مۇرەككەپ جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئاددى قارىماسلىق كېرەك
يېقىندا ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا . بەزىلەر ئامېرىكا جەنۇب ۋە شىمال ئىككى تەرەپتىن جۇڭگونى قورشاۋاتىدۇ ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان ،ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىشنىڭ بولۇشىدىن ساقلىنىش قېيىن دېسە ، يەنە بەزىلەر ، ھازىر جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچى ئېشىپ قەددى رۇسلاندى ، دۆلەت ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە سۈرئەتنى تېزلىتىش كېرەك ، دەيدۇ . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇلاھىزىلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ ، بۇ مەسىلىلەرگە ئاددى ھالدا قاراشقا بولمايدۇ .
1. جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك
جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ناھايىتى مۇرەككەپ ، بۇنىڭغا ھەرگىز ئاددى ھالدا قارا ياكى ئاق دەپ تەپەككۇر قىلماسلىق ۋە مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك .
بىرىنچى ، تارىخىي تەرەققىياتتىن قارىغاندا ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى گەرچە ئەگرى–توقاي ، تۇراقسىز بولسىمۇ ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئورتاق مەنپەئەت ئىختىلاپتىن چوڭ . شۇڭا ، بوران–چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئاجىزلاشقىنى يوق . دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تارىخ شۇنى ئىپادىلىدىكى ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايتا–قايتا ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە كېلىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب—ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەنپەئەتنىڭ بولغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ ، پەقەت ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە بۇ خىل ئورتاق مەنپەئەتنىڭ توشۇغۇچىسى ئوخشاش بولماي قالغان خالاس . سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ، جۇڭگو–ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت ئاساسلىقى ئورتاق دۈشمەن ( سوۋېت ئىتتىپاقى ) غا تاقابىل تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ، ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ، 11–سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئاساسلىقى ئورتاق ۋەزىپە ( تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش) تىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج ؛ 2008–يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيان ، ئاساسلىقى يەر شارى خاراكتىرلىك ئورتاق خىرىستىن شەكىللەنگەن تېخىمۇ كەڭ ئورتاق مەنپەئەت تىن ئىبارەت . گەرچە جۇڭگو–ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە سۇركىلىش توختىمايۋاتقان ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ، ئورتاق مەنپەئەت ئىختىلاپتىن چوڭ بولغانلىقتىن ، ھامان ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۇرسىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ . ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان چاغلاردا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان توسالغۇلاردىن ھوشيار بولۇش، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قىيىن ئەھۋالغا يولۇققان چاغلاردا بەك ئۇمىدسىزلىنىپمۇ كەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى . بەزى كىشىلەر ئىلگىرى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇپ بەك ياخشىلىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ، يامان بولۇپمۇ بەك يامانلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى ، مېنىڭچە ، بۇ سۆزنى ھازىرمۇ يەنىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئىككىنچى ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىگە كەلسەك ، ئۇنى ئاددىي ھالدا بېكىتىش ناھايىتى قىيىن، ھەمراھ دېگەندەك ھەر خىل ئاتاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكىنىڭ مۇقەررەر ئىنكاسى . جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ئاددى ھالدا دوست دېيىشكىمۇ بولمايدۇ ، شۇڭا ، ئىلگىرى دۇشمەنمۇ ئەمەس ، دوستمۇ ئەمەس دېگەن سۆزلەر بولغان . كېيىن يەنە ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمرالىق مۇناسىۋىتى دېگەنگە ئوخشاش ئۇقۇملارمۇ بارلىققا كەلدى. ئۇقۇم ۋە ئاتاش ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپ خىللىقى دەل جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىڭ مۇرەككەپلىكىنىڭ ئوبيېكىتىپ ئىنكاسى ، ئاتاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ ، لېكىن يادرولۇق مەنىسى بىر بولۇپ ھەمراھ دېگەندىن ئىبارەت ، بۇ نىيترال سۆزنىڭ ھەمكارلىشىش دېگەن مەنىسىمۇ بار ، رىقابەتلىشىش دېگەن مەنىسىمۇ بار ، دوست دېگەن مەنىسىمۇ بار ،رەقىپ دېگەن مەنىسىمۇ بار ، دەرۋەقە يالغۇز دوستلا ئەمەس ، يالغۇز رەقىپ مۇ ئەمەس ، ساختا دوست دېگەن بۇ سۆزنىڭ جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ خىل مۇرەككەپلىكىنى يىغىنچاقلاپ بېرەلىشى قىيىن.
ئۈچىنچى ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ ، ئۇنىڭ كەڭ ، مۇرەككەپ قۇرۇلمىسى ھەم ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتتى ، ھەم زىددىيەت ۋە سۈركىلىش كېلىپ چىقىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋەتتى ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىدىئولوگىيەسى ، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە قىممەت قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇپ ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى تۇرغۇزۇش ئاسان ئەمەس . دېڭ شىياۋپىڭ 1989–يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نېكسون بىلەن كۆرۇشكەندە : دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتنى ئويلاشقاندا ، تارىختىكى شاپائەت ۋە ئاداۋەتلەر بىلەن ھېسابلاشماي ، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى پەرق بىلەن ھېسابلاشماي ، دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق كەلگۇسى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . كېيىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ، سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەردىكى ئوبيېكتىپ پاكىتلار ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇش جەھەتتىكى پەرقنى كىچىكلىتىۋەتتى . 2005–يىلى 9–ئايدا ، ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى زوئىللىك مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپلەر دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، جۇڭگو ئۆتكەنكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدۇ ، جۇڭگونى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش خاتا دېگەننى تەكىتلەپ ، ئامېرىكا–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئىسىتراتېگىيە جەھەتتىكى ئورتاق مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى نەزەرىيە جەھەتتىن دەللىگەن ئىدى . لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ ئوبېيكىتىپ مەۋجۇد بولۇپ ، بۇ ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدە ئەكىس ئەتمەي قالمايدۇ ، بۇنىڭدىن باشقا ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ، ھەربىي ئىشلار ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتى ، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايونلار مەسىلسىدە دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس ھەم نۇرغۇن ھەمكارلىق ئورتاق سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى ، ھەم زىددىيەت ۋە سۇركىلىشلەرنى پەيدا قىلىدىغان پۇرسەتلەرنىمۇ كۆپەيتىۋەتتى.
تۆتىنچى ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا ، گەرچە زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئىنتايىن گەۋدىلىك بولسىمۇ ، لېكىن ئومۇميۇزلۇك يامانلىشىشقا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئامېرىكىنىڭ يېقىندا سېرىق دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ئېلىپ بارغان نورمالسىز ھەرىكىتى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرىۋەتتى ۋە كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى ، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىكى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى باسقان ۋاقىتلىق ئامىللاردىن سىرت ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە سىياسىتىنى تەڭشىگەنلىكنىڭ ئىنكاسى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، لېكىن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېيتقاندەك ، ئامېرىكا ئاسىيا نۇسخىسىدىكى بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنى پەيدا قىلىپ ، جۇڭگونى جەنۇب ۋە شىمال ئىككى تەرەپتىن قورشىماقچى بولۇۋاتامدۇ ؟ مېنىڭچە ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىسراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتتە ماھىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغىنى يوق ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت يەنىلا ئىختىلاپتىن چوڭ بولۇپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يامانلىشىشى مۇمكىن ئەمەس ، بىر قەدەر كەينىگە يېنىپ ئېيتقاندا ، ئامېرىكا جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك قورشاشقا بەل باغلىغان تەقدىردىمۇ ، ئوبىكتىپ جەھەتتە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن . (بىرىنچىدىن ) شەرقيئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پىخسىكىلىق ھالىتى مۇرەككەپ ، ئۇلار گەرچە ئامېرىكىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلمىسىمۇ ، ئامېرىكىنى سۆرەپ كىرىش ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەشنى ئويلىسىمۇ ، لېكىن ئامىرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جۇڭگونى قورشاشنى خالىشى ناتايىن . (
ئىككىنچىدىن) شەرىقتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىغا ئېرىشىپ ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋىپ ئەمەس بەلكى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىۋاستە ھېس قىلماقتا . (ئۈچىنچىدىن) ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى گەرچە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ ، لېكىن ھازىرىقى دۇنيا ھەرگىز زەمبىرەك ، پاراخوتلار زورلۇق–زۇمبۇلۇق قىلىدىغان ، كۈچلۈكلەر پادىشاھ بولۇۋالىدىغان دەۋر ئەمەس ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خالىغىنىنى قىلىدىغان جاي يوق . (تۆتىنچىدىن) شۇنى كۆرشىمىز لازىمكى ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەتى ئارلىشىپ ، ئايرىش قىيىن دەرىجىگە يەتتى ، ئامېرىكا ئەگەر جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ زىيان يەتكۈزسە ، چوقۇم ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بولۇپ ، ئاخىرى زىيانغا ئۇچىرايدىغىنى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى بولىدۇ . شۇڭا ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە سۈركىلىش ۋە ئاۋارچىلىقلار بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ ، لېكىن جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.
2. جۇڭگونىڭ ھوقۇقنى قوغداش جەريانىنىڭ جاپالىقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشىمىز كېرەك
جۇڭگونىڭ ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشى دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ تەۋرىنىشكە بولمايدۇ ، لېكىن قانداق قىلىپ ھوقۇقنى قوغداش نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ چېتىلىشىغا ۋە ھەر خىل شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ . لېكىن جۇڭگونىڭ ھوقۇق قوغداش مەسىلىسى ، بولۇپمۇ ئامېرىكا–تەيۋەن مۇناسىۋىتى مەسىلىسى تارىختىن قالغان مەسىلە بولۇپ ، ئىنتايىن مۇرەككەپ ، ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ ئىقتسادى تەرەققىي قىلىپ ، دۆلەت كۈچى ئاشقانلىقتىن دەرھال تېزلىكتە ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بىز يەنىلا جۇڭگونىڭ ھوقۇقنى قوغداش جەريانىنىڭ جاپالىقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشىمىز كېرەك.
بىرىنچىدىن ، دېپلوماتىيە تاكتىكىسىدا ھەقىقەتەن ئەمەلىي كۈچكە تايىنىش كېرەك ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . جۇڭگونىڭ GDPئومۇمىي مىقتىدارى رەت تەرتىپى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، لېكىن ئادەم بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغىرا كېلىدىغان مىقتىدارى تېخى باشقىلاردىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ ، دۇنيا بويىچە رەت تەرتىپى يەنىلا يۈزلەر خانىسىدىن كېيىن ؛ جۇڭگو يەنىلا تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ ، لېكىن بىز بۇنىڭ پاكىت ئەمەسلىكىنى ، ئۆزىمىزنىڭ يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق تۇنىشىمىز لازىم ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئادەم بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان كىرىمدىن ئىبارەت بۇ ئۆلچەمدىن سىرىت يەنە باشقا بەزى ئاساسىي ئۆلچەملەرنى ، مەسىلەن : شەھەر نوپۇسىنىڭ نىسبىتى ، ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنىڭ نىسبىتى ، مۇقىم تۇرمۇش سۈپىتى ، پىشىپ يېتىلىگەن بازار ئىگىلىكى سىستېمىسى ، مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆلچەملەرگىمۇ يېتىشى لازىم ، جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتلەردىكى پەرىقى يەنىلا ناھايىتى چوڭ .
ئىككىنچىدىن ، جۇڭگو گەرچە تەرەققىي قىلغان بولسمۇ ، لېكىن يەنە تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلىلەرمۇ بار ، خەلقئارا مۇھىتىنىڭ ھەممىسىلا ئوڭۇشلۇق ۋە پايدىلىق ئەمەس ، يولداش دىڭ شياۋپىڭ كېيىنكى ھاياتىدا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىنى ئەسلىگەن چاغدا : ئۆتكەندە بىز ئاۋۋال تەرەققى قىلىشنى تەكىتلىگەن ئىدۇق ، ھازىر قارىغاندا ، تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلىلەر تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتتىكىدىن ئاز ئەمەس ئىكەن دېگەن ئىدى. يولداش دىڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ سۆزى شۇ چاغدىكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا قارىتىپ ئېيتىلغان ، لېكىن ھازىر قارىغاندا ، جۇڭگو خەلقئارادا يولۇققان ئەھۋاللار قانداقمۇ شۇنداق بولمىسۇن ، يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋاللار جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىشى، ئەنسىرىشى ھەتتا قەستلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، جۇڭگوغا ئاز بولمىغان توسالغۇ ، بېسىم ۋە ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ، ھازىر غەرىبدىكى دۆلەتلەر جۇڭگوغا قاراتقان تەھدىت نەزەرىيەسى ، مەسئۇلىيەت نەزەرىيەسى ۋە ھاكاۋۇرلۇق نەزەرىيەسىنى ھەدەپ تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ ، بۇ ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەمما خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىپ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ئۈچىنچىدىن ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى دەرھال ، تېزلىكتە دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سىياسەت پىشاڭىغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ ، گەرچە جۇڭگو بۇ يىل 4–ئايدىكى دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىدىكى چوڭ يەڭگۈچى بولۇپ ، دۇنيا بانكىسىدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى جەھەتتە ، تېزلىكتە پەقەت ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەدىنلا كېيىنكى 3–ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ ، لېكىن دىپلوماتىيە ، سىياسى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشى ھەرگىز ئۇنداق تېز بولمايدۇ . دۆلەتنىڭ تېرىتورىيە ، ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىق يادىرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىمۇ ھەرگىز يالغۇز جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، دېپلوماتىيەدە مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە كۆپ خىل كۈرەش ۋاستىسى ۋە شەكىللىرىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىشقا توغىرا كېلىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ۋە جەريان كېتىدىغانلىقىنى ، بەك ئالدىراپ كەتسە ، ئەكىسچە ئالدىرىغان يولدا قالۇر دېگەندەك ئىش بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك .
(ماقالە مەنبەسى : بېجىڭ گېزىتى ، ئاپتورى شياۋ فىڭ جۇڭگو ھازىرىقى دۇنيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى )
مەنبە : شىنخۇا تورى