ئەتلەس - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتى،ئۇ رەڭ نۇسخا تەلىپى بۇيچە توقۇلۇپ،ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختىلىرىدىن بىرى.بۇياش جەريانىدا گۈل نۇسخىلىرىنىڭ رەڭگى ئاساسەن خىلمۇ-خىل رەڭدە بويىلىدۇ. ئۇ خۇددىي قەلەم بىلەن سىزىپ چىققاندەك گىرەلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن تەرتىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نۇسخىلىرىمۇ ئۆزگىرىشچان ئىستېتىك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ رەڭگى جۇلالىق بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قىزىل، كۆك (ھاۋارەڭ) سېرىق، ماش رەڭ، قارا، زەيتۇن رەڭلىرىدە بولۇپ، بىر خىل ئەتلەس ئادەتتە ئۈچ-تۆت خىل رەڭنىڭ مۇۋاپىق بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، يىپ بۇياشتا ئاساسەن يەرلىك تەبىئىي رەڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنداق رەڭلەر ئاسان ئۆڭمەيدۇ. ئەتلەس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككورىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى، گۈزەل باغۇ باستانلىرىنى، يېشىل لىنتىدەك سوزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى، نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر. ئۇ تەبىئىي ئالاھىدىلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن، جۇشقۇن ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەتلەس ئاساسەن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا پىششىقلىنىدۇ ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ. ئەتلەسنىڭ كۆپ ھاللاردىكى نۇسخىسى بادام گۈلى، تاختاي گۈل نۇسخىسى ۋە تاغاق گۈلى قاتارلىق نۇسخىلاردا بولىدۇ. بۇ يىپەك رەخت ساپ پىلە غوزىسىدىن توقىلىدۇ. نۇسخىسى رەڭدار، جۇشقۇن، يارقىن، گۈل شەكلى ئۆزگىچە، ئىخچام، جانلىق، رەڭگى كۈچلۈك، راۋان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر –سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە قايناق زىننەت گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ، كىشىگە ئېستېتىك ھوزۇر بېغىشلايدۇ.
ئەتلەس- پىلىدىن يىپ ئىگىرىپ ، ئۇنى بۇياپ، قول ئارقىلىق توقۇپ چىقىلىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئەتلەسنى، ‹‹يەرلىك يىپەك›› دەيدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى ئاق-قارا كىرىشتۈرۈلگەن ياكى قىزىل – يىشىل رەڭ بىرىكتۈرۈلگەن، رەڭدار گۈللىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، رومانتىك تۈس پەيدا قىلىدۇ ، كەيسىڭىز سىزنى ئۇچىڭىزدا رەڭگارەڭ بۇلۇتلار لەيلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالقا، ئۈزۈك، بىلەيزۈك، مارجانلارنىڭ كىرىشمە نۇرلىرى كىشىلىك ھاياتنىڭ جەزبىدار، يارقىن ساپ گۈزەللىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈدۇ.