مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 3

ئاياللارنىڭ پەرزەنت، جەمئىيەت ئالدىدىكى ر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 05:53:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللارنىڭ پەرزەنت، جەمئىيەت ئالدىدىكى رولى ۋە مەسئۇلىيتى



ئاياللار ئۇلۇغ ئىنساندۇر،ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋىرىتىدۇ. ئاياللار مىللەتنىڭ ، دۇنيانىڭ ئانىسىدۇر. بۇ تەبىرلەر ئاياللارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، بۇ دۇنياغا ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىدىن سۆيۈندۈرىدۇ. بۇ ئۇلۇغلۇققا ئانىلىق، ئاياللىق، پۇقرالىق مەسئۇلىيەت سىڭگەن بولىدۇ ، ئەلۋەتتە. ھازىرقى دەۋردە ئاياللارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ھەقىقەتەن ئېغىر. ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئائىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇشى، پەرزەنتلەرنى ياراملىق، ئەدەپ - ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلىشى ھەم دەۋرنىڭ تەرققىياتىغا ماسلىشىپ جەمئىيەتتىمۇ ئۆز رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مانا بۇلارنى تولۇق ۋە نەتىجىلىك ئورۇنداش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. لېكىن بۇ يەنىلا ئاياللارنىڭ باش تارىتپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئۇنىڭ كونكىرت مەزمۇنلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

ئاياللارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى رولى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. پەرزەنتلەرنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپ قىسمى ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلىشى ئەڭ ئىجاتچانلىققا، يېڭىلىق يارىتىشقا باي، يۇقۇرى ماھارەت ۋە بىلىم تەلەپ قىلىدىغان مۇكەممەل جەريان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ بالاغىتى- ئانىلىقتۇر. ئانىلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇش ئاياللارنىڭ ئاياللىق گۈزەللىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئانا بولۇش ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ۋە مۈشكۈل ئىش. ئۇ پەرزەنتكە ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىر ئايالنى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلدى دېسەك، ئۇ ئايال شۇ شەرىپى ئۈچۈنلا ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ناۋادا ئۇ ئايال پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، پەرزەنتىنى توغرا يولغا يېتەكلىسە، بۇ ئانىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور بولىدۇ. دېمەك، ئانىلىق،مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىق ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقانلىقتۇر.

قايسى بىر ئىنسان بەختلىك ياشاشنى خالىمايدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممە كىشى بەختلىك ياشاشنى خالايدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى ۋە بەختى نىمە؟

بۇ خۇشاللىىق ۋە بەخت ئۆز پەرزەنتىنىڭ مۇۋەپپەقيىتى ۋە بەختىنى كۆرۈشتۇر. پەرزەنت، ئاتا- ئانىنىڭ خوشاللىقى ۋە بەختى. بۇ بەخت ۋە خوشاللىقنى يەنىلا شۇ ئانا يارىتالايدۇ. شۇڭا لاياقەتلىك ئانا بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەر بىر ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە رولى ئىنتايىن چوڭ. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئانىلىق ۋە ئاياللىق گۈزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بىر كىشلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتەلىگەندە ئۆز قەدىر قىممىتىنى تاپالايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ چىن مەنىدىكى ئىجتىمائى ئورنىنى بېكىتەلەيدۇ.

ئاياللار بىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. بىلىم ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. شۇڭا ئاياللار بىلىم ئىگىلەش، كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش تۈپەيلى ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر نوقۇل ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتنىلا تەكىتلەپ، بىلىم ئىگىلەشكە سەل قارىغاندا، دەۋر روھىغا ماسلاشقىلى بولماي قالىدۇ- دە، بۇ خىل ئەھۋالدا لاياقەتلىق ئانا بولۇشقا يەنە مەلۇم نوقسانلار يېتىپ قالىدۇ.

ئادەمنىڭ ئۆمۈرى چەكلىك. دېمەك شۇ چەكلىك ئۆمرىدە ئائىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇش، ئەرگە يار- يۆلەك بولۇش، پەرزەنتلەرنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش، زامانىۋىي بىلىم بىلەن قوراللىنىپ، جەمئىيەتتە تېگىلشلىك تۆھپە يارىتىش- دەۋرىمىز ئاياللىرىنىڭ پەخىرلىك رولى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.



شىنجاڭ ئاياللىرىدىن ئېلىندى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
oxygen + 50

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 07:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنى تەربىيلەش ھازىرقى ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىمدۇر .
ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەتلىرى ئۆچۈن پايدىلىق بولغان ھەر تۈرلۈك بىلملەرنى ئۆگەتمەي ، ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرنى بوشقا ئۆتكۈۋەتكۈچى تۇلىمۇ زىيانىلىق يامان ئىش قىلغان بولىدۇ . بالىلارنىڭ بۇزۇلىشغا سەۋەب بولىدىغان كۆپ سانىدىكى ئامىل ، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەي تاشلاپ قۇيغانلىقىدىن ، ئۇلارغا دىننڭ سۈننەت ، پەرىزلىرىنى بىلدۇرمىگەنلىكىدىن ، ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى ۋاقىتلىرىنى چىڭ تۇتماي زايە قىلۋەتكەنلىكىددىن ئىبارەت .
شۇڭا بەزى بالىلر ئاتا- ئانىلار بالىلرىنىڭ ئۆزىگە يامانلىق قىلىپ ، قىرىغاندا ئۆزىگە ئەس قاتىمغانلىقىغا قاقشاپ شىكايەت قىلغىندا << ئى ئاتا سەن ماڭا كىچىك ۋاقتىمىدا يامانلىق قىلىدىڭ ،شۇڭا مەن چوڭ بولغاندا ساڭا يامانلىق قىلدىم ،سەن مىنىڭ كىچىكلىكىمىنى زايە قىلدىڭ مەن سىنىڭ قىرىلىقڭدا سىنى زايە قىلدىم >> دەپ شىكايەت قىلىدۇ ، ھەم ئاتا-ئانىغا ۋاپاسىز بولۇپ چوڭ بۇلىشىدۇ .
شۇڭا ئاتا -ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ ئەقىل -ئىدىراكى زەئىپ ،ھىس تۇيغۇسى ئاجىز بولۇپ قالماسلىقنى ، بالسىنىڭ ھەقىقى كىرەكلىك بىر ئىنسان بولۇپ قاتارغا قۇشۇلىشنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپمۇ ، ئۇنىڭ بۇنداق بۇلۇشىغا كىرەكلىك تەربىيسىنى بەرمەسلىكىدىنمۇ ئارتۇق مەسئۇلىيەتسىزلىك بۇلامدۇ ؟؟؟؟
پەرزەتلەرنى تەربىيلەش ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرۈش ياكى ھەدىيە قاتارىدا ئاتا قىلدىغان نەرسە بولماسىتىن ، بەلىكى ئۇ ھەربىر ئاتا-ئانا ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان بىر ھەقتۇر .
ئىمام بۇخارى پەيغەمبەر ئەلەيھسالامىنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ .
<< ئاللا ئۇلارنى ئەبرار يەنى ياخشىلىق قىلغۇچىلار دەپ ئاتىدى ،چۆنكى ئۇلار ئاتا-ئانىلارغا ئەۋلاتلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلدى، خۇددى  ئاتاڭنىڭ سىنىڭ ئۈستىڭدە ھەقىقى بۇلغىندەك ،بالاڭنىڭمۇ سىنىڭ ئۈستىڭدە ھەقىقى بار >>

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

دۇنيادا ئېچىش ئە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16375
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16210
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 1631 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 11:46:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار  كەلگۈسى  ئەۋلادلانىڭ    ياخشى  -يامان بولۇشىدىكى  مۇھىم  شەخس

ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.

سابىق سەلكىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27836
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 08:52:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىما...........كىيىنچە ئايالىمغا كۆرسۈتۈپ قويارمەن...  يادلىغىلىمۇ يا.. [s:152]

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.....مۇنبەر ئەھلى.
سالام سابىق سەلكىندىكى مۇنبەرداشلار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش