ئاچچىق ھايات فىلىمىدىكى چولپان (مۇھەممەد - كىنان )نىڭ قىسقىچەتونۇشتۇرلىشى
[align=justify]2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئىشلەنگەن تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاچچىق ھايات، ھازىر ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بىرى. بۇ فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ مەھمەت (كىنودىكى ئەسلى ئىسمى: Mehmet Kosovalı ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار مۇھەممەد دەپلا تەرجىمە قىلىۋالغان)، جەسۇر ۋە ئەركەكلەرگە خاس ئوبرازى بىلەن نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ كۆڭۈل ئارزۇسى بويىچە ئۇنىڭ ماتىرياللىرىنى يوللىدۇق .
ئسمى :كىنان ئىمىرزالىئوگلو
تۈركچە يېزىلىشى : Kenan İmirzalıoğlu
تۇغۇلغان ۋاقتى :1974-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
يۇرتى : تۈركىيە . ئەنقەرە
مىللىتى : تۈرك
كەسپى : ئارتىس
ياراتقان ئوبرازلىرى : Yusuf Miroğlu (Deli Yürek) Mehmet Kosovalı (Acı Hayat) Ezel
قىسقىچە تارىخى:ئەنقەرەدە تۇغۇلغان كىنان ئىمىرزالىئوگلو ئىستانبۇل يىلدىز پەن تېخنىكا ئۇنۋېرستېدا ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. 1995-يىلى مودىللىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ۋە دوستلىرىنىڭ قوللىشى ۋە قۇۋۋەتلىشى بىلەن مودىللىق ساھەسىدە دۇنياۋى شۆھرەتلەر قازانغان.1999-يىلىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىشقا باشلىغان، ئۇ تالانتلىق مودىل ۋە داڭلىق كىنو ئارتېسى بولۇپ كىنولاردا ياراتقان ئوبرازلىرى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە .
ھازىر ئىشلەۋاتقان كىنوسى : ئەزەل (تۈركىيە ATV تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىۋاتىدۇ).
رەسىملىرى:
توردىن تەييارلىغۇچى: بەختىيار(مەڭگۈتاش)