنىسى بولۇش، 100مىڭ يۈەن تويلۇقى بولۇش)
4.ئاپام ئۇقۇمۇشلۇق ، بىلملىك ئايال ئۇنى قوغلاشقانلار چوقۇم تولۇق كۇرۇستىن يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە بولۇشى كىرەك.
5. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان ، ئىشچان ئەرلەردىن بولۇشى كىرەك ،.
6.چوقۇم ئۇيغۇر بولۇشى ، ھاراق ، تاماكىلاردىن تەرك ئەتكەن بولۇشى كىرەك .
7. 18 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن 30 ياشتىن يۇقىرى ، توي قىلىپ ئاجراشقان ، ئائىلىسى بارلار ئىناۋەتسىز .
8.ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئېلان بىرىلگەن كۈندىن باشلاپ ، تاكى مۇۋاپىق لايىق تاللاپ بولۇنغۇچە. پۇرسەت غەنىيمەت.
قەمەرىيە كالىندارى 2010 . يىلى 11.ئاينىڭ 111.كۈنى

ئالاقىلاشقۇچىلار : ناتونۇش قىز
ناتونۇش يىگىت
تىزىملىتىش قىززىق لىنىيە تېلفۇنى : 2828288

يازغۇچى : ناتونۇش قىز


كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2083
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58108
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇججۇن ماۋۇ ئوغۇللارنى قىستىلشىپ  كىرۋاتقىننى ۋاي بولدىلا  سىلەر  كىرىپ  بولۇڭلار ئاندىن ئەڭ ئاخىردا مەن كىرەي....بولىدىمۇ....
مەن ئۆزۈمنى ئەمەس ۋاڭ چوقۇرنى،ۋۇدالاڭنى،پەن دۇمچەكنى ،ئېرگازىلارنى ئاپڭىزغا تەۋسىيە  قىلمەن...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15320
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8047
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2010-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:10:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىڭىزنى ئالمايمە ، لېكىن سىزگە دادا بۇلاي ، مۇشۇنداق ياخشى ئىلانلارنى بېرىپ يېقىشلىق،چىرايلىق ئاپىدىن بىرنى تېپىۋىلىڭ ، مەن ئۆزۈمگە ئايال قىلىۋالاي .

بەختىم سەن ئالتۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4783
يازما سانى: 648
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 3882 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپاش كۆرۈپ قالمىسۇن ھە.. ناتونۇش قىز...
بولمىسا......... [s:34]

ھەر كۈنى ئاخشىمى سەن بولمىساڭمۇ ياخشى چۈش كۆرەۋاتىمەن،توۋا دەيمەن ،سەن بار چاغلاردا دائىم ياخشى چۈش كۆرىشىمنى تىلىسەڭمۇ بۇنداق ياخشى ئۇخلىيالمايتىم،قارىغاندا شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭ ئەمدى كەلگەن ئوخشايدۇ،سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ!؟

ئۇيغۇرۇم``````````

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15105
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8324
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرمۇ  يا ؟   [s:148]  [s:148]

سۇلتان بولۇپ خان ئۆتكەن ، ئۇيغۇرۇمسەن جاھاندا ئالەم شاھىت بولغانتى ، سەن تارىخنى يازغاندا.

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13265
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى   مەن  بويتاق  تاللىۋالاي  بىرسىنى. ھازىر تاللاش  باسقۇچىدا...

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9830
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3934 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ شەرتىم توشىدىكەن،ئەپسۇس ئاپىڭىز چىرايلىق بولغىنى بىلەن ئالاھىدىلىكى بىلەن چىقىشالمىغۇدەكمەن، مەن يەنە باشقىنى تاللاي، ئاپىڭىزمۇ بەختلىك بولغۇسى!!

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9830
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3934 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزىملىتىش قىززىق لىنىيە تېلفۇنى : 2828288 uZ(j"y  


ئاپىڭىزغا ئاۋۇ ئىرى يەتمەپتىما؟!؟

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15615
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8410
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1241 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:20:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.....ئاپىمىز بۇلارنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالمىسا بولاتتىغۇ.

قورقۇنۇچلۇق بولغنى ئۈمىدسىزلىنىش ئەمەس بەلكى ئۈمىىدسىزلىك ئچىدىكى ئاشۇ ئازراق ئۈمىدنىڭمۇ يوقلىپ كىتشى.

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 05:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن كەلدىم ، دەرھال مىنى تاللىۋىلىڭ بولمىسا كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە ،

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش