مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 547|ئىنكاس: 0

قۇمۇقچە شېئىر، سالاف ئالىيېف [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىل قاراڭغۇلىغى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20077
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6009
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2010-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 07:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قۇمۇقلار ئاساسەن داغىستاننىڭ شەرقى شىمالىدىكى كاسپى دېڭىزى بىلەن چېگرىلىنىدىغان تۈزلەڭلىك رايونلىرىغا، شۇنداقلا چېچېن-ئىنگۇش بىلەن شىمالىي ئوستى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ داغىستان بىلەن تۇتىشىدىغان رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان.  2010-يىلىدىكى ستاتىسكىغا قارىغاندا قۇمۇقلارنىڭ تەخمىنەن 500مىڭ ئاھالىسى بار،  بۇلارنىڭ 450مىڭى داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ داغىستان ئاھالىسىنىڭ 15%ىنى ئىگەللەيدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنەرۇسىيەدىكى چېچىنىيە، شىمالى ئوسېتىيە، قورغان قاتارلىق باشقا جۇمھۇرىيەت-ئوبلاستلارغا 50مىڭ ئەتراپىدا قۇمۇقلار تارقالغان.
  قۇمۇقلار ئىسلام دىنىنى ئەڭ دەسلەپ قوبۇل قىلغان تۈركى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
   قۇمۇقلار ئاساسلىقى يېزائىگىلىك ۋە سودا-ھۈنەر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەرلىرى يېنىدىن پىچاق ئايرىمايدۇ، ئاياللىرى ھويلا ئارام، گۈل تېرىش ۋە تىككۈچىلىككە ئىنتايىن ماھىر.
  قۇمۇقلار كاۋكاز ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركى تىللار ئائىلىسى قىپچاق تىل تۈركۈمىگە تەۋە قۇمۇق تىلىنى ئىشلىتىدۇ،  قۇمۇقلار ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى چاغاتاي ئېلىپبەسىنى ئىشلىتەتتى، 1924-يىلىدىن كېيىن سىلاۋيان ھەرپلىرى ئاساسىدىكى قۇمۇق ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدىغان بولدى.
  قۇمۇقلار روسىيە فىدىراتسىيىسى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمى يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل كاۋكاز تىللىق مىللەتلەر بىلەن ياشاش جەريانىدا داغىستاننىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلغان. قۇمۇق تىلى داغىستاندىكى مۇھىم تىللارنىڭ بىرى بولۇپ داغىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلانغان. قۇمۇقلار ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمقى تارىخى خاتىرە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۇچرايدۇ.
  قۇمۇقلار 7-8-ئەسىرلەردە ئىنتايىن كۈچەيگەن بولۇپ ھازىرقى داغىستاندىكى تېرەك دەرياسى بويىدىكى سەمەندەرنى(ھازىرقى داغىستاندىكى قىزىليار ئەتراپىدا) مەركەز قىلغان ھالدا پۈتكۈل كاۋكاز رايونى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربى قىسمىنى ئىگەللەپ شەرقى كاسپى دېڭىزىغا، غەربى قارا دېڭىزغا، شىمالى ئىدىل دەريالىرىغا تۇتاشقان ھازار ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. كېيىن ئىمپىرىيە سىرلىق ھالدا ئاجىزلىشىپ پارچىلىنىپ كەتكەن. مۇڭغۇل ئىستىلاسىدا كاۋكاز رايونى موڭغۇل قوشۇنىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن دەھشەتلىك قەتلىئەمغا دۇچ كەلگەن. 15-ئەسرنىڭ ئاخىرى، قۇمۇقلار تاركانى مەركەز قىلغان فىئودال ھۆكۈمەت قۇرغان. 17-ئەسرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ داغىستان رايونى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كەلگەن ھەمدە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. 18-ئەسردە، داغىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەر شامىل باسايېۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە رۇس ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ يەنە بىر قېتىم قەتلىئامغا ئۇچراپ ئاھالىسىنىڭ تەڭدىن تولىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا داغىستاندىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە رۇسىيە ئىمپىرىيىسىگە تەۋە بولغان.
  قۇمۇقلارنىڭ 19-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەدەبى تىلى ئوسمانىيە تۈركچىسى بولغان بولۇپ، ئاۋام تىلىدا چاغاتاي تىلىنىڭ تەسىرى ئېغىر ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى قۇمۇقلاردىن يېتىشىپ چىققان داڭلىق شائىر جىرچى قازاق تۇنجى قېتىم قۇمۇق يەرلىك تىلىدا ئەدەبى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. قۇمۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مول مەزمۇنى ۋە تەسىرلىك نەسىھەتلىرى بىلەن دۇنيا غەزىنىسدە ئۆزگىچە چاقناپ تۇرغان گۆھەرلەرنىڭ بىر ھىساپلىنىدۇ.
     1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن  قۇمۇقلار ئۆزلىرىنىڭ گېزىت-ژورنال ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قۇمۇق تىلىدا تاڭ چولپان گېزىتىنى نەشىر قىلغان ۋە 1928-يىلى سىلاۋيان ئېلىپبەسىگە كۆچۈپ بۈگۈنكى كۈندىكى تاڭ چولپان ئەدەبى ژورنىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن.
   سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى 1990-يىللاردىن كېيىن قۇمۇق تىل-ئەدەبىياتى ۋە قۇمۇق تىل ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ گۈللەندى، قۇمۇقلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق جەمىيىتى بولغان «تەڭلىك ھەركىتى» نى قۇرۇپ رۇسىيە ۋە داغىستان پارلامېنتىدا ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن سۆزلەش سالاھىيىتگە ئېرىشتى.
   قۇمۇقلارنىڭ تاڭ چولپان ژورنىلىدا قۇمۇق شائىرى باتۇر مىرزايىۋ ئېلان قىلغان بىر شېئىردىن بىز قۇمۇق تىلىنىڭ تۈركى تىللار بىلەن بولغان يېقىنلىقىنى ھىس قىلالايمىز . (قۇمۇقچە -ئۇيغۇرچە)
    Tuwdu Çolpan, tang bilindi,   تۇغدى چولپان تاڭ بىلىندى،
Boldu uyanma zaman.          بولدى ئوغانماق ۋاقتى.
Şawla aldı dünya yüzün,  يۇرۇق باستى يەر يۈزىنى،
Yuhlağanımız taman.      ئۇخلىغىنىمىز يېتەر.

Gözüng aç, dört yakğa qara!     كۆزۈڭ ئاچ، تۆت ياققا قارا،
Getdi kerwan erterek.         كەتتى كارۋان بالدۇرلا.
Biz geçigip kalğanbız,      بىز كېچىكىپ قالدۇقبىز،
Enni hozğalma gerek.    ئەمدى قوزغالماق كېرەك

مەنبە:http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=8431


Гьей уланлар, шибир-гюбюр этмегиз!
  
Гьей уланлар, шибир-гюбюр этмегиз,
Гавур элде мени къоюп гетмегиз.
Гавур элде мени къоюп гетсегиз,
Уьюгюзге эсен-аман етмегиз.
Уьюгюзге эсен-аман етсегиз,
Къазапланып алдыгъызгъа къарт атайым чыгъажакь,
Кюй табыгъыз, огъар не деп айтарсыз.
Атайыма сиз айтарны мен айтсам,
Арымас деп берген алашанг,
Яман ерде арыды деп айтарсыз.
Ондан да бираз ари оьтген сонг,
Сизин барлап къарт абайым чыгъажакъ.
Гьей уланлар, бозлайгъан абайыма не айтарсыз?
Шогъар да сиз айтарны мен айтсам,
Базламас деп абай берген акъ къалач,
Яман ерде базлады деп айтарсыз.
Ондан да бираз ари гетгенде
Къызардашым гелир мени ахтара,
Анадашгъа сиз айтарны мен айтсам,
Йыртылмас деп тикген алай акъ къаптал
Ер-еринден сёгюлдю деп айтарсыз.
Мен оьзю булан оьзек сувдай бирикген
Олжаным тёбелеге чыгъып къарар, билигиз,
Тёбелерде алай мени гёрмесе,
Аркъа сюегинден тюшюп авнасын.
Тёбе чачын къолуна алып йыласын,
Огъар да не деп айтарсыз?!
Гьей уланлар, аллагьисен, мени къоюп гетмегиз,
Гавур элде мени къоюп гетсегиз,..
Язда алай яшнап явгъан янгурлар
Сюегимни молла болуп шо жувар,
Язда алай яшнап чыкъгъан яшыл от...
Къаркъарамны къабур болуп шол ябар.
Саргъайып сари танглар къатгъанда,
Сарипайлар сарнай къонур саныма
Гёгеришип гёк ахшамлар болгъанда,
Гёк бёрюлер улуй гелир яныма...
گьئېي ئۇلانلار، شىبىر-گيۇبيۇر ئېتمېگىز!
  
گьئېي ئۇلانلار، شىبىر-گيۇبيۇر ئېتمېگىز،
گاۋۇر ئېلدې مېنى كئويۇپ گېتمېگىز.
گاۋۇر ئېلدې مېنى كئويۇپ گېتسېگىز،
ئۇьيۇگيۇزگې ئېسېن-ئامان ئېتمېگىز.
ئۇьيۇگيۇزگې ئېسېن-ئامان ئېتسېگىز،
كئازاپلانыپ ئالدыگыزگئا كئارت ئاتايыم چыگئاژاكь،
كيۇي تابыگыز، ئوگئار نې دېپ ئايتارسыز.
ئاتايыما سىز ئايتارنы مەن ئايتسام،
ئارыماس دېپ بېرگېن ئالاشاڭ،
يامان ئېردې ئارыدы دېپ ئايتارسыز.
ئوندان دا بىرئاز ئارى ئوьتگېن سوڭ،
سىزىن بارلاپ كئارت ئابايыم چыگئاژاك.
گьئېي ئۇلانلار، بوزلايگئان ئابايыما نې ئايتارسыز؟
شوگئار دا سىز ئايتارنы مەن ئايتسام،
بازلاماس دېپ ئاباي بېرگېن ئاق كئالاچ،
يامان ئېردې بازلادы دېپ ئايتارسыز.
ئوندان دا بىرئاز ئارى گېتگېندې
كыزارداشыم گېلىر مېنى ئاختارا،
ئاناداشگئا سىز ئايتارنы مەن ئايتسام،
يыرتыلماس دېپ تىكگېن ئالاي ئاق كئاپتال
ئېر-ئېرىندېن سيوگيۇلديۇ دېپ ئايتارسыز.
مەن ئوьزيۇ بۇلان ئوьزېك سۇۋداي بىرىكگېن
ئولژانыم تيوبېلېگې چыگыپ كئارار، بىلىگىز،
تيوبېلېردې ئالاي مېنى گيورمېسې،
ئاركئا سيۇېگىندېن تيۇشيۇپ ئاۋناسыن.
تيوبې چاچыن كئولۇنا ئالыپ يыلاسыن،
ئوگئار دا نې دېپ ئايتارسыز؟!
گьئېي ئۇلانلار، ئاللاگьئىسېن، مېنى كئويۇپ گېتمېگىز،
گاۋۇر ئېلدې مېنى كئويۇپ گېتسېگىز،..
يازدا ئالاي ياشناپ ياۋگئان ياڭۇرلار
سيۇېگىمنى موللا بولۇپ شو ژۇۋار،
يازدا ئالاي ياشناپ چыكگئان ياشыل ئوت...
كئاركئارامنы كئابۇر بولۇپ شول يابار.
سارگئايыپ سارى تاڭلار كئاتگئاندا،
سارىپايلار سارناي كئونۇر سانыما
گيوگېرىشىپ گيوك ئاخشاملار بولگئاندا،
گيوك بيوريۇلېر ئۇلۇي گېلىر يانыما...

شېئىر مەنبەسى:http://kumukia.ru/modules.php?na ... ge&pid=8905

ъ-قالدۇۋىتىڭ
ы-قاتتىق‹ ئې›دەپ تەلەپپۇز قېلىڭ.
تىلشۇناسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۇن بۇ شېئىر يوللاندى. باشقا تور بېكەتلىرى رۇخسەتسىز كۆچۇرمىسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش