ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 23قەۋەت NaCl كە 2010-11-24 05:45 PMئەۋەتىلدى :
سىز راستىنلا زىيالىما ؟ پىكىرلىرىڭىزدىن ھېلىقى <ئۇيغۇرلار ۋە سېسىق تۇققۇزىنجى > دېگەن تېمىدېكى زىيالىلارغا ئوخشايدىغانلىقىڭىزنى بىلدىم. شەخسىي كۆزقاراش .
بۇگۈن كاللىڭىزغا نىرنەرسە بەك ئاسان رىئاكسىي قىلىدىغان بوپقاپتۇ ،ئەتە قايتا يازاسىز ئېنكاستىن بىرنى . بولمىسا تېما ئېنكاسلار سىز ئويلىغاندەك دەرىجىدىمۇ ئەمەس ئېدى ، بوپتۇلا زىيالى بۇنىڭغا كۆنۈپقالغاندېكىن، مەيلىلا ............ گېپىڭىزنىڭ قايىل قىلارلىق تەرپىنى قوبۇل قىلىمەن .........
ئېسىڭىزدە بولسۇن، قېرىندىشىم، مەن 5- ،،،، دىكى سوراققا تارتىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ يەردە( تۈرمە ھاياتىمدا ) نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم، شاھىد بولدۇم. مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ بىھۇدە قۇربانلىق بېرىشىنى خالىمايمەن. مۇنبەردە ھەرخىل سەۋىيەدىكى كىشلەر توپى بار، ئۇلارنىڭ بۇخىلدىكى سەزگۈر، سىياسى ۋە تارىخى قاتلىمىغا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى قالدۇرمايدۇ ، تور نازارەتچىلىك تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. تورغا كىرىدىغانلار ئاساسەن ياشلار قاتلىمى، ئۇلار ماڭ ، سىزگە ۋە باشقا قېرىنداشلىرىم_ ئۇيغۇرغا ، ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىگە كېرەك، كۈچ چىقىرىشى، ھايات ياشىشى كېرەك ، ھەرگىزمۇ بىھۇدە قۇربانلىق بەرمەسلىكى كېرەك.
تېما شۇنداق ئېسىل، ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن، ئەمما ئۇنى ئوتتۇرغا قويۇشنىڭ توغرا يولى بار، شۇنچىلىك ئېسىل تېمىنى سەزگۈر سۆزلەر ۋە سىياسى ، تارىخىي مەسىلىلەرگە تاقاپ تۇرۇپ ئەكىس ئەتتۈرۈىشى نەھاجەت ئىدى. بىزدە سىياسى سەزگۈرلۈك بولمىسا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنى قوغدىيالمايمىز.