مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2940|ئىنكاس: 46

مۇشۇنداق  نومۇسسىز   ئەبلەخلەرنى...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12398
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32452
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 10:48:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋاىلنىۋاتاتتىم بۈگۈنكى داۋالاش باسقۇچى جەريانىدا مەسئۇل دوختۇر(خەنزۇ) بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۆتكەنلەردە بىر ئۇيغۇر ئايال بىر قىزنى دوختۇرخانىغا ئەكەپتۇ، قىزنىڭ ئۇچىسىدا مەكتەپ فورمىسى بولۇپ ماڭغۇدەكمۇ ھالى يوق ،ئاپىسى يۆلەپ دېگۈدەك ئەكىرىپتۇ.دوختۇر نېمە بولغانلىقىنى سورىغانكەن،قىز ‹‹قورسۇقۇمنىڭ ئىچى ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ›› دەپلا ‹‹ۋايجان››دەپ قورسىقىنى تۇتقىنىچە قاتتىق چىرقىراپ يەردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ، دوختۇر ئانىسى بىلەن بىللە قىزنى يۆلەپ كېسەل كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ ،ئانىسىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىپ تەكشۈرمەكچى بولغانكەن قىزنىڭ قورسىقىنىڭ تېڭىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. دوختۇر ئىشنىڭ تېگىگە سەل يېتىپ قېلىپ، قىزنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ‹‹قىزىڭ ھازىر بوشىنىدىكەن››دەپتۇ،قىزنىڭ ئانىسى شۇ يەردىلا دوختۇرغا چالۋاقاپ ‹‹قىزىم دېگەن ئوقۇغۇچى تۇرسا ،سەن نېمە دەپ جۆيىلۋاتىسەن ؟››دەپ ئۇرۇشقىلى تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭغىچە قىز ۋارقىراپ –جارقىراپ ئېپ بوپتۇ.دوختۇر  قارىسا  بالىنىڭ باش سۈيى تۆكۈلۈپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئانىسىغا ‹‹قىزىڭنى قۇتقۇزۇش مۇھىممۇ ئەمەسمۇ؟قىزىڭ ھازىرلا بوشىنىدۇ،تېزراق رەسمىيەت بېجىرىپ چىققىن  ››دەپتۇ.

 قىزنىڭ ئانىسى يىغلىغىنىچە رەسمىيەت بېجىرىشكە چىقىپ كېتىپتۇ،ئۇنىڭغىچە دوختۇر بىلەن سېستىرالار قىزنى تۇغۇتخانىغا ئەكىرىپتۇ،قىزنى تۇغۇتخانىغا ئەكىرىپ كارۋاتقا چىقىرىپ بولغۇچە بوشۇنۇپ بوپتۇ.تۇغۇلغان بوۋاق ئوغۇل ئىكەن،قىزنى كېسەلخانىغا يۆتكەپ چىققاندىن كېيىن قىزنىڭ ئانىسى ئۆزىنى ئۇرۇپ يىغلاپ قىزىدىن مەجبۇرى ھالدا ‹‹بالىنىڭ دادىسى كىم؟››دەپ سوراپتۇ.قىز يىغلاپلا تۇرغاندىن باشقا ئاپىسىغا ھېچنىمە دېگىلى ئۇنىماپتۇ، ئاخىرى بولماي ئانىسى دوختۇردىن قىزىدىن گەپ ئېلىپ بېقىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، دوختۇر قىزدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ.

ئەسلى بۇ قىزتولۇق 1- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ،ئۇ  يىغلاپ تۇرۇپ ئۆكتەبىر بايرىمىدا سىنىپىدىكى ۋە باشقا سىنىپتىكى تۆت جۈپ قىز –ئوغۇلنىڭ باغچىغا بېرىپ ئوينىغانلىقىنى، ئۇ يەردە قىزلارنىڭ  ئوغۇللار ئېلىپ كەلگەن  ئىچىملىكنى ئىچكەنلىكىنى ،كېيىن ھەممە قىزلارنىڭ باشلىرىنىڭ قېيىپ غەلىتى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى،بىر كەملەردە قارىسا قېشىدا قالغان قىزلارنىڭ يوقلىقى ،ئۆزىنىڭ باغچىنىڭ ئىچىدە ئەمەس باشقا بىر يەردە شۇنداق ۋەيرانە ھالدا ياتقانىلقىنى،يىغلا –قاخشا ھالدا ئۇ يەردىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى،ئۆزىنى كىمنىڭ ئۇ يەرگە ئېلىپ بارغانلىقىنى پەقەتلا بىلمەيدىغانلىقىنى ، بىركىمگە دەي دېسە نومۇس قىلىپ ھەم قورقۇپ دېيەلمىگەنلىكىنى ،كېيىن ھېچنىمە سىڭمەي ياندۇرۇپ يۈرگەندە ‹‹ ئاشقازىنىم ئاغرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ››دەپ يۈرگەنلىكىنى ،قورسىقىنىڭ بارا –بارا يوغىناپ كېتىۋاتقانلقىنى، قورقۇپ نېمە قىلارنى بىلمەي قورسىقىنى تېڭىپ يۈرگەنلىكىنى ،كىمنىڭ ئۆزىنىڭ نومۇسىغا تەككەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى،قورسىقى قاتتىق تولغاپ ، بەكلا ئاغرىپ كەتكەچكە ئىلاجىسىز قورسىقىنىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ئانىسىغا ئېيتىپ ،ئانىسى بىلەن دوختۇرخانىغا بىرگە كەلگەنلىكىنى نومۇس،قورقۇنۇچ ئىچىدە يىغلاپ تۇرۇپ دەپ بېرىپتۇ،دوختۇر قىزدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئانىسىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ، قىزنىڭ ئانىسى نومۇس ۋە ئەلەمدىن قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ، دوختۇر قىزنىڭ ئانىسىغا، قىزنىڭ  قورسىقىنى تېڭىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بالىنىڭ ساغلام تۇغۇلغانلىقىنى،كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ، ئەگەر بالىنى بېقىشنى خالىمىسا ئۆزىنىڭ بالىنى بېقىش ئۈچۈن ئادەم تېپىپ بېرىدىغانىلقىنى ئېيتىپتۇ، قىزنىڭ ئانىسى‹‹بالىنى ئۆزىمىز باقىمىز، ھېچكىمگە بەرمەيمىز››دەپ ،بالىنى ئۆيىگە ئەكىتىپتۇ.دوختۇر ماڭا ئۆزىنىڭ ‹‹ ئۇ ئوغۇل بالىلار چوقۇم قىزلارنىڭ ئىچىملىكىگە مەس قىلىش دورىسى سېلىۋەتتى ››دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، ھازىر ئوغۇللارنىڭ قىزلارنىڭ ئىچىملىكىگە مەس قىلىش دورىسى سېلىپ مەس قىىلپ قويۇپ،ئۇلارنىڭ نومۇسىغا تېگىدىغان ئىشنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، مەس قىلىش دورىسىنىڭ ئىنتايىن ئەرزانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

دوختۇرنىڭ گېپىنى يالغانمىكىن دېسەم راستەكلا تۇراتتى، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە نومۇس قىلىپ قالدىم،پاك بىر قىزنىڭ نومۇسى بۇلغاندى، بۇ قىز ئۆزىنىڭ قايسى ھايۋان سۈپەت يىرگخنىشلىك ئىنسان تەرىپىدىن نابۇت قىلنىپ ،بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئۇقماي قالدى،مېنىڭچە بۇ قىز بىر ئۆمۈر ھەسرەت – نادامەت ئىچىدە ئۆتىشى مۈمكىن،مۇشۇ قىزلارغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالغانلار خېلى كۆپ، بىر ۋاقىتتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقەنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئۈچ جۈپ قىز -يىگىت ئوينىغىلى سىرتقا چىقىپتۇ، قىزلار ئالدىغا قويۇلغان سوغۇق ئىچىملكىلەرنى ئچىپ خۇدىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئىككى قىزنى ئىككى مۇناپىق بىر مېھمانخانىغا ئەكىرىپ ياتاق ئاچقۇزۇپتۇ،بىرسى قىزنى تاكسىغا چىقىرىپ دۇجئىسۇغا (سۇ ئۈزۈش ئورنى)ئاپىرىپتۇ، ئۇ جاي سىرت بولغاچقا، شامالنىڭ تەسىرىدە قىز مەسلىكتىن يېشىىلپ كېتىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ جايدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن قاتتىق ۋارقىراپتۇ،يىگىت قىزنىڭ ئاغزىنى توسۇۋېلىپ ،زورلۇق قىلماقچى بولغان ئىكەن ،قىز ۋارقىراپ -جارقىراپ قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ، ئەتراپتا تۇرغان كىشىلەر قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ، قىزنى ئۇ نومۇسسىز گۇينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىۋاپتۇ.
 مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم ھايۋان كەبى ئەرلەرگە ،يىگىتلەرگە ( بۇنداقلارنى يىگىت دېگۈم كەلمىسىمۇ) شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ،سىلەرنىڭ ئاچا -سىىڭللىرىڭلار يوقمۇ؟ ئۇلارمۇ شۇنداق كۈنگە قالسا قانداق قىىلسىلەر؟ئۆز مىللىتىڭلارنى قىزلىرىنى ئۆزەڭلار نابۇت قىلغىلى قانداقمۇ ۋىجدانىڭلار كۆتىرىدۇ؟......
 بۇنداق دېسەم،بەزىلەر <<شۇ قىزلاردىمۇ بار ، خەقنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ماڭغاندىكىن >> دېيىشى مۈمكىن، توغرا،قىزلاردىمۇ بار، لېكىن يىگىتلەر بىلەن سىرتلارغا بىرگە چىقىدىغان ھەممە قىزلار  ئۇنداق بۇزۇق ئەمەس، بەزى قىزلار ئوغۇل دوستلىرىغا ئىشىنىپ ،ئۇلار بىلەن سىرتلارغا چىقىپ قالىدۇ،شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلارنى مەس قىلىپ قويۇپ، نومۇسىغا تەگسە ،ئۇ قىزلار ئۆمۈر بويى ئازاب ئىچىدە ئۆتمەمدۇ؟....
 بولدى ،بەك قايناپ كېتىدىكەنمەن،......
 قىزلارنىڭ نومۇسىغا تېگىدىغان نومۇسسىز،ھايۋان كەبى كىشىلىرىمىز: ھايۋان سىلەردىن ياخشىراق......سىلەر شۇنداق پەسكەشلىكلەرنى قىىلۋاتقاندا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاچا -سىڭىلىىرىڭلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار.....
 مۈمكىن بولسا سىلەردەك ئەبلەخلەرنى دارغا ئاسسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.....
 چوڭ سۆزلىمەي ،توۋا دەي........

 مەنبە : ئاڭلىغانلىرىم.......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 156
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11998
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر شۇ نۇمۇسسىزلارنىڭ ئاچا سىڭىللىرى نۇمۇسسىزلىققا ئۇچرىسا ئۇلار نىمە بولوپ كىتەر
ئاللاھ بەندىلىرنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن

مەن مىسرانىمنى مەڭگۇ قۇللايمەن

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21736
تۆھپە نۇمۇرى: 1017
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:02:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت دىگەن قىزلارنى ئاسرىشى ، ئۇلارغا كۈيۈنىشى كىرەك ! چۈنكى قىز دىگەنلىك كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ 1 _ تەربىيىچىسى ھەم ئانىسى !!!
قىزلارمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق مەدەنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىشى ھەم ئۆزىنى ئەخلاق ئارقىلىق كونتىرۇل قىلىپ كۆڭۈل دەپ قالايمىقان نەرسىلەرنى ئىچىشتىن ھەم يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن مېڭىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىشى ، ھايانى بىلىشىنى ئۆمىد قىلىمەن .
جاھاندا بۇنداق رەزىل كىشىلەمۇ باركى بۇلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋان دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ !!!!

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دەيمىز ئەمدى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋۋا ............................  ئاشۇنداق ئۇغۇللارنىڭ يۈزىنى تۆككەن شۆۋەكلەرنى  شاشىدودا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۈلىگىنى ئۈچ كۈن ئاتقا سۆرىتىپ شىزاڭنىڭ تاغلىرىغا تاشلىۋىتىپ كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2004
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8799
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2011-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:15:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت tanhabora168 كە 2010-06-13 11:01 PMئەۋەتىلدى :
ئەگەر شۇ نۇمۇسسىزلارنىڭ ئاچا سىڭىللىرى نۇمۇسسىزلىققا ئۇچرىسا ئۇلار نىمە بولوپ كىتەر
ئاللاھ بەندىلىرنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن  

اللاھ ئۇلارنىڭ جاجىسىنى بىرىدۇ...............

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ سىڭلىم !! شۇ نۇمۇسسىز ئەبلەخ ھامان قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرايدۇ ،
--------
پەرزىم : بۇنىڭدا بىر ئاز غەلىتىلىك ھىس قىلدىم :
بۇ ئىش ساۋاقدىشى تەرەپتىن بولغان ، چۇنكى جۇپ بولۇپ بىرىپ ئۆزى يالغۇز قالغان .

ئاھ ئۇرۇش ـــ ئا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1401
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10493
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:16:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىكى ئوغۇل تۇغۇپ قويغان قىزنى كىمنىڭ ناپۇت قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تاپىمەن دېسە تاپالايدۇ ،شۇ نومۇس كۈچىدىن بۇ ئىشنى قايتا داۋراڭ قىلمىغان ئوخشايدۇ ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خارلىنىپمۇ ئۈنىنى تېشىغا  چىقىرالماي ئۆمۈرلۈك ئازاپقا  قېلىۋاتقان  ئاچا- سىڭىللىرىمىز تېخى نۇرغۇن ..........
ھەي دادىلىرىم ،ئاكىلىرىم ،ئىنىلىرىم ....ئۆز مىللىتىڭلارنىڭ قىزلىرىنى ئاسراڭلار .سىلەرمۇ شۇلاردەك بىر ئانىنىڭ پەرزەنتىغۇ .

ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بولارسەن ساقىلىڭ بىلەن!

axxukru lillah

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 524
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 838 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2010-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  Tughrul كە 2010-06-13 11:02 PMئەۋەتىلدى  :
يىگىت دىگەن قىزلارنى ئاسرىشى ، ئۇلارغا كۈيۈنىشى كىرەك ! چۈنكى قىز دىگەنلىك كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ 1 _ تەربىيىچىسى ھەم ئانىسى !!!
قىزلارمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق مەدەنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىشى ھەم ئۆزىنى ئەخلاق ئارقىلىق كونتىرۇل قىلىپ كۆڭۈل دەپ قالايمىقان نەرسىلەرنى ئىچىشتىن ھەم يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن مېڭىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىشى ، ھايانى بىلىشىنى ئۆمىد قىلىمەن .
جاھاندا بۇنداق رەزىل كىشىلەمۇ باركى بۇلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋان دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ !!!!
مەن بۇ تورداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن ، يەنە ، ئۇنداق ھايۋان كەبى بى نىمىلەردە ئۆز ئاچھ سىڭىللىرىغا نىسبەتەن چىن مۇھەببەت بولامدۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇلار ئۆزلىرى شۇنداق خورلۇقلارغا ئۇچراپ باقسا تازا

ئۆزۈمنى يېڭىش ۋەزىپەمدۇر

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىمۇ دەيمىز ، بۇنىمۇ دەيمىز پەرزەنتلەرگە بولغان تەربىيە ئىنتايىن پۈچەكلىشىپ كىتىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى ، ئانىلار قىزلىرىغا ھايالىق قىز بولۇشنى ئۆگەتسە ، ئاتىلارمۇ ئوغۇللىرىغا ھايالىق ئوغۇل بولۇشنى ئۆگىتىشى كىرەك .
قىزلار بالاغەتكە يەتكەندە ئوغۇللارنى كۆرسە بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ھۈركىيدىغان ، يىگىتلەر قىزلارنى كۆرسە مەڭزىلىرى قىزىرىپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالىدىغان شۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتىمۇ ؟؟؟؟؟؟
ئەنە شۇ دەۋرلەردە ئەخلاقتىن ئىبارەت شۇ يۈگەن قىز يىگىتلەرنى باشقۇرۇپ كەلگەن ..........

تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش