مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 636|ئىنكاس: 3

ئاياللار ۋە ئائىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18024
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3285
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 1108 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2011-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 08:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئائىلىدە كۆپىنچە ئاتىغا قارىغاندا ئانىنىڭ بالىلار بىلەن ئارىلىشىدىغان، بىللە بولىدىغان ۋاقتى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ . شۇڭا ئانىنىڭ مىجەز خاراكتېرى تۇراقلىق، گەپ –سۆز جايىدا، ئىش ھەركىتى رېتىملىق بولمىسا ، بالىلارغا بەرگەن تەربىيەنىڭ تەسىرى بولمايدۇ. بەزى ئانىلار باركى خۇشى كەلگەندە بالىلىرىغا قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالىدۇ، ئاچچىقى كېلىپ قالسا بالىلىرىنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ ؛ يەنە بەزى ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ، تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئاتىسىغا بەس سالىدۇ ، تۇرۇپلا بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈپ كېتىدۇ . ناچارئائىلە كەيپىياتى ۋە گەپ–سۆز ، ئىش–ھەرىكەت بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ ، ھەزىم  قىلىش، نەپەسلىنىش ، قان ئايلىنىش سىستىمىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تورمۇزلايدۇ ، نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     ئانىنىڭ يۈرۈش –تۇرۇشى ، كىيىنىشى ، ئائىلىۋى تۇرمۇش تەرتىپى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى ، كەسپىي ئەخلاقى ۋە ئائىلىۋىي ئەخلاقى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. ئانا ئائىلىدە كۆيۈمچان، كەمتەر ، خۇش پېئىل ، تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىل ، چىقىشقاق ، ئىشچان ، مەسئۇلىيەتچان بولسا ، بالىلارمۇ ئانىنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى تەدرىجىي دورايدۇ ھەمدە شۇنداق خاراكتېرنى يىتىلدۈرىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئانىلار باركى ،بالىلارغا مەلۇم ئىشنى تاپىلاپ ئۇنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلمايدۇ . بالىلارنى دەرسكە زورلايدۇ –يۇ ، ئۆزى تېلېۋىزورنى يۇقىرى ئاۋازا قويۇۋېلىپ ، ۋەقەلىك ئىچىگە چۆكۈپ كىتىپ، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ بالىلارنىڭ زېھنىنى چاچىدۇ . بالىلارغا تىنىچ مۇھىت يارىتىپ بەرمەستىن كۈن بويى ئۈگىنىشكەزورلايدۇ . پىسخولوگلارنىڭ يەكۈنىدىن ئايانكى ، ئارام ئېلىش بىلەن ئىشلەش ئۆز ئارا ماسلاشقاندىلا  ، ئاندىن تەپەككۇر قىلىش ھەم ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈندىلىك ئۇيقۇسى ئادەتتە 10 سائەتتىن كەم بولسا بولمايدۇ .

     شۇڭا ئانا ئائىلىدە گەپ قىلغاندا ئىلمىي ،مەدەنىي بولۇشى ؛ ئەر–ئاياللارتاساددبىي ئازارلىشىپ قالغاندا مەدەنىي گەپ قىلىشى ،  گەپ –سۆزىنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان يامان تەسىرىنى ئويلىشى كېرەك .بەزى ئانىلار ئادەتتە تولىمۇ چىرايلىق ، سىپايەگەپ قىلىدۇ ، ئەمما بالىسىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى دىتىغا ياقمىساياكى ئېرى بىلەن جېدەللىشىپ قالسا ، ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت، قوپال ، لاۋزا ، تېتىقسىز گەپلەر بىلەن بالىلار ياكى ئېرىنى  ھاقارەتلەيدۇ . بالىلارشۇڭا سەت ، قوپال ، لاۋزا گەپلەرنى بىلىپ–بىلمەي ئالدى بىلەن ئۆيدىن ، ئاتا–ئانىدىن ئۆگىنىدۇ .

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن ئېلىندى

ئارمان

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116072
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6785 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 10:29:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسىز...ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى ،شۇنداق بولغانىكەن چوقۇم بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇشىمىز ،ئۇلارنى توغرا ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. تېمىڭىزدىن خۇش بولدۇم . مەسئۇلىيىتمنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئاتۇش قىزى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5951
يازما سانى: 854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8228
تۆھپە نۇمۇرى: 535
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 11:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن توغرا، ئاياللار بەكلا ئۇلۈغ. ئۇلار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. ئاياللار ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ.

ئاتۇش قىزى

ھەممنى ئۇنتۇلدۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12066
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7996
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1294 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 05:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز،مىسرانىمدىكى قىزلار چۇقۇم ياخشى ئانا بۇلۇشقا تىرشايلى ھە!!! [s:166]  [s:154]  [s:160]  [s:139]

ئەگەردە دۇنيادا ھەققىي پاك،ھەققىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش