مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3068|ئىنكاس: 34

ساراڭنىڭ خاتىرىسى(تولۇق قىسمى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇز ئەرۋاھ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 181
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26926
تۆھپە نۇمۇرى: 334
توردا: 1586 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 01:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(مۇز ئەرۋاھ)

بۇ يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى›› كۈنى مېنىڭ كۆڭلۈم تولىمۇ قالايمىقان ئۆتتى،ئۆتكەن يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››ىغۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزگەن،ئۇ ۋاقىتتا سۆيگۈنۈم شۇ كۈننى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››كۈنى ناملىق بۇچوڭ قالپاقلىق كۈن ئارقىلىق نۇرگۈل بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى تۆۋەن تىمپۇراتۇرىنى بىر ئوڭشىۋالسامچۇ دېگەن ئۈمىددە ئۇنى كەچلىك تاماققا چاقىرىپ،ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى چېقىلىپ كەتكەن ھېسسىياتىمىزنى ئوڭشىماقچى بولدۇم.

ئەمما ئۇ كۈنى ياخشىراق ئاشخانا، ئالاھىدە تائاملار ‹‹تېز››تاماقخانىلىرىدا ئورۇن دەيدىغان نەرسە باردەك ئەمەس، ئامال يوق، سودىسى سوغۇقراق بولىۋاتقان بىر ئاچچىق چۈچۈكخانىغا كىرىپ ئۆپكە ھېسىپ يېمەكچى بولدۇق،ھېسىپمۇ ياخشى،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدەك ئەگرى توقاي بولسىمۇ،ئەمما يەنىلابىر باشتىن قارىسا، ئەڭ ئاخىرىغىچە پەقەت  بىرلا.

نۇرگۈلنىڭ چىرايى يولدىن باشلاپلا مۇز بىلەن قاپلانغاندەكلا سوغۇق،ئويچان،ئەمما شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ھەرقانداق گۈزەلنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدىن گۈزەل ھەم چىرايلىق.ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇزۇنغىچە مەنلا سۆزلىدىم،ئۆپكە ھېسىپ توغرىلىقمۇ، مۇھەببىتىمىز توغرىلىقمۇ سۆزلىدىم ،ئەمما ئۇ قاپاقنى تۈرۈپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان،ئۇزۇندىن كېيىن ئو بىر جۈملە گەپ قىلىپلا يۈرەكلىرىمنى تىتما تىتما قىلىپ قويدى، ‹‹ توۋا بۇگەپنى دېگۈچە گاچا بوپ قالساڭچۇ!››ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كەلدى، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،ئۇ بۇ جۈملە سۆزنى ئۆزىنى مەجبۇرلاپ تۇرۇپ دېدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئاشق مەشۇقلار بايرىمى جوڭگۇغا ،شىنجاڭغا كەلگەندە خارەكتىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ،چۈنكى بۇ كۈندە نۇرغۇن ناچار قىلىقلىق ئوغۇل قىزلار بىر يەرگە كېلىۋىلىپ،جۈپ جۈپتىن بولۇشىدۇ، يۈزلىرى قىزىرىشىپ، كۆزلىرى خۇمارلىشىپ،قىز ئوغۇل دەپ ئولتۇرماي شاراپ ئارقىلىق بۇ بايرامنى تەبرىكلىشىدۇ، كەچ بولغاندا قاراڭغۇلۇق پەردىسىنىڭ ئارقىسغا يوشۇرۇنۇشقانچە مېھمانسارايلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا سوغۇق مۇناسىۋەتنى ئوڭشايمەن دەپ سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قالغىنىم ئۆزۈمچە بەك ئېغىر كەلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر قاۋاققا كىرىپ ئولتۇردۇم،بۇ يەردە تۇنۇشىدىغان بىر چوڭ خوتۇن بار ئىدى، كىرىپلا:ھە، مايسىخاچا ،بۈگۈن بايرام بولغاندىكىن ئېتىبارلار باردۇ؟دەپ سورىدىم.

-نەدىكىنى؟بايرام دەپ باھانى ئۆستۈرۋالمىغانغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇيەردە ئولتۇرۇپ ئايرىلىپ كەتمەيدىغان ھەمراھىمدىن بىر قانچىنى تىكلەپ قويۇپ ئىستىمال قىلىپتىمەن، بۇ يەردەقىزلارمۇ بار ئىدى.توۋا،مۇشۇ قىزلار بۇ يەردە ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ،چېكىدۇ،ئىچىدۇ،ھەتتا چىقىدۇ(نېمىنىڭ ئۈستىگە).بولدىلا مۇشۇنداق يالغۇز ئولتۇرغۇچە شەكىلگە بولسىمۇ بىر قىز چاقىرىپ قويايچۇ دەپ ئۇيلاپ مۇشۇ يەردىكى بىر ئېگىز ئورۇق بىر قىزنى چاقىرىپ قېشىمدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم، قىزلارئوغۇللارنى ئېگىز ئورۇق بولسا ئۇنى كېلىشكەن دېيىشىۋالىدىكەن، ئېغىزدا بولسا ئوغۇللارنىڭ سەتى يوق دېيىشىدىكەن ، قىزلارنىڭغۇ بىر گېپى يەنە بىر گېپىنىڭ كۆتىگە تېپىپلا تۇرىدۇ.

ئۇ قىز قىشىمدا ئولتۇرۇپ توختىماي قىسقا ئۇچۇر ،تېلىفۇنلارنى قۇبۇل قىلىپ قايتۇرۇپ ئۇلتۇردى،تېلىفۇندا پاراڭلاشقان مەزمۇنىغا قارىغاندىغۇ تازا بىر ئوغۇلسىراپ قالغان قىزكەن دەپ ئويلىدىم.بىر دەمدىن كېيىن ئۇ :تېزراق بولۇڭ،سىزگە ھەمراھ بوپ بولسام ئىشتىن چۈشىمەن،ئوغۇل دوستۇم مېنى ساقلاۋاتىدۇ دەيدۇ.

توۋا بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق قىزنىڭ ئاشقى بار ،ئەمما مېنىڭ مەشۇقۇم  نەق بۈگۈن مېنى تاشلاپ كەتتى.

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئازابى ئايرىلىشتا ئەمەس بەلكى ئەسلەش سېغىنىشتا دەپ نەدە بىر يەردە كۆرگەنىدىم،ئەمدى بۇ ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا مۇھەبىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئازابى نەدىكىن تاڭ…

سىرتقا چىقىپ ماڭدىم،بېشىمدا ئازاپ ۋە مەستچىلىكتىن ئارىلىشىپ كەتكەن چىگىش خىياللار، سىرتتا يامغۇر يېغىۋىتىپتۇ،باھار كەپتۇدە،دەپ ئويلىدىم مەن.

بىزنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ياخشى ،يامغۇر خېلى كۆپ ياغىدۇ،ياغقان يامغۇرى تولىمۇ ئىنچىكە،ئاسان كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ، خۇددى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىنىڭ بەدىنىنى كۆرۈش تولىمۇ تەس بولغىنىدەك.



ئېھتىمان بۇرۇن بۇنداق ئەمەسمىكىن،ھازىر قى دەۋردە ئۈرۈمچىنىڭ كېلىماتى خۇددى دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم قىزلارغا ئوخشاش ،كۈندۈزى چىرايلىق،كېچىسى نەمخۇش بوپ قېلىۋاتىدۇ.

تۇيۇقسىز تېلىفۇن كەلدى، قارىسام مەخمۇت ئىكەن،ئۇ مېنى بۇرۇنقى كونا جايدا ساقلاۋاتقىنىنى ئېيتتى،مەن كونا جاي ئورۇنلاشقان كوچىغا باردىم، بو كوچا قاۋاق بىلەن تولغان كوچا،قارىسام نۇرغۇن قاۋاقلار توشۇپ كېتىپتۇ،قاۋاقلاردىن چىقىۋاتقان ھەرخىل مۇزىكىلار ئارىلىشىپ بىرخىل ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاھاڭغا ئايلانغانىدى.ئەيسا ئېتوتىدىكى ‹‹ئاشخانىلاردا لىق ئادەم، كىتاپخانىدا بىرمۇ ئادەم يوق››دېگەن جۈملىسىدىكى ئاشخانىلاردا دېگەن سۆزىنى قاۋاقلاردا دېگەن سۆزگە ئايلاندۇرسا ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ.

كونا جايغا كەلدىم ،ئەلۋەتتە، بۇمۇ قاۋاق.قارىسام بۇ يەردىكى بەزىلەر ماڭا ئوخشاش ئەمدى كەپتۇ، بەزىلەر جىق ئىچىۋىلىپ قۇسۇۋىتىپتۇ،بەزىلەر جۈپتىن، بەزىلەر ماڭا ئوخشاش مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغىلىۋاتقانلار، يەنە بەزىلەر تېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلىۋاتقانلار.بۇ يەرنىڭ ياڭراتقۇسىدىن بولسا ناخشىچىمىز مۆمىنجاننىڭ پىلاستىكىسى ھەدەپ ۋاي باللاغا توۋلاۋېتىپتۇ،مەسچىلىكتە تۇيۇقسىز شۇنداق ئويلاپ قالدىم:ھەي مۆمىنجان، شۇنداق چىرايلىق ئاۋازىڭىز بۇنداق مەينەت يەردە چىقىۋاپتۇ.بۇ قاۋاققا قارىساققۇ خەنزۇچە ۋىۋىسكىلىق تۇرىدۇ،ئەمما سىزنىڭ ناخشىڭىزنى تاللىۋاپتۇ.لېكىن يەنىلا قاملاشمىغاندەك.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى كوچىلىرىمىز كۈندۈزى چايخانا بولسا كېچىسى قاۋاق،ئەمما چايخانا بولغاندا بولسۇن،ياكى قاۋاق بولغاندا بولسۇن،يەنىلا ئوخشاش قىزىيدۇ.بۇنىڭغا قاراپ بۇ يۇرتتىكىلەر بەك بىكار ئوخشايدۇ دېمەڭ،ئۇلار ئىشلەيدۇ،ئوقۇيدۇ،مۇھەببەتلىشدۇ.تۇرلۈك روجىستاۋا دەمدۇ،ئەرلەر بايرىمى دەمدۇ ،ئاياللار بايرىمى دەمدۇ،بويتاقلار بايرىمى ،جۈپتەكلەر بايرىمى،ئالدامچىلار بايرىمى دېگەندەك بايرام تاپالىساقلا ئۆتكۈزىدۇئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە‹‹ ساراڭلار بايرىمى››دەپ بايرام پەيدا بولسائۇلار بىزمۇ ساراڭ دەپ تۇرۇۋىلىپ ئۇ بايرامنىمۇ بوش قويمايدۇ.ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ،‹‹بىكارچىنىڭ ۋاقتى يوق››.

ماخمۇتمۇ كەپ بولغان ئىكەن.ئۇ كىرىشىمگىلا بايرام توغرىلىق كايىپ كەتتى، ئاياللارنىڭ بايراملىرى بەك جىقكەن،مۇشۇ ئاشق مەشۇقلار بايرىمىمۇ ئاساسەن ئاياللارنىڭلا بوپ قالدى دېگەندەك بىر نىمىلەرنى كايىپ ئولتۇردى،مەن بولسام ئازراق تەڭشىلىپ قالدىم بولغاي،ئۇ گەپلەرگە تازا دىققىتىمنى يىغالمىدىم.

بۇ ماخمۇت مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم،بىز تولۇق ئوتتۇرىدا ئاقىل،مەخمۇت،ۋە مەن تولىمۇ يېقىنلاردىن ئىدۇق، مەكتەپنى بىللە سوراپ يۈرەتتۇق.دەرسلەردە ئالدىنقى قاتاردا بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا بىز تەرەپتە تۇراتتى.ھازىر بولساق ئوقۇشلارنى پۈتتۈرۈپ ئۈچىلىمىز خېلى ياخشى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمز.

مەخمۇت بىلەن ئىچىۋىرىپتىمەن، قارىسام قاۋاق ئىچىدىكى قىزلار بىر بىرىدىن چىرايلىق كۆرۈنىۋاتىدۇ.ئارىدا بىرىنىڭ قاپقارا چاچلىرى لەپىلدەۋاتىدۇ،بۇ چاچلار كىمنىڭ؟ ئەجەپ تونۇش كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇيا….مېنىڭ چېچىمغۇ ئۆزۈمگە تۇنۇش،شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇ تونۇش كۆرۈنگىنى ھەرگىز مېنىڭ چېچېم ئەمەس....... ھە!!!!بۇ قىز دوستۇم نۇرگۈلنىڭ چېچى،مەن تەرەپكە ئازراق قايرىلىپ قويۇپ كۈلۈمسىرىگەن پېتى تۇردى،ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق جايلارغا كىرمەيتتى ،بۈگۈن نىمە بولغاندۇ؟مېنىڭ غۇچچىدە ئاچچىقىم كېلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىميۇ ئەمما تۇرالمىدىم، بېشىمنى بىر چايقىۋىتىپ ئاندىن تۇرسام چوقۇم تۇرالايمەن دېگەننى ئويلاپ بېشىمنى چايقىۋىدىم،ئۇنىڭ سىماسى غۇۋالاشتى،ئەمما ئۇنىڭ غۇۋالاشقان سىماسىمۇ بەكلا گۈزەل،مېنىڭ چۈشۈمنى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا قامال قىلىۋالغان،مېنى ئىشقى ئوتىدا كۆيدۈرۈپ كاۋاپ قىلغان نۇرگۈل نەق شۇ…نۇرغۇن ئوغۇل ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمگە ماقۇل كەلتۈرۈپ ئۆزۈمدە تولىمۇ چوڭ ئىشەنچ تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان نۇرگۈل نەق شۇ….شۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرىممۇ نەملىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ئالدىمدىكى سىما يوق بوپ كەتتى،لېكىن شۇنىسى كۆڭلۈمگە ئېنىق، مەستلىكتىن يېشىلسەملا بۇ سىما كۆز ئالدىمغىلا ئەمەس بەلكى مېڭەمگە،پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا يەنە پەيدا بولىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرىدا بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى پاراللېل بويىچە تولىمۇ ياخشى ئىدى ،ئۇ بولسا بىزنىڭ ئۆگىنىش باشلىقىمىز ئىدى.ئۇنىڭ ئوماقلىقى پۈتۈن مەكتەپتە نۇرغۇن ئوغۇللارنى كۆيدۈرىۋالغان ئىدى،مەن بولسام ئۇ ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆگىنىشى ۋە ئۇرۇشۇشىنى ھېسابقا ئالمىسى تولىمۇ ئادەتتىكىچە ئوغۇل ئىدىم.

بىز ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋاتىقاندا ناھايىتى پاك يۈرگەنىدۇق،ئوغۇللار ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيتتۇق،ئۇ باشقا ئوغۇللارنىڭ قىزلارنىڭ نەزىرىدە چوقۇنۇش ئوبىيكتى،مېنىڭ نەزىرىمدە بولسا مېنىڭ قار مەلىكەم ئىدى.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرەتتى،ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن غەم يەپ يۈرەتتى،بەزىلەر ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە كۆز تېگىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەيتتى،شۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ھەممىمىز نېمىدىگەن سەبىي ،نېمىدىگەن ساپ.ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ،پۇل ۋە باشقا قىزلارنى ئالداش بىلەن ئاۋارە يۈرىدىغاندۇ….شۇنداق ھازىر چوڭ بولدۇق، چوڭ بولۇپ بەزىلىرىمىزپۇلنى دەپ غۇرۇر سېتىۋاتىمىز،خۇددى بەيدۇدىكى ياسىن جېكسون ۋە زەكىيە جالاپ دېگەن سۈرەتلىك فىلىمدىكىدەك،يالغان سۆزلەردىن باشقا ھچنىمىگە ئىشەنمەيمىز،راست ھەق سۆزلەپ قويغانلار بىزلەرگە دۈشمەندەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ،پۇلدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچەلەيمىز.ئۆزىمىزچە ھەممىگە قادىردەك باشقىلارنى سۆكۈپ كېتىمىز،ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ھالىمۇ چاغلىق.

ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدىن كېيىن ساۋاقداشلار يېغىلىشى ئۆتكۈزدۇق،مەن شۇ باھانىدا نۇرگۈلنى كۆرۈۋالارمەن دېگەن ئۈمىدتە شۇ يەرگە باردىم،ئەلۋەتتە ،مۇشۇ كۈنلەردىغۇ يېغىلىشلار بەك مودا بولىۋاتىدۇ،‹‹ئالىي مەكتەپ ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹تولۇق ئوتتۇرا ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹تولۇقسىز ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹باشلانغۇچ ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹پارتىيە مەكتىپى ساۋاقداشلار يېغىلىشى›› ،‹‹ياغاچچىلار كۇرسىدىكى ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،بىر كۈنى بەش ياشلىق ئىنىممۇ بېرىپ ‹‹يەسلى ساۋاقداشلار يېغىلىشى››غا قاتنىشىپ كەلدىم دەۋاتىدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز مۇشۇنداق ئۆز ئارا ‹‹يېقىن›› ئۆتىشىدىغان مىللەت بوپ قېلىۋاتامدۇقكىن تاڭ...

ئەمما ئۇ كۈنى نۇرگۈل ئۇ يەرگە پەيدا بولمىدى.تولىمۇ ئۈمىدسىز قايتىپ كەلدىم.ۋە ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇردۇم،يەنە بىر تۈركۈم سوغۇق گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن كارۋىتىمغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتىم.چۈشۈمدە كۆز ئالدىمدا بىر قاتار  ‹‹مۇ ھەببەت››دېگەن خەت پەيدا بولۇپ ئۇچۇشۇپ يۈرگۈدەك،شۇنداق ئېنىق،شۇنداق ئوچۇق.

ھەر قېتىم ئىچىۋىلىپ ئۇخلىغان ۋاقتىمدا.ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئاخشىمى قانداق ‹‹ياخشى››ئىشلارنى قىلدىمكىن دەپ ئەسلەپ باقىمەن . ئەتىگىنى ئادەت بويىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېچىدە كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلىدىم.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ‹‹مۇھەببەت›› ناھايىتى غۇۋا ئىدى،كىملەرنىڭمۇھەببەتلىشىۋاتقىنىنى كۆرۈپ بىلگىلى بولمايتتى، نەدىمۇھازىرقىدەك ئاددىي ۋە ئوچۇق بولسۇن،كوچىلاردا قارىسا قوللىرىنى تۇتۇشىۋالغانلارنىغۇ كۆرىمىز،بەزى ئادەم ئازراق چوڭ كوچىلاردا سۆيۈشىۋاتقان ‹‹گۈزەل››لىرىمىزنى، يەنە بەزى مېھمانسارايلاردىن چىقىپ كېلىۋاتقان ،يۈزلىرى قىزىشقان، چاچلىرى چۇۋۇلغان‹‹ئاي››لىرىمىزنىمۇ كۆرىمىز،پەن تېخنىكا دەۋرى ئەمەسمۇ،ھەممە ئىشلار شۇنداق ئېنىق ،شۇنداق ئاددىي، شۇنداق چۈشىنىشلىك.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

يەنە ھەپتە ئاخىرى كەلدى،يېرىم يىلچە داۋاملاشقان تەنھالىق تۇرمۇشىدا مەن بەزى ساپ خۇشاللىقلاردىن ھوزۇرلۇنىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم:ئەتىگەندە ئۆيگە گېزىت ئەكىلىپ كۆرۈپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىۋالساممۇ تولىمۇ خۇشال بولىمەن.بۈگۈنكى گېزىتتە ‹‹تۇرمۇشتىكى قايتا بىر تەرەپ قىلىش››تېمىدىكى بىر ئەسەرنى كۆردۈم، تېمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۇرمۇشتا تاشلىنىپ كەتكەنلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى، تاشلىۋەتكەنلەرگە ھەرگىز ئىككىنچى قېتىم قارىماسلىقنى، ئۆزىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ،تۇرمۇشىنى يىېڭىدىن باشلاش دېگەندەك بىر نېمىلەركەن،ئەسەر ئاخىرىدا يەنە تۇرمۇش سىزنى ئالدىسا ھەرگىز ئازابلانماڭ دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ، بۇمۇ ماڭا بىر خىل كۈلكە ۋە خۇشاللىق،كېرەكسىز تاشلىنىپ قالغان كېرەكسىز بويۇملارنى قايتا بىر تەرەپ قىلىش دەپقۇ ئاڭلىغان،ئەمدى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارمۇ كېرەكسىزلەر قاتارىغا كىرىپ قالدۇق، بىزگە قايتا بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇپ بەرمىسمۇ گېزىتتە بولسىمۇ ماقالە ئېلان قىلىنىپتۇ،مۇشۇ ئەسەرنى يازغان يانار دەمدۇ،ئۆچەر دەمدۇ،لەيلىگىن دەمدۇ چۆككىن دەمدۇ،شۇ ئادەممۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقسا ئاندىن ھەقىقىي ياخشى كۆرسە قانچىلىك تەستە‹‹يېڭىدىن باشلاش›› بولىدىغىنىنى بىلەتتى،مەنغۇ كاللامدىن كەتكەن ئادەم،ئەسەر مەزمۇنىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن،شۇنداقتىمۇ بۇ ئەسەرگە شۇنداقلا كۈلۈپ قويدۇم.

تۇيۇقسىزلا نۇرگۈلنى سېغىنىپ قالدىم،ئۇنى كۆرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى.شۇنچە سېغىنساممۇ پەقەت مەنلا سېغىنىمەن،ئۇ سېغىنمايدۇ،بۇمۇ تەنھالىقىمنىڭ پايدىسى،نىمىلا دېگەن بىلەن ئىككىلىمىز سېغىنىپ ئىككىلىمىز ئازاپ تارتقۇچە مەنلا ئازاپ تارتىپ ئۇ خۇشال يۈرگىنى ياخشى،تەنھالىقتا يەنە ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش يوق، مەخمۇتمۇ ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقتىمدا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان شۇ جۈملە بىلەن ماڭا تەسەللىي بەرگەنىدى:‹‹كېيىن ئايرىلىپ كەتكەندىن بۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن ياخشى››.مۇشۇ گەپ قىزىقتە،كىممۇ ئايرىلىشنى خالايدۇ؟بۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن ياخشىمىش تېخى.

ئىشخانامغا كېلىپ ئۈستىلىم قېشىدىكى دەرىزىدىن تۆۋەنگە قارىدىم.بىز گۈزەللەر كوچىسى دەپ ئاتىۋالغان بۇ كوچىمىز بولسا داڭلىق كىيىملەر سودا دوكانلىرى توپلاشقان كوچا،بۇ كوچىدا نۇغۇن گۈزەللەر ئايلىنىشىپ يۈرىدۇ.

‹‹گۈزەل››دېگىنىمىز بىزنىڭ بۇ يەردە ئېغىزىمىزدىن ئاسانلا چىقىدىغان سۆز،ھازىرغۇ قارشى تەرەپكە باشقىچە نىيىتىمىز بوپقالسىلا ئۇ ‹‹گۈزەل››دېيىلىۋىرىدۇ،ئەلۋەتتە،باشقىچە نىيەتنىمۇ ھەممە قىزلار قوزغاۋەرمەيدۇ.بىزنىڭ يەنە بىرمۇنچە قاتلاملارغا بۆلىۋالغان ناملىرىمىزمۇ بار،‹‹گۈزەللەر››دىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلەرنى‹‹ئايكەن››دەيمىز،يەنە بىر قىسىم ئۆزىنى راستلا توختىتىۋالغان ،ئادەمنى مەھلىيا قىلسىمۇ يەنە تەبىئىيلا ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان قىزلارنى ‹‹ئۇز››دەيمىز،بەزى مېھمانخانىلاردا ئىشلەيدىغان گۈزەللەرنى ‹‹ياتاقتىكى گۈزەل››دەيمىز، بەزى توردا شوخلۇق قىلىپ ھەرخىل ئوغۇللارنىڭ رەسىمىنى ئۆزىنىڭ بوشلۇقىغا قاچىلىۋىلىپ چۈشىدە داڭلىق ئارتىس ناخشىچىلارنى چۈشەپ يۈرىدىغانلارنى‹‹خىيال گۈ زىلى››دەيمىز،بەزى گىرىمنى ئىككى كېلىوگىرامدىن ئاشۇرۇپ قىلىدىغانلارنى‹‹مايمۇن گۈزىلى››دەيمىز،ئەلۋەتتە ئاۋۇ كرورەن دىسكوخانىسىدا يېرىم يالىڭاچ ۋە كىيىم سېلىش ئۇسۇلىنى ئوينايدىغانلارنى‹‹كرورەن گۈزىلى››دېمەيمىز ،بەلكى ‹‹* * گۈزىلى››دەيمىز.

مۇشۇ كۈنلىرىمىزدە گۈزەللەر مۇشۇنداق ،مانا بۇنى ئورۇن ئالمىشىپ كېتىش ھادىسىسى دەيمىز، چۈنكى بۇرۇنقى گۈزەللەر ھەقىقىي گۈزەلكەنتۇق، ئەمما بۇ كۈندىكى سەتلەر ئىمپىرىيسى گىرىم قىلىۋالغان چىراي،ۋە قىچىشىۋاتقان بەدىنى ئارقىلىقلا گۈزەل بوپ قېلىۋاتىدۇ،ئۇنى دېمىسىمىغۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە بۇنداق تەتۈر ئورۇنلار بەك جىق،مەسىلەن ئارتىسلار ئۆز نامىدا شىركەت قۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ،تىجارەتچىلەر بولسا،ئەل قاتارى،كېنو ئىشلەۋاتىدۇ،يەنە بەزى ياشلىرىمىز ياش تۇرۇپ ئىچكى ئەزالاردىن قېرىلىشىپ،بەزى ياشانغانلىرىمىز ‹‹ساتراچخانا››ئالدىدىن كېتەلمەي ياشلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. تېنىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغان قىزلار ناھايىتى مۇلايىم كىيىنىۋىلىپ،ھەتتا بەزىلىرى باشلانغۇچنىڭ كىتاب سالىدىغان سومكىلىرىنى ئېسىۋالىدۇ،ئوچۇقراق كىيىنىۋالغانلار بولسا كۆپ قىسىم ئەھۋالدا ئىشتان بېغىغا ناھايىتى چىڭ.

مەن شىركەتتە ئولتۇرغۇنۇم بىلەن،ئىشلىگىلى ئەمەس مەخمۇتقا ساقلاپ ئولتۇرىۋاتاتتىم.مەخمۇتنىڭ ئىش ئورنى مېنىڭ شىركىتىم بىلەن يىراق ئەمەس ئىدى،پەقەت ئون مىنۇت ماڭسىلا مېنىڭ شىركىتىم‹‹تارازا تېشى قانۇنچىلىق ئادۋوكاتلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى››گە كەلگىلى بولاتتى.ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولدى،ئەمما مەخمۇت تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.

بۇرۇنقى ۋاقىتلار بۇلسا بۇنداق ۋاقىتتا نۇرگۈل ئىشخانامغا كېلىپ بولاتتى،كېلىپ مېنى ساقلاپ بىللە قايتاتتۇق، راست گەپنى قىلغاندا مەن ئۇنىڭدىن بەك رازى،بەزىلىرىمىز بار تەن تېگىشمىسە رازى بولمايدىغان،يەنە بەزىلىرىمىز بارقول تېگىشمىسىمۇ رازى بولالايدىغان،مەن ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىسام،مەن ئېھتىمال ئوتتۇرىدىغا تەۋە بولغۇدەكمەن.

مەخمۇت مېنى كۆپ ساقلاتقاندىن كېيىن ماڭا تېلىفۇن ئۇرۇپ كېلەلمەيدىغان بوپ قالغىنىنى ،بىر قانچە گۈزەل بىلەن ئويناپ كېلىدىغىنىنى ئېيتىپ تېلىفۇنىنى قويىۋەتتى،مەنمۇ ئوينىسام بولماسمۇ؟مېنىڭ يۈز كېلەلمەيمەن دەيدىغانغا قىز دوستۇممۇ بولمىسا ،نى-نى كىشىلەر خوتۇنى بالىلىرى تۇرۇپ ئويناپ يۈرىيدىكەن بولمىسا، مېنىڭمۇ بىرەر كېسىلىم يوق،پەقەت شۇ نۇرگۈلنى دېمىسەم....خىيالىم مۇشۇ يەرگە كىلگەندە چىپپىدە توختاپ قالدى،توغرا شۇ نۇرگۈلنى دېمىسەم باراتتىم، شۇڭلاشقا بارمىغىنىم تۈزۈك...خىيالىم بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ ئۆيۈمگە قايتتىم.

مەن خېلىدىن بۇيان ئۆزۈمنى يېگىتلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاز ساندىكى بىر ئوغۇل دەپ ئويلاپ يۈرگەنتىم ،ئەمما بىركۈنى ئۇيقۇم كەلمەي رادىئونى ئېچىپ قويغاندا تۇيۇقسىز رادىئودا بېرىلىۋاتقان ‹‹ۋاقت ئۇزارتىش كاپسۇلى››دېگەندەك بىر نېمە توغرىلىق بېرىلىۋاتقان ‹‹قىزىق لىنىيىلىك سۆھبەت پىروگراممىسنىڭ ئوتتۇرىدا مۇنداق بىر دېئالوگنى ئاڭلاپ قالدىم.

-ۋەي،ۋەي دوختۇر ئەپەندىمما؟

-ھەئە ،ياخشىمۇسىز ،قېنى سۆزلەڭ.

-مەن بۈگۈن توي قىلغان ئىدىم،ۋەي ۋەي.

-قېنى سۆزلەۋىرىڭ ،ئاۋازىڭىز چىقىۋاتىدۇ.

-ھە شۇ،مەن بۈگۈن توي قىلغان ئىدىم،مەن ھازىرغىچە يېگىت ئىدىم،يېگىتلىكنى قانداق ئىسپاتلاش كېرەك؟

- سىزدە ئېھتىلام  بولغانمۇ؟

-بولغان.

ئەمسە سىز يېگىت ئەمەسكەنسىز،ئۇنى ئىسپاتلايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.ئەمسى سالامەت بولۇڭ، خەيرى خوش.

بۇ دېئالوگنى ئاڭلاپ ئۆزۈمگە بولغان كۆز قارىشىم ئۆزگەرگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنى ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇتىۋاتىمەن،چۈنكى بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى قىز ئوغۇللىرىنىڭ پاكىزلىقىدىن جوڭگۇ بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئەيدىز تارقىلىش رايونى، كىممۇ ئۆلۈمدىن قورقماي ئىشتان سالسۇن؟

مۇشۇنىڭدىن قورقۇپمىكىن، بەزىلەر ‹‹قىز››غا تولىمۇ ئامراق ،بەزىلەر بولسا يېگىتكە.بەزىلەر قىزلارنى ئالداپ ئايال قىلسا، بەزى قىزلار پۇل ئۈچۈنلا ئايال بولىدۇ،ھېلىقى مايسىخان مېنى بىر قانچە قېرىنداش مىللەتنىڭ ‹‹ساتراچخانا››سىغا تۇنۇشتۇرغان ،ھەمدە ‹‹يېگىتلىكىڭنى سات›› دېگەندە مەن خالىمىغان ئىدىم،ئۇ يەنە بەزىدە ،مۇشۇ يېقىندا كەلگەن بىر قانچە قىز بار ئىدى، سېتىۋالامسەن؟ دەپمۇ تېلىفۇن ئۇراتتى،ئادەتتە ئۇلارنىڭ باھاسى بىر دانە ياخشىراق تېلىفۇننىڭ باھاسى بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەنتۇق. مەن تېلىفۇندىلا ئۇنىڭغا ‹‹كېيىنچە ››دەپلا گەپنى ئۈزەتتىم، چۈنكى مەنمۇ بىر ئەركەك،ئۇ يەرگە بېرىپ قالسام ئۇنداق تېلىفۇنلارنى بىر قانچەقېتىم ئۇزۇن يوللۇق ئۇرۇپ سېلىشىم مۇمكىنلىقى ئېنىقتە.....

ھەي،نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كېتىۋاتىمەن؟يەنىلا شاراب ياخشى،بۇ قېتىم ئۆيدىلا ئىچەيچۇ...شۇلارنى خىيال قىلىپ سىرتقا چىقىپ راۋاپ ماركىلىقىدىن ۋە بىر قانچە خىل يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كىرىپ ئۆيدىكى چوڭ ئاۋاز ياڭراتقۇغا ناخشا قويغۇچنى چېتىپ قويۇپ ئىچىشنى باشلىدىم،ئىچىپ تازا قۇلاق قىزىغاندا ناخشىغا ئەگىشىپ مەنمۇ ناخشا توۋلىدىم.

خەيرى سۆيگۈنۈم،خەيېرى سۆيگۈنۈم،

سۆيگۈمىز ئەمدى تۆكۈلگەن ياپراق.

مىسران مۇزىك،ساختا سۆيگۈڭ،ئازدۇرۇپ مېنى..››

ئەجەپ كەيپىم ئۇچتى دېسە،ناخشا تۈگىگەندە تېخى ئابابەكرى مىسۋاش مۇزىك دەمدۇ بىر نىمىلەرنى دەيدۇ،مەستچىلىكتە تازا ئېنىق ئاڭلىيالماپتىمەن،بۇ باشقا مىللەت تورىدىكى بەزى چۈپرەندە تور بەتلەر ئۆزىنىڭ دېسكولىرىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغان بىر نىمىنى بىزنىڭ مىللەت نىمانداق مىللەتنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ سەنسىز مۇزىك،ئاكار مۇزىك،تۇركۇن مۇزىك،كۇيلەر سى ئىن،دابىليۇ دابىليۇ دابىلىيۇ پالانى داۋۇتكام،مىسكىن مۇزىك ،سوۋدا مۇزىك ،جەخەت مۇزىك  دېگەندەك بىر نىمىلەرنى كىرگۈزۈپ قويىدىغاندۇ؟ ناخشا مۇزىكىسى ئۇلارغا يارىماي ئارىغا مۇزىكا  قوشىۋالغانمىكىن دېسە گەپ قىلىدىكەن، ناخشا تېكىستى قوشۇپ قويدىمىكەن دېسە تېخى جۆيلۈگەندەكلا بىر نىمىلەرنى دەپ قويىدىكەن، نىمە ئەمدى بۇ سەن مۇزىك مەن مۇزىك دېگەن،توۋا مۇشۇنداق تور بەتلەردىن ناخشا چۈشۈرگەن ئادەمغۇ ھامان مەندەك مەستچىلىك ئىچىدە ساراڭ بوپ قالىدۇ.تەشۋىقاتمىش تېخى،ناخشىلىرىغا ئۇنداق تامغا قوشمايمۇ ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىنىڭ يېڭىلىقى،ناخشا ئاۋاز سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن داڭلىق بولۇۋاتقان ناخشا تور بەتلىرى جىققۇ.

شۇ ئاچچىقىمدا ناخشىنى ئۆچۈرۈپ ،يالغۇزلۇقتىن تازا ھوزۇرلىنىۋاتقان  تەنھا سورۇنۇمنىمۇ تۈگىتىپ ئۇخلاپ قالدىم،ئۆلگۈر‹‹ مۇزىك›› لار،خۇشال كەيپىياتنى پوق قىلدىدە....

ئەتىسى سائەت ئونبىرگىچە ئۇخلاپ ئاخشامقى ئىشلارنى ئويلىدىم،بىر ئوبدان خۇشاللىقتىن ھوزۇرلىنىۋاتسام شۇ بىر ئىككى سىكونتلۇق سۆزنىڭ كەيپىمنى يوق قىلغىنىغا ئاچچىقىم كەلدى، ئېھتىمال بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك،شۇڭا خۇشال بولالمايۋاتقان بولىشىم مۇمكىن.

نۇرگۈل بىلەن ئايرىلىپ كېتىشىمىزمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئوخشىمامدۇ،خەقلەرغۇ ئايال قىلىۋىتىش مەقسىتىگە يېتىپ بولۇپلا ئايرىلىپ كېتىدۇ ،ئەمما بىز ئۇنداق يامان ئىشلارنى قىلمىساقمۇ بىزنى يەنە ئايرىۋەتتى،يا بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى كۆرۈشۈشۈم ئەسلىدىمۇ خاتامىدۇ؟شۇڭا تەقدىر ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن بىزنى ئايرىۋەتكەنمىدۇ؟

مۇھەببەت تولىمۇ مۇرەككەپ بىر نەرسە، دۇنيادا راستىنلا مۇھەببەت مەۋجۇتمىدۇ؟

بەزى دىنسىزلار:دىن ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس،ئىشەنگەنلەر كۆپەيگەنسىرى پەيدا بوپ قالغان دىيىشىدىكەن،دۆلىتىمىزدە بولسا:يول ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس،كىشىلەر كۆپ مېڭىپ ئاندىن پەيدا بولغان،شۇڭا تىرىشىپ يېڭى يول ئېچىش كېرەك دەيدىكەن،ئۇنداقتا مۇھەببەتچۇ؟ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس،مۇھەببەتلىشىدىغان كىشىلەر ۋە كېنولار كۆپىيىپ ئاندىن پەيدا بولغانمىدۇ؟

كەچ بولاي دېگەندە ئاقىل تېلىفۇن قىلدى.

-ئاداش ،**داشۆگە بېرىپ كەلمەيلىمۇ؟

-نىمىشقىلىمز ئۇيەردە؟

-نىمىشقىلاتتۇق؟پاختەك سوقىمىز ئاداش.ھەر يىلى 9-ئايدا يېڭى پاختەكلەر كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئاڭلىسام بۈگۈن كەچتە ئۇ مەكتەپتە تانسا بار ئىكەن.

-بوپتۇ ئەمسە بېرىپ قاراپ باقايلى.

ماشىنىغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نىشانغا يېتىپ كەلدۇق،ئەمما يېتىپ كەلگەن بىلەن بۇ يەردە ماشىنىنى قويىدىغان يەر يوق ئىدى،يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئاللىقاچان ھەرخىل داڭلىق ماشىنىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى، دېمىسىمىغۇ ھەر ھەپتە ئاخىرى بۇ يەردە تۇرۇپ قىز بالا ساقلايدىغان‹‹ ئېشەك بايۋەچچە››لەر ئاز ئەمەس،ئۆزىنىڭ قىزىدەك ياشتىكى قىزلارنى يېتىلەپ يۈرۈپ بىر قانچە قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىش بەدىلىگە ئۇ قىزنىڭ بىر كېچىلىك بەدىنىگە ئېرىشىدۇ بەزى خەقلەر.بۇگۈنكىدەك يېڭى مەۋسۇم باشلىنىپ تۇنجى تانسا زىياپىتىدە كىممۇ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىشنى ئويلىسۇن؟

ئەمما كىرىپلا مەغلۈلۇبىيەت تۇيغۇسى بىلەن قايتىپ چىقتۇق،چۈنكى بۇ قېتىمقى تانسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن ،كۆپ قىسىم ئىشلارنى ئوقۇتقۇچىلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن،بولدىلا، پاختەكنىمۇ سوقۇپ بولغان ئوخشايمىز دېيىشىپ قانداق خۇشال خام خىياللاردا كەلگەن بولساق شۇنداق ‹‹ سوغۇق غەلبە››بىلەن قايتتۇق.

مەن تېخى ئۇ قىزلارنىڭ ئىچىدىن جەنۇبتىن كەلگەن چىرايلىق ،ئەخلاقلىق قىزلاردىن تېپىپ مۇھەببەتلىشىۋالارمەن دېگەن ئۈمىدنىمۇ قىلغانتىم،كۆپرەك مۇھەببەتلىشىپ باقسام شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالالىسام كۈنلىرىم بۇنداق مەنىسىز ئۆتىۋەرمەس ئىدى دەپ ئويلىغانىدىم.

ئۆيگە قايتىپلا ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم،مەندە مۇھەببەتلەشكۈدەك ئىقتىدار بارمۇ؟ بار بولسا نۇرگۈل ئۇ نىمىشقا مەندىن ئايرىلىپ كېتىدۇ؟سافادا ئولتۇرۇپ تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ شورىغىنىمچە خىيال كەپتەرلىرىم يەنە نۇرگۈلنى ئىزدەپ ئۇچۇپ كەتتى.

ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ نۇرگۈلنى كەلتۈرەلىشىمدە دوستلىرىم،بولۇپمۇ ئاقىلنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ۋە مېنىڭ تۇتۇق سىڭلىم مىېھرىبان تولىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانىدى،مەن نۇرگۈل بىلەن يۈرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە باشقىلار‹‹چىرايلىق گۈل سەت تېزەككە چوقۇلۇپ قاپتۇ››دېيىشەتتى.ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشتىن بۇرۇن مەن،ئاقىل ،مەخمۇت،مېھرىبان ،ۋە نۇرگۈل دائىملا بىللە يۈرەتتۇق،بەشىلىمىزلا ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئىدۇق،ئۇندىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىغۇدەك دەرىجىدە يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق،بىزلەرمۇ مۇشۇنداق دوستلۇقنى تولىمۇ قەدىرلەيتتۇق،شۇنداق يېقىن ئۆتۈشۈپ يۈرۈپ مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزلىقى پەقەت چىراي ۋە بەدەن شەكلىدىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقى،ئوماق ئاۋازى، ئوماق قىلىقلىرىدا ئىدى.مەن ئۇنىڭغا يۈرۈش تەلىپىنى قويغاندا ئۇ ماڭا:قاچان ئۆگىنىش نەتىجەڭ مېنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشسە شۇ ۋاقىتتا ساڭا ماقۇل بولىمەن دېگەنىدى،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرى سەبىي ۋاقىتلار دا مەن ئۇنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېچىلەپ ئۆگىنىش قىلىپ كېتەتتىم،كېيىن ئويلاپ قالدىم،ھازىرقى خىزمەت ئورنۇم،ۋە ئوقۇغان ئالىي مەكتىپىمنىڭ ياخشى بولۇشى شۇ ۋاقىتتىكى‹‹ نۇرگۈلنى ماقۇل كەلتۈرۈش ھەركىتى››نىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىشى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە يالغۇز ئىككىمىز ياندىشىپ ماڭغاندا مېنىڭ يۈزلىرىم قىزىشىپ دەيدىغان گەپ تاپالماي ئالدىمىزدا بىزنى يالغۇز قۇيۇپ ئارىلىق تاشلاپ مېڭىېۋاتقان ئۈچ دوستۇمنى چاقىرغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.

مەن گەرچە باشلانغۇچ ۋاقتىمدا مۇزىكا ئوقۇتقۇچۇمنى، تولۇقسىز ۋاقتىمدا پارتىدىشىمنى‹‹ ياخشى كۆرۈپ باققان›› بولساممۇ،لېكىن مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇھەببىتتىم شۇ نۇرگۈلدىن باشلانغانىدى.ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشتىن بۇرۇن مەن مۇھەببەتكە تولىمۇ مەغلۇبىيەت ۋە مۇھەببەتكە ئىشەنمەيدىغانلا تۇيغۇدا ئىدىم.چۈنكى تولۇقسىز ۋاقتىمدىلا قوشنىمىزنىڭ ئوغلى مەمەتجان ئاكاش ماڭا مۇنداق بىر سەرگۈزەشتىسىنى دەپ بەرگەنىدى:ئۇمۇ داشۆنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان بولۇپ،ئۆزى لەنجۇدا ئوقۇۋىتىپ سىچۈەندە ئۇقۇيدىغان بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ،ئۇقىز مەمەتجان ئاكاشقا قۇربان ھېيت كۈنى ئۇنىڭ مەكتىپىگە كېلىدىغانغا ۋەدە  بېرىپتۇ، مەمەتجان ئاكاشنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەسكەنتۇق،شۇنىڭ بىلەن مەمەتجان ئاكاش ھەركۈنلۈك كەچلىك تاماقنى يېمەي شۇ قىزنىڭ كېلىشى ئۈچۈن پۇل توپلاپتۇ،تاكى ئىككى ئايغىچە كەچلىك تاماق يېمەي ئۆتۈپتۇ،ھېيت كەلگەن كۈنى توپلىغان پۇلىغا بىر ئۈستەل تاماق سەيلەرنى زاكاز قىلىپ قويۇپ ئۇنى ساقلاپتۇ،لېكىن ئۇقىزئۇ كۈنى كەلمەپتۇ،ۋە مەمەتجان ئاكىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ مەمەتجان ئاكاشنىڭ ئۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىپ سەبىيلىك قىلماسلىقى كېرەكلىكى،مەمەتجان ئاكىنىڭ ئۇقىزغا ماس كېلىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،ئاندىن شۇ كۈندىن باشلاپلا مەمەتجان ئاكاشنى تونىمايدىغاندەك بولىۋاپتۇ.ئىككى ئايلىق كەچلىك تاماقنىڭ نەتىجىسىنى ئۇقىز بىر كۈن ئىچىدىلا چىقىرىپ قويۇپتۇ ،كېيىن مەمەتجان ئاكاش ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،زاۋۇت قۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قىزنى ئىزدەپتۇ،ئۇقىز بۇ ۋاقىتتا مەمەتجان ئاكىغا ۋاي دېيىشكە باشلاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن مەمەتجان ئاكاش ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىلغىنىنى ئەسلەپ بىر كۈنى ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ كېلىپ ئۇ قىزنىڭ قىزلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قويۇپ ئەتىسىدىن باشلاپ  سىز ماڭا ماس كېلىپ بولالمايسىز دەپ قويۇپ  ئۇ قىزنى تونۇمايدىغان بولۇۋاپتۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا قىزلار ئوغۇللارنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى مۇئەللىمى.

بىر قېتىم بىر دوستۇممۇئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا بىر قىزغا يۈرۈش تەلىپىنى قويغاندا ئۇ قىز‹‹سىز كېيىن نىمە خىزمەت قىلىسز؟››دەپ سوراپتۇ،دوستۇم ‹‹بىلمەيمەن››دېگەندە ئۇقىز شۇ يەردىلا دوستۇمنى رەت قىلىۋىتىپتۇ،ھەمدە‹‹مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم مۇنداق مۇنداق يۇقىرى خىزمەت ئورنىدا ئىشلىشى كېرەك،مۇنداق مۇنداق ھوقۇقى بولىشى كېرەك،سىز كېيىن نىمە خىزمەت قىلىدىنىڭىزنى بىلمىسىڭىز قىز دوست تاپىمەن دەپ ئويلىماڭ ››دەپتۇ.ھازىرقى زاماندا قايسى ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كېيىن نېمە خىزمەت قىلىدىغىنىنى بىلەلىسۇن؟ مەسىلەن:فىزىكا كەسپىىنى ئوقۇپ پۈتتۈردى دەيلى،ھازىر ھۆكىمىتىمىز ھەرگىزمۇ ئۇنى بىرەر مەكتەپكە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ياكى بىرەر ئاتوم بومبىسى زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمايدۇ،ئەگەرئۆزى خىزمەت تاپالمىسا ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن كەسپىگە ماس كېلىدىغانراق كەسىپتىن شۇ ۋەلىسپىت رېمونتچىلىقى،ياكى توكچىلىق دېگەندەك ئىشلار بار ،ئۇقىز بولسا مۇھەببىتىنى ھوقۇققا ساتىدىغان ساتارمەنلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى.لېكىن نۇرگۈل ئۇنداق ئەمەستى،مەن ئائىلە ئەھۋالىم ناچار بولسىمۇ،مېنىڭ دادام يوق بولسىمۇ ،شارائىتى شۇنداق ياخشىلار ئۇنىڭ كەينىدىن چىقماي يۈرسىمۇ ئۇ يەنىلا تەۋرەپ قالماستىن مېنى تاللىغانىدى.ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتىغۇ خېلى خېلى مەن مەن دەيدىغانلاردىن ئېشىپ چۈشەتتى.شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بۇ تەرەپتىكى ئەھۋالىمنى بىرەر قېتىم ئېغىزىغا ئالماستىن،باشقا قىزلار ئالتۇن سوۋغىغا ئېرىشكەندە ئۇ تۆمۈرگىمۇئېرىشەلمىگەن ۋاقىتلىرىدىمۇ قىلچىلىك ۋايسىمىدى،تاكى مەن شىركەت قۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ بولغان ۋاقتىمغىچە ماڭاۋاپادارلىق ۋە مەسئۇلىياتچانلقى بىلەن  يەتتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەمراھ بولدى،مانا ئەمدى تەرەققىي قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ مۇھەببەتنىڭ ياخشى كۈنلىرىنى كۆرسىتەي دېگەندە ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتتى....بەزى ۋاقىتتا ئويلاپ قالىمەن،ئۇ ئادەم ئەمەس،ئۇ بىر پەرىشتە....

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

مېنىڭچە بىزلەرنىڭ تۇغۇلغان دەۋرىمىز ھەقىقەتەن ئالاھىدە دەۋر،بۇ دەۋر باشقا ئىشلاردا ئەمەس بەلكى كۆپ ئالمىشىش،كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە.

بىز نامرات دەۋر ۋە باي دەۋرنىڭ چىگرىسىدىن ياشاپ ئۆتتۇق،ئەركىنلىك دەۋرى ۋە بۇغۇلۇش دەۋرىنىڭ چىگرىسىدا ياشاپ ئۆتتۇق.ساپ دەۋر ۋە بۇلغانغان دەۋرنىڭ چىگرىسىدىن ئۆتتۇق.ۋىجدان بىلەن ياشاش دەۋرى ۋە پۇل ئۈچۈن ياشاش دەۋرىنىڭ چىگرىسىدىن ئۆتتۇق،ئەخلاق ئادەملىرى دەۋرى ۋە ئەخلەت ئادەملەر دەۋرىنىمۇ بېسىپ ئۆتتۇق،ئەلۋەتتە،ئىككى ئەسىرنىڭ چىگرىسىنىمۇ بېسىپ ئۆتتۇق.

بىزلەر ‹‹ئويغانغان زېمىن››،‹‹لېيىغان بۇلاق››دېگەندەك كىتابلارنى ئوقۇيتتۇق،كېيىن دەۋرىمىزگە ماس بولغان ‹‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى››،‹‹زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز››،‹‹مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەيدىز››دېگەندەك ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇدۇق،شۇنداق ،ھەممىسى ناھايىتى بەلەن ئەسەرلەر،لېكىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دەۋرئاسمان زېمىن ئوخشىمايدۇ،بۇرۇن ‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››،‹‹قىزىل قىيا››،‹‹تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن››لارنى كۆرەتتۇق،ھازىر‹‹يەنە بىر كۆرسەم››،‹‹رومانتىك داچا››دېگەندەك بىر نىمىلەرنى،ھەتتا ئامرىكىنىڭ ،كورىيەنىڭ ،ياپونىيەنىڭ، تاپالىساق ئۆز مىللىتىمىزنىڭ سېرىق فىلىملىرىنى كۆرىمىز،شۇنداق،ھەممىسى تەربىۋىي ئەھمىيىتى بار كېنولار.ئوخشىمايدىغىنى بولسا تەربىيە قىلىش مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ،بىز تېلىۋۇزۇرغا چېتىپ ئوينايدىغان ‹‹رامبو(خوڭدۇلۇ مۇ دەپ قۇياتتۇق) ،موگو››قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىغاننىمۇ كۆرگەن،كارۋات ئۈستىدە  ئىشلارنىڭ ئويۇن بولۇپ قالغىنىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز.

بىز مۇشۇنداق دەۋردە تۇغۇلغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەم پەخىرلىنەرلىك،ھەم نومۇس قىلارلىق ئەۋلاد.

ئىچىم پۇشۇپ يەنە ئىچكۈم كەلدى،بۇ قېتىم سورۇن ئورنۇمغا تازا ساراڭلىقلار قىزىيدىغان يەر دېسكوخانىنى تاللىدىم ، دېسكوخانىدا ئارىلىقتىكى مۇڭ مۇزىكا قويۇش ۋاقتىدا بىر توپ كىشىلەر كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالالايدىغان ئالالمايدىغانلىقى توغرىسىدا تالاش تارتىش قىلىۋىتىپتۇ،بىرنەچچىسى دەۋاتىدۇ ئالىدۇ دەپ يەنە بىر قانچىسى دەۋاتىدۇئالالمايمىز دەپ.ئەمەلىيەتتە تالاش تارتىش بولمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ،ئارىدىن بىرسى ‹‹قايسىڭلار بۇ توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە؟سىز قايسى مەكتەپتەئوقۇغان؟››دەپ سوراپ قالدى.

-مەن قەشقەر سىفەندە،

-مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىدا،

بۇنى ئاڭلاپ قەشقەر سىفەن ئاستا جىم بولدى.

-مەن شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرىستىتىدا.

-بۇنى ئاڭلاپ شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتى ئاستا جىم بولدى.

-مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرىستىتىدا،تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىمەن .

بۇنى ئاڭلاپ ھەممىسى بۇ توغرىسىدىكى تالاش تارتىشىنى توختاتتى. ئۇلارنىڭ مەزمۇنسىز تالاش تارتىشىغا قاراپ ئولتۇرۇپ قېشىمغا بىر قىزنىڭ كەلگىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن،سىزنىڭچە قىزىقمىكەن؟دەپ سورىدى ئۇقىز.

ئۆزۈمچە بۇ قىز ئالدىدا سىتۇدېنتلىرىمىزنىڭ تېتىقسىز تالىشىشىغا قاراپ ئولتۇرغىنىمدىن خىجىل بولۇپ ‹‹ياق ،ئاۋۇ تالىشىۋاتقاننىڭ قېشىدىكى قىز خېلى بوپ قالىدىكەن››دەپتىمەن.

-ئاشۇما؟ئۇ دېگەن بىزنىڭ مەكتەپتىكى **يىللىق **سىنىپتا ئوقۇيدىغان نايناق،ئۇچ كۈن ئالدىدا كىرپىك سالدۇرغان،بەش كۈن ئالدىدا چاچ ئۇلاتتۇرغان، ئىككى ھەپتە ئالدىدا قوش قاپاق چىقارغان...نەچچە ئاي ئالدىدا كۆكسىنىمۇ چوڭايتتى تېخى....ئۇنىڭ قانداق قىزلىقىنى بىلمەيسىز....

ئۇ قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئۇ تەرەپتىكى قىزغا راستىنلا قاراپ باقتىم،قارىسام ئۇزۇن چاچ،كىرپىكلىرىمۇ ئۇزۇن،خېلىلا قاملاشقان قىز ئىدى.

-ھە مۇنداق دەڭ.سىلەر قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىلەر؟

-**-ئوتتۇرا مەكتەپتە.

قاراشقىغۇ خېلى چوڭدەك كۆرىنەتتى بۇ قىزلار،لېكىن گېرىمىنى چىقىرىۋىتىپ پەرەز قىلىپ باقسام راستىنلا شۇنداق كىچىكتەك قىلىدۇ... ئالە شەرىڭنى ،بىزنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئالامەتتە،ئېسىمدە ھېلىمۇ تۇرۇپتۇ ،دېسكوخانىغا تۇنجى قېتىم كىرمەكچى بولغانىمدا مېنى كىرگۈزمىگەن،كېيىن تۇنۇش دوستۇم بىلەنم كىرىۋالغىنىمدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئاكاش چىرايلىق نەسىھەتلەر بىلەن مېنى چىقارغۇزىۋەتكەنتى، مانا ھازىر ئاۋۇ تالاش تارتىش قىلىۋاتقان سىتۇدېنت ئۆزى قولتۇقىغا بىرنى قىستۇرۇپ كىرگەن ئوخشايدۇ،ھەي زامان،ھەي زامان ، تەرەققىياتىڭنىڭ كۆتىگە تەپسەك بولىدۇدە،تەرەققىياتىڭ مىللەتنى بۇزۇپ بولدى ئۆلگۈر زامان.

-ھە ،سىڭىلچاق، سىز ئۆزىڭىز يالغۇز كىرگەنما؟

- ياق،ئىككى دوستۇم بىلەن كىرگەنتىم.

-ئۇلارچۇ؟

-بىرسى ئەنە ،يەنە بىرسى ئەنە ،تانسا ئويناشنى باشلاپتۇ ئۇ نايناقمۇ...

قارىدىم،قارىسام بىرسى قولىغا رومكا ئېلىۋىلىپ پىۋىمىكىن بىر نېمە ئىچىۋىتىپتۇ،يەنە بىرسى بولسا ئوتتۇز ياش ئەتراپىدىكى بىرسى بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئويناۋېتىپتۇ.

-سىڭلىم،سىلەر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىكەنسىلەر،بۇ يەرگە كىرگىنىڭلار تازا ياخشى بولماپتۇ...ئەڭ ياخشىسى قايتىپ ئۆيۈڭلارغا كېتىپ...

ئەمەلىيەتتە سۆزۈمنىڭ داۋامى بار ئىدى،ئەمما قېشىمدىكى ئۇقىزنىڭ ئاۋازى مېنىڭكىدىن يۇقىرى چىقىپ قالدى.

-ۋاي ۋۇي؟ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز؟ماڭا نەسىھەت قلىپ كېتىۋاتىقىنىنى تېخى،ئۆزىڭىزمۇ شۇ قىز بالا كۆزلىمىگەن بولسىڭىز نىمە بار بۇ يەردە يالغۇز؟تازا ساراڭغا ئۇچراپتىمەنغۇ بۈگۈن...سىزدەكلەرگە ھەمراھ بوپ سۆزلىشىپ قويغىنىمغا خۇشال بولسىڭىز بولىدۇ....نېرۋىسىنىڭ چاتىقى بار بىر نېمىكەن ماۋۇ....

ئۇقىز شۇنداق دېگىنىچە پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالدى،زاماندىن،تەرەققىياتتىن خاتا ئاغرىنىپتىمەن ،مەسىلە ئۇلاردا ئەمەس مۇشۇ قىزلىرىمىزدا ئىكەن،ياق،ئۆزۈم سورۇننى خاتا تاللاپتىمەن،ئۆزۈمدىنلا ئاغرىناي بولدى.

ئۆيگە كېلىپ ئازراق قېقىۋىلىپ يەنە ئۇخلاپتىمەن،كېچىسى چۈشۈمدە نۇرگۈلنى كۆرۈپتىمەن،چۈشۈمدە ئۇ باشقىلار بىلەن توي قىلىپتۇدەك،ئەتىگىنى ئويغىنىپلا ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇردۇم،ئۇ تېلىفۇنۇمنى رەت قىلىپ بېسىۋەتتى،يەنە ئۇردۇم،يەنە شۇنداق قىلدى،ئاچچىقىم بەكلا كەلدى،ۋە بىر يامان ئىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ سىرتقا چىقتىم.ماشىنىنى ھەيدەپ ھېلىقى مايسىخاننىڭ دوكىنىغا كەلدىم.

-مايسىخان،مەن بۈگۈن گۈزەللىرىڭىزگە خېرىدار بولغىلى كەلدىم.

-ۋىييەي،بۈگۈن كۈن قەيەردىن چىققاندۇ؟سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى بىلگەنتىم،دۇكانغا يېڭى قىزلارمۇ كەلگەن،ئاي جۇمۇ ئاي...

-ياق ماڭا بۇلار لازىم ئەمەس،ماڭا سىرتتىن بىرنى تېپىپ بېرىڭ.

ئۆزۈمنىڭ كىچىكرەك بولسىمۇ بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورى بولغانلىقىمدىن بۇنداق مەينەت جايلاردا يەردە ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلدىم.

-ھە چاتاق يوق.

-ئۇ تېلىفۇن بىر قانچە قېتىم تېلىفۇن ئۇرغاندىن كېيىن ماڭا بىر تېلىفۇن نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەردى،ۋە ھەممە گەپلەرنى دېيىشىپ بولغىنىنى ئېيتتى.مايسىخانغا 50يۈەن ‹‹تېلىفۇن ھەققى››بېرىپ سىرتقا چىقىپ تېلىفۇن ئۇرۇپ ئۇ قىز بىلەن بىر ئورۇننى دېيىشىپ كۆرۈشتۇق.

-سىز شۇ راززاقجان دېرىكتور بولامسىز؟

ئۇ قىز دېيىشكەن ئورۇنغا كېچىكىپ كەلگەنىدى،ئەتراپتا باشقا ئادەممۇ بولمىغاچقا كېلىپلا مەندىن سوراۋاتاتتى.

-ھە، سىز زۇلنۇر شۇمۇ؟

مەن ئۇ قىزغا سەپسالدىم،قارىسام پەرىزىمدىكىدىن خېلىلا چىرايلىق ئىدى.نېمىشقا مۇشۇنداق چىرايلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇزۇلۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟

-ھەئە،دېرىكتور دەڭ...مېنىڭ ۋاقتىم سەل ئالدىراش ئىدى.

ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم،ئەتراپتىكى مېھمانخانىغا كىردۇق،ئۇلارنىڭ قائىدىسى ئاۋۋال يۇيۇنۇش ئىكەن،مەن كىيىملىرىمنى سېلۋىتىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتىم،مۇنچا ئىچىدە بىردەملىك ئاچچىقىمدا چىقارغان قارارىمغا كۆپ پۇشايمان قىلىپ ،ئۇزۇندىن ئۇزۇن يۇيۇندۇم.

مۇنچىدىن چىقىپ قارىسام ئۇ قىز يوق،سىرتقا نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ساقلاپ ئولتۇرۇپ باقتىم،كىرمىدى،ئىچىم پۇشۇپ ئۆزۈمگە ئاچچىقىپ كېلىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ سىرتقا چىقىپ ماشىنامغا چىقىپ تاماكا تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن يانچۇقۇمنى ئاختۇردۇم،ۋە قول سېزىمىم ئارقىلىقلا ئۇ قىزنىڭ نېمىشقا يوقلۇقىنى ئاندىن چۈشەندىم،يانچۇقۇمدىكى ھەميان يوق. مەن پۇشايماندا قاچاي دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن،ئەمەلىيەتتە كەسپىي قاچىدىغانلار باركەن ئەمەسمۇ،ھېلىمۇ يېنىمغا كۆپ پۇل سېلىۋالمىغىنىم.

بۇ ئىشنى بايقاپلا مايسىخانغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ئۇ قىز بىلەن ھېسابلىشىپ قويايمۇ دېگەن،لېكىن، ‹‹خاتا قارار تۈپەيلىدىن بولغان زىيان›› بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قىزنىمۇ ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدىم،سۈرۈشتە قىلمىدىميۇ لېكىن كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالدىم،توۋا ،بۇ قىز خېلى چىلرايلىق تۇرۇپ نېمانداق بۇنداق كەسىپ قىلىدىغاندۇ؟ يەنە تېخى كەسىپ ئۈستىدە كەسىپ باركەن،مۇشۇنداق تاپقان پۇلىنىڭ بەرىكىتى بولارمۇ؟

ماشىنىغا پىلاستىنكىنى سېلىپ قويۇپ ئاۋازىنى كۈچەيتىپ قويدۇم،چۈنكى بۇنداق قىلسا ئادەم خىياللار قاتلىمىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ،نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ھازىر پۇلنى يوقىتىپ قويغۇچى،بۇ خىل ھېسسىياتنى دەرھال يوقىتىش كېرەك،ناخشا توۋلاشنى يەنە باشلىدىم.

‹‹ۋاي بادى دەيدۇ،ياندى دەيدۇ،

مېنىڭ يارىمنى ،مېنىڭ يارىمنى...

ۋاي ئېگىز داۋان ئاشتى دەيدۇ ،

بويى تالىمنى،ئۆرگىلەي بويى تالىمنى...

نېمىلا دېگەن بىلەن خەلق ئاھاڭلىرى ۋە مۇقاملارغا يېتىدىغان ناخشىلار يوقتە،ھازىرقى بەزى ناخشىلارغا ‹‹ناخشا››دېگەن ئىسىم ئارتۇقچە كېتىپ قېلىۋاتىدۇ،بىر كۈنى بىر ئاشخانىدا بىر كىشىنىڭ مۇشۇ توغرىلىق كايىپ كېتىشىمۇ بىكار ئەمەس.‹‹ئىككىمىز تۇنۇشقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،گەپ سۆزىمىز يامان ئەمەس،ياخشى بولدى،  مۇشۇمۇ ناخشا تېكىستىمۇ؟بۇ ئادەتتىكى پاراڭغۇ بۇ ،ئىككى ئادەم مۇشۇنداق ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ دېيىشىدىغان گەپ ئۇ،ناخشا تېكىستىنى يازغان ئادەممۇ نومۇس قىلماي  ئاۋازى شۇنداق ساز ناخشىچىغا مۇشۇنداق تېكىستنى يېزىپ بەرگىنىنى قارا››راسلا ،بەزى ناخشىلىرىمىز شۇنداق ،بىر قېتىملا ئاڭلايمىز، ئاڭلىغانغا پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىدىغان گەپ،يەنە بەزى ناخشىچىلىرىمىز تېكىستى ۋە مۇزىكىسى مېنىڭ دەپ چىقىرىۋالغان ناخشىنىڭ باشقا تىلدىكى ،تۈرۈكچىسى بۇلامدۇ ياكى ئۆزبىكچىسى بۇلامدۇ ،بىر دەمدىلا قۇلاققا كىرىپ قالىدۇ،يا بۇنداق ناخشىچىلىمىزنىڭ ناخشىسى بەك ئىلغار بولغاچقا بىر دەمدىلا چەتكە چىقىپ چەتتىكىلەر دوراپ ئېيتىۋالامدۇ،تازا ئېنىق بىلىپ كەتمىدىم.

ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۆيۈمنى بىر تازىلىدىم،بۇرۇن نۇرگۈل بىلەن يۈرگەن ۋاقتىمدا بۇ ئۆينى ئۇنچە بەك تازىلاپ كەتمەيتتىم،چۈنكى بىرىنچىدىن ئۇ بۇ ئۆيگە كەلگىلى پەقەت ئۇنىمايتتى ،پەقەت بىر قانچە قېتىم بىرقانچە دوستلار بىلەن ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرغاندا ئۇمۇ كېلىپ چېۋەر ،چاققان قوللىرى بىلەن مېزىلىك سەيلەردىن بىر قانچە خىل قورۇپ ئەچىقىپ بەرگەنتى، ئىككىنچىدىن ئىشتىن چۈشسەملا نۇرگۈل بىلەن ئايلىنىپ ئۆينى تازىلىغۇدەك ۋاقتىممۇ چىقمايتتى،مانا ھازىر تەنھالىقنىڭ پايدىسى كۆرۈلۈپ،ئۆيلەر پاكىزە،يەنە تېخى گۈللەر ئېچىلىپ كېتىپتۇ،ئۇندىن باشقا يەنە بىر قانچە بوتۇلكا رەڭگارەڭ چەتئەل ھارىقى تىزىپ قويۇلغان،مۇزىكا قويغۇچنى باسسام ئۆينىڭ ئىككى تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان تۆۋەن ئاۋازلىق ياڭراتقۇدىن سېتروئولۇق سېزىمدا مۇزىكا ياڭرايدۇ.يالغۇزلۇققا ۋايسىمايلى جامائەت ،مانا يالغۇنلۇقتىن ھوزۇرلۇناي دېسەڭ،قانچىلىك ھوزۇرلانغۇڭ كەلسە شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىسەن.

ئەمما مەن بىر ئادەم بۇنداق چوڭ ئۆيدە تۇرىۋالغىنىممۇ تازا مۇۋاپىق بولمىدىمۇ نېمە...توغرا ،ئۆزۈم بىر ئېغىزنىلا ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى ئىجارە بېرىۋىتەيچۇ،ياخشى ئۈلپەت بولالايدىغاندىن بىرەرسى كېلىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئىككى دانە ئالىي مەكتەپ بار،باھاسىمۇ چوقۇم ياخشى بولالايدۇ.

‹‹ ئالامەت ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ:مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا ئىككى ئېغىز ئۆي بار بولۇپ،ئىككىنچى قەۋەتتە،ئاددىي تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق،مۇھىتى تىنچ،تاماق ئېتىشكە، يۇيۇنۇشقا ،تورغا چىقىشقا بولىدۇ،توك،تور ،سۇ پۇللىرى ئىجارە ھەققى ئىچىدە بولىدۇ،ئىجارە ھەققى ھەر ئايدا 450يۈەن خەلق پۇلى.ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 13804144564

بۇ ئېلاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆپەيتىپ مەكتەپلەرگە بىر پارچىدىن ،قالغىنىنى يول ئېغىزىغا چاپلىۋەتتىم.ئۇ كۈنى بىر كۈن تېلىفۇنغا بىر قانچە تېلىفۇن كەلگەنبولسىمۇ ئەمما باھا تالىشىپ بېقىپ يەنە كەلمىگەنىدى،بوپتۇلا،ئىجارىگە ئالسا ئالار ،بولمىسا بۇرۇنقىدەك يالغۇز ئولتۇرىۋىرەرمەن،جىندىن قورقمىغاندىكىن مەنمۇ....ئۆزۈمگە شۇنداق تەسەللىي بېرىپ ئۇيقۇغا كەتتىم...

-تىڭ-توڭ...تىڭ-توڭ...تىڭ توڭ...

كىمدۇ بۇ ئەتىگەندە كەيپىمنى قاچۇرۇپ قوڭغۇراقنى بېسىۋاتقان...ۋاي مانا...كۆزۈمنى ئېچىپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم،ئەمما بىردەمدىلا يەنە يېپىۋەتتىم،چۈنكى ئىشىك ئالدىدا بىر قىز تۇراتتى،قىز بالىدىن قورقۇپ يېپىۋەتكىنىم يوق،ئەمما مەن شۇ بىر تال ئىچ كىيىم بىلەنلا ئىدىم.دەرھاللا كىيىملەرنى كىيىپ ئىشىكنى قايتا ئاچتىم.

-سىز رازاقجان ئەپەندىم بولامسىز؟

-ھە...ھەئە...مەن شۇ مەن شۇ.

-مەن تۈنۈگۈن تېلىفۇن ئۇرغانىدىم،بۈگۈن كېلىپ كۆرۈپ باقاي دەپ...

-ھە...ھە..مۇنداق دەڭ،،،ئەمسە....ئەمسە قېنى كىرىڭ....مانا مۇشۇ ئىككى ئېغىز ..خالىغانچە تاللايسىز،باھاسى ئوخشاش...

قىز تولىمۇ نازاكەتلىك قىز ئىدى، ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بايا شۇنداق چىقىپ قالغىنىمدىن خىجىل بولدۇممۇ بىلمىدىم ،گەپ سۆزلىرىم تازا قاملىشالمايۋاتاتتى.

-ئۇزۇنراق ئىجارىگە ئالسام ئەرزانراق بىرەرسىز؟

-قانچىلىك تۇرىسىز؟

-ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي،بولمىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق...400يۈەندىن بېرىڭ...قىز بالىلارغا ئېتىۋار باردۇ؟

- قىز بالىلارغىغۇ...ئېتىۋار يوق ئىدى...لېكىن...ھە.. بولىدۇ...400يۈەندىن بولسا 400يۈن بولسۇن....

مانا،بىر دەمدىلا ماقۇل دەپ قويۇپ ئولتۇردۇمدە،‹‹ساھىبجامال قىلتىقى››غا چۈشمەيدىغان قانچە ئەر بار جاھاندا....

-سىز ئوقۇغىچىمۇ يە؟  مەن ئۇ قىزدىن سورىدىم،نېمىلا بولمىسۇن خەقنىڭ ئالدىدا  باغلاپ قويغان كالىدەك گەپ قىلماي تۇرۇشنىڭ ئورنى يوقتە.

-ھەئە ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىق ئىنتاھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، بۇ ئۆيدە پەقەت سىز يالغۇز تۇرامسىز؟

-شۇنداق ،مەن يالغۇزتۇرۇۋاتىمەن.

-ھە...مۇنداق دەڭ،سىزنىڭ...دوستلىرىڭىز بىلەن سورۇن قۇرۇپ دېگەندەك...دېمەكچى بولغىنىم ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان...يەنە بىخەتەرلىك مەسىلىسى دېگەندەكلەر...

ئېھتىمال ئۆيدىكى ھاراق پۇرىقىنى سېزىپ قالدى بولغاي،بۇنداق چىرايلىق بۇرۇنغۇ ئۇنچىلىك نەرسىنى پۇرالمىسىمۇ بىكار كەتكەن بولىدۇ.

-سىز بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ،مەن ئادەتتە ئىچسەممۇ يالغۇز ئىچىمەن.بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىنمۇ ئارتۇقچە ئەنسەرىمەڭ،سىز ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن تۇرىدىغانسىز؟

-ئوغۇل دوستۇم ئىچكىرىدە ئوقۇيدۇ،ئۆزۈم يالغۇز تۇرىمەن.

-يالغۇر تۇرسىڭىزمۇ خاتىرجەم تۇرسىڭىز بولىۋىرىدۇ،بۇ يەرنىڭ ئامانلىق ئىشلىرى ياخشى.

-ئەمسە مەن چۈشتىن كېيىنلا كۆچۈپ كىرىمەن،چۈشتىن كېيىن سىز ئۆيىڭىزدە بارمۇ؟

-ئېم....سائەت ئۈچكىچە بار.

-ماقۇل ئەمسە،مەن پۇلنىمۇ چۈشتىن كېيىن بىللە ھېسابلىشايلى.

-بولىدۇ،خوش ئەمسە،ھە راس ئىسمىڭىز نىمىتى؟

-زۇلخۇمار.

مۇشۇنچىلىك پاراڭلىشىپ بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئىشى پۈتكەن بولدى، مانا بىر ئالىي مەلۇماتلىق قىز كېلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى، ھەي...ئۇمۇ يالغۇز تۇرىدۇ،مەنمۇ يالغۇز تۇرىمەن،كۈنلەرنىڭ بىرىدە...مۇشۇ قىز بىلەن يۈرۈپ قالامدىم تېخى،زۇلخۇمار دېگەن بۇ ئىسىمغا مەن بەكمۇ ئامراق ،مېنىڭ ھاياتىمدا قول قويىدىغان قىز بالا دوستۇم ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدېشىم ۋە يېقىن دوستۇم . زۇلخۇمار ئىدى.ئۆينى ئىجارىگە بېرىش ھەجەپ بۇرۇن ئېسىمگە كەلمەپتۇ دىسە،پايدا بولدى دېگەن  مۇشۇ.لېكىن...مەنغۇ قىز بالىنى كۆرۈپ ھەققانىيەتنى ئۇنتۇيدىغان ئادەم ئەمەس،لېكىن قىز بالىنى كۆرۈپ پايدىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان قالمايدىغىنىمنى بىر نىمە دېمەك قىيىن...بۇ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى بۇ يەردە ئەمەسكەن،قىز بالا دېگەن ھەرگىزمۇ يىراقتىكى مۇھەببەتكە چىدىمايدۇ،بۇ يېرى ئوغۇل بالا بىلەن بەكلا چوڭ پەرقلىنىدۇ،قىز بالىنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قىزغىنلىقى كۆپ قىسىم ئەھۋالدا پەقەت ۋاقىتلىقلا...نۇرگۈل بىلەن مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان مەزگىللىرىمىزدە ئايرىم  ئىككى ئۆلكىدە ئىدۇق. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمىزدا بىردەم ئىللىق بىردەم سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ يۈرگەنتى...نۇرگۈل،ھەي نۇرگۈل،مەن مۇنۇ كۆچۈپ كىرمەكچى بولغان قىز بالىنىڭ خىيالىنى قىلىۋاتسام ساڭا نىمە بار خىيالىمغا كىرىۋىلىپ...تۇيۇقسىز شۇنداق ئويلاپ قالدىم،بەزىلەر ئوغۇللارنى ‹‹يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇيدىغان ››دېيىشىدىكەن،ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن،ئەكسىچە يېڭىسىنى كۆرسە چوقۇم كونىسىنى ئەسلەيدىكەنمىز.

شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېيىن ئۇ قىز كۆچۈپ كەلدى، ھېساباتلارنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن  ئۇ قىز ئۆيىگە كىرىپ ئوغۇل دوستىغا تېلىفۇن ئۇردى بولغاي، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا ئۇلار تولىمۇ بەختلىك،ئامراق ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.بولدىلا،ساراڭدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەي، بۇ قىزغۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن چىدىماي يەنە جېدەل قىلىپ ئايرىلىپ كېتەر،ئەمما ئۇ تەرەپتىكى ئوغۇل بالا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا مەن بۇ قىزنى ئازدۇرۇپ كەتسەم ئۇ ئوغۇلغا بەكلا ئۇۋال بوپ كەتكۈدەك...ئايرىلىش ئازابىنى مەنمۇ كۆرگەن ئادەم ،ئۇ قىزغا ۋاپا،ئوغۇلغا بەخت تىلەي.

ماشىنامغا چىقىپ شىركەتكە قاراپ ماڭدىم،ئاڭلىسام شىركەتكە كەلگەن بىر خېرىدار مېنى مەخسۇس ئىزدەپتۇدەك.

شىركەتكە بېرىپ قارىدىم،قارىسام خېرىدار يوق،ئەمما ماڭا خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ‹‹مەن،ۋاڭ**بولىمەن ، **گورۇھىنىڭ دېرىكتورى،ماڭا تېلىفۇن قىلسىڭىز. تېلىاۇن نۇمۇرۇم:4564923›› بۇ خەتنى كۆرۈپ سەل تەئەججۈپلەندىم،ئۇ ئادەمگە تېلىفۇن ئۇردۇم،ئۇ مەلۇم بىر خوگو دۇكىنىنىڭ دېرىكتورى ئىكەن،ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ دۇكىنى شەھەردىكى مەلۇم داڭلىق خوگو دۇكىنى ئىكەن ،بىر كۈنى بىر خۇيزۇ ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ خوگو يەۋىتىپ ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى كالا گۆشىنى چوشقا گۆشى دەپ گۇمانلىنىپ تەكشۈرتمەكچى بولغاندا ئۇلارنىڭ دۇكىنى قارشى چىقىپ ئۇ خۇيزۇنى ئۇرۇپتۇ، نەق مەيداندا بىزنىڭ سىركەتتە ئىشلەيدىغان ياڭ ئادۋوكاتمۇ بار ئىكەنتۇق. ئۇ خۇيزۇ گۇۋاھچىنى ئىزدەش ۋە ئەرز قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ شىركەتتىكى ياڭ ئادۋوكاتنى ئىزدەپ كەلگەنىكەن،ھازىر ياڭ ئادۋوكات ئۇ خۇيزۇنىڭ ئادۋوكاتى بولۇپ تۇرۇپتۇ،بىر ئايدىن كېيىن مۇشۇ ئىش توغرىلىق يېپىق سوت ئېچىلىدىكەن،ئۇ دېرىكتورنىڭ مېنى ئىزدىشىدىكى مەقسىتى مەن ئارقىلىق ياڭ ئادۋوكاتنى سېتىۋالماقچى ئىكەن،ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىشقا قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ زەنجىرسىمان دوكىنىنىڭ ئابرويى تۆكۈلمىسە بولىدىكەن.ھە ،مەن ئويلىنىپ باقاي دەپ تېلىفۇننى قويۇۋەتتىم، جەمىيتىمىز نىمە بوپ كېتىېۋاتىكىن تاڭ ،مۇنداق ئىشلارمۇ باركەن تېخى،ھەممىمىزگكش يېگەندە تازا دىققەت قىلساق بولغۇدەك،كېيىن ئۇ ئادەم تېلىفۇن ئۇرسا ئالمىدىم، قىسقىسى بۇنداق ئىشقا ئارىلاشقۇم كەلمىدى،چۈنكى بۇ خەقنىڭ تىجارەت ئابرويىنى دەپ پۇل ئالساق بىزنىڭ تىجارەت ئابرويىمىز ئۈچۈن بىز نىڭ شىركەتنىڭ ئابرويى ئۈچۈن بىز كىمگگىمۇ پۇل بىرەرمىز؟ پۇلغىغۇ مەن تولىمۇ ئامراق ،ئەمما شۇ  پۇلنى تېپىپ بېرىۋاتقان خىزمەتچىلىرىم ۋە شىركىتىمگە تېخىمۇ ئامراق.

ئۆيگە قايتىم ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچىلا مېزىلىك پۇراق بۇرنۇمغا ئېتىلىپلا كەلدى،قارىسام زۇلخۇمار تاماق ئېتىۋىتىپتۇ،ئۇنىڭ بىلەن كۈلۈمسىرەپ باش ئارقىلىق يېنىك سالاملىشىپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،ھەي...قىز بالا بار ئۆي دېگەن يەنىلا  باشقىچە بولىدىكەن جۇمۇ....

بىر دەمدىن كېيىن ئىشىك چىكىلدى،قارىسام زۇلخۇمار ئىكەن،بىر تەخسىدە قاراشتىنلا يېيىشلىك ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان لەغمەن ئېلىپ كەپتۇ

-ھە ،قوشنام ،بۈگۈن سىزنىڭ گاز ئوچاقنى ئىشلىتىپ تاماق ئېتىپ قويدۇم،خاپومايدىغانسىز ھە؟

بۇ قىزنىڭ تەلەپپۇزى جەنۇبنىڭ تەلەپپۇزى ئىكەنغۇ،ئەتىگەن بايقىماپتىمەن .

-ۋاي ياقەي شۇ يەردە تۇرسىمۇ بىكار تۇراتتى،بۇندىن كېيىنمۇ ئىشلىتىۋىرىڭ.

-قارىساممۇغۇ ئاشخانىڭىزغا بۇ يېقىنلاردا ئادەم يېقىن كەلگەندەك ئەمەس،قېنى تاماقنى ئىسسىقىدا تېتىپ بېقىڭ.

-بۇ...بۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ...

-بۇنداق تۈزۈت قىلىپ يۈرمەڭ ئەمدى،بىزنىڭ ئۇ تەرەپتە بۇنچىلىك ئىشلارغا تۈزۈت قىلىشسا يات كۆرگەنلىك بولىدۇ ماخما...ئېلىڭە...

-سىز قەيەردىن؟

-مەن خوتەندىن ئەينا.ئەينا دەپ قوياي...

ئۇقىز ۋىلىقلاپ كۈلۈپ قويۇپ تاماقنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتتى.تاماقنى تولىمۇ ئوخشىتىپ ئەتكەنىدى،بۇ قىزنىڭ بۇنداق مېھماندوست، بۇنداق نازاكەتلىك بولۇشى،تاماقنى بۇنداق ئوخشىتىپ ئېتىشلىرى بىكار ئەمەسكەن،خوتەنلىك قىزكەن ئەمەسمۇ، خوتەنلىك قىزلارغۇ ئەزەلدىن چىرايلىق،‹‹ئۇز››دېگەن نام مۇشۇلارغىلا مەنسۇپ بوپ كەتسە بولىدۇ،بىر قاچا تاماققا سېتىلغىنىم ئەمەس،راستىنى دېگەندە گىرىم قىلمىغان ھالەتتە بىر خوتەنىلىك قىز بالا بىلەن باشقا بىر قىزنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قويدا پەرق مانا مەن دەپ چىقىدۇ،ئۇ يەرلىك قىزلارنىڭ دىنى چىڭ،ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ تولىمۇ پىشقان كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىدىكى دىنىي ئەخلاق ئۇلارنى ئەشۇنداق ئەخلاقلىق،مېھماندوست،ئاقكۆڭۈل قىلىپ تاۋلىۋەتكەن.

بىر دەمدىلا بۇنداق ئوخشىغان تاماقنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ تەخسىنى ئەچىقىپ بېرىشكە ئاشخانىغا چىقتىم.قارىسام ئۇ يوق،ئاندىن بېرىپ ئىشىكىنى چەكتىم،ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ قولۇمغا قاراپلا مەقسىتىمنى چۈشەندىم،مەنمۇ ئۇنىڭ قولىغا قاراپ مېنىڭمۇ تازا ياخشى ئەمەس ۋاقتىدا كېلىپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم،چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا ‹‹قانۇنچىلىق ئىلمى››ئىسىملىك بىر كىتاپ تۇراتتى.

‹‹قانۇنچىلىق ئىلمى››؟

-ھەي،سىز قانۇندا ئوقۇمسىز؟

-ھە...ھەئە...قاندىغا....بىرەر مەسىلە يوقتۇ...؟

-ھە، ياقەي،مەنمۇ شۇ كەسىپتە ئوقۇغانتىم،شۇڭا سوراۋاتىمەن.

-ھە،كەسىپداش بوپ قالغۇدەكمىز ئەمسى...تەخسىنى ئاشخانىغا قويۇپ قويۇڭ،مەن بىردەمدىن كېيىن يۇيۇۋىتىمەن.

ئۇ قىز بۇ يەردە تۇرۇپ كۆپ پاراڭلىشىشىنى تازا ئەپسىز كۆردى بولغاي،شۇنداق دەپلا دېئالوگنى ئاخخرلاشتۇرۇپ قويدى.مەنمۇ دەرھاللا ئاشخانىغا قايتتىم،تەخسىنى شۇ يەرگە شۇ پېتى قويۇپ قويسام تازا سەت بولغۇدەك،قاچىنى يۇيۇپ ئاشخانىغا قويۇپ قويۇپ ئۆيۈمگە قايتتىم.

بۇ قىز قانۇندا ئوقۇيدىكەندە...تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى ئىنتاھانى تۈگىگەندە بۇ قىزنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسەك شىركەتكە چوقۇم پايدىسى تېگىدۇ.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى، بۇ قىز يەنە ئۆز ئۆگىنىشى بىلەن ئالدىراش،مەن بولسام ئۆز خىزمىتىم بىلەن،ئۆي ئىجارىگە ئالىدىغانلارغا ئۆي تۈگىدى دەپلا قويۇۋاتىمەن،نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يەردە بىر سىتۇدېنت قىز ئۆگىنىش قىلىپ ئاۋارە بوپ يۈرىيدۇ، ئۇ كېيىنچە مېنىڭ شىركىتىمنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولىدىغان ئادەم.ئەگەر يەنە بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە بەرسەم ئىجارىگە ئالىدىغان كىشىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىر نېمە دېمەك قىيىن. ،بىر ئايدا تۆت بەش يۈز يۈەندىن كېچىپ ئۆز مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى بولغان بۇ قىزغا تىنچراق مۇھىت يارىتىپ بەرسەم،ئۇندىن باشقا بۇنداق ياخشى قىز بىلەن ئۆزۈملا قوشنا بولۇپ ئولتۇرىۋالسام ئۆزۈمگىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ... ئازراقلا پۇلغۇ شۇ، ھازىرقى زاماندا پۇل دېگەننى تاپماق تەس ئەمەس،لېكىن بۇنداق ئۆگىنىشكە ياخشى بېرىلگەن،ئەخلاقلىق قىزلارنى تاپماق تەس.

بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۇل ماڭا ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى.شىركەتتە ئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشتا چوڭراق بولغان بىر ئاكاش بار ئىدى، بۇ ئاكاش شىركىتىمىزدىكى ياشتا ئەڭ چوڭ،كەسىپتە ئەڭ پىشقان،تەجرىبىسى ئەڭ مول ئادەم ئىدى،شىركەتكە ئادەم قۇبۇل قىلغان شۇ كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېسىمدە.خېلى كۆپ كىشىلەر بىر سەپ بولۇپ نۆۋەت بويىچە ئۆزلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى،مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بىر بىرلەپ ئىشخانامغا كىرىپ يۈز تۇرانە ئىنتاھان بېرىۋاتاتتى.

-يې ئاكا، كۆرمىدىڭمۇ قۇبۇل قىلىش شەرتىگە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر قۇبۇل قىلىنىدۇ دېگىنىنى،بىر مۇنچە ياشقا كىرىپ قاپسەن،ئۆزۈڭنىڭ بالىلىرىدەك بالىلار بىلەن تاماق قاچىسى تالاشماي بۇرۇن قەيەردە ئىشلىگەن بولساڭ شۇ يەردە ئىشلەۋەرسەڭ بولمامدۇ؟

تۇيۇقسىزلا ئىشىك سىرتىدا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىگەن بۇ ئاۋاز قۇلىقمغا كىرىپ قالدى.دىققىتىمنى سىرتقا يىغدىم.

-ھە،شۇ ئۇكام،مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا.مەنمۇ  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ، لېكىن مېنىڭ ئۈستۈمدە چوڭلار،تۆۋىنىمدە بالا چاقىلار بار،شۇڭا قەيەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولسا شۇ يەردىن خىزمەت تاپمىسام بولمايدۇ ئۇكام.سىز تېخى كىچىك بولغاندىكىن بالىلىرىڭىز يوقتۇ؟ ئويناپ يۈرۈپ ئالدىرىماي تاپسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ...

بىر دەمدىن كېيىن ئۇكىشىگە نۆۋەت كەلدى،قارىسام ئوتتۇزبەش ياش ئەتراپىدىكى ئادەم ئىدى،سورىغان ھەر بىر سوئالىمغا تولىمۇ ئورۇنلۇق جاۋاب بېرىپ ئولتۇرغانىدى.

ئاخىرىدا بولسا،ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىركەتتىكى بىرەر خىزمەتداش ياردىمىڭىزگە موھتاج بوپ قالسا سىز قانچىلىك بەدەل بېرەلەيسىز دەپ سورىغاندا‹‹بەدەل بېرەلمىگەنگە قەدەر بەدەل بېرەلەيمەن›› دەپ تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك جاۋاب بەرگەن.كېيىن شىركەتتىمۇ ناھايىتى تىرىشىپ ،ھەممە خىزمەتداشلار بىلەن ئوبدان ئىتتىپاقلىشىپ،ياردەم قىلالايدىغانلا يېرى بولسا ياردەم قىلىپ ئۆتكەنىدى.

مانا ئەمدى شۇ ئاكىمىز ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى بايقىلىپتۇ،ئۇنىڭغا جىددىي ھالدا يۇقىرى سوممىدىكى پۇل كېرەك بوپ قاپتۇ،ئۆزى بولسا ئەينى ۋاقىتتا دېگىنىدەك،ئىككى بالىسى ئوقۇۋاتقان،ئايالىنىڭ خىزمەت ئورنى يوق ھالەتتە تۇرمۇشى ناھايىتى ئادەتتىكىچە ئىدى.ئۆزىنىڭ ئۇنداق جىق پۇل چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى،بىز شىركەتتىن ئىئانە توپلاپ باقتۇق،خېلى كۆپتىن پۇل چىقىرىشىپ باقتۇق،تورلارغا مۇراجىئەتنامە يېزىپ باقتۇق،توردا گەرچە مەن ياردەم قىلاي دېگەندەك ئىنكاسلار خېلى كۆپ بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە پۇل ئەۋەتكىنلىرى يەنىلا ئاز ئىدى،يەنە تېخى بۇ راست ئەمەس بولىشى مۇمكىن دېگەندەك ئىنكاسلارمۇ بار ئىدى،شۇنداق بۇ يالغان،سەندەكلەرگە بىر ئېشەك ئىنەكتىن بىرنى تۇغۇپتۇ دېسە ئىشىنىشىسەن. دېگۈم كەلدىيۇ ئەمما يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم،نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىر بىز موھتاجمەن سۈپىتىدە تۇرىۋاتىمىزئەمەسمۇ.

شۇنداق قىلىپ ئىككى ھەپتىدە توپلاپ يۈرۈپ خېلى كۆپ پۇل يېغىلدى،ھەتتا زۇلخۇمارمۇ بۇنى ئاڭلاپ ئۆزى ئوغۇل دوستىنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن توپلاپ قويغان يەتتە يۈز يۈەننىمۇ ئىئانە قىلدى.ئەمما يەنە نەچچە ئونمىڭ يۈەن كەم تۇرۇۋاتاتتى.ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ تېلىفۇننى قولۇمغا ئالدىم.

-ۋەي،ياخشىمۇسىز؟

-ياخشىمۇسىز،مەن راززاق دېرىكتور.

-ھە،سىزمىتىڭىز،تېلىفۇنىڭىزنى كۆپ ساقلاپ كەتتىم،يېقىندا بۇ ئىشتىن ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ خەۋەر تېپىپتۇ،ياردەم قىلمىسىڭىز شىنجاڭدىكى 24دانە تارماق دوكاننىڭ تىجارىتى پۈتۈن تۈگەشكىنى شۇ.ئامال قىلىپ ياڭ ئادۋوكاتنى سوتقا چىقارمىساق بولاتتى.

-بوپتۇ،ئۇنداقتا سوراپ باقاي،سىزگە ئەللىك مىڭ يۈن لازىممۇ ياكى ئاشۇنداق كۆپ تارماق دۇكانلارنىڭ ياخشى تىجارىتىمۇ؟

شۇنداق قىلىپ پۇلنى ئۇ تەرەپتىن ئالغان بولدۇق،ياڭ ئادۋوكات بىلەن مەسلىھەتلىشىپ سوت مەزگىلىدە ياڭ ئادۋوكات ۋاقىتلىق يۇرتىغا مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىش باھانىسى بىلەن قايتىپ تۇردى، سوتتا بولسا ئىككىلا تەرەپ رازى بولۇشۇپ قايتىشىپتۇ.ئەمما بۇ قېتىم پۇل ماڭا ئۆزىنى راستىنلا كۆرسىتىپ قويدى.

بۇ قېتىم زۇلخۇمارنىڭ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرەلىگىنىگە قاراپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.

ئۇ كەچلەردە ئوغۇل دوستىغا تېلىفۇن ئۇرغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن ئۆگىنىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى،سىرتلارغىمۇ ناھايىتى ئاز چىقاتتى،ئەمما ئۇ بۇ قېتىم ئىشىكىمنى چەككەندە ماڭا ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ قېشىغا بېرىپ كەلمەكچى بولغىنىنى،ئۆينى ماڭا تاپشۇرغىنىنى ئېيتتى.

-قانچىلىك ۋاقىتتا قايتىپ كېلىسىز؟

-بەلكى بەكمۇ ئۇزۇن تۇرماسلىقىم مۇمكىن،بۇ يېقىندا ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بارغانسىرى سوۋۇپ قېلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قېشىغا بېرىشىمنى بەكلا تەلەپ قىلىپ كەتتى،بىر ھەپتىلەرگىچە قايتىپ كېلەرمەن.ئۇنغىچە ئۆيلەر يەنە سىزگە قالدى ئەمسە.

-ھە،سىز خاتىرجەم بېرىۋىرىڭ ،بەختلىك بولۇڭ.

شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى،ئۇنى پەقەت ئىشىك ئالدىغىلا ئۇزۇتۇپ چىقالىدىم.ئۇ كەتكەن كۈنلەردىن پايدىلىنىپ بىر ئايدىن بۇيان ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ باقمىغان ياڭراتقۇنى يەنە يۇقىرى قىلىپ ياڭراتتىم،ئاقىل،مەخمۇتلارنى چاقىرىپ كېلىپ سورۇن دېگەننى تازا قۇرىۋالدىم.بەزى ۋاقىتلاردا ئۆيدە قىز بالا بولسا ياخشىكەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ بۇنداق ۋاقىتلاردا يەنە قىز بالا بولمىسا ياخشىكەن دەپمۇ ئويلىدىم.

ئارىلىقتا يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاقىل ماڭا تېلىفۇن قىلدى،بۇ يەنە سورۇن خەۋىرى ئىدى.

-ھە ،ئاداش سۆزلە

-ھەي،راززاق،مەن بۈگۈن شىنجاڭدىكى داڭلىق ماشىنا مودىلىدىن ئۈچنى چاقىرىپ قويدۇم،مەخمۇتمۇ كەلمەكچى،سەنمۇ كەل جۇمۇ،سائەت يەتتىدە،كونا جايدا.

-ۋاي ماڭە ئاداش،ئۆزىنى ماشىنا مودىلى دېسە ھە دەپ چاقىرىۋەردىڭ ھەقىچان.بولمىسا نەدە تۇرۇپتۇ ساڭا مودىل قىزلار.

-نەدىكىنى ،ئاداش ئۇلارنىڭ ئىككىسى ماشىنا ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققانلار.ئىشەنمىسەڭ شۇ ژورنالنى كۆرسىتىپ قويىمەن،مۇشۇ كۈندە پۇل بولسا نېمىنى تاپقىلى بولمايتتى دەيمەن.ئاز سۆزلەپ كەلسەڭلا بولدى.ۋاقتىدا كەل جۇمۇ.

ئاقىل ئىسىملىك بۇ دوستۇم ئۈچىمىز ئىچىدىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان دوستىمىز،ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئۆزى بىر پاتنىتلىق مەسھۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىپ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىۋالدى،شۇڭلاشقىمۇ پۇل دېگەننىمۇ ساماندەك خەجلەپ قويىدۇ.ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم توي قىلىدىغىنىمۇ شۇ بولامدىكىن دەيمەن،چۈنكى ئۇ قىز بالا دېگەنگە جان جەھلى بىلەن ئامراق.ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن قىزلارنى ئۇ ھەل قىلىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدۇ،ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ ھەل قىلىشىمۇ ھەرگىز قىيىنغا توختىمايدۇ.مۇشۇ كۈندىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى پۇلغا ئامراقمىكىن تاڭ ،ئۆزىنى ئۇنىڭغا سېتىپلا بېرىدۇ،مانا ،شىنجاڭدا داڭلىقراق ماشىنا مودىلى ئۇنچە جىق ئەمەستى،ئۇلاردىنمۇ ئۈچنى كەلتۈرۈپ بوپتۇ.

كەچتە ئۇ يەرگە باردىم،ماشىنا مودىلى دېگەن قانداق بولىدىكىن دەپتىمەن،راستىنلا ئايلاردىنكەنغۇ،فىگور دېگەن Sھەرپىدەكلا،چىرايمۇ راستىنلا

چىرايلىق،بۇلاردەك چىرايلىقلار نېمانداق بۇنداق بوپ قالغاندۇ ئەمدى؟چىرايىنى مەبلەغ قىلىپ مودىل بولغاندىكىن شۇ پۇلىغا قانائەت قىلماي ئەمدى بەدىنىنى مەبلەغ قىلىپ بۇ يەرگە كەپتۇ مانا.بوپتۇلا، ھەر كۈنى بۇنداق سورۇن بولمىغاندىكىن ھارىقىمنى ئىچىۋىرەي.

ئىچىشنى باشلىدۇق.بىز ئوغۇللار ئۆزىمىزنى ئىچىمىز دەپقاپتىمىز،ھەقىقىي ئىچىدىغانلار مانا بۇيەردىكەن.ئۇ قىزلارغا ئالامەت ئىچىپ قويىدىكەنسىلەرغۇ دېسەم تېخى ئۇلارنى ماختىغاندەك ئاڭلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ئۆزىچىلا كەمتەرلىك قىلىشىپ كەتتى،خوتۇن خەقنىڭ كۆپ قىسمىغۇ شۇنداق،ئازراقلا ماختاپ قويسا قەغەز ئايرۇپىلانغا چىقىپ ئۇچقىنى ئۇچقان،ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىچەرمەن چىكەرمەن قىزلار جەمئىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىدە بىر ئەخلەت ،ئۇلارنىڭ رولى بىردەم ھەمراھ بولۇپ ئىچىشىپ بېرىش،ئاندىن نۆۋىتى كېلىپ قالسا شۇ كۈنى بىر كېچە كارۋاتقا چىقىپ بېرىش بولغاچقا شۇ كۈنى كارىۋاتقا چىقىرىدىغانلارئەلۋەتتە ئۇلارنى يالغان ماختايدۇ،ئاندىن ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە داۋاملىق ئەخلەت بولىدۇ خالاس.ئەمما بۇنى ئۇلار ئۆزى ھېس قىلشمايدۇ.بىر كېچە ھەمراھلىققا چاقىرىلسا ئۆزىنى شۇنداق چىرايلىقتەك ھېس قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇلار‹‹بىر كېچىلىكى ھەقسىز››بولىدىغانلار،بۇ كۈندە كىممۇ ھەقسىزغا ئامراق ئەمەس؟

شۇنداق قىلىپ ئىچىلىۋەردۇق،سائەت ئون ئىككىدىن ئاشقاندا قايتىدىغان بولۇپ ماڭدۇق.ئاقىل ئىككىمىزگە بىردىن قىزنى بىردىن ماشىنىدا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن قوشۇپ قويدى،مەن بىلەن ماڭغان قىزنىڭ ئىسمى رەنا ئىكەنتۇق،مەستچىلىكتە ئۇنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپتىمەن،ئۇقىزمۇ مەستچىلىكتە ماڭا ئېسىلىپ مىڭ تەسچىلىكتە ماشىنىدىن چۈشتى،ماشىنىدىن چۈشۈپلا قۇسۇشقا باشلىدى،قۇسقاندا قىزلارنى بۇنداق سەتلىشىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇنداق ئاي قىزنىڭ ئۈزۈلدۈرۈپ ھۆ قىلىپ قۇسۇشى مانا ئەمدى كۆلدىكى پاقىنىڭ ئۈزۈلدۈرۈپ كۇكىرىشىغا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئۇ قىز بىلەن يۆلەشتۇرۇپ يۈرۈپ ئىشىك ئالدىمغا ئاران چىقىۋالدىم،ئەمما ئىشىكنى ئاچالماي تۇرۇپ كەتتىم،چۈنكى ئۇ قىز ماڭا ئېسىلىپ تۇرىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ مەست،شۇنداق تۇرىۋاتسام ئىشىك ئېچىلدى.

مەستچىلىكتە ئۇنىڭ زۇلخۇمار ئىكەنلىكىنى يەنىلا تۇنۇدۇم.زۇلخۇمار؟زۇلخۇمار قاچان قايتىپ كەلگەندۇ؟بۇ ماڭا ئېسىلىۋالغان قىز كىمۇ؟مەن قاچان بۇ قىز بىلەن بىللە كېلىپ قالغاندىمەن؟مېڭەم ئىسپىرت تەسىرىدە قىزىۋاتقاندا بۇ سوئاللار مېڭەمنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى،قېشىمدىكى قىزنى يۆلىگەن پېتى كىرىپ كەتتىم،ئۇ قىزنى كارىۋاتقا تاشلاپلا ئۆزۈممۇ كارىۋاتقا تاشلاندىم،ئەمدى چاپاننى سېلىشىمغا تۇيۇقسىز ھاجەتخانىغا چىققۇم كېلىپ سىرتقا چىقتىم،ئاندىن قايتىپ كىرىپ ئۇخلاپلا قاپتىمەن...

ئەتىگىنى تۇرسام مېنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنۇم توغرا ئەمەستەك...ئۇنىڭ ئۈستىگە قېشىمدا قىز بالا يوق.دىققىتىمنى يېغىپ تۇرۇپ ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلىدىم.

ھەي ئىسىت،زۇلخۇمارنىڭ ئالدىدا بۇ نېمە سەتچىلىك،ئۇ ئاخشام مېنىڭ شۇنچىلىك ھايۋانسىمان ھالىتىمنى كۆرۈپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىدىن نېمە ئىشلار بولغانى ئېسىمدە يوق...ئەگەر ئاخشام مەستچىلىكتە ئەسكى ئىش قىلىپ قويغان بولسام...ئاھ خۇدا،تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرى نېمانداق تەتۈر،ئۇ قىز قەيەرگە كەتكەندۇ؟ بۇ مەن ...مەن زۇلخۇمارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قاپتىمەنغۇ؟كارىۋات قېشىدىكى ئۆگېنىش ئۈستىلىگە قاراپ ئويغانغان ئورنۇمنىڭ نېمىشقا توغرا ئەمەستەك تۇيغۇ بەرگىنىنى بىلدىم،دەرھال ھوشۇمنى يېغىپ ئۆيۈمگە چىقىپ قارىدىم،قارىسام ئىككى قىز ئۇ يەردە ئۇخلاۋىتىپتۇ.مەن دەرھال باش كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ئىشىم بولمىسىمۇ سىرتقا چىقىپ كەتتىم،چۈنكى بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا قالغاندا بىرىنچى تەدبىر قېچىش ئىدى.

كەچتە ئۆيگە كەلگەندە زۇلخۇمار ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان ئىكەن،مەن تىزلا ئۆتۈپ ئۆيۈمگە كىرىۋالدىم،ئۆيگە كىرىپ بولۇپ ئۇنىڭ مېنى كۆرمەي قالغىنىغا خۇشال بولدۇم،لېكىن بۇنداق كۆرمەي بىر كۈنغۇ ئۆتەر،ئىككى كۈنمۇ ئۆتەر،ئەمما ھەر كۈنى بىر ئىشىكتىن كىرىدىغانلار بۇنداق قىلىپ يۈرسەك قانداق بولار...يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆرەي،ئۇنىڭ نەزىرىدىن قانچىلىك چۈشكىنىمنى بىلىپ باقاي.

-تاماق ئېتىۋاتامسىز؟

ئۇنىڭ تاماق ئېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرساممۇ قېشىغا چىقىپ شۇنداق سورىدىم.

-ھەئە.

-ھە...ئاخشامقى ئىش...ئالدىڭىزدا تولىمۇ سەت بولدى...ئەمەلىيەتتە...

-ئەمەلىيەتتە مېنى كەلمىگەنمىكى دەپ ئويلىغان ھە؟

-ياق،ئۇنداق ئەمەس،بەك مەس بوپ كېتىپتىمەن.

-ئاخشام تېخى ئۇ قىزنى شۇنداق قۇچاقلاپ يېتىلەپ كىرسىڭز قىز دوستىڭىز ئوخشايدۇ دەپتىمەن،ئەتىگەندە تۇرۇپ ئۇ قىز مەندىن قىز دوستى بولامسىز دەپ سورايتۇ...سىز يەنە تېخى ئۇ قىزنى ئۆيىڭىزگە تاشلاپ قويۇپلا مېنىڭ كارىۋىتىمغا كىرىپ يېتىۋالدىڭىز...

-ياقەي،مەن قەستەن قىلمىدىم، بەك مەست بوپ كېتىپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن ھاجەتكە چىققاندا ئۆيگە خاتا كىرىپ قالغان ئوخشايمەن،خاتا كىرىپ قالغىنىمنى مەنمۇ ئەتىگەن بىلدىم.

-بولدى چۈشەندۈرمەيلا قويۇڭ،مېنىڭ قانداق قىلىشىڭىز بىلەن ئىشىم يوق،سىز مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم ئەمەس،خەق بىلەن نېمە قىلغۇڭىز كەلسە شۇنى قىلىۋىرىڭ.ئەمما مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە تەسىر يەتكۈزمەسلىككە ئۆزىڭىز ماقۇل بولغان ،شۇ گېپىڭىزدە تۇسىڭىزلا بولدى.

ئاستا سالپىيىپ ئۆيۈمگە قايتتىم،بۇ قىزلار ھەر قېتىم ئادەمگە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمەيدۇ دېسە...نۇرگۈلگىمۇ بىرەر ئىشلارنى چۈشەندۈرەي دەپ تۇرسام نېمە قىلىشىمنى بىلگەندەكلا‹‹بولدى چۈشەندۈرىمەن دەپ ئېغىزىڭىزنى ئۇپراتماڭ،سىزنىڭ ھەممە ئىشقا باھانىڭىز بار››دەپلا قوياتتى،ئامالىم يوق شۇنداقلا قالاتتىم. ئەمەلىيەتتە قايسى بىر ئىشنىڭ سەۋەبى يوقلا يۈز بېرىدۇ؟مانا نۇرگۈلمۇ ئايرىلىپ كەتتى،ئايرىلىپ كېتىشكە ئۇنىڭمۇ باھانىسى بار،بۇ قىز سىرتتا تاماق ئېتىۋاتىدۇ،ئۇنىڭمۇ سەۋەبى بار،ئاددىيسى مەن بۇ يەردە مۇشۇ ئىشلار توغرىلىق ئويلىنىۋاتىمەن،بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار،نېمىشقا ئوغۇللارنىڭكى باھانە،قىزلارنىڭ سەۋەب بوپقالىدۇ؟بىز ئوغۇللار شۇنچىلىك قارا نىيەتمۇ؟‹‹باھانە››تاپالىساقلا يامان ئىش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان؟ئەمەلىيەتتە بىرەريامان ئىشنى راستىنلا قىلماقچى بولساق قىزلار بىلىپ قېلىڭلاركى بىزلەرگە ھېچ قانداق سەۋەب كەتمەيدۇ...

بىردەمدىن كېيىن ئىشىك چىكىلدى،زۇلخۇمار مېنى ئۆيىگە چاقىرىپ قويۇپ ئۆيىگە چاقىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى،ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە تەلەپپۇزىغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندەكمۇ قىلاتتى.

مەن ئىدىيەمدە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم،ئەگەر ئۇ يەنە بۇ توغرىلىق سۆزلىسە قۇلاق تۈۋۈمدىن  شامال ئۆتكەندەكلا ئولتۇراي...

ئۇنىڭ ئەتىگەن جىددىيلىشىپ ياخشىراق قاراپمۇباقمىغان  ئۆيىگە ئەمدى تولۇق سەپسالدىم،رەتلىك قويۇلغان كىتابلار،پاكىز كارۋات ياپقۇچلىرى،ئۇ قىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىنى مانا دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۆگىنىش ئۈستىلى ئۈستىدە ئىككى قاچا تاماقمۇ تۇراتتى.

-قېنى تاماقتىن بېقىڭ،تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى.

تاماقنى قولۇمغا ئالدىم،خۇددى گۇناھكارلاردەك ئۈن تىنسىز ھالدا تاماق يېدىم،ئۇ قىزمۇ تاماق يەۋاتقاندا بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمىدى.

-بايىقى گەپلىرىم سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ...كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ ئىللىپ كەتتى.

-ياق،ياق،كۆڭلۈمگە ئالمىدىم،ئەمەلىيەتتىمۇ سىز دېگەندەك چۈشىنىدىغان ئىش يۈز بەرگەن تۇرسا...

-سىزنىڭ قىز دوستىڭىز يوقما؟

-ئايرىلىپ كەتكەن.

-ھە،مۇنداق دەڭ...

بۇ قىز ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم بۇنداق يېقىن ۋە شەخسىي تېمىدا پاراڭلىشىۋاتاتتۇق.

-نېمىشقا ئايرىلىپ كەتتىڭلار؟ھازىرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟

-شۇ مېنىڭ بىخەستىلىكىمدىن ئۇنى قولدىن چىقىرىۋىتىپ قالدىم،بولمىسا ئۇنى جېنىم بىلەن ياخشى كۆرەتتىم.

-ھە،جېنىم بىلەن ياخشى كۆرەتتىم دەپ ئېغىزىڭىزدىلا دەپ قويۇپ ئاخشامقىدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسىز دەڭە؟ ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرسىڭزئاخشامقىدەك ئۇنداق ئىشلىرىڭىزنى توختىتىپ،ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىڭ.

-بۇنى مەنمۇ ئويلىغان...

-ئويلاپ ئولتۇرغانغا ھېچنىمە كەلمەيدۇ غۇجام،ھەركەتنىڭ ئۆزى كېرەك ئۇ قىزغىمۇ.

بۇ قىزغۇ نۇرگۈلنى چۈشەنمەيدۇ،ئەمما نېمىلا بولمىسۇن قىز بالا بولغاندىكىن قىز بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەر دەپ ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدىم.ئۇ قىز ماڭابىر مۇنچە ئىشلارنى ئۆگەتتى.

-ئەمدى مۇشۇنچىلىك بولسۇن،بۇلارغا ھەقىقەتەن جىق ۋاقىت كېتىدۇ،بۇنداق ئولتۇرىۋەرمەڭ،ئەر كىشى بولغاندىكىن يۈرەكلىك،سەۋرچان،ئاكتىپراق بولۇڭ،قالغان ئىشلارنى قىز بالا تەرەپ ئۆزى قىلىدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا مۇشۇ سۆز بىلەن ئۆز مەسلىھەتىنى تۈگەتتى،مەنمۇ بۇ قىزنىڭ ئۆگەتكەن ئۇسۇللىرىنى گەرچە ماڭا نىسبەتەن قىيىن بولسىمۇ يەنىلا سىناپ بېقىشنى لايىق تاپتىم،چۈنكى يول تاپالماي جىم تۇرغان ماشىنىدىن يول تېپىپ ئىلگىرلىيەلىگەن ۋەلىسپىت ياخشى ئەمەسمۇ.

ئەتىسى ئەتىگەندىلا زۇلخۇمارنىڭ ئىشىك چىكىشى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم‹‹تۇرۇڭ راززاقجان،بەخىت سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ››بولىدۇ،بۇ قىزنىڭ گېپىگە كىرىپ باقاي،نۇرگۈلنى قايتا كەلتۈرەلەيدىغان بولسام مەيلىغۇ جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ...

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماشىنىنى نۇرگۈلنىڭ ئۆيىگە قارىتىپ يۈرۈپ كەتتىم،ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاز قالغاندا ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىشىكىگە قاراپ تۇردۇم،تۇرىۋاتىمەن،نۇرگۈل چىقمىدى،يەنە تۇرىۋاتىمەن،نۇرگۈل يەنە چىقمىدى،مانا ئەمدى ئولتۇرىۋالدىم،نۇرگۈل يەنە چىقمىدى،يەنە ئۇلتۇرىۋاتىمەن،ئۇ يەنە چىقمىدى،ئەمدى تۇرىۋەرسەم بۇ يەردە يېتىۋالغۇدەكمەن،ئەڭ ياخشىسى قايتىپ قالاي.

ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا  زۇلخۇمار ئۆيىدىن چىقىپ مەندىن سورىدى.

-قانداق ،ئۇنى ئۇچرىتالىدىڭىزمۇ؟

-ياق،ساقلىدىم،ئەمما چىقمىدى.

-ھە،بوپتۇ،ئەتە يەنە بېرىپ بېقىڭ، ھە راست، تېلىفۇن ئۇرۇپ سوراپ بېقىڭە ،ئۆي كۆچمىگەندۇ؟

تېلىفۇن ئۇردۇم،ئۇنىڭ ئۆيىنى سورىغانتىم ،ئۇ ناھايىتى سوغوق قىلىپ بۇ نىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپلا جاۋاپ بەردى،بوپتۇلا،ئوغۇل بالا بولغاندىكىن چىداپ يەنە بېرىپ باقاي.

ئەتىسى ئەتىگەندە زۇلخۇمارنىڭ ئويغىتىشى بىلەن يەنە نۇرگۈلنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا باردىم،ساقلاپ تۇرسام ئۇ چىقتى،مانا،تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان ،بۇ كىيىم بىلەن بەدەن شەكلى تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن، ئەشۇ سۇس كۆك رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى ئىچىدىكىسى نەقلا مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم،نەپەسلىرىم ئۆزۈمچە تېزلىشىپ خۇشاللىقىمنى ئىچىمگە پاتۇرالمايلا كەتتىم،ھە،مانا بىرىنچى قەدەم،ئۇنىڭ ئەتىگەندە سىرتقا چىقىدىغىنىنى بىلدىم،مانا ئەتىدىن باشلاپلا ئىككىنچى قەدەمنى باشلاي.

ئۆيگە كىرىپلا زۇلخۇمارغا بۈگۈنكى غەلىبە خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەپ ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلماقچى بولدۇم،ئەمما ئۇ ئۆگىنىشىم ئالدىراش دەپ پەقەتلا چىققىلى ئۇنىمىدى.

ئۆيۈمگە كىرىپ بىر گۈل دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇ دۇكان ھەر كۈنى كەچتە مېنىڭ ئۆيۈمگە توققۇز دانە قىزىلگۈل ئەكىلىپ بېرىدىغانغا ۋەدىلەشتۇق،شۇ كۈنى كەچتىلا گۈل كەلتۈرۈلدى.ئەتىسىدىكى قىلماقچى بولغان ئىشىمنى ئويلاپ ئۆزۈمچە تولىمۇ رومانتىكا ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ شۇ رومانتىكىلىق تۇيغۇدا ئۇخلاپ كەتتىم.

ئەتىسى زۇلخۇمار ئويغاتمىسىمۇ ئۆزۈمچە ئويغىنىپ تۇرۇپ ماشىنامغا چىقىپ ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا چىقىرىپ  قويۇپ مەنزىلىمگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم،ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە گۈلنى قويۇپ قويۇپ،ئۆزۈم يىراقراق جايغا بېرىپ قاراپ ئولتۇردۇم.بىردەمدىن كېيىن ئۇ يەنە تەنتەربىيە كىيىمىنى كىيىپ ئىشىكىدىن چىقىپ كەلدى،گۈلنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندەك بولۇپ گۈلنى ئالدىدە ئەتراپقا قاراپ باققاندىن كېيىن گۈلنى ئېلپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتىيۇ بىر دەمدىلا يەنە قايتىپ چىقتى، ئېھتىمال گۈلنى ھويلىسىغا قويۇپ قويدى دەپ ئويلىدىم،ئۇ چىققاندا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ  بىردەم ھوزۇرلانغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتىم.

شۇنداق قىلىپ ئارىدىن نەچچە ھەپتە ئۆتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم ،بۇ ئارىدا شىركەتتىكى ئىشلار بىلەن تازا كارىم بولمىدى،زۇلخۇمار بولسا يەنە ئۆز ئۆگىنىشى بىلەن ئالدىراش . بۇ ئۇسۇل بىلەن قاچانغىچە ساقلايدىغىنىم ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم،ئەمما قانچىلىك ساقلىساممۇ ئەرزىيدۇ...

بىر كۈنى كەچتە نۇرگۈل ماڭا تېلىفۇن قىلدى،تېلىفۇننى ئېلىپلا :ئەتىگەنكى ئىشنى سىز قىلدىڭىزما؟ دەپ سورىدى.  ئۇنىڭ تېلىفۇن ئۇرغىنىغا خۇشال بولۇپ تۇرغانتىم، ئەمما ئۇنىڭ جىنايەتچىنى سوراق قىلغاندەك بۇ سورىغان سوئالىنى ئاڭلاپ يەنە ئەرۋاھىم ئۇچتى،مەنمۇ قەستەن سوغۇقلا جاۋاب بەردىم.

-نېمە ئەتىگەنكى ئىشكەن ئۇ؟ مەن خاتالىق ئۆتكۈگەندەكلا تەلەپپۇزدا سوئال سورايسىنا؟ نېمە ئىشتى ئۇ؟

-بىلمىسىڭىز بوپتۇ ئەمسە.

-ۋەي، ۋەي...

قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ باقاي دەپ ئويلىغانتىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇ شۇنداق دەپلا تېلىفۇننى قويۇۋەتتى.

بوپتۇ، يەنە چىداي، بۈگۈن ئۇ تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ماڭا تېلىفۇن ئۇرمىغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانتى،تېلىفۇن نۇمۇرۇم ھېلىمۇ ئېسىدە تۇرۇپتۇ، بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش،باھار كېلىپ بولسا كۈزمۇ تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.بەزىدە قىزلار مۇشۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلسىمۇ كۆڭلىدە يەنە ياخشى كۆرەرمىش،ئەمما ئوغۇللارمۇ ئەۋلىيا سۈپەت ئىنسانلار بولساقمۇ ئەمما راستىنلا ئەۋلىيا ئەمەستە، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ تۇرساق قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە قانداق ئويلايدىغىنىنى،قانداق پىلانى بارلىقىنى بىزلەر ئەلۋەتتە بىلمەيمىزدە.

ئەتىسى يەنە ماشىنامغا چىقىپ ئاخشامقى ئىشلارنى  بولۇپمۇ ئۇنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىنى ،گۈل پەيدا بولۇپ قالسا مېنى ئېسىگە ئالغانلىقىنى ئويلاپ خۇشال بولدۇم.ۋە ماشىنىنىڭ چىقىۋاتقان ناخشىسىغا ئەگىشىپ ناخشا توۋلىدىم.

‹‹ يار ئوتىدا كۈل بولدۇم،

يار بىلەمدۇ بىلمەمدۇ؟

مەن يارغا كۆيگەن بىلەن...

تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپ قالغان خەنزۇ بوۋاينى كۆرۈپ ماشىنىنى جىددىي تۇرمۇزلىدىم،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغانلىقىم ئۈچۈن بېرىپلا رولغا كاللا قويىۋەتتىم...ماشىنىغۇ توختاپتۇ،ئەمما مەن ئويغانغاندا دوختۇر بېشىمنى تېڭىپ بوپتۇ، دوختۇردىن ئاڭلىسام شۇ ۋاقىتتا بېشىم قاتتىق ئۈسكەنلىكتىن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن،ئاندىن ھېلىقى بوۋاي تېلىفۇن قىلىپ يۈرۈپ زۇلخۇمار بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ،زۇلخۇمار مېنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىپتۇ.

دوختۇرخانىدا ئۇزۇن ياتمايلا شۇ كۈنى چىقىپ كەتتىم،چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا دوختۇر ماڭا ئەقلىي ئەمگەكنى بىر مەزگىل ئازايتىشىمنى،ئۇندىن باشقا يەنە ئېغىر ھەركەت قىلماسلىقىمنى جېكىلەپ بىر مۇنچە دورا بەردى .

-مانا بۇ دورىلىرىڭىز،بۇلارنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي يەپ بېرىڭ،كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى سىزنى ئەكىرگەن قىزغا دەپ قويدۇق.

-ھە،ماقۇلە ،رەھمەت.

دوختۇرخانىغا ئەزەلدىن خوشۇم يوقتى،مانا بىر دەمدىلا چىقىۋالدىم.لېكىن مېڭەم پات پات قىزىشىپ بېشىم ۋىڭىلداپ ئاغرىپ قوياتتى،ئۆيگە كېلىپلا زۇلخۇماردىن قانداق كېسەللىكىمنى سورىدىم ئۇ:

چوڭ چاتاق يوقكەن،پەقەت ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراپ دورىڭىزنى ۋاڭتىدا ئىچىپ بەرسىڭىزلا ساقىيىسىزكەن. دورىنى ئوبدان يەڭ ماخما،چاتاق چىقمىسۇن ئەمدى.

-چاتاق چىققۇدەك ئېغىرمىكەن؟

-ياق ...ياقاي،دورىنى يەپ تۇرسىڭىز قاندا چاتاق چىقىتتە.

بۇ قىزنىڭ ئوماق خوتەن تەلەپپۇزىنىزە...ئوماقلىقىغا ئوماقلىق قوشۇپلا تۇرىدۇ.

شۇ كۈنى نۇرگۈلدىن تېلىفۇن كېلىدۇ دەپمۇ ئويلىغانىدىم، ئەپسۇس يەنىلا كەلمەي قويدى.تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم،لېكىن ئۆزۈم تېلىفۇن قىلىپ بېقىشنى قارار قىلىپ ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇردۇم.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

-مەن سزنى تېلىفۇن ئۇرماڭ دەپ قانچە قېتىم دېسەم بولىدۇ؟بولدى تېلىفۇن قىلماڭ،مېنىڭ ھازىر يېگىتىم بار.خوش بولدى قويۇۋەتتىم.

-نېمە؟

تېلىفۇننىڭ تاراققىدە قويۇلغان ئاۋازى ئۇنىڭغا ئۇلاپلا تۈت-تۈت قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.تۇيۇقسىزلا مېڭەم يەنە ۋىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى.

-نېمە؟تېلىفۇننى بۇنداق دەپ قويىۋىتىدىغان ئىش قەيەردە بار؟ۋەي، نۇرگۈل نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟مېنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنتىڭغۇ؟ مۇنداق تېز باشقىسىنى تېپىۋالمىغانسەن؟ چوقۇم يالغان،سەن ساقايماس كېسەل بولۇپ قېلىپ بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۆزۈڭگە ئۆچ قىلماقچى بولغان بولساڭمۇ خاتا ئويلاپسەن،مەن مەڭگۈ ساڭا ئۆچ بولمايمەن...

شۇنداق سۆزلەۋاتقىنى مەن ئىدىم،دەل شۇ تېلىفۇنغا سۆزلەۋاتاتتىم.

-بىلمەيسەن،مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمەن بۇنى بىلمەيسەن.قىزلارغۇ بىر نېمە چۈشەنمەيدىغان خەق.زۇلخۇمار،ھەي زۇلخۇمار،سەن ئوغۇل دوستۇڭنى قاقشىتامسەن؟نېمىشقا قاقشاتمايسەن؟قاقشات،سەنمۇ قاقشات مەنمۇ قاقشىتاي،مۇشۇنداق قاقشىتىپ يۈرۈپ مۇھەببەت دېگەن بىر نېمىنى پەيدا بولغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىۋىتەيلى،ھازىرمۇ مۇھەببەتنى مۇھەببەت دېگەن نامىغا يۈز كەلتۈرۈپ يۈرىدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ ئۇنىڭدىن يوقىلىپلا كەتسۇن بۇنداق ئالداش ۋاستىسى دېگەن،مەن ئادۋوكات،مەن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى قانۇنغا مۇھەببەت قانۇنى دەپ بىر قانۇن قوشسۇن...ئاقىل ئاداش قېنى سەن؟مودىل قىزلاردىن تاپ ئاداش،قېنىكەن ئۇ قىزلار؟ پۇلغا جىققۇ مۇشۇ كۈندە قىز بالا دېگەن.ۋەي،كىمۇ؟ئاقىل يوقما....

بىر دەم كايىغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە كىرىپ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتىم ۋە ھاراق ئارقىلىق ئۇيقۇغا كەتتىم.ئەتىسى چۈشتىن  كېيىن ئۆزىنى ئاقىل ،مەخمۇت دەپ ئاتىۋالغانلار كەلدى،ئوبدان ئەسلەپ باقسام راستىنلا شۇلاردەك قىلىدۇ.ئۇلار ئاۋۋال زۇلخۇمارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاندىن چىقىپ خۇددى ئېچىنغاندەك قىياپەتتە ماڭا قاراپ تۇرىۋاتىدۇ.ھەي،بۇلار كاللىسىدىن كەتمىگەندۇ؟

-سىلەر نېمىگە بۇنداق قاراپ تۇرىسىلەر؟مېنىڭ دوستۇم تۇرۇپ ماڭا مۇشۇنداق قاراپ نېمە قىلىسىلەر؟مەن ئۆلمىدىم،پەقەت بېشىم يارىلاندى.

ئۇلار ماڭا بېشىمنىڭ پەقەت ئازراقلا يارىلانغانلىقىنى ھازىرلا ئەڭ ياخشى دوختۇرغا كۆرسىتىدىنىنى ئېيتىشىپ مېنى ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى.

دوختۇرخانىغا كېلىپ مېنى بىر مۇنچە تەكشۈرۈشتى،تەكشۈرۈشتىن چىقىپ قارىسام ئاقىل مەخمۇتلارنىڭ قېشىدا يەنە بىر قىز  تۇرۇپتۇ.ئەمما ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپلا تۇنۇدۇم،ئۇ نۇرگۈل ئىدى.

ئەسلى مۇنداقكەندە، بۇ ئىككىسىنى يېقىن دوستۇم ئاقىل بىلەن مەخمۇت  دەپ ئويلىسام بۇ ئىككىسى نۇرگۈل بىلەن يۈرىۋاتقان ئوغۇل دوستى ئوخشىمامدۇ.خەپ!ئېتىلىپ بېرىپلا ئۇ ئىككىسىنى ئۇرۇپ كەتتىم،بىر دەمدىن كېيىن دوختۇرلار مېنى تارتىپ ئەكىرىپ كەتتى.

مېڭەمنىڭ ئاغرىقى يەنە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىپ كېيىنچە  ئاغرىمايدىغان بولدى. ھازىر ئۆي كۆچۈپتىمەن،زۇلخۇمار بۇ يەردە تۇرمايدۇ،ئۆزۈم يالغۇزلا بىر كارىۋات بار ئۆيدە تۇرىۋاتىمەن،ھەر كۈنى بىر قانچە قىز مېنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيۈمگە كىرىدۇ،بۇلار ئاپئاق كىيىم كىيىشىۋالىدۇ،ئاندىن مېنىڭدىن ئۇنى بۇنى سوراپ بېقىپ قايتىشىدۇ،ئۇلارغىغۇ ھەرگىز بىر نېمە دەپ بەرمەيمەن.قىز بالىكەن ،يېقىنلاشمىسا بولىدۇ بۇلارغا.يېقىنلاشسا ئوغۇل بالىلارنى ئازدۇرىدۇ بۇ توشقانچاق قىزلار،توشقانغۇ ئوماق،بۇلارمۇ ئوماق بولغان بىلەن كېچىسىمۇ ئوماقلىق قىلىدۇ چوقۇم ...ساراڭ خەق،مېنى ئازدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشما،مېنى پەقەت نۇرگۈللا ئازدۇرۇش ھوقۇقى بار،ئاساسىي قانۇننىڭ 414-ماددىسىدا شۇ بەلگىلەنگەنكى،ھېچقانداق كىشى نۇرگۈلنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،ۋاي يوقىلىشە ساراڭلار!مېنى ئازدۇرۇشما،ئاپئاق كىيىمنى سېلىۋىتىپ مەينەت كىيىم كەيسەڭمۇ مەن ئازمايمەن سەنلەرگە!

ئۇلارنىڭ يۈزى تولىمۇ قېلىنمۇ تازا بىلىپ كەتمىدىم،ھەر كۈنى بايىقىدەك سىلىق رەت قىلىۋەتسەممۇ ئۇلار يەنە ھەر كۈنى كىرىشىدۇ.

شۇنداق ئازدۇرۇشلارغا ئېزىپ كەتمەي يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتتى.

بىر كۈنى يەنە بىر قىز مېنى چاقىرىپ مېنى بىر قانچەيلەن ساقلاۋاتقىنىنى ئېيتىتى،بۇلار ئەمدى تېخىمۇ چىرايلىقلارنى چاقىرىپ مېنى ئازدۇرماقچى بوپتۇدە،چىقىپ قاراپ باقاي.

چىقسام بىر قىز بىلەن بىر ئاق كىيىم كەيگەن ئادەم پاراڭلىشىۋاتاتتى.

-نېرۋا كېسەللىكلىرى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ،بىر خىلى پارچىلىنىش خارەكتىرلىك،يەنە بىرخىلى بولسا ھېسسىيات خارەكتىرلىك،ئۇنىڭدا ئەسلى ئازراق پارچىلىنىش بار يەنى نېرۋىسى ئازراق يارىلانغان ئىكەن،ئۇنى داۋالاپ ساقايتتۇق،ھازىر قېلىپ قالغىنى شۇ كەينىدىكى سەۋەب،ئېھتىمال بىرەر ئىش ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر قىلىپ مېڭىسىدىكى يارىلىنىشنى چوڭايتىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن ...ھازىر قالايمىقان ئوي پىكىر ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي سۆزلەپ كېتىش،ئۆزىچە ناخشا توۋلاش ۋە ئەمەلىيەت ۋە خىيالنى پەرق ئېتەلمەسلىك قاتارلىق بىر قانچىلا ئالامەت قېلىپ قالدى.ئادەمنىمۇ ئانچە مۇنچە تونۇيدىغان بولۇپ قالدى،ئىشقىلىپ ياخشىلىنىش زور ئەمما قاچان ساقىيىدىغىنىنى بىز  بىر نېمە دېيەلمەيمىز››

بۇلار مەن توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتقاندەكمۇ قىلامدۇ نېمە،ياق، ئۇلار بىر كېسەل توغرىلىق پاراڭلىشىۋىتىپتۇ،مەن يا كېسەل بولمىسام،بولدىلا كارىم بولمىسۇن.

يېقىن بېرىپ  قارىسام راستىنلا تېخىمۇ چىرايلىق بىرسى مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ مېنى كۆرۈپ ھېلىقى ئاق كىيىملىكمۇ كېتىپ قالدى،مانا مېنى كۆرۈپلا بۇرۇنقى مۇھەببىتىنى ئۇنتۇپ ئوغۇل دوستىنى قوغلىۋەتتىدە بۇ قىز.مەن بۇ قىزنىڭ قېشىغا بارغاندا بۇ قىز ماڭا ئېسىلىپلا يىغلىدى،بۇ قىز تولىمۇئوماق قىز ئىدى،مەن ئۇنىڭغا قايتا قارىدىم،بۇ قىز مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم نۇرگۈلگە قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتتى.مېڭەم يەنە تۇيۇقسىزلا قىزىشىپ كەتتى.

-نۇرگۈل ھەرگىز بۇ يەرگە كەلمەيدۇ،نۇرگۈل ماڭا بەكلا ئۆچ!نۇرگۈلنىڭ يېگىتى بار!!!

ئۆزۈمنى بىلەلمەيلا ۋارقىراپ كېتىپتىمەن،نەدىن كەلدىكىن يەنە ئاق كىيىم كەيگەن بىر قانچەيلەن مېنى قولۇمدىن تۇتۇپ يان تەرەپكە تارتتى.

بىر دەمدىن كېيىن ئاقىل ۋە مەخمۇتلارمۇ كەلدى،ئۇلار ئۇ قىزغا سالام ۋە كېچىكىپ قېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ مېنىڭ قىشىمغا كەلدى.

-ياخشى تۇرىۋاتقانسەن ئاداش،يوقلاپ كېلەرمىز دەپمۇ ۋاقتىدا كېلىپ بولالمىدۇق...

.ئۇلار بىر مۇنچە تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلىشتى،ئاندىن مېنىڭ خاتىرەمنى زۇلخۇمارنىڭ رەتلەپ تورغا چىقارماقچى بولغانلىقىنى ،شۇڭا  قائىدە بويىچە ئىمزا كېرەكلىكىنى ئېيتىشتى،مەنمۇ ئىمزا قويدۇم.ئۇلار بىر مۇنچە يەيدىغان بىر نېمىلەرنى بېرىپ كېتىپ قېلىشتى،مەن بولسام يەنە بىرلا كارىۋىتىم بار ئۆيۈمگە قايتتىم.كىرىپلا ھەيران قالدىم،چۈنكى بۇ ئۆيۈم بارغانسىرى كېسەلخانىغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.مەن دەرھال سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا قارىدىم،قارىسام ئىككى ئادەم ئۇرۇقلىرى يوق شاھماتنى ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ،بۇنى كۆرۈپلا ھەممە ئىش كۆڭلۈمگە ئايان بولدى.مەن ساقايغان ئوخشىمامدىمەن؟

-دوختۇر!مەن ساقايدىم!!دوختۇر!!!مانا ساراڭ دېگەن ئاۋۇلاردەك بولىدۇ ،دوختۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 435
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8292
تۆھپە نۇمۇرى: 674
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 04:37:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تەپسىلىي ئوقۇدۇم . ئالدى بىلەن مۇھەبىتىڭىزگە ساددىق ئىكەنلىكىڭىزنى ، ئاندىن زۇلخۇماردىن ئىبارەت بۇ پىرسىناژ ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى ئادەمگەرچىلىكنىڭ ھېلىھەم مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىپسىز .
مەن ئادەملەر ئارىسىدا ھەرۋاقىت مىھىر مۇھەببەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

سىكۇنىت سېتىرلكىسى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىڭىز ، مېنۇت سېتىرىلكىسى ياشلىقىڭىز ، سائەت سېتېرىلكىسى قېرىلىقىڭىز شۇڭا ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ !

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 08:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنى بىر تىمىغا يىغىنچاقلاپ تۇلۇق يوللاپ ياخشى قىلىپسىز دوستۇم
ۋاقىت چىقىرىپ بىر باشتىن ئوقۇپ چىقاي بۇ ئەسەرنى

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 08:09:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم .

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

مۇز ئەرۋاھ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 181
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26926
تۆھپە نۇمۇرى: 334
توردا: 1586 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-24 10:27:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا......ئوقۇغانلاار پەقەت مۇشۇنچىلىك دەيلى.......

ئەلھەمدۇلللا......

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 233
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5914
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2010-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-24 01:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:2] .....خىلى ياخشى يىزىپسىز.بۇنچىلىكمۇ يازالمايدىغانلار جىق ،يەنىمۇ تىرىشىڭ،ئەتراپىمىزدىكى ھىكايىلەر ئىنتايىن جىق،ياخشى ئەسەرلەرنى يەنە مۇشۇنداق يوللىشىڭىزنى تىلەيمەن،تىرىشسىڭىز  پات ئاردا نادىر ئەسەرلەرنى چوقۇم يازالايسىز....رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 526
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5765
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 3780 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-24 10:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئاخىرى بار ئوخشايدۇ دەپتمەن ياخشى يېزىپسز

ئۇنۇتقىن ئەسلىڭنى ۋەسلىڭنى ھەم.

گۈلۈم شۇنى ھىس ق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 132
يازما سانى: 1147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11504
تۆھپە نۇمۇرى: 469
توردا: 9421 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 12:11:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3(yahxilik)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

بوۋاي بەك قىرىپ كىتىپسىز ئالدىرىماي ،كۆزئەينەك تاقاپ ئۇقۇڭ جۇما

سەنئەتكە بىرىلگەن مىللەت چۈشكۈنلەشكەن مىللەتتۇر ،،،،سىنى يىغلاتقانلار سىنىڭ يىغلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ،

ئۆتكۇزگەن خاتال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 364
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6293
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 02:23:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىكى ئۇكاشقا ئازراق ئوخشاپ كىتىدىكەن .

ئۆتكۇزگەن خاتالىقلىرىمنى يۇيۇشقا كۆز  يېشىىم كەملىك قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7537
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 11:46:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇپ باقسام بولغۇدەك جۇمۇ......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش