|
|
|
|
كۈت مېنى
كۆڭلۈڭنىڭ پەرىشان چۈشلىرى ئارا،
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى.
ئۈن سېلىپ يىغلىغۇڭ كېلەر گاھىدا،
سۈرىتىم ئۈستىگە يېقىپ لىۋىڭنى.
سالام خەت يازغۇچە تالاي كېچىلەر،
ئەڭ ئېغىر ئازابىم ئالار قوينىغا.
يالغۇزلۇق جىسمىڭنى تالاپ تۈنلەردە،
ئەلەملىك يۈرەكنى قىلىدۇ يارا.
ماڭغۇڭ بار كوچىدا قولۇمنى تۇتۇپ،
ئازاپلىق كەچمىشكە بېرىپ خاتىمە.
بىز تېخى قانغۇدەك مۇڭداشمىغان-ھەي،
يۈرەككە نۇر بەرگەن سۆيگۈ ھەققىدە.
مەڭگۈلۈك كۈتۈشكە كۆنۈككەن دەملەر،
بىزنىلا جۇدالىق قىينىدى ئەجەپ.
ئامالسىز خوشلاشقان ھېلىقى كۈنى،
قالغانتىڭ كۆزۈڭ ياش، لىۋىڭنى چىشلەپ.
ئاھ، ئېسىت يېنىڭدا بولالمىغىنىم،
دەردىڭنى كىملەرگە يۈرگەنسەن سۆزلەپ.
تەسەللىي بىرەتتىم، ئۈمچەيسەڭ چوقۇم،
<قەيسەر بول، كۆزۈڭنى ياشلىمىغىن>دەپ.
بىلەتتىڭ قارغا بەك ئامراقلىقىمنى،
يىغلىدىڭ ئېھتىمال قار ياغقان كۈنى.
يۈرگەنسەن كوچىدا خىياللار ئارا، بوشقىنا شىۋىرلاپ جىمى سىرىڭنى. ,
ئازاپقا شۇ قەدەر بەرداشلىقىڭدىن،
ئەڭ پاكىز مېھىردەك سىزىمەن سېنى.
بارىمەن يېنىڭغا بولۇپ ۋاپادار،
ۋىسالىڭ لىۋىدە كۈتكىن يار مېنى. مەنبە: ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|