مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 905|ئىنكاس: 9

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ روھى بىلەن مۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 10:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ روھى بىلەن مۇشائىرە

(ئالىم ۋاپاتىنىڭ 15يىللىقىنى خاتىرلەيلى)

.

قورغان

.

ئالىم روھى:

بۇ گۆھەر تۇپراقتا قەلىپتۇر قورغان،

ئەڭ شىددەت جەڭگاھمۇ قەلىپتۇر ھامان.

كىن:

«فارابى»،«يۈسۈپ»تە روھنىڭ ئەندىزى،

«ئوغۇز»نىڭ ھەيۋىتى دىللاردا پىنھان.

ئالىم روھى:

«كىنئۇرۇم»-تارىمدۇر،«ئۇرۇمتاي»-جۇڭغار،

بىرىكى سارايدۇر، بىرىكى ئايۋان،

كىن:

مەرگىزى-«كىن»سۈپەت،«تاي»مۇ- كىچىك ھەم،

«ئۇرۇم»نى يىپەك دەپ پىچىرلار «دىۋان».

ئالىم روھى:

قوش گېزەك بۆرىدەك جۇڭغارى-تارىم،

ھۇۋلىشار ئۇچۇرلاپ قاراپ «كۆك» تامان.

كىن:

ئەبەتتىن-ئەبەتكە تۇرسۇن ئىلاھىم،

قېرىنداش مېھرىدە پەرزەنت يانمۇ-يان.

ئالىم روھى:

رەڭمۇ-رەڭ يىپەكتىن رەڭ تۈزگەن دىيار،

بەھرىدە بەرگەندۇر دۇنياغا ئىمكان.

كىن:

ئەجدادىم كارۋانلىق جاھان سەيياھى،

ماكانلار ئەۋزىلى كۆركى بۇ ماكان.

ئالىم روھى:

يىپەك يول تۇتاشقان مەشرىقى، مەغرىپ،

چېقىندەك مىسالى، يۇلتۇز سارقىغان.

كىن:

چۈلۈكنىڭ چۇلۋۇرى چوملارغا تۇتاش،

ئۆتەڭدىن-ئۆتەڭگە سىلجىغان كارۋان.

ئالىم روھى:

بىر قايناق بازاركى ئۆتەڭ ئاجايىپ،

ئېلىش ۋە سېتىشلار شۇنداق قاينىغان.

كىن:

گاھ چېلىش،گاھ بەيگى،گاھى ماھارەت،

كۆرسىتەر كارامەت بۇندىكى پالۋان.

ئالىم روھى:

نەغمىدىن شوخلىنار تاماققا باققاچ...

يەنە بىر كېلىشتۇر نېيەتتە مېھمان.

كىن:

تېپىشقان قىز،يىگىت كارۋاندىن قالار،

تەشنالىق ئىلكىدە ئىزدىشىپ پىنھان.

ئالىم روھى:

ھۈنەردە ماھىر «كاش»، يىپەكتە«ئۇدۇن»،

ماللارنىڭ جەمگاھى ئاستانە تۇرپان.

كىن:

ناخشا-ساز، نوم شەرھى پەيزىدە «كۈسەن»،

تارقالغان «تاڭ»غىمۇ ئۇندىكى ئىرپان.

ئالىم روھى:

كۈن پاتار قىبلىگە يۈزلەندى «ئارتۇچ»،

ئاخىرقى تاللىشى ئىسلامى-ئىمان.

كىن:

دەۋەتتىن ئويغاتتى ئىككى «ئىلىك»نى،

سەلتەنەت ساھىبى بۇغرايى سۇلتان.

ئالىم روھى:

كەچمىشتە ئىقباللار نۇرلانغان بىر چاغ،

چۆللۈكتە شەھەرلەر، ياپ-يېشىل بوستان.

كىن:

 قەۋمىنىڭ مېھرىدە «دارا»غا نەشتەر،

ئۇرغانتى «ئالپ ئەر»، سۈلھىدە ئىران.

ئالىم روھى:

باتۇرلار تۆرەلگەن بۇ قۇتلۇق دىيار،

پاتۇرلۇق تۈپەيلى پەيلىدە پەيمان.

كىن:

ھۆكىرەك«شىر»نىڭمۇ ئۇيقۇ بار ئەمما،

غەپلەتلىك ئۇيقۇنىڭ ۋەزنىدۇر شەيتان.

ئالىم روھى:

بىلەكنىڭ كۈچىگە ئىرەنسىز دۇنيا،

قىلىچنىڭ زورىنى كۆتۈرمەس ئىنسان.

كىن:

بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئېگىسى قەلەم،

يۈكسەڭ ئاڭ، پەن-بىلىم ھەقىقى چوقان.

 

مەنبە: مۇسۇبەت مۇڭلىرىمدىن


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇدۇن ئوغلى + 200

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 12:31:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
21مىڭ ئابۇنتى بار مىسرانىمغا قاراڭ؟ <ئىشەك ئۆلدى>گە چۈۋۈندەك ئولىشىۋالىمىز...
     <ئەل فارابى>، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ> ۋە <مەخمۇد قەشقىرى> دىن كېيىن 1000يىلدا بىر قېتىم نېسىپ بولغان، بۇ ئالىمىمىزنىڭ ۋاپاتىغا ھەر بىرىمىز بىرەر ئېغىزدىن بولسىمۇ يۈرەك سۆزىمىزنى ئىپادە قىلىشارمىزمىكىن دېسەم، بارلىق ئەزالار قولىغا قىشلىق پەلەي كېيىۋاپتۇ ئەمەسمۇ...!
    قېرىنداشلىرىم!!!
    يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى، تىل شۇناس ۋە سەنئەتكارلار بىلەن بۇ مۇتۇپەككۇر ئالىمىمىزنى سېلىشتۇرۇپ يۈرمەيلى ! ئۇ باشقىلاردىن شەكسىز ئۈستۇۈن ! يەنە 1000يىلدىن كېيىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئالىمنىڭ كېلىشىگە ھېچ ئىشەنچىم يوق ؟
    ئەتە ئۇلۇغ جۈمە كۈن. بۇ ئۇلۇغ ئالىمىمىزغا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قاتارىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ دۇئا قىلىپ قويايلى...
  
    ئى ئاللاھ، بىز ئالىم قاتارىدا سانىغان ئەشۇ بەندەڭگە جەننەت ئاتا قىلغايسەن. پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەم داستىخان قىلغايسەن. سۇلتان ساتۇقنىڭ روھى بىلەن قۇچاقلاشتۇرغىلى نىسىپ قىلغايسەن...

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 01:21:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر، بىز ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئون مىڭ مېتىرلىق ئارغامچىنى ئىككى تەرەپ بولۇپ تارتىشىۋاتىمىز. بىر تەرەپتە يالقۇن روزى، يەنە بىر تەرەپتە پەرھات تۇرسۇن...ھەممىمىز ئىككى گوروھ بولۇپ ئاجايىپ قىزغىنلىق، ئاجايىپ تەرەپبازلىقىمىز بىلەن تومۇرلىرىمىز ئېتىلىپ كەتكۈدەك دەرجىدە كۈچەپ تارتماقتىمىز... ھەتتا، ئارغامچا تارتىشىشقا كاماندا بېرىۋاتقانلارمۇ ئۆزىنى ئۇنتۇپ، تارتىۋاتقانلار سېپىگە بىراقلا قېتىلىپ كەتتى...
   <<غەزەل>>گە مەپتۇن بولۇپ نەچچە ئون مىڭ ئادەم كەينىگە كىرىۋالسا << شاھمەشرەپ>> ئۇلارغا قاراپ كىچىك تەرەت قىلمىدىمۇ... ئەي خالايىق ! ئەشۇ <<شاھمەشرەپ>>نىڭ <نوپۇز>، <ئىناۋەت>، <شۆھرەت> ۋە <كېبىر> ئۈستىگە تەرەت قىلغانلىقىدىن ئىبرەت ئالمىدىڭلارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!!!!!!
   ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن قايسى نوپۇز، قايسى ئىناۋەت ۋە قايسى شۆھرەت داۋاسىنى قىلىپ باقتى ؟؟؟
    بىز، ئىتوت چولپانلىرى، ناخشا چولپانلىرى، ئاتالمىش يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى قاتارلىق ئىناۋەت ۋە نوپۇز چولپانلىرىمىزنى كۆتىرەيلىكى، خەلقنىڭ خۇشاللىقتا ئاتقان پۇللىرىدا ئۇلارنىڭ قويۇنلىرى لىق تولسۇن...ئۇلار بۇ پۇللاردا كىرىم بويۇملىرى زاۋۇدى قۇرسۇن... نەشىريات سودىگىرى بولسۇن... ئۇلارنىڭ بۆرەكلىرى يېڭىلانسۇن... خوتۇنلىرى يېڭىلانسۇن...ئۆيلىرى يېڭىلانسۇن... ئۇلارنىڭ شۆھرەت كېبىرى شۇنداق ئۆسسۇنكى، جۇددى پادىشاھلاردەك: <<مېنىڭ خەلقىم...>> دەرجىسىدە كېبىرلەنسۇن...

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئۇيغۇر ئاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17500
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7967
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1098 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:30:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ، تولۇق ئوتتۇرىدا  "ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن" توغرىسىدا ئانچە -مۇنچە چۈشەنچىگە ئىگە بولغىنىم ، ئالىي مەكتەپتە نۇتۇقشۇناسلىقتا ئۇيغۇر ئالىملىرى تەرجىمىھالى توغرىسىدا سۆزلىگەن چېغىمدىكى يۈزە چۈشەنچەمدىن باشقا ئويلىسام ئالىمنىڭ بىرەر ئەسىرىنىمۇ ئوقۇپ باقماپتىمەن، شۇڭا ھەتتا مۇشائىرىڭىزنى چۈشىنىشكىمۇ ئاجىز كەلدىم، بەك ئۆكۈنىۋاتىمەن،ياق، كەچۈرۈمنى سىزدىن ئەمەس ئۆزۈمدىن سورىشىم كىرەكمۇ قانداق، سائەت-سائەتلەپ بەزى جانغا ئەسقاتماس رومانلارنى ئوقۇشقا مەيلىم ، ۋاختىم باركى "ئۆزلۈك ۋە كىملىك" باشلىغانغا بىرەر ئاي بولدى ، مەكتەپتىكى ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقنى ئۆزۈمگە باھانە قىلىپ ئايىغىنى چىقارمىدىم(ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدائوقۇغان بولغان بولساممۇ مېغىزىنى چاقمايلا كىتىپتىكەنمەن). ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىرى توغرىسىدىمۇ شۇ، ئەنە ئوقۇيمەن مانا ئوقۇيمەن دەپ... ئۆزۈمنى تونۇش ۋە يىتەكلەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان ھورۇنلۇقۇم ئۈچۈن ئۆزۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن ھەم  باشقىلارنىڭمۇ مەندەك بوپقالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.
       "ئىلىم-پەن ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز"نىڭ روھې قورۇنمىسۇن، ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن!!

ياراتقان بولساڭمۇ گەرچە قىز قىلىپ، ھەممىدە جاپاغا ،دەرىتكە يار قىلىپ، تەقدىرگە تەن بەرمەي ئەردەك ياشايمەن، مىھنىتىم ئەجرىمدىن يوقنى بارقىلىپ.

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10212
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 09:56:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1- ۋە 2- قەۋەتتىكى ئەزانىڭ دىگەن گىپى تولىمۇ ئورۇنلۇق. نىمانداق ئۆتكۈر تىل، نىمانداق ئاچچىق كىنايە!!!؟؟؟

كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ئۇيغۇر ئاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17500
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7967
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1098 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 12:06:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تىما بىلەن مۇنازىرە قىززىپ كەتسە ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغۇرلۇق جىقراق ئۇچۇر ھەم چۈشەنچىگە ئىگە بوپ قالغۇدەكمەن دىسەم...
     قارىغاندا تەييارغا ھەييار بولالمىغۇدەكمەن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈم ئىزدىنەي  [s:148]  [s:162]

ياراتقان بولساڭمۇ گەرچە قىز قىلىپ، ھەممىدە جاپاغا ،دەرىتكە يار قىلىپ، تەقدىرگە تەن بەرمەي ئەردەك ياشايمەن، مىھنىتىم ئەجرىمدىن يوقنى بارقىلىپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13205
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8079 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 01:47:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتتىمىن ئۆزىنىڭ «نەزىريەۋى تەپەككۈر »ھەققىدە يازغان بىر پارچە ماقالىسىدا   «ئۇيغۇرنىڭ خېمىيىسى بوياقچىلىقتا ،فىزىكىسى تۆمۇرچىلىكتە توختاپ قالغان ئىدى دېگەن ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن يەكۈننى چىقىرىپ بىزنى ئىلىم پەن ئۆگىنىشكە چاقىرغان ئىدى .كىيىن مەن بۇ جۈملە سۆزدىن ئىلھام ئېلىپ ئۇيغۇرنىڭ ماتېماتىكىسى نەدە توختاپ قالغان بولغىيتى دېگەن سوئال ئۇستىدە كۆپ ئويلىنىپ ،ئۇيغۇرنىڭ ماتىماتىكسىىنىڭ ئۇلۇغبەگ زامانىسىدىن كىيىنلا توختاپ قىلىپ ،«سىكاليار ماتېماتىكا » دەۋرىدىن  «ئېزوليار ماتېماتىكا »دەۋرىگە ئۆتەلمىگەنلىگىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئۇيغۇر ئاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17500
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7967
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1098 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 02:45:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (tewelgha) نىڭ يازمىسىغا

يەنىچۇ؟ يەنە قايسى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان؟ نىمىلەرنى بىلىسىلەر؟ پىششىقلىق قىلماي تۆكىۋەتسەڭلارچۇ؟

ياراتقان بولساڭمۇ گەرچە قىز قىلىپ، ھەممىدە جاپاغا ،دەرىتكە يار قىلىپ، تەقدىرگە تەن بەرمەي ئەردەك ياشايمەن، مىھنىتىم ئەجرىمدىن يوقنى بارقىلىپ.

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28708
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5618
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2011-2-1
ئاخىرقى: 2011-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-6 04:55:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن، ئاتاغلىق ئوبزۇرچىمىز يالقۇن روزى ۋەيازغۇچىمىزئەختەم ئۆمەر ئەندىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەم خەلقىمىزگە ئاتاپ ياز-
غان ئوبزۇرىمۇ بار. خالىسىڭىز ئوقۇپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۇيغۇر مەن! ئۇرغۇي ئەمەس،                شۇڭقار مەن! قۇرغۇي ئەمەس.

ياشىسۇن ئۇيغۇر مىللىتى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5173
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9415
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-6 05:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ئۇلىنىشتا يالقۇن رۇزى ئەپەندىمنىڭ مەرھۇم ئالىمىمىز  ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن ۋاپاتىغا ئاتاپ يېزىلغان ماقالىسى بار ئىكەن كۆرۇپ بېقىڭلار ،يەنە بىرگەپ ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىمنىڭمۇ بىر ماقالىسى بار ئىدى ،بىلسەڭلار ئۇنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قۇيساڭلار بىرلىكتە كۆرسەك .
ئالىمىمىز ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىمىنىڭ رۇھى جەننەتتە بولسۇن امىن .

http://www.iz.la/mediniyet/dunya/2010/0619/38347.html

ئادەممەن ئادەمدىن قاچمايمەن يىراق ئادەمنى ئادەمدىن ئادەمدىن ئايرىيمەن بىراق ئىزلەيمەن دۇسلارنى دۇسلار ئىچىدىن چىن يۇرەك قەلبىمدىن ياندۇرۇپ چىراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش