مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rinatcn

رەسىم - جاڭگال كاۋىپىمىز مۇشۇنداق پۇشۇرۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7505
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9383
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 4699 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 08:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ قوسقىم بەك ئېچىپ كەتتى. [s:154]  [s:154]  [s:154]

خوشاللىقىم مىسر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3944
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10974
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 4895 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 09:17:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:رەسىم - جاڭگال كاۋپىمىز مۇشۇنداق پۇشرۇلى

بۇنداق كاۋاپنى قەشقەرنىڭ كۆپ قىسىم ناھىيىللىرىدە ئېتىدۇ ، يۇرتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە داڭلىق قۇم كاۋىپى بار .  
قۇم كاۋىپىنى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق . تەييارلاش ئۇسۇلى  يەنى : - 6 ئايلىقتىن ئاشقان بىر يىلغا تولمىغان پاقلان ياكى ئوغلاقنى سويۇپ قېرىنىنى پاكىز يۇيۇپ تەتۈر ئۆرۈپ شۇ سويغان گۆشنى كىچىك بالىنىڭ مۇشتىمىدەك توغراپ تۇز ، پىياز ۋە تۈرلۈك دورا - دەرمان تېتىتقۇلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قېرىننىڭ ئىچىگە سالىدۇ ، ئادەتتە شۇ قوينىڭ گۆشى ئۆزىنىڭ قېرىنىغا پاتىدۇ ، ئازراق سۇ قۇيۇپ ، قېرىننىڭ ئاغزى مەھكەم تىكىۋىتىلىدۇ ،   قۇم يەر 40 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئازگال قىلىپ كولىنىپ ئۈستىگە ئۇتۇن ياغاچلاردىن ئوت قالايدۇ ، راسا چوغ چۈشكەندە تەييارلانغان قېرىن ئىچىدىكى گۆش چوغ ئۈستىگە قۇيۇلۇپ قۇمدا كۆمۈۋېتىلىدۇ ، كۆمۈلگەن قۇم ئۈستىگە يەنە ئۇت قالىنىپ داۋاملىق پۇشۇرلىدۇ ، تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت ۋاقىتتىن كىيىن پىشىدۇ ، كۆمۈلگەن قۇمنى ئېچىپ قېرىن قۇم ئاستىدىن چىقىرىلغاندىن كىيىن قېرىنغا يۇقۇۋالغان قۇم دانچىللىرىنى يىنىك قېقىپ سۈپۈرۈپ چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن قېرىننى ئېچىپ تەخسە لىگەنلەرگە گۆشنى ئالىمىز ، بۇ چاغدا  بۇرنىمىزغا مەززىلىك خۇشپۇراق گۆش ھىدى پۇرايدۇ ، ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ كىلىپ تېزراق يەپ بېقىشقا ئالدىراپ كىتىمىز . بەك ئېسىل ، يىيىشلىك ، ئادەتتە بىر كىلوگىرام گۆش يەيدىغان ئادەم قۇم كاۋىپىدىن ئىككى كىلوگىرامدىن ئارتۇق يەۋىتەلەيدۇ . يىتەرسىزلىگى . بىر قۇينى پۇشۇرۇشقا يېرىم كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ .
    ئەپسۇس قۇم كاۋىپى يىگەندە رەسىمگە تارتىۋېلىشنى ئۇنتۇپتىمەن .   [s:134]  [s:97]  [s:97]  [s:97]

تور ئەخلقىغا رۇئايە قىلايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش