«مەكىت» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە رىۋايەتلەر
1
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇرۇنقى زاماندا تەكلىماكاندا ناھايىتى باياشات، گۈزەل،روناق تاپقان،ھەممە يېرى ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن تولغان شەھەرلەر بار ئىكەن.
زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ تائەت-ئىبادىتى ئاجىزلاپ،ئىمانى سۇسلىشىپ،ئۆز-ئارا جېدەل-ماجىرا كۆپىيىپ، ئىنساپ يوقىلىشقا باشلاپتۇ. ئەتراپنى بۇلاڭ-تالاڭ ،ئۆلۈم ۋەھىمىسى قاپلاپ كەتكەن بىر كۈنى كېچىسى، ئۇشتۇمتۇت ئاسماندىن قۇم-بوران چىقىپ،نەچچە كېچە-كۈندۈز قۇم يېغىشقا باشلاپتۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ئاشۇ شەھەرنىڭ بىرىدە ئېتىدادىنى يوقاتماي، تائەت-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئادەملىرى تولىمۇ ئاق كۆڭۈل بىر قوۋۇم بولۇپ، ئۇلار ئاللاھتائاللاھ دىن بۇ بالا-قازادىن قۇتۇلۇشقا مەدەت تىلەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا شۇ ئان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي پەيدا بولۇپ:«ئاللاتائالا بۇ ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلمىغان ئاسىي بەندىلەرگە غەزەپلىنىپ، قۇم ياغدۇرۇش جازاسى بەردى. سىلەر بولساڭلار ئۆز نېسىۋىلەرگە شۈكۈر قىلىپ،ئاللاھتائاللاھنى ئەستىن چىقارمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ئاللاتائالا سىلەرنى بۇ بالا قازادىن ساقلاپ قېلىشقا ئەمىر قىلدى»-دەپ،قولىدىكى ھاسىسىنى يەرگە سانجىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەشنى، ھاسا چۆكۈپ كەتسە يەنە تارتىپ چىقىرىپ يىقىلىپ چۈشمەستىن داۋاملىق چۆرگىلەشنى، قۇم يېغىش توختىغاندىن كېيىن كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىپ، سۈيى ئەلۋەك،يېرى مۇنبەت بىر جايغا ئورۇنلىشىۋېلىشنى بۇيرۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ قوۋۇمدىكى كىشىلەر قول تۇتۇشۇپ،ھېلىقى بوۋاي بەرگەن ھاسا تاياق ئەتراپىنى چۆرگىلەپ يەتتە كېچە-كۈندۈز نى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قۇم يېغىش توختاپتۇ. لېكىن ئەتراپنى پۈتۈنلەي قۇم بېسىپ،شەھەرلەردىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ قالماپتۇ. چۆرگىلەۋېرىپ يىقىلىپ چۈشكەن نۇرغۇن كىشىلەرمۇ قۇم ئاستىدا قېلىپ، پەقەت يەتتە ئادەملا ساق قېلىپ، كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىپ، ئاران دېگەندە بىر دەريانىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەر ناھايىتى مېھماندوست،مەرد كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار ئاۋۋال بۇ مۇساپىرلارغا ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپتۇ، كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى بوشىتىپ بېرىپ كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي «مەرتلەر كۆچكەن جاي»دېگەن نامنى بىلدۈرىدىغان «مەر تېگىن»نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلاپتۇ.
ئۇزاق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نام ئاستا-ئاستا «مەرگېت»،«مەكىت»،«مەكىت» دېگەن ناملارغا ئۆزگىرىپ،كىشىلەر تەرىپىدىن «مەكىت» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپتۇ. «مەكىت» دېگەن نام ئەنە شۇ رىۋايەتتىن قالغان ئىكەن.
2
مەكىت خەلقى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغان ۋاقىتتا چىڭگىزخان قوشۇننىڭ سانغۇنى چىن دەيخان ئۆز قۇشۇننى باشلاپ كېلىپ مەكىت ناھىسىنىڭ «ھاڭغىتلىق» دېگەن جايغا چۈشكۈن قىلىپتۇ. بۇ جاينى مەكىت خەلقى «قالماق جىلغىسى»دەپ ئاتاپتۇ.
چىن دەيخان قوشۇنى «قالماق جىلغىسى»نى تايانچ بازا قىلىپ، مەكىت خەلقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېغىر ئەمگەككە ساپتۇ ۋە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ،خوتۇن-قىزلارنى ئاياق-ئاستى قىلىپتۇ،مال-كالىلارنى بۇلاپ-تالاپ ئۆلتۈرۈپ يەپ، مەكىت زىممنىنى قۇرتىۋىتىپتۇ. چىن دەيخان قوشۇننىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان ئەل-يۇرت پالۋان يىگىت مەكىت گېۋىرنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلىنىپ، چىن دەيخان قۇشۇنىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپتۇ. جەڭ ئىنتايىن كەسكىن،مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولۇپتۇ. نۇرغۇن ياشلارنىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. شۇ قېتىمقى جەڭدە مەكىت گېۋىر ئىنتايىن باتۇرلۇق كۆرسىتىپتۇ. مەكىت گېۋىر نەچچە يىل خەلقنى باشلاپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق ،ئاخىرى چىن دەيخان قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپتۇ. چىن دەيخاننى ئۆلتۈرۈپ،كۆمگەن جاينى «مازارى چىن»،«چىن دەيخان مازىرى»دەپ ئاتاپتۇ.
چىن دەيخان قوشۇنى مەكىت گېۋىر تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نامى ئەل ئىچىدە شۆھرەت قازىنىپ،«دولاننى مەكىت ئاپتۇ،دولان مەركىتنىڭ شەھىرىگە ئايلىنىپتۇ» دېگەن سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق مەكىت گېۋىرنىڭ باتۇر ۋە خەلق سۆيەر ئوبرازىنى مەڭگۈ خەلق قەلبىدە ئابىدە قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن، بۇ جاينىڭ نامىنى «مەكىت »دەپ ئاتاپتۇ. مەكىت گېۋىرى ئۆلگەندىن كېيىن ، كىشىلەر بۇ قەھرىماننى مەكىت بازىرىنىڭ شىمالىدىكى «داۋزا قۇم » غا دەپنە قىلىپ ، گۈمبەز ياساپتۇ. بۇ گۈمبەز يېقىنقى يىللارغىچە ساقلىنىپ، «مەكىت گېۋىر »گۈمبىزى دەپ ئاتىلىپتۇ.
يىللار ۋە زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلق بۇ مىللىي قەھرىماننى مەڭگۈ ياد ئېتىپتۇ. «مەكىت»دېگەن بۇ نام ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ،تىللاردا داستان بولۇپ كۈيلىنىپ،كېيىنچە «مەكىت»دېگەن نامغا ئۆزگىرىپتۇ. مەكىت ناھىسىنىڭ نامى ئەنە شۇ رىۋايەتتىن قالغان ئىكەن.
مەنبە:«مىراس »ژۇرنىلى،2005-يىللىق 2-سان
توپلىغۇچى: مۇتەللىپ سېيىت
مەنزىل-http://qaynam.blogbus.com/logs/33706166.html