مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 856|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 01:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇن-قىزلارنىڭ سەھەردىكى ئەنئەنىۋى تازىلىق ئادەتلىرى:
     تازىلىق-ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزۈكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىش دەرىجىسىنىڭ ئىپادىسى، مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، ساغلام ۋە روھلۇق بولۇشنىڭ كاپالىتى.
     تازىلىق ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى.
     «ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل» دىگەن ماقال ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن باشلاپ تازىلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىللى پىسخىكىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
    ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋى ئىش تەقسىماتى نەتىجىسىدە خوتۇن-قىزلار بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئائىلە تازىلىقى ۋە مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسىدە تازىلىق مەركىزى نۇقتا قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۈندىلىك ئائىلە  ئىشلىرىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى سەھەردىكى ئاممىۋى تازىلىق پائالىيتىدىن باشلايدۇ.  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا« بۇ ئايالنىڭ قېشىغا قاراڭ، قاچىسىنىڭ تېىشغا(قاراڭ)» ، «ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ئۇخلاپ تۇرۇپ، كۇلۇڭ كولايدۇ» دىگەن تەمسىلنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ سەۋەپسىز ئەمەس. دەرۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا تازىلىقنى ئاياللارنى باھالايدىغان ئاساسىي ئۆلچەم قىلغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئەرنىڭ ياقىسىنىڭ كىر ياكى پاكىزلىقىغا قاراپ ئايالنىڭ قانداق تەبىئەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئانا بولغۇچى قىزىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئائىلە ئىشلىرىغا بولۇپمۇ تازىلىق قىلىشقا ئۆگىتىدۇ. ھەمىشە ئۆز پەرزەنتلىرىگە «سەھەر تۇرۇپ تازىلىق قىلساڭ ساۋاپ بولىدۇ، ھويلا-ئارام ۋە يوللارنى سۈپۈرسەڭ بەختىڭ ئېچىلىدۇ» دەپ تەربىيە بېرىدۇ. مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى تەلىم-تەربىيە نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا-قىشلاق، شەھەر-بازارلاردا ھەركۈنى تاڭ سۈزۈلىشى بىلەن تەڭلا ھەممىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئايال-قىزلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ، يۈز - كۆزىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى ئۆي ئىچى ، ھويلا-ئاراملىرىنى ۋە ئۆي ئەتراپىدىكى چوڭ -كىچىك كوچىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ سۇ سېپىدۇ. تەرەتخانىلارنى پاكىز تازىلايدۇ، ھويلا-ئارامدىكى گۈللۈكلەرگە ۋە گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ قۇيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ۋە يۇرت -مەھەللىلەر ئادەمگە بىر خىل جۇشقۇن كەيپىيات بېغىشلايدۇ، بىر كۈنلۈك ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى ئەنە شۇنداق پاكىز مۇھىت ۋە ساپ ھاۋا بىلەن ئېچىلىدۇ.
     شەھەرلەردىكى ھازىرقى زامان قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىمۇ ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى تازىلىق ئادىتى بويىچە ئۆزى ئولتۇرغان قەۋەتلىك بىنانىڭ پەلەمپەيلىرىدىن تارتىپ شۇ قەۋەتنىڭ ئالدى، ھەتتا كەينىگىچە پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ. ئاممىۋى دەرىزىلەرنى پىداكارلىق بىلەن سۈرتىدۇ. بۇنداق ئادەت بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغاچقا بۇ خىزمەتكە ھېچ قانداق ئائىلە مەجبۇرلانمايدۇ، بەلكى خوشنىلار ئارا ئىختىيارى ۋە تەبىئىي ھالدا ھەممىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ،ئاممىۋى تازىلىق قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلىشىدۇ. بۇنداق تازىلىق ئادىتى قانداقتۇر بىر كوللىكتىپ ياكى مەلۇم تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان مەجبۇرى پائالىيەت بولماستىن ، بەلكى ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىش نەتىجىسىدە پىسخىك ئەنئەنىگە ئايلانغان مەنىۋى گۈزەللىك پائالىيىتىدۇر. بۇنىڭ خاسىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن ئائىلە بىلەن مۇھىت گۈزەللىكى ھەركۈنى سەھەردە ئىشقا ئاتلانغان ئەمگەكچىلەرنى كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ھاياتلىققا مۇھەببەت ئويغىتىدۇ. ئۆز ئارا ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، كوللىكتىۋىزملىق روھنى  مۇستەھكەملەيدۇ. شۇنداق قىلىپ سەھەردە باشلىنىدىغان ئاممىۋىي تازىلىق ئارقىلىق ، بەرىكەت ۋە نۇسرەتكە يول ئاچىدۇ، ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشىنى تىلەيدۇ. كېسەللىكنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ

«ئۇيغۇر-ئۆرپ ئادەتلىرى» دىن ئېلىندى.
http://armana.blogbus.com/logs/39035076.html

مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 02:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10324
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 03:31:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھورۇن خوتۇن تىز سەمىرىپ كىتەرمىش، [s:179]

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 10:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاكىزلىق  ئەڭ  ياخشى  ئەخلاق [s:166]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش