قىزىقارلىق مېھمان ئۇزىتىش ئادەتلىرى
سول قول ئادىتى : ھىندىستان ، بىرما ۋە گامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ، ئادەتتە ، قورۇما ئەكىلىش ، نەرسە-كېرەكلەرنى قۇبۇل قىلىش ۋە مېھمان ئۇزىتىش قاتارلىقلاردا سول قولىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن . ئەمما ، قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمانلارنى ساھىبخانا سول قولى ئارقىلىق ئۇزىتىپ قۇيىدىكەن .
ئاياغ سوۋغا قىلىش ئادىتى : نېپالنىڭ تاغلىق رايونىدىكى مىللەتلەر يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا ، ئاۋال بىردانە نېپالچە باش كىيىم سوۋغا قىلىپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن . خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا يەنە بىر جۈپ ئاياغ سوۋغا قىلىدىكەن .ئەرلەرگە قارارەڭلىك ئاياغ ، ئاياللارغا قىزىل رەڭلىك ئاياغ سوۋغا قىلىپ ، مېھمانلارنىڭ قايتىش سەپىرېىنىڭ ئۇڭۇشلۇق ، كەلگۈسىنىڭ پارلاق بۇلۇشىنى تىلەيدىكەن .
لاي سۈركەش ئادىتى : يىڭى گىۋىنىيە كىشىلىرى مېھمانلارنى ئۇزاتقاندا ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ ، يولدىكى لاينى مېھمانلارنىڭ بەدىنىگە سۈركەپ قۇيىدىكەن . ئېيتىلارغا قارىغاندا بۇ ، " تۇپراق قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ " دىگەنلىك بۇلۇپ ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھمانلارغا بولغان سەمىمى ساداقىتىنى بىلدۈرىدىكەن
كۈنلۈك يىغىش ئادىتى : تايلاندنىڭ شىمالى قىسىم يېزىلىرىدىكى بەزى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىدا ، مېھمان كەلگەندە كۈنلۈكنى ئېچىپ قارشى ئالىدىغان ئادەت بارئىكەن . ئەگەر ساھىپخانا كۈنلۈكنى يىغىۋالسا ، بۇ مېھماننى ئۇزىتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن .
ئاق رەڭ ئادىتى : ۋېنگىرىيىلىكلەر ناھايىتى مېھماندوست بۇلۇپ ، ھېچقانداق سوۋغا ئەكەلمىسىڭىزمۇ ، سىز ئۇزايدىغان ۋاقىتتائۇلار سىزگە بىر ئاق رەڭلىك سوۋغات بېرىپ ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىنى تىلەيدىكەن .
مەنبە-شىنجاڭ مائارىپى (2009-1-2 قوشما سان )