مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 4

مەڭگۈلۈك سۆيگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2609
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8400
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2010-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 08:42:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈلۈك سۆيگۈ

مەنبە: يۈسۈپجان تۇرسۇن (نامات)

نىگارىم ئىشقىڭدا يۈرۈگۈم گۈلخان،
ئۇيقۇدىن بىزامەن ئازاپلار سېخى.
ئوڭۇمدا، چۈشۈمدە، خىيالىمدا سەن،
قۇلۇڭنىڭ ئۇچىنى تۇتمۇدۇم تېخى!

ئەسسالام: _________، سىزگە بولغان يۈرەك سۆزۈمنى ئۇدۇللا دەۋىرەي...!!!
ئالەمدىكى بارلىق گۈزەل ئەخلاقنى ياراتقۇچىلار نامىدىن سىزگە ئوتلۇق سالام!
ئاتىلاردىن ئۇدۇم قالغان، گۈزەل ئەخلاق ئۇنتۇلغان بۈگۈنكى كۈندە بىز دەمەتلىك بەزدى ياشلار (سىزنى ياخشى كۆرىمەن) دىگەن سۆزنى ئۇچۇرىغانلا ئادەمگە دەپ، بۇ سۆزنىڭ ھۆرمىتىنى قويمىدى. ۋىجدانلىق، غورورلۇق بىر يىگىت ئۈچۈن بۇ سۆزىنى ئېغىزدىن چىقارماق ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس!
ئۇنىڭ پاكلىقى، ئۇنىڭ ۋەزىنى ھەم ئۇنىڭ بۇرىچىنى بىلگۈچىلەر ئۈچۈن، بۇ سۆز تاغدىنمۇ ئېغىر. قىز ئالدانسا، ئەقىدىسى خارلانسا، گۈلدەك ياشلىق توزىسا، سۇنغان گۈلنى كىممۇ پۇرايدۇ.
بىر باغۋەننىڭ گۈلزارلىقىدا بىر تۈپ ئەتتىرگۈل بار ئىكەن. باغۋەن ئۇنى شۇنچىلىك پەرۋىش قىلار ئىكەن، ھەر كۈنى تۈۋىنى يۇمشۇتۇپ، سۇ قويۇپ پەرۋىش قىلار ئىكەن. بىر كۈنى باغقا كىرگەن بىر گۈلنى ئۈزۈپ كىتەر ئىكەن. باغۋەن قارىسا، گۈلنىڭ ھالى خاراپ، ياپراقلىرى سۇنغان.
باغۋەن ئېيتار: تەڭرىم گۈلۈمنى ياتلار ئۈزمىگەي. ئۈمۈدلىكمەن (گۈل ئۈزگەن ئەمما ئۈزمىگەنلەرنىڭ، ياش تۆككەن ئەمما تۆكمىگەنلەرنىڭ، ياخشى كۆرگەن ئەمما ئىرىشەلمىگەنلەرنىڭ) دەردىنى مەن سۆيگەن قىز بىر كۈنى بىلەر.
خىيالىم كۆكىدە قىلىسەن پەرۋاز،
پىژغىرىم ئىسسىقتا ۋە ياكى قىشتا.
نە ئۈچۈن ھەيرانمەن ئەشۇ بىر ئىشقا،
ئىسمىڭنى يادىلايمەن قىلغان ھەر ئىشتا.
ھەر كۈنى ئىسمىڭىزنى  ......  شۇنداق يادىلايمەن. بىر ئۆمۈر يادىلايمەن، تاكى ھاياتى تىنىقلىرىم ئاخىرلاشقىچە!!!
يۈرۈگۈم سىزنى سېغىندۇ. پۇتلىرىم سىزگە تەرەپكە قاراپ مېڭىشنىلا ئويلايدۇ. بەزىدە پۇتلىرىمنىمۇ باشقۇرالماي قالىمەن. سىزگە شۇنداق تېلېفۇن قىلغۇم كېلىدۇ، دەرھال تېلفۇنى قولۇمغا ئالىمەن -دە، .................138 لېكىن، جۈرئەت قىلالمايمەن. بۇ مېنىڭ جۈرئەتسىزلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى سىزگە بولغان ئىززەت - ھۆرمىتىمدىن بولسا كېرەك. دۇنيادا بىرىنچىدىن ئاشىقنىڭ، ئىككىنچىدىن گۇناھكارنىڭ، ئۈچۈنچىدىن ھاجەتمەننىڭ تىلى قىسقا بولىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت!!!
كېچىلىرى ئۈن - تنسىز سەيلە قىلىمەن:

قاراڭغۇ زۇلمەت كېچىدە،
ۋاقىت ئوقتەك ئۆتمەكتە.
مەجنۇنتالنىڭ تۈۋىدە،
يىگىت قىزنى كۈتمەكتە.

يىگىت يولغا ئىنتىزار،
لېكىن قىزدىن دېرەك يوق.
قىز ئويلايدۇ كۆڭلىدە،
ۋاقىت ئۆستە كېرەك يوق.

كۈتىمەن... بىر ئۆمۈر كۈتىمەن!!!
بىلىمەن: تۆنۈگۈن مېنىڭ ئۆتمۈشۈم، بۈگۈن مېنىڭ رىئاللىقىم، ئەتە مېنىڭ كەلگۈسۈم.
ئۆتمۈشنى ئونتۇپ، رىئاللىققا يۈزلۈنۈپ، كەلگۈسىگە ئۈمۈدۋار قاراپ مەغرۇر ياشايمەن!!!
نېمىشقىن سۆيگۈدىن سۆز ئاچسام تىلىم تۇتۇلۇپ، ئېغىزىمغا قۇلۇپ سېلىنىپ قالىدۇ. بەلكىم بۇمۇ (سۆيگۈ قۇلۇپى) بولسا كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 451
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 15467
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1203 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 09:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلىدىغان پىكىرلەركەن، بىلمىدىم ئاشىق ھەسرىتىنى چۈشۈنۈپ ،ئۇنىڭغا جۆر بۇلۇشقا تەييار مىكىن ئۇ قىز...

ئۆز ئەركىم بىلەن ياشايمەن مەغرۇر ! ئەي ئىپلاس يولۇمغا قۇرساڭمۇ تۇزاق!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2120
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2011-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 09:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالەمدىكى بارلىق گۈزەل ئەخلاقنى ياراتقۇچىلار نامىدىن سىزگە ئوتلۇق سالام!

ما سۆزدە ئېغىر دەرىجىدە خاتالىق بار...
ياراتقۇچىلار ئەمەس، ياراتقۇچى  بولىدۇ.... چۈنكى ياراتقۇچى ئاللاھ ئىگەم يەككە يىگانە بىر

تىمىڭىزغا رەھمەت،

ئۆزۈمنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇشنى خالىمايمەن. چۈنكى مەن دىگەن مەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1576
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11535
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 09:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزلىپتۇ...................

گۈلنى ئۈزۈشتىكى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1819
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9606
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:33:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل دىمەس قىزىل گۈلنى قول ئۈزمىسە ،
نۇر چاچمايدۇ ھەتتا كۆزى كۆرمىسە .
سىنى ئوتقا سالالمايدۇ ھىچقانداق بىرسى ،
ۋىجدان بىلەن بىر ئۆمۈر مەندەك سۆيمىسە .

_ بانۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش