مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: baturjan

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئاددى قارىما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8218
تۆھپە نۇمۇرى: 749
توردا: 8244 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 08:46:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تارىختىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى
2010-12-0308:46تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
مانېۋىرنىڭ كۆلىمى كورىيە–ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر


ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ۋاشىنگتون›› ناملىق ئاۋىياماتكىسى

   ‹‹كورىيە ئىقتىسادىي›› نىڭ ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، ياپونىيە - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت 3 - دېكابىردىن باشلاپ ياپونىيە ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ شەرقىدە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن ، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىمۇ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن ، مانېۋىر كۆلىمى يېڭىلا ئاياغلاشقان كورىيە - ئامېرىكا خۇاڭخەي دېڭىزى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن .

   مانېۋىرنىڭ كۆلىمى كورىيە - ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر

   ‹‹ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى›› نىڭ 2 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرغا ياپونىيە قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 34 مىڭ 100 نەپەر ئوفىتسېر - ئەسكىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ 10 مىڭ 400 نەچچە ئوفىتسېر ئەسكىرى قاتنىشىدىكەن. مانېۋىر كۆلىمى يېڭىلا ئاياغلاشقان كورىيە - ئامېرىكا خۇاڭخەي دېڭىزى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ياپونىيە - ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدىكەن .

   خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىردا ياپونىيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار تەقلىد قىلىنىپ ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ ، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ Aegis ھەربىي پاراخوتى مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى چاۋشيەننى ئىسكەنجىگە ئېلىش .

   خەۋەردە ئامېرىكا 7 - پاراخوت ئەترىتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى : ئامېرىكا ، ياپونىيە ۋە كورىيە بىلەن داۋاملىق قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ھەرقانداق ئەھۋالغا يېتەرلىك تاقابىل تۇرالايدىغان ھالەتنى ساقلايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ياپونىيە ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز ئۈستى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن داۋاملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



‹‹ۋاشىنگتون›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى پاراخوت ئايروپىلانى ئېتىلما بۆلمىدىن ئۇچماقتا

   خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ۋاشىنگتون›› ناملىق ئاۋىياماتكىسى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن، كورىيەمۇ تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن .


28–نويابىر، كورىيە پايتەختى سىئولنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 170 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز ساھىلىدا، كورىيە ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرىدىن ئىلگىرىكى مەشىققە قاتناشماقتا. كورىيە بىلەن ئامېرىكا شۇ كۈندىن باشلاپ كورىيەنىڭ غەربىدىكى دېڭىز رايونى (خۇاڭخەي) دا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر تۆت كۈن داۋاملاشتى .


2010–يىلى 29–نويابىر، ئامېرىكا - كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 2–كۈنىگە قەدەم قويدى، ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى ھەربىي مانېۋىر پىلانى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاچقا، كورىيە ئەسكەرلىرى ئۇرۇش لازىمەتلىكلىرىنى يىغىشتۇردى

Ustidiki bu yazmini IPHONE da koqurup yazghan baxkurghuqilarning oqururmaslikini sorayman
iPhone ni sinapbakmakqiman

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19983
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10618 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 08:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرنىڭ  << ئىستىراتىگىيە ۋە مۇلاھىزە >> سەھىپىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىگىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ...

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

كوممونېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5949
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11132
تۆھپە نۇمۇرى: 467
توردا: 605 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 10:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋشىيەن قۇربانلىق قوي.شۇنداقلا ئامرىكىنىڭ روسيە ۋە ئىلىمىزنى چەكلىشىدىكى
بىسىپ ئۆتۈشكا تىگىشلىك جەريان.يەنپىڭ ۋەقەسى ئىشنى تىخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتتى.
نۇرغۇن ئىشلار پەقەت ۋاقىت مەسلىسى بولوپ قالغاندەك قىلىدۇ.

ناتىرىي خىلور

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 11:04:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونىلاردا <ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا > دەيدىغان گەپ باركەن ، لىكىن بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتچىلىرىمىز ھەدەپ دۆلىتىمىزنى كۆتۈرۈپ ،ماختاپلا يۈرگەن .......  بۇنداق بولسا بوممايتى .....

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

باھانىنىڭ &a

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20708
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6242
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1229 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 11:47:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دەپ  جۇڭگۇمۇ چاۋشەن،ۋىنسۇئلا قاتارلىق دۆلەتلەر  بىلەن بىرلىشىپ  كۆلىمى تىخىمۇ زور بولغان مانىۋىر  ئۆتكۈزسە بولمامدۇ دەيمەن.لىكىن پۇل  كىتىدۇ-دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21106
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6040
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2010-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 10:51:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2012يىلغا ئاز قالدى...  دۇنيا قانداق ئۇزگۇرۇش بۇلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش