قارسام مۇنبەردە مۇشائىرچىلەرخېلى كۆپ ئىكەن،گەرچە بۇ دوستلارغا يىڭچە مەزمۇن بولمىسىمۇ .بىراق يېزىلىش مەزمۇنى يىڭچە بولغاچقا يوللۇدۇم.قېنى ئەمسە ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىز.... مەرھەمەت
كۆيۇپ ئىشقى پىراقىڭدا كۈل بوپ ئۆچسەم مەيلىمۇ؟
گۈل ئىدىمكى ھىجرانىڭدا تۇزۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟
سىنىڭ ئۇچۇن ئاتاپ تۇرۇپ ياشلىغىم ھەم بارلىغىم،
ۋىسالىڭىسىز قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟
مۇشۇ بۇيۇچە داۋاملاشسا بۇلىدۇ...
ۋىسالىڭىسىز قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟
ئىشقىڭ چۈشكەن بۇ يۈرەكىم كۈيۈپ كەتسە مەيلىمۇ؟
ۋىسالىڭنى ئىزدەپ نىگار يۈدۈم كىزىپ چۆللەرئارا،
دەشتى چۆلدە سېنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىمۇ؟
قارمەلىكە؛2010-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنى