رۇسىيە ئايال ئەسكەرلىرى: ئاۋۋال مەشىققە قاتناشتۇرۇلىدۇ،ئاندىن تولۇقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .
نۆۋەتتە، رۇسىيەدە جەمئىي 153 مىڭ ئايال ئەسكەر بار بولۇپ بۇ ئۇمۇمىي ئەسكەر سانىنىڭ 12 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، سان جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگودىن قالسىلا دۇنيا بۇيىچە 3–ئورۇندا تۇرىدۇ.
رۇسىيە ئايال ئەسكەرلىرى قىسىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئادەتتىكى ھەربىي مەشىققە قاتناشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن تولۇقلاش ئۇسۇلى ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېتەكچى قىسىم ياكى ھەربىي مەشىق مەركىزىنىڭ مەسئۇللۇقىدا مەلۇم مەزگىل ھەربىي ئىشلار ئاساسى مەشىقى قىلىدۇ. يېڭى ئايال ئەسكەرلەر ئاساسىي ئۇرۇش تېخنىكىسى بىلىملىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ، لاياقەتلىك ئەسكەرگە ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن بىر تۇتاش ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىمغا كىرگۈزۈلىدۇ. يېرىم يىللىق ھەربىي تەلىم–تەربىيە مەشىقى جەريانىدا يېڭى ئايال ئەسكەرلەر قىسىمغا كىرىش تەربىيىسى، ئورتاق نىزام، قورال– ياراق ئاساسىي بىلىملىرى، سەپتە تۇرۇش، يېنىك تىپتىكى قوراللار بىلەن قارىغا ئېتىش، ھەربىي تەنتەربىيە قاتارلىق ئادەتتىكى ئورتاق ھەربىي مەشىقلەرگە قاتنىشىدۇ ھەمدە تاكتىكىلىق سەپتە تۇرۇش مەشغۇلاتى، دالا مەشىقى قاتارلىق دەسلەپكى تاكتىكا مەشىقى، شۇنىڭدەك ئۇرۇش تاكتىكا مەشغۇلاتى، جەڭدە قورال ئېتىش، يۆنىلىشكە ئاساسەن ئالغا ئىلگىرىلەش، توسالغۇلارنى يېڭىش، بىئولوگىيىلىك، خېمىيىلىك قوغدىنىش، جەڭ مەيدانى قۇتقۇزۇشى قاتارلىق ئادەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ مەشىقىگە قاتنىشىدۇ.
گېرمانىيە ئايال ئەسكەرلىرى: جەڭگە قاتنىشىش ئۈچۈن مەشىققە قاتنىشىدۇ .
گېرمانىيىدە ئايال ئەسكەرلەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلىدۇ، پسىخىكا، بەدەن ساپاسى، ئىپادىسى قاتارلىق سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ قىسىمغا كىرىش ئىلتىماسى تەستىقلىنىدۇ.
گېرمانىيە ھەربىي قىسىمىدا ئايال ئوفىتسېرلار ھەربىي تەلىم–تەربىيە جەريانىدا ئەر ئوفىتسېرلارغا ئوخشاشلا ناھايىتى قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇلىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن تاللاشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، لاياقەتلىك دەپ قارالغاندىن كېيىن ئاندىن ھەربىي مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار ھەربىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋۋال بىر مەزگىل مەشىققە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئاندىن رەسمىي ھالدا ئوفىتسېرلار دەرسلىكلىرىنى ئۇقۇشقا باشلايدۇ. ئايال كۇرسانتلار ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ لېيتنانت دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار مولجاللانغان (ئالدىن مۆلچەرلەنگەن) بىلىملەرنى ئىگىلەيدۇ ھەمدە تېگىشلىك ھەربىي ئىشلار مەشىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇلارغا قويۇلغان تەلەپ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ ھەرگىزمۇ، بۇلار ئايال دەپ ئېتىبار قىلىنمايدۇ. گېرمانىيە ھەربىي قىسىمىدا ‹‹قارا بوران››ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئايال لىيۇتچىكلىرى كۆپىنچە ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىپ مەشىقلەندۈرۈلىدۇ. مەشىق مەزگىلىدە ئايال كۇرسانتلارغا قويۇلغان تەلەپ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئايال دەپ ئېتىبار قىلىنمايدۇ.
ئىسرائىلىيە ئايال ئەسكەرلىرى: ھەربىي مەشىققە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن قاتنىشىدۇ .
1986–يىلى ئىسرائىلىيىلىك ھەربىي ئايال ‹‹ئاسىيا ساھىبجامىلى›› بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ ئايال ئەسكەرلىرىگە باشقىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان بولدى. ھازىر ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسى قوشۇنى ئىچىدە ئايال ئەسكەرلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇچرىتىش مۇمكىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دېگۈدەك ئالاھىدە ماھارەتلىك كەسپىي ئوفىتسېرلار ياكى ئەسكەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالايلۇق، 15–F تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ رېمۇنتچىلىرى، يەنە بروۋنىك قىسىمنىڭ مەشقاۋۇللىرى، زەربىدار قىسىمنىڭ پاراشوت مەشىق مەشقاۋۇللىرى، زەربىدار قىسىمنىڭ ئالاھىدە بروۋنىك مەشقاۋۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللاردۇر. ئىسرائىلىيە دۇنيا بۇيىچە بىردىنبىر ئاياللارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغان دۆلەت. ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش ئالدى بىلەن باكۇ بازىسىدا تۆت ھەپتىلىك يېڭى ئەسكەرلەر مەشىقىگە قاتنىشىدۇ. مەشىق مەزمۇنى ئاساسى پەنلەر، يالغۇز كىشىلىك قوراللارنى ئىشلىتىش، دالا تاكتىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى ئەسكەرلەر مەشىقىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتىپلىق، مەمۇرىي خىزمەتچىلىك ياكى ھەربىي لاۋازىملىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەيىنلىنىدۇ. يېڭى ئەسكەرلەردىن مەشىق نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلىرى ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن ئوراپ قاچىلىغۇچىلىققا، روتا شتاپ ئوفىتسېرلىقىغا، پاراشوتچى خادىملىققا، ھەربىي ئەترەت ئوفىتسېرلىقىغا، توپچى ئەسكەر ياكى ئۇرۇش ماشىنىلىرى مەشقاۋۇللىقىغا، يادرو خېمىيە مۇداپىيىسى مەشقاۋۇللىقىغا شۇنىڭدەك رادار رېمونت تېخنىكى قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتكە قويۇلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىغا چىقىشتىن ئىلگىرى يەنە ئىككى ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتتا كەسپىي مەشىققە قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇلار ئىككى يىللىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋەزىپىسىدىن سىرتقى مەشىق ھېسابلىنىدۇ.
ئەنگىلىيە ئايال ئەسكەرلىرى:‹‹گىمانت››سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىدۇ .
ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمنىڭ دۇنيا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، مەشىق مەزمۇنى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان سانسىزلىغان ئاياللار‹‹گىمانت››مەشىقىنىڭ قاتتىقلىقىدىن بىر بولسا قىسىمغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چېكىنىدۇ بىر بولسا يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ. شۇڭىمىكىن، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان مىنا قېپىدەك توق يېشىل رەڭلىك باش كىيىم بىلەن‹‹گىمانت›› يەڭ بەلگىسى ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەرلەرگىلا نېسىپ بولۇپ كەلگەنىدى. بىراق ئەرلەر 60يىلغا يېقىن ساقلاپ كەلگەن ‹‹گىمانت›› مەشىقى رىكورتىنى ئەنگىلىيە ئايال ئەسكەرلىرى بۇزۇپ تاشلىدى. ‹‹گىمانت›› مەشىقى قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، كۈچلۈكلىكى، مەشىق سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ بۇ خىل مەشىق يەنە ئەر، ئايال دەپ جىنىس ئايرىمايدۇ. ئەنگىلىيە ‹‹ئەينەك گېزىتى››نىڭ‹‹گىمانت›› مەشىقىگە قاتناشقان بىر نەپەر مۇخبىرى:‹‹گىمانت›› مەشىقىگە قاتنىشىش دېگەنلىك–سوغۇقى جاندىن ئۆتىدىغان زۇلمەتلىك ئازاب دېڭىزىغا كىرىش دېگەنلىك، دەپ يازغان. مەشىق جەريانىدا ئايال ئەسكەرلەر بەرداشلىق بېرىش مەشىقلىرى، 14كىلومېتىرغا يۈگۈرۈشى، ئېغىر نەرسە كۆتىرىپ دالا مېڭىش ۋە جاپالىق مەشىق قىلىش سىناقلىرىغا چىداشلىق بېرىشى ھەمدە تارزانغا ھۇجۇم قىلىش مەشىقىدىكى ئىگىزلىكى 180سانتىمېتىرلىق تام توساقتىن ھالقىشى كېرەك.
نورۋېگىيە ئايال ئەسكەرلىرى: مەشىقتە ئۆزىگە تايىنىدۇ .
نورۋېگىيە يېڭى ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ مەشىقى ناھايىتى ئۆزگىچە، تەسىس قىلىنغان مەشىق تۈرلىرىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، قېلىچۋازلىق، توسالغۇلاردىن ھالقىش، ئېگىز بىنالارغا يامىشىش، ئېگىز جاھازىلىق بىر تال لىملىق ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەڭگىۋار كىچىك ئەترەتلەرنىڭ تاكتىكا، تېخنىكىلىق ھۇجۇم مەشىقلىرىمۇ ئوق ئاۋازىغا تەقلىت قىلىنغان مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. گەرچە مەشىق قاتتىق بولسىمۇ ئەمما نىسبەتەن ئەركىن–ئازادە كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەسكەرلەردىن بىر قىسىملىرى مەيداندا مەشىق قىلسا، قالغانلىرى ‹‹ھە–ھۇ›› دېيىشىپ ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ. مەشىق مەيدانىدا كۈلكە، مەدەت سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرغاچقا، قىلىۋاتقان ھەربىي مەشىقى قارىماققا ئويۇن ئوينىغانغا ئازراق ئوخشاپ كېتىدۇ.
ياپونىيە قۇرۇقلۇقتا قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئايال ئەسكەرلىرىگە نىسبەتەن ھەربىي مەشىق گۇمپا ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش ھېسابلىنىدۇ .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە قۇرۇقلۇقتا قوغدىنىش قىسمى ھەر يىلى 4–،9 –ئايلاردا ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 340نەپەر ئايال ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، قوبۇل قىلىش شەرتى ئەرلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ. ھەر يىللىق قوبۇل قىلىنغان ئايال ئەسكەرلەرنىڭ سانى مۇقىم ھالدا 1600ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ تەخمىنەن قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەسكىرى كۈچىنىڭ بىر پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇ ئايال ئەسكەرلەر قۇرۇقلۇق، ئاۋىئاتسىيە، ئۇچۇر ئالاقىسى، قورال–ياراق، ترانسىپورت، ھەربىي تەمىنات، سەھىيە،مالىيە، ھەربىي ساقچى (ژاندارما) ، خېمىيە تەجىرىبىلىرى، ئەدەبىيات–سەنئەت قاتارلىق ئەسكىرىي بۆلۈملەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ. قىسىمغا يېڭىدىن كىرگەن ئايال ئەسكەرلەرگە روھىيەت تەربىيىسى ۋە قورال–ياراق بىلىملىرى ئۈگىتىلىگەندىن سىرت، يەنە جەڭ قىلىش، دالا خىزمىتى، قورالسىز ئېلىشىش، نەيزە بىلەن ئېلىشىش، تەنتەربىيە قاتارلىق مەشىقلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. توققۇز ھەپتىلىك تەلىم–تەربىيە مەشىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئايال ئەسكەرلەر قىسىمدا يەنە ئۈچ يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندىن كېيىنلا ئاندىن تولۇقلانغۇچى ھەربىي ئۇقۇغۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. تولۇقلانغۇچى ھەربىي ئوقۇغۇچىلىققا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەسكەرلىككە ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇ دەرىجە بويىچە يەنە 3–4 يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تولۇقلىما كادىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتسە ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. ھالبۇكى، ئايالللارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەسكەرلىكتىن ئوفىتسېرلىققا كۆتىرىلىشىدە تەلەپ ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ھەر يىلى پەقەت 4–5 نەپىرىلا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئوفىتسېر بولىدۇ.
چىلى ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇرۇلۇش ھەربىي مەشىقتىن باشلىنىدۇ .
چىلى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى 1988–يىلى ئەر– ئاياللار ئىچىدىن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش شەرتىدە بۇرۇلۇش پىلانىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، چىلى ئاياللىرى ئۈچۈن ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان ھەقىقىي مەيدان ھازىرلاندى. سىياسەتنىڭ قويۇۋېتىلىشى بىلەن تەڭ تېخىمۇ نۇرغۇن ئاياللار ھەربىيلىككە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ چىلىدا ئاياللارنىڭ ھەربىي بولۇشى سىز ئويلىغاندىكىدەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس. قىسىمغا كىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەربىي مەشىق ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بالس ئارىلىدىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىسىغا چىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۈرت–ماكانىنى تاشلاپ، ئاتا–ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ، كۆڭلىگە ئاجايىپ ئارمانلارنى پۈككەن ئايال ئەسكەرلەر جەم بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە ئۆمۈرۋايەت ئېسىدىن چىقمايدىغان ئۈچ ئايلىق ھەربىي مەشىقنى باشتىن كەچۈرىدۇ. يېڭى ئەسكەرلەر كىرىپ–چىقىدىغان ھەربىي مەشىق بازىسىنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان ‹‹پەرق مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ››دېگەن سۆز كۆزگە بۆلەكچىلا چېلىقىپ تۇرىدۇ. دەل مانا مۇشۇ يەردە ئۇلار‹‹پۇقرا پىدائىي›› دىن ‹‹ئاساسى ماھارەت مەشىقلىرىنى قوبۇل قىلغان ئەسكەر›› گە ئايلىنىپ چىقىدۇ.
ئېرتىريە گازارمىلىرىدا ئەر–ئايال ئەسكەرلەر سەبداش .
ئېرتىريە ھەربىي قىسىملىرىدا ئەر–ئاياللار ئارىلاش بولىدۇ.
ئايال ئەسكەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەربىي بازىغا ھەقىقەتەن بىر خىل ئىللىقلىق ئاتا قىلغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ بولغانلىقىدىن ئەر ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنى تېخىمۇ خۇشال–خورام ھېس قىلىدۇ.ئېرتىريە ھەربىي قىسىملىرىدىكى ئەر– ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ئاشخانا ۋە پائالىيەت زاللىرىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. پەقەت ئاياللار ياتاقلىرىغا ئەرلەرنىڭ يېقىنلىشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە گەرچە ھەربىيلەر ئارىسىدا توي قىلىش قەتئىي چەكلەنسىمۇ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئېرتىريە قىسىملىرىدىكى ئەر– خوتۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى گازارمىدا تونۇشۇپ، ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلىشقانلار بولۇپ، ‹‹گازارمىدىكى رومانتىك تارىخ›› قىسىمنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان.
كورىيە ئاياللار ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى‹‹دوزاخ ھەپتىلىكى››مەشىقى
كورىيە ئاياللار ئالاھىدە ئەترىتىدىكى ‹‹دوزاخ ھەپتىلىكى››ئەزالىرىنىڭ قەددى–قامىتى بىر–بىرىدىن كېلىشكەن بولۇپ، ئەرلەر ئالاھىدە ئەترەت ئەزالىرىدىن قېلىشمايدۇ. ئاياللار ئالاھىدە ئەترەت ئەزالىرىنى تاللاش ھەم مەشىق قىلدۇرۇش جەريانى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، ئالتە ئايلىق قاتتىق ئاساسىي مەشىقتىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشىق ئۇسۇللىرى ئاساسەن ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمىنىڭ مەشىق ئەندىزىسىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۈرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئاساسى مەشىق تۈرلىرى تاغقا چىقىش، ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىش،پارتىلىتىش، ئاساسىي يول باشلاش ماھارىتى، قېچىش ۋە ھايات قېلىش ماھارىتى، سۇ ئۈزۈش، پاراشوتتىن سەكرەش، تەيچۈەن گۇمپىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەشىقتە باشتىن– ئاخىر شاللاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ‹‹دوزاخ ھەپتىلىكى›› مەشىقى ئادەتتە چەت، يىراق ئورمانلىق ياكى ئەتراپى قار– مۇز بىلەن قاپلانغان قاتتىق سوغۇق مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەشىق تۈرلىرى تىرىك قېلىش، قېچىش، ئالاھىدە قارىغا ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەترەت ئەزالىرى ئاشلىق تەمىناتىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلىدۇ. بىر ھەپتە ئىچىدە ئوت–چۆپ يىلتىزى، دەرەخ قوۋزاقلىرى، چاشقان، ھاشارەت قاتارلىقلار بىلەن جان ساقلايدۇ. ئادەتتە چاشقاننى كۆرسە قورقۇپ ۋارقىرايدىغان بۇ نازۇك ئايال ئەسكەرلەر مەشىق جەريانىدا جانلىقلارنى تۇتۇپ يەپ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ.
‹‹چەت ئەل تەرمىلىرى›› ژۇرنىلىنىڭ 2009–يىللىق 9–سانىدىن رىسالەت شېرىپ (ت)
مۇھەررىرى: ئارزۇگۈل رېشىت
شىنجاڭ ئاياللار تورىدىن ئىلىندى .
http://www.xjayalliri.com/bak/ho ... 2/content_70545.htm