مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 939|ئىنكاس: 10

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺭﺍﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 12:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺭﺍﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ



ﺑﯩﺰ ﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ - ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺗﺨﻪﺟﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪﻳﺶ - ﺋﯩﺸﺮەﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻳﻪﭖ - ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﻪ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﻛﻪببۇرلۇق ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ...

ﺑﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻏﻪﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺗﺎﯞﺍﺭ- ﺩﯗﺭﺩﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﮕﻪﻥ ﮔﯜﺯەﻝ ﻻﺗﺎﭘﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ - ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﻏﻤﻪ -ﻧﺎﯞﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ...

ﺑﯩﺰ ﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﻳﯩﻴﯩﺶ .ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ .
ﺑﯩﺰ ﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﺧﺎﻻﺱ .ﺑﯘلار ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﮕﯩﺪە ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻼ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ .

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ؟

ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ،ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ،ﻛﯩﺮ - ﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﻏﺰﺍﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﻜﻪﭺ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ :
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﻻﻡ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ،ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯞﺍﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ...ﺩېﻴﯩﺸﯩﺪﯗ .

ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺩەﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺷﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﮔﻪ ﺋﯘﻻﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ -ﺗﯩﺮﻣﯩﺸﯩﺪﯗ .

ھېچقىسى ﻳﻮﻕ ،ﺑﺎﻻﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ،ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﻮﺷﺎﻳﺪﯗ ،ﺷﯘ ﭼﺎغدﺍ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﺭﻣﻪﻥ ... ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ- ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪﺱ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .

ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .

ﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮەﻙ .ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ،ﺋﯩﺪﺍﺭە ،ﺋﯚﻱ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ،ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞە ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ - ﮬﻪﺭ ﻳﺎﯕﺰﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﺎﭘﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﻮﻛﯩﺴﯩﺪەﻙ ﻳﻮﺭﻏﯩﻼﭖ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ ...

ﺑﺎﻻ ﯞە ﺋﻪﺭ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯧﺴﻰ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ .

ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺰﻧﺎﺳﯩﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗ .

ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﺑﻪﮬﯘﺯﯗﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭەﺭﻣﻪﻥ ؟

ﺋﺎﻳﺴﯩﺰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻨﻰ ﺭﯗﺳﻼﭖ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .

ﮬﯩﻢ ،ﭼﯩﺪﯨﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﭼﯩﺪﯨﺴﺎﻣﻼ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻻﻡ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﺭﻣﻪﻥ ...

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞەﺩە ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .

ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺳﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﭗ ،ﻗﯘﺭﯗﻕ ﯞە ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .

ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﯩﺮﺍﻕ - ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻻ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘﮬ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺸﻰ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﻳﻨﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻛﯚﺯﻯ ﺧﯩﺮﻩﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ،ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ...
ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪەﻙ ﮬېﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﯩﺪەﻙ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﻪﮬﻜﯜﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ...

ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺋﺎﭘﺎ ﺩېﻤﻪﻱ ، ﻣﻮﻣﺎ ﺩەﻳﺪﯗ ...

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻣﯜﻛﭽﯩﻴﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ،ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞەﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ - ﺑﺎﮬﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ،ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﺎﺯ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﮕﯩﭗ ، ﺩﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻴﯧﺸﯩﻞ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﻰ ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﯨﭽﯩﺮﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﭺ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﺳﯘﻧﺴﺎﻡ ...

ﺋﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺵ -ﺩە !

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯘﺭﻗﯩﺪەﻙ ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﯞە ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯕﻼﺭ .


ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯧﺨﯩﻴﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺭەﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ- ﺋﯘ ،ﺩەﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ .

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯕﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞە ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ - ﺋﻪﻧﻪ ﺩەﭖ ،ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞەﺗﻤﻪﯕﻼﺭ . ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ،ﺑﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﯕﻼﺭ .

ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻻﻡ ﻳﯩﺴﯘﻥ ﺩېﻤﻪﯕﻼﺭ...ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ - ﺗﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ، ﺋﯧﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﮕﯩﻼ ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﻪﯕﻼﺭ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯦﮭﻨﯩﻲ ﻛﯜﭼﯜﯕﻼﺭﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﯩﻼ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻤﻪﯕﻼﺭ . ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﻏﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯕﻼﺭ ...

شىنجاڭ ئاياللىرى





ئازاپ ئادەم ئۈچۈ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20034
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3102
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2010-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز گەھەمىمدىن خاتىرجەم بولغان تۇرمۇش ئەڭ مۇھىم .لىكىن ئىنسان ئارزۇ قىلغان نەرسىسگە ئېرشىپ پۇتۇن نەرسىسى تەلتوكۇس تەييار بولۇپ ئۇھ ئەمدى مىرادىمغا يەتىتم دىگەن چاغدا بۇ دونيادىن ۋىددالشدۇ خالاس .شۇڭا ئانچە مۇنچە دەرد ئىچدە ياشغانمۇ كۆڭۈلۈك دەپ ئويلايىمەن .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31223
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6388 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:22:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنىڭ قانۇنيىتى شۇنداق، ھازىر ئانىلارنىڭ يۈكى، مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئېغىر.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئازاپ ئادەم ئۈچۈ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20034
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3102
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2010-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز لىكىن بۇگۈنكى كۈندە مەسئۇليەتىتن قاچىدىغان ئانىلىرمىز كوپىيىپ كەتتى تۇغۇپ  قويسىلا بولدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6295
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1626 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن غۇ ھازىر توي قىلمىدىم،،،،ئاللاھ خالىسا توي دىگەن ھەر بىر بەندىنىڭ بېشىغا كىلىغان ئىش...ھەي مەنمۇ كىيىن دۇچ كىلىمەن ھە!........
قىز ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق.........ھازىر ئاپىمىز شۇنداق قىلىدۇ......كىيىن بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز ھە!
ئاياللار نىمە دىگەن ئۇلۇغ ھە!
يىگىتلەر قىز ئاياللارنى قەدىرلەڭلار!!!!!!!!!!!!!! كۆڭلىگە  ،دىلىگە ئازار بەرمەڭلار!
مەن ،شۇنداقلا پۈتكۇل قىز ئاياللار سىلەر ۋە ئائىلەڭلار ئۈچۇن بارىلىقىمىزنى ئاتايمىز!'''''''''

ئى مۆمىنلەر ! اﷲ د

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12024
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5261
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1718 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بۇ دونيادا چەككەن جاپا مۇشاقەت، قايغۇ ھەسرەتلىرى ئۈچۈن ئو دۇنياغا بارغاندا ئاللاھ ئۆزى مۇكاپاتلايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىاق ئاللاھ نىڭ بىزگە بەرگەن ھەربىر كۈنىگە شۈكرى قانائەت قىلىشىمىز كېرەك .

ئاددى ئادەم ئادد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16368
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4616
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 469 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز يوقىردا دىگەن ئاياللار ئىشىنمەنكى ،ھەقىقى ئانىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان ياخشى ئاياللارغا قارىتىلغان،،،شۇنداق ئۇلار ھەقىقەتەن جاپالىق،،ئەلۋەتتە ،ھەقىقى ئاتىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان ئەرلەرمۇ ئوخشاش ئومۇر بويى جاپادا ئوتىدۇ،،،مەسىلە زادى قەيەردە؟ نىمە ئۇچۇن ئاتا-ئانىلار ئومۇر بويى جاپا مۇشاقەتتە ئوتۇپ كېتىدۇ؟مەسىلە ئاتا-ئانىلاردىمۇ ياكى بىز پەرزەنتلەردىمۇ؟ھەقىقەتەن راست ،ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى بېقىشنى،ياخشى تەربىيلەشىنى ئويلايدۇ،بالىلىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۇرىشى ،جاپا-مۇشاقەتلىك كۇنلەرگە قالماسلىقى ئۇچۇن جان پىدالىق بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىدۇ.بىراق ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىلا جاپا تارتىپ بالىسىنى ئازراقمۇ جاپا قويماسلىق،قىيىنچىلىققا ئۇچراتماسلىق ، بالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ھەر قانداق تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن تىرىشىش ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ راھىتىنى كۆرەلمەسلىگىنىڭ بىر تەرىپى دەپ ئويلايمەن.مانا مۇشۇنداق ھەددىدىن زىيادە"كۆيىنىش"ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار ئومۇر بويى ئاتا-ئانىسىغا تايىنىدۇ،ئاتا-ئانىسىز بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ،مەيلى ئالى مەكتەپتە ئوقۇش بولسۇن،خىزمەت ئىزدەشتە بولسۇن،توي قىلىش ئۆي ئېلىشتا بولسۇن،بالىسىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ تەربىيلەشتە بولسۇن ھەممىسىدە ئاتا-ئانا بولغۇچى ئالدىدا يۇگىرەيدۇ،ئويلاپ باقايلى ئاتا-ئانىلار قايسى ۋاقتى بىلەن راھەت كۆرىدۇ؟؟؟؟؟ئەسلى ئاتا-ئانىلار ھىچ بولمىغاندا بىز ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن بىز ئۇچۇن غەم يىمەي راھەتلىك كۇنلىرىنى باشلىسا بولاتتى،بىراق بىزدەك مۇستەقىل ياشاش ئىدىيىسى تىكلىيەلمىگەن،ئاتا-ئانىنىڭ بالىلار ئۇچۇن ئومۇر بويى جاپا تارتىشىنى دۇرۇس دەپ ئويلاپ كەلگەن بالىلار ئاتا-ئانىمىزنىڭ راھىتىنى ئۇلارغا بەرمىدۇق.بۇ مېنىڭ ككز قارىشىم خالاس ،ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ ئويلىغىنى ھەرگىز مۇكەممەل بولمايدۇ،ھەممىمىز ئويلىغىنىمىزنى دەپ باقايلى .يوقۇرقى گەپلىرىم بالىلىرىنى جاپادىمۇ راھەتتىمۇ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئۆزى مۇستەقىل ياشاپ(ئىش قىلىپ)كۆنگەن بالىلارغا قارىتىلمىغان.

بالاڭنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىنى ئاۋال ئۆزىڭدىن باشلا،،ئالىم بولالمىساڭ مەيلى بىراق ئادەم بول!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16155
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6637
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 2509 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 08:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق ۋە ھۆرمەتكە لايىق.
لىكىن ئازبىرقىسىم قىز-ئاياللىرىمىز شۇ جاپاكەشلەرنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرمەكتە.
اللاھ شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي.

تەنھاكىيىك

گۈل جەننەت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9177
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3966 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 06:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇماقالىنى  بارلىق مىھرى ئىللىق جاپاكەش ئانىلارغا بېغىشلىسا يامان كەتمەيدۇ ، لېكىن بىرقىسىم ئۆزنەسلىنى ئۇنۇتقانلارغا ئەسلا ماس كەلمايدۇ .

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19904
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3158
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2011-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 05:53:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەيلى ئەدەبى ئەسەربولسۇنياكى رىئال تۇرمۇش بولسۇن ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ ئاللھىم ئەرلەرنىڭ كۈڭلىگە ئنساپ بەرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش