مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 3

ئانا كەتمە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 03:21:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا كەتمە!


نەچچە كۈن ئىلگىرى كوچا ئابتۇبۇستا كېتىۋاتقان ئىدىم، بىر بالا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئەزگىدەك ھالدا يىغلاپ، ئانىسىغا ئېسىلىپ: ئانا كەتمە دەپ يىغلار ئىدى، بالىنىڭ ئاۋازى ناھايتى پەس، لېكىن ئۇنىڭ ئېسىدەشلەرى، ئانىسىنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن قورققاندەك چىڭ قۇچاقلاشلېرى، ئانىنىڭ بالىسىنىڭ كۆز ياشلېرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تاراملاپ ياش تۆكىشلېرى مېنىڭ كۆڭلىمنى باشقىچە قىلىپ قويدى.
-نىمە بولدى بۇ بالىغا؟ نىمانچە يىغلايدۇ؟ سورۇدۇم مەن.
-مەن ئۆيگە كەتمەكچى ئىدىم شۇڭا بالامنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىۋاتىدۇ.
-ئۆيىڭىز نەدە؟
-ئۆيىم تارىم يېزىسىدا.
-بالىڭىز نەچچە ياشقا كىردى؟
- ئالتە ياش.
-چوڭلارنىڭ ئۆيى شەھەردىما؟
-ياق، ئۇ خەقنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ھەر ئايدا 3 يۈز كوي تۆلەيمىز. يىغلىما بالام، يىغلىما… مەن يەنە كېلىمەن…يىغلىما، ئانا بالىنى بەزلىگەچ يېشىنى سۈرتەر ئىدى… لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزلېرىدىن ياش تۆكىلەر ئىدى.
- يېزىدا مەكتەپ يوقما؟ سورۇدۇم مەن.
 -خەنزۇچە مەكتەپ يوق، شۇڭا بالىنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن شەھەرگە ئەپكېلىپ قويغان.
-ھازىر مەكتەپلەر قوش تىللىق ئوقۇتۇش قىلۋاتىدىغۇ؟
-بىز ئىككىمىز بەك جاپا تارتىپ كەتتۇق، بۇمۇ چوڭ بولغاندا بىزدەك جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ، ئۈزىمىز قانچە جاپا تارتساقمۇ بۇ بالىنى خەنزۇچە ئوقۇتايلى دەپ ئويلىغان.
-ئۇ خەقنىڭ ئۆيىدە يالغۇز تۇرامدۇ؟
-ياق بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئون بالا بار دىدى ھېلىقى ئانا.

مىنىڭ بالاممۇ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپ 4- يىللىققا چىقتى، ھازىر خەنزۇچىدا خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلاردىن جىق قېلىشمايدۇ. بىز بالىلارنى خەنزۇچە ئوقۇتۇشتىن مەقسەد بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشقۇ، ھەرگىزمۇ بالىلارنى خەنزۇ قىلىش ئەمەس- دىدىممەن ئۇ ئانا-بالا چۈشىپ قالغاندىن كىيىن يېنىمدا ئولتۇرغان ئايالغا قاراپ.
-توغرا مىنىڭمۇ ئوغلۇم خەنزۇچە ئوقۇيدىغان، باشلانغۇچنى پۈتتەرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكەپ قويدۇم، خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار چوڭ بولغانسېرى كەم سۆز بولۇپ كېتىدىكەن يا بىرەر ئاغىينىسى يوق، قىزىمنى ئەمدى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەردىم- دىدى ئۇ ئايال.
خىلى كۈنلەرگىچە بۇ ئىش ئىسىمدىن كۆتۈرۈلمىدى، ئاخىرى بۇ ئىشنى بلوگىمغا خاتىرە قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم.
خىياللېرىم تۇمان ئىچىدە، قەلبىم ئاچچىق…
بالىسىنىڭ يېشىنى سۈرتىپ، ئۆز ياشلېرىنى تۆكىۋاتقان شۇ ئانا ئانا مىھرىدىن ئايرىلىۋاتامدۇ ياكى بىز ئانا تىلىمىزدىن؟



مەنبە : http://hi.baidu.com/ghalipelqut/blog/item/397ebe3a97fb03fa14cecb22.html



تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17726
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6124
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2011-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 11:44:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (bahram) نىڭ يازمىسىغا

كوڭلۇم بەك يېرېم بولدې
مەنمۇ مەكتەپ پۇتتۇر كېچېلېك كوپ قېينالغان
رەھمەت ياھشې يوللاپ سېز
ئانا؛ ئاناتېلدېن ئايرېلېپقېلېۋاتېدۇ ؛؛؛؛ بۇمېنېڭ قارشېم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15618
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9548
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2011-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 12:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنمەي بولمايدۇ...لىكىن ئاتا تىلىمىز مۇھىم ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇدۇم . دىگەنلىك مىللىتىمىزنى ئۇنتۇدۇق دىگەن گەپ.......

يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16517
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7125
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2011-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 01:08:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش ياخشى ئىش بىراق ئانا تىلىمىزنى  ئۇنتۇپ قالساق
بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بول مامدۇ........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش