"تەلەي يۇلتۇزى' پىروگراممىسى 11 - سانىنىڭ جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، ئالدى بىلەن ەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، "تەلەي يۇلتۇزى" پىروگراممىسىنىڭ 11 - سانىنى خۇشاللىق ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئىدىم، ئەمما بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى سىلەر ئورتاقلىشالمىدىم، مۇشۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ مۇنبەر پۇلىغا ئېرىشىش ئارزۇسىمۇ ئىزچىل ئىشقا ئاشماي كەلدى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇنبەر ئەھلىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن يەنە بىر رەت كەچۈرۈم سورايمەن. تۆۋەندە سوئاللار ۋە جاۋابلارنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن:
11 - سان «تەلەي يۇلتۇزى» پىروگراممىسىنىڭ سوئاللىرى ۋە جاۋابلىرى
ئۆتكەل1
1 – سوئال: ئادەم بەدىنىدىكى ئىقتىدارى ئەڭ كۆپ ئەزا (س )
ئا: بۆرەك ب: تال س: جېگەر د: يۈرەك
2 – سوئال: كىسلاتا بىلەن ئىشقار (ئاساس) لارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىكى سەۋەب: (ئا )
ئا: ئۇلار تەركىبىدىكى ئىئونلار ئوخشىمايدۇ؛
ب: ئۇلار تەركىبىدىكى مولېكۇلىلار ئوخشىمايدۇ؛
س: ئۇلار تەركىبىدىكى ئاتوملار ئوخشىمايدۇ؛
د: يۇقىرىقى جاۋابلارنىڭ ھەممىسى توغرا. ;
3 – سوئال: گۇگو تېئورېمىسىدا (ب )
ئا:بىر تىك تەرەپنىڭ كىۋادىراتى بىلەن يانتۇ تەرەپنىڭ كىۋادىراتىنىڭ يىغىندىسى يەنە بىر تىك تەرەپ كىۋادىراتىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ؛
ب: ئىككى تىك تەرەپ كىۋادىراتلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپنىڭ كىۋادىراتىغا تەڭ؛
س: بىر تىك تەرەپ كىۋادىراتىنىڭ يىغىندىسى بىلەن يانتۇ تەرەپ كىۋادىراتىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ؛
د: ئىككى تىك تەرەپ كىۋادىراتلىرىنىڭ ئايرىمىسىغا تەڭ.
4 – سوئال: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاچان قۇرۇلغان؟ ( د )
ئا: 1978 – يىلى ب: 1965 – يىلى س: 1982 – يىلى د: 1970 – يىلى
5 – سوئال: دۇنيادىكى شەھەرلىشىش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت قايسى ( س )
ئا: ياپونىيە ب: كانادا س: ئەنگلىيە د: روسىيە
6 – سوئال: ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەڭگۈ تاشلاردىن بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ ئورنىتىلغان ۋاقتى ۋە ئورناتقۇچىلاردىن توغرا گۇرۇپپىلانغىنى (د)
ئا: مىلادىدىن بۇرۇنقى 735 – يىلى تۇنيۇقۇق
ب: مىلادى 735 – يىلى مويۇنچۇر
س: مىلادىدىن بۇرۇنقى 735 – يىلى يوللۇغ تېكىن
د: مىلادى 735 – يىلى يوللۇغ تېكىن
7 – سوئال: «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نى ( ئا ) ئوتتۇرىغا قويغان.
ئا: كوپېرنىك ب: گالېلىي س: دېئاس د: ماگېللان
8 – سوئال: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ( د ) قۇرۇلغان.
ئا: 1945 – يىلى 10 – ئاي ب: 1948 يىلى 8 – ئاي
س: 1949 – يىلى 10 – ئاي د: 1949 – يىلى 4 – ئاي
9 – سوئال: 1912 – يىلى 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، ( ب ) نىڭ «تىتانىك» ناملىق پاراخوتى نيۇفېنلانغا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ چۆكۈپ كەتكەن.
ئا: ئامېرىكا ب: ئەنگىلىيە س: ياپونىيە د: فىرانسىيە
10 – سوئال: ياش ناخشىچى ھەم كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئۆزى ئورۇنلىغان «كۆڭۈلگە نەسىھەت» ناملىق ناخشىنىڭ تېكىستىنى يازغۇچى ( س )
ئا: پۇشكىن ب: سېرۋانتىس س: تاگور د: مۇھەممەتجان راشىددىن
ئۆتكەل 2:
1. -خاپا بولماڭ، - مەن بولسام ماشىنىدىن چۈشۈپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، كاللام جايىغا كەلگەندە قىزچاقنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماقتا ئىدىم.
- ۋاي ھېچقىسى يوق ، - دېدى قىزچاق قويۇق قەشقەر شەھىرى تەلەپپۇزىدىكى ئېرەنسىزلىك بىلەن ماڭىمۇ ئۇدۇل قارىماستىن ، _ سىلىمۇ قەستەن ئۇنداق قىلمىغان تۇرسىلا، يەنە كېلىپ بۇ ئىشتانمۇ يولدا كەلگۈچە كىژ بولاپ كەتكەن ....
يۇقىرىقى پارچە مىسرانىم مۇنبىرىدىكى كىمنىڭ، قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟
جاۋابى: ئەزىزاننىڭ "نامرات ئىستۇدېنت" ناملىق ئەسرىدىن ئېلىنغان
2. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەتمەك» دېگەن سۆزنىڭ ھازىرقى مەنىسى ( س ).
ئا: ئەلگەك ب: زاۋۇت س: نان د: پولۇ
3. دۇنيادىكى ئالتە چوڭ بۆلەكنى ساناپ بېرىڭ.
جاۋابى: تىنچ ئوكيان بۆلىكى، ياۋرو - ئاسىيابۆلىكى، ئامېرىكا بۆلىكى، ھىندى ئوكيان بۆلىكى، ئافرىقا بۆلىكى ۋە ئانتاركىتىدا بۆلىكىدىن ئىبارەت.
4. ئۇيغۇر «ئون مۇقامى» نىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا 1881 – يىلى ( ب ) دە تۇغۇلغان.
ئا: ئۈرۈمچى شەھىرى ب: يەكەن ناھىيەسى س: يېڭىسار ناھىيەسى د: غۇلجا شەھىرى
5. تۆۋەندىكى ناخشىلار ئىچىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلىمىغىنى :( ئا )
ئا: «ئوماق جانانىم» ب: «مەشرەپ» س: «سىز» د: «يىگىت ئىشقى»
6. تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر يەرلىك مۇقاملىرىغا تەۋە بولغىنى ( ب )
ئا: «راك» ب: «دەرد – داغ» س: «ئىراق» د: «سىگاھ»
7: ئاتاقلىق مۇزىكانت بىتخوۋىننىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ( س )
ئا: ئەنگىلىيە ب: ئامېرىكا س: گىرمانىيە د: ئىتالىيە
8. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە مەخسۇس پىروگراممىسى ( د )
ئا: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلىنىڭ «تەلەي يۇلتۇزى» پىروگراممىسى
ب: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ «قانۇن ۋە پۇقرا» پىروگراممىسى
س: ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «جەمئىيەت ۋە قانۇن» پىروگراممىسى
د: ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئىقتىساد كۆزنىكى» پىروگراممىسى
9. تىببىي ئىلىمدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان «زىيابىتۇس» كېسىلى ( ب ) نى كۆرسىتىدۇ.
ئا: راك كېسىلى ب: قەنت سىيىش كېسىلى س: رىماتىزم كېسىلى د: سىل كېسىلى
10. مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتونوم ئوبلاست (د )
ئا: سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى گەنزى زاڭزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى
ب: يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ۋېنشەن جۇاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
س: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
د: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باينغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
بۇ سوئاللارنى يوللىغاندا، بەزىلەر ئوقۇغۇچىلارغا چىقىرىلىپتۇ، دەپ پىكىر يېزىپتىكەن، ئويلاپ باقسام راستتىنلا شۇنداق ئىكەن، ئەمما بۇ بىلىملىرنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خېلى كەڭ دائىرىدە ماتېرىيال كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا مۇشۇ سوئاللار ۋە ئۇنىڭغا بغلىنىشلىق بولغان باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. بىزدە "ھۈنەر دېگەننى قورساققا سېلىپو قويسا ئاش - نان دېمەيدۇ، ھامىنى بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ" دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.