مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 954|ئىنكاس: 8

سادىر پالۋان ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 09:53:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر پالۋان 1798-يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يۇزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش
ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ . 1762- يىلى 10-ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا گېنىرال مەھكىمىسى تەسىس قىلپ ،

پۇتۇن شىنجاڭدا بىۋاستە ھۇكۇمرانلىق قىلىشقا باشلىدى .ئىلى جاڭجۇنىگە قاراشلىق مانجۇ چىرىكلىرى ۋە
ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۇلكىي ،ھەربىي ئەمەلدارلار نىڭ
تەمىناتىنى قامداش ئۇلارنى ئوزوق –تۇلۇك بىلەن قامداش ئۇچۇن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ،يەركەن ،
خوتەن ،ئاقسۇ، كۇچا،تۇرپان،قۇمۇل،قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋىپلىك دەپ قارالغان كىشىلەردىن
بىرىنجى قىتىمدا 6000،ئىككىنچى قېتىمدا 2000 جەمئىي 8000تۇتۇننى ئىلىغا پالايدۇ.سادىرنىڭ دادىسى
ئەخمەت ئاشۇ بېرىنچى قېتىم كوچۇرۇلگەن 6000 تۇتۇننىڭ بىرى ئىدى .

شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېساپلىنىدىغان يول مۇز داۋان يولى
بىلەن ئىلىغا كۆچۇرىلىدۇ.بۇ كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ ،يۇشۇرۇنغان مۇز-قار ئۆڭكۇرلىرى ،مۇز يېرىقلىرى بار ئىدى .ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى . كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى . ئات –ئۇلاغلار ،ئالدىنقى ئۇلاغلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭاتتى . بۇ ئېگىز
مۇز تاغ ئۇستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇپ ياسىغان
پەلەمپەيلەرگە كېگىز، پالاس ،ۋە جۇۋا چاپانلارنى سېلىپ ئات-ئېشەكلەرنى ئۆتكۇزۇپ .ئوزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۇستىگە چىقاتتى .داۋان ئۇستى بىردەم-بىردەم ئاق –قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كورگىلى بولمايتتى .بۇنداق چاغلاردا ئادەم ۋە ئۇلاغلار چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى ،گاھىدا تاغنى تۈتەك قاپلاپ ئادەملەرنىڭ بىر قىسمى ئولۇپ كېتەتتى . ھاۋا ئوچۇق بولغان
چاغلاردا ،ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات. ئۇلاغ ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى ،سودىگەرلەرنىڭ مال –مۇلكى كورۇنۇپ تۇراتتى .
شۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس تۇتەك ئېلىپ كېتىپ مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ ئولگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئوتەلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرت –ئەلەملىرىنى مۇنداق

قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكە باشلىغان ئىدى .
بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار ،
غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.
غېرېپ ئولسە كىم يىغلار،
غېرېپقا غېرېپ يىغلار.


يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دىگەن يەرگە ئورۇنلاشقان .كېيىن ئىلى دەريا بويىدىكى
قاينۇق ،قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ ،تاش ئوستەڭ ،بايتوقاي ،خۇنۇقاي، دادامتۇ، ئارا ئوستەڭ قاتارلىق
ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقانىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىندى .كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسگەكۆچۇپ كېلىدۇ.بۇ مەھەللە كېيىن
«قاش مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يۇقارقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئېستىبىداتلىرى ئۆستەڭ چېپىپ قاغجىرغان باياۋانلار ،چۆل- جەزىرىلەرگە
سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي-ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار
بالا- چاقىللىرى بىلەن ئوچۇق –يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۇرىدۇ.ئۆستەڭ چېپىش زۇلىمىنىڭ نەقەدەر
ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار توۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:
ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ.
مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر ،
بېشېمىزدىن كەتمەيدۇ.


مانجۇ ئىستىبىداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئوي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار- سېلىقلارنى ئادا
قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ . دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۇتۇندىن 16خو ،كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق ئالىدۇ.
مانجۇ ئەمەلدارلىرى شۇنداق قەبىھ ئىدىكى ، كوچىلاردا مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى
تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى . مانجۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قىز- چوكاللىرىغا ئاپئاشكارە زورلۇق قىلاتتى. مانجۇلانىڭ
شۇنداق زورلۇقلىرى ئاستىدا ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇنۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۇنلەرنى
بايان قىلىدۇ:
قاننى چىرىتىپ ئەتتى،
ئالۋانچىلارنى دەردەي.
جاندىن ئوتۇپ كەتتى،
تۇڭچىلارنى زەرەي.


سادىر كىچىگىدىن شوخ تىتىك ،خۇشىخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان .ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتىمۇ،راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۇچۇن زالىمغا بولغان غەزەپ- نەپرىتى ، ئىزىلگۇچى خەلقەرگە بولغان سۆيۇنىشى كىچىگىدىن پىشىپ يىتىلگەن . ئۇ ھەر قېتىم خەلىقنىڭ دەرت-ئەلەم
بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىللىرىنى ئاڭلىغاندا غەزەپكە تولسا ، ئەركىنلىككە تەلپۇنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى
كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۇرۇشكە بەل باغلىغان . پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئېگىز بويلۇق ،
كەڭ كۆكسىلىك ، غەيرەت جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ،ھىچنەرسىدىن قورۇقمايدىغان ،ناھەق ئىشلارغا
چىداپ تۇرالمايدىغان ،ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئاتاقلىق ئۇستا قوشاقچى ئىدى .سادىر قات _قات زۇلۇمغا
بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋە ھاشار تۆلەلمىگەنلەر تەرەپتە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتەتتى.شۇ چاغدا ئالۋان
ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن چۆل –جەزىرىلەرگە كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى.زالىملار ئۇلارنى(قاچاقلار ) دەپ ئاتايتتى .ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ قاچاقلارنى قوزغاپ ئوقيا ،نەيزە،ئايپالتا،چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ ،مانجۇ چىرىكلىرى بىلەن ئۇرۇش قوزغايدۇ.شۇ
كۇنلەردىن باشلاپ سادىرنى «سادىر پالۋان»دەپ ئاتايدۇ.
ئىلى جياڭجۇنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پەرمان چۇشۇرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ.

سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. ئۇ زىنداندا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قىچىپ
كۇرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبىداتى قىلغان كۈرەشلىرىنى مۇنداق دەپ
قوشاققا قاتقان ئىدى.
سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان .
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.
يامۇلنى تېشىپ قويوپ ،
ئىككى چىقتىم تالاغا .
مېنى باققان بەش يايى ،
ئەمدى قالدى بالاغا.


مانجۇ ئىستىبىداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ
خەلقىدىن باشلىنىدۇ.1863-يىلنىڭ ئاخىرى گەنسۇ ،شەنشى ،نىڭشىيا ،ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا
 ۋە 1864-يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالىي،جەنۇبىدىكى جايلارداقوزغىلىدۇ.ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ
قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ.سادىر پالۋان ئىلى ۋىلايىتىدە پارتىلغان قوزغىلاڭنىڭ
قاتناشقۇچىللىرىدىن بىرى ئىدى.

1861-يىلى  3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھىرىگە ئىككى داپقۇر ئومومىي يۈزلۇك ھۇجۇم قىلىدۇ،
شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ.نەتىجىدە ئون كۇنلۇك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا ئازات قىلىنىدۇ.
.قارىغاندا سادىر پالۋان 1864-يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم40 ئۆچكىنىڭ مۆڭگۇزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ

قويۇپ ،قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوي تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن ، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىلارنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچۇگەن چىلپەڭزە ئامبىلى تېزلا تەسلىم بولغان.
بايانداي ئۇرىشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىدا لەخمە كولاپ دورا كۆمۇپ

سىپىلنى پارتىلتىدۇ. بۇ چاغدا 5000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە
ئىچىگە بېسىپ كىرىپ ،سېپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.

1867-يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىللىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغاب سادىر پالۋان
 ئۆز يېزىسى مولتوختى يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ.تۆت يىل ئۆتۇپ 1871-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.

خەلق ئۆزىنىڭ بۇ باتۇر پەرزەنتى ئۈچۇن قاتتىق قايغۇرىدۇ ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۇچۇن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى
ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ ب گۇنگىچە ياد ئېتپ كەلمەكتە.

ئادەمنىڭ سۈرىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 498
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21775
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 4080 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 11:48:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلق ئىچىدىن چىققان پالىۋانلىرىمىز ئېسىمىزدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ...

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14068
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2011 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 12:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىپسىز       ....................................

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

شاھزادە ئارتورن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13495
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 12:56:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ سۆڭەكلىرىنى چاتسا ئىگىزلىگى 1.90 چىققان ئىكەنمىش ...

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

دۇنيا مۇھەببەت ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1591
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10473
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 01:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر پالۋان قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات

ھايات شام ئۆچىدۇ تۇرمايـدۇ ينىق ، دۇنياغا كەلدىڭمۇ كەتىمىكىڭ ئىنىق . شۇ كىلىپ كەتمەكنىڭ ئۆزى بىر سۇئال، جاۋاپقـا تەييار بـول يۇتكىچە تىنىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2707
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8975
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2010-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 02:18:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر پالۋان ھاكىمىيەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى 200يىل بۇرۇنلا  ھىس  قىلغان
مانجۇلار ھەقىقەتەنمۇ زۇلۇم قىلغۇچىلار قاتارىدىن ئىدى .

باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 07:44:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر-ئۇ بىر پالۋان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

oy gan  oygo rom  ham  o

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1194
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8837
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2011-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 07:57:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارانچى سۇلتانلىقىنى ni bil may di kan ma  bu sul tan lik kan qi lik da wer sur gan

لا اله الا الله محمد رسول ال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2334
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8628
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2010-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 03:29:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پالۋانلىرىمىزمەڭگۈ  قەلبىمىزدە ھايات،باتۇر ئوت يۈرەك ئەجداتلىرمىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش