مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1056|ئىنكاس: 16

قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bahtimni bir alladin tilayman

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16372
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 5028 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 12:25:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

                                           قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى


                                                  پاتىمە ھۈسەن




بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلالايدىغان گۈزەل چېچەككە ئايلىنىپ، كىشىلىك دۇنياسىغا خۇش پۇراق چاچالايدۇ. قىزلار ئەزەلدىنلا ئەخلاقىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ كەلگەن، چۈنكى قىز دېمەك مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىسى دېمەك؛ قىز – ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى، كىشىلىك ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى قىزلار ئۆزىدە قانداق ئەخلاق قاراش ۋە قىزلىق پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؟


مېنىڭچە، ھازىرقى زامان قىزلىرى تۆۋەندىكىدەك قىزلىق پەزىلەتلىرىنى ساقلاش كېرەك:

1. گەپ – سۆزدە ھايالىق بولۇش. قىزلار مەيلى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ساۋاقداشلىرى ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن، گەپ – سۆزدە سىلىق – سىپايە بولۇشى ۋە ئورۇنلۇق سۆزلىشى لازىم. بۇ قىزلار ئۈچۈن بىر خىل پەزىلەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ قىزلارنىڭ كەلگۈسى ئائىلە تۇرمۇشى ۋە پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رولى بار.


2. يۈرۇش – تۇرۇش ۋە ھەرىكەت – قىلىقتا ھايالىق بولۇش. قىزلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى ھايالىق بولغاندىلا، سېھرىي كۈچكە ۋە جەلبكارلىققا ئىگە بولىدۇ، بۇ جەلبكارلىق قىزلىق نازاكىتىنى جۇلالاندۇرۇپ، قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىياپەت، ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىزلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتىدىن شۇ قىزنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، قىزلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، يۈرۈش – تۇرۇشتا دىققەت قىلىپ، سىلىق ۋە يارىشىملىق قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم.


3. كىيىنىش جەھەتتە ھايالىق بولۇش. ئادەتتە قىز – ئاياللار ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچىكى ئارقىلىق تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچىكى ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەر بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دېمەك، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كىيىم – كېچەك بىرىنچىدىن، ئوخشاش بولمىغان جىنىسلىقلارنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان؛ ئىككىنچىدىن، مىللەتلەرنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم تاشقى ئامىل. قىزلارنىڭ كىيىم – كېچەك ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن تاشقى كۆرۈنۈشى باشقىلارنىڭ شۇ قىزغا بولغان بىرىنچى باھاسىىغا سەۋەپچى بولىدۇ. شۇڭا، قىزلار كىيىم – كېچەك جەھەتتىن ھايالىق بولۇشى، كىيىنىشى ئوغۇللاردىن پەرقلىق بولۇشى، مىللىي كىيىنىش ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. مېھىر – مۇھەببەتلىك بولسا ئائىلىسىدە ئىللىقلىق بولىدۇ، قىزلار بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۈگۈنكى دەۋر قىز – ئاياللاردىن بىلىم ئىگىلەپ جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە بىر قەدەر چوڭقۇر نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، قىزلار ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ بىلىم ۋە ئىقتىدار ئىگىلىشى لازىم.


مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى. تېپىشىپ بەرسەڭلار سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17354
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5783 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 12:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى قىلىپسىز بۇ تېمىنى يوللاپ،بىز خانىم-قىزلار چوقۇم كۆرۈششكە تىگىشلىك ئىشلاركەن...............جەمىيىتىمىز تەرەققىي قىلدى دەپ قىزلىرىمىز ئەرلەردەك ياسىنىدىغان بولۇپ كەتتۇق،قىزمۇ ئەرمۇ بىلگىلى بولمايدۇ..............مەن چوقۇم تىرىشىمەن....

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12242
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2011-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 12:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغرىسىدا بىلىدىغىنىم ناھايتى ئاز كەن  [s:160]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21504
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3223 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 12:58:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە لازىملىقلاركەن ... رەھمەت

كۈلمەكتىن يىغلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19530
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3203
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 01:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇتۇن-قىزلارنىڭ شەرمي- ھايالىق بۇلۇشى، شۇ خۇتۇن -قىزلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختىنى تىپىشى ئۈچۈن بەك پايدىلىق.
ھايا بولمىغان جايدا ،ئىماندىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستۇر!
ھاياسىز كىشلەر، شەيتانغا بىر ئۆمۈر  قۇل بۇلۇپ ئۈتۈپ كىتىدۇ.

كۈلۈش چىرايغا قورۇق چۈشۈرسە ،يىغلاشمۇ ئوخشاشلا ........ شۇڭا كۆپ كۈلمەڭ ھەم .......

جەننەت ئانىلارن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7231
يازما سانى: 935
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8748
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 3162 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 01:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىكەن ..............................

ئادەم سەمىمىي راسچىل بۇلۇش كىرەك.

جەننەت ئۆتكۈر قىلىچلار ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7432
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 01:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن گەپ قىلماي .... قىزلىرىمىز كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، كاللىسىغا
مەھكەم ئورنىتىۋالسا بولغۇدەك تېمىدىن بىرسى چۈپتۇ مانا ....

الله ماڭا پەرز قىلغاننى ھېچكىم توسۇپ قالالماس ! ئىنشا الله ، مەن ھەممىنى قىلالايمەن ، رەببىم مېنى ئەنە شۇنداق ياراتقان ! چۈنكى مەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن! خاتەمى نەبىيياننىڭ ئۈممىتىمەن ! مۇسۇلمان دېگەن شۇ نامنى دۇنياغا تونۇتۇپ تۇرۇپ ياشايمەن   !   _____________________ كۇرشاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18690
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3814
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 01:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرى سىزدىگەندەك بولسا نىمىدىگەن بەخىتلىك بولۇپ كىتەرتى ھە
بىز ئەرلەرمۇ شۇنداق ۋىجدان،غورۇرلۇق، ئىتىقادلىق بولۇپ كەتكەن بولساق دۇنيادىكى ئەڭ ساپ، ئەڭ پاك، ئىلغار مىللەت بولاتتۇق [s:130]

ئۆز تارىخىنى ئوقۇمىغان مىللەت ئاتا دۇشمىنىنى بىلمەيدۇ. ئىتىقادى بولسىمۇ دىنى بولمىغان مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار.

ئەتە دىگەن سۆزدە

پائالىيەتچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 3827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90095
تۆھپە نۇمۇرى: 1260
توردا: 5717 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 01:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت Kurxad كە 2010-11-30 01:19 PMئەۋەتىلدى :
مەن گەپ قىلماي .... قىزلىرىمىز كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، كاللىسىغا
مەھكەم ئورنىتىۋالسا بولغۇدەك تېمىدىن بىرسى چۈپتۇ مانا ....

راس  دەيسىز  دوستۇم.............

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

بەڭگى،ھاراقكەش،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10150
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6108
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 03:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يوللاپسىز.ئەدەپ-ئەخلاقلىق،شەرمى-ھايالىق قىزلار ھەر قانداق ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ.

بىچچارە مىللىتىم نامراتلىقتىن قاچان قۇتۇلار؟؟؟!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش