مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 7

كەشمىرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 01:21:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەشمىرلەر جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستان، پاكىستان، تېبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى چېگرىلىشىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك ئىگىزلىككە جايلاشقان مىللەت.    2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 6مىليون 800مىڭ ئاھالىسى بار بولۇپ، كەشمىر تاغلىق رايونىغا ئولتۇراقلاشقان.
   كەشمىر رايونى پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ كونتروللىقىدا بولسىمۇ ئەمما پاكىستان كونتىرۇللىقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ  پەقەت  نېلىي رايونىدىلا ئاران يۈزمىڭ ئەتراپىدا كەشمىر بار، قالدىسى پەنجەپلاردىن ئىبارەت.
    ھىندىستانغا قاراشلىق كەشمىر جام ۋە كەشمىر دەپ ئاتىلىدۇ ۋە لاداخ، كەشمىر تاغلىق رايونى، جام دىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ. كەشمىرلەر دەل كەشمىر تاغلىق تاغلىق رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ كەشمىر تاغلىق رايونىدىكى 5مىلىيۇن 800مىڭ ئاھالىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كەشمىرىلەردۇر،  جام رايونىدا كەشمىرىلەر ئاھالىنىڭ 32%نى ئىگەللەيدۇ. كەشمىرىلەرنىڭ 97%ى ئىسلام دىنىغا ،3%ى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدۇ.
  كەشمىرلەر كەشمىر تىلىنى قوللىنىدۇ، ھىندىستان-ياۋروپا تىللار سېستىمىسى ھىندىستان تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىك تىلى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا زور مىقداردا سانسكرىت تىلى، پارس تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، پۇشتى تىلى ۋە پەنجاپ تىلىدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلغان. كەشمىرلەرنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى  پارس خەت شەكلى ئېلىپبەسىنى، ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغانلىرى سانسىكىرت ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى شاردا خەت شەكلى ۋە سانسكرىت دېۋاناگارى خەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.
  كەشمىرىلەر ياۋروپا ئىرقى، ئوتتۇرا دېڭىز تۈركۈمى پامىر تىپىغا تەۋە، كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى  ئاق تەنلىك، لېكىن قىسمەن ئاھالىلىرىدە مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئىنتايىن روشەن ئىپادىلىنىدۇ.

   كەشمىرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ جۇغراپىيىلىك شارائىت تۈپەيلى كەشمىر رايونى تارىختىن بۇيان بۆلۈنمە يەرلىك ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن كۆپرەك ئىدارە قىلىنغان، ئالىكساندىر، ھۇن، قاراخانىلار، غەزنەۋىلەر، لۇرلار، بابۇر باشچىلىغىدىكى موغۇللار تارىختى بۇيان بۇ زىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

 8~4ئەسرلەردە بۇددا دىنى مەدەنىيىتى كەشمىردە يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، كەشمىردىن نۇرغۇن بۇددىستلار جوڭگوغا بېرىپ دىن تارقاتقان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنى كەشمىر رايونىدا ھۆكۈمرانلىقنى ئىگەللىگەن. 16-ئەسىردىن كېيىن كەشمىرىلەر ئاساسەن بابۇر قۇرغان موغۇل ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان، 1846-يىلى ئەنگىلىزلار بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ ئەنگىلىيەگە بىۋاستە قاراشلىق بەگلىككە ئايلاندۇرۇپ جام رايونىدىكى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرىلارنى ۋە كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ئاز سانلىق ھىندى بىراھمانلىرىنى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يۆلەپ چىقارغان.
1945-يىلى ھىندىتان -پاكىستان ئايرىلغاندا ھەر قايسى بەگلىكلەرگە ھىندىتان ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇش ئىختىيارى بېرىلگەن. كەشمىرنىڭ ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرى مىللىتىدىن بولغا بېگى ھىندىستانغا قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، خەلق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن پاكىستان ۋە ھىندىستان ئارمىيىسى كەشمىرگە تەڭلا كىرىپ توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى سىزىلىپ كەشمىر رايونى ھىندىستانغا قاراشلىق جام ۋە كەشمىر، پاكىستانغا قاراشلىق ئازاد كەشمىرگە بۆلۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە كەشمىر خەلقى مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىتانغا قوشۇلۇشتىن ئىبارەت سىياسى تەلىپى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلماقتا.
كەشمىرىلەرنىڭ سەيىد، شېكىل، موغۇل ۋە پاتاندىن ئىبارەت 4چوڭ قەبىلىسى بار: بۇنىڭ ئىچىدىكى شېكىل قەبىلىسىدە ئاھالە ئەڭ كۆپ، كەشمىرىلەردە ھىندى دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ۋە شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭقۇر، راھىبلارغا چوقۇنۇش، موناخ، پەيغەمبەر، ئەجدادلارغا، پېرىخونلۇققا ئىشىنىش قاتارلىق خۇراپاتلىقلارمۇ كەڭ تارقالغان.
   كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرىنىڭ كۆپرەكلىرى براخمان سالاھىيىتىگە ئىگە، فەندىت دەپ ئاتالغان. يېرىمى سېرناگار شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان، يېرىمى يېزىلاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەشمىرنىڭ سىياسىيونى، زىمىندار، ئالىم، كاھىن، ئوقۇتقۇچى، خان سارىيى خىزمەتچىلىرىگە ئايلانغان. ئۇلار ھازىرقى شىمالىي ھىندىستاننىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ساھەسى، سىياسىي ساھە، نامەلۇم سودا ساھەسى قاتارلىقلاردا يەنىلا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنى كەشمىر براھمانلىرى دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. سالاھىيەتكە قاراپ توي قىلىش يەنىلا بار، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدە تۇل ئاياللارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنىدۇ.

كەشمىرلەر ئاساسلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى، يەنە قوناق، بۇغداي قاتارلىقلارمۇ بار. يۇڭ توقۇمىچىلىق، ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى شۇنداقلا مىتال تاۋلاش قاتارلىق قول سانائىتى تەرەققىي قىلغان. يېشىل چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چايغا تۇز سالىدۇ. نامرات ئائىلىلەر چاي ئىچىش ۋە ئۇماچ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە ئۇزۇن يەكتەك ۋە شىم كىيىدۇ، بېشىنىڭ كەينى قىسمىغا كىچىك دۈگلەك دوپپا كىيىدۇ. ئاياللىرى تويدىن كېيىن مېدالىئون تاقايدۇ، قۇلىقىغا ھالقا تاقايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇس تورى
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=9225

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

www.sodigar002.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13851
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8630
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2011-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرى كۆپكەن لېكىن توي ۋە باشقا ئۆرۈپ ئادەتلىرى ھىندىلارنىڭكىگە ئوخشاشكەنغۇ ھە ؟؟
97%تى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغانكىن پاكىستانغا قۇشۇلسا بۇلىدىكەن ئەسلى~~!

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7164
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:20:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىنىڭ ئىشمى كەشمىرمىكىنا؟؟  ھەجەپ دۆلەت  نامى بىلەن ئوخشاشكەن ھە

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

شاھزادە ئارتورن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13495
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامراتلار ئۇماچنى ياخشى كۆرىدۇ دىگەن گەپ تازا قاملاشماپتۇ جۇمۇ...
قېنى كەشمىرلەرنىڭ رەسىمى يوقمۇ ؟

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63974
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 03:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت sodigar002 كە 2010-12-10 03:02 PMئەۋەتىلدى :
بۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرى كۆپكەن لېكىن توي ۋە باشقا ئۆرۈپ ئادەتلىرى ھىندىلارنىڭكىگە ئوخشاشكەنغۇ ھە ؟؟
97%تى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغانكىن پاكىستانغا قۇشۇلسا بۇلىدىكەن ئەسلى~~!

شۇنى دەيمەن .لېكىن باش قوشۇلسا پۇت- قول ئامالسىز شۇ.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6107
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7354 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 10:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مانا بۇ ھەقىقىي كەشمىر                

 

 

ئېگىز تاغ ھاۋا كېلىماتى كەشمىرنى ياز پەسلى سالقىن جەننەتكە ئايلاندۇرغان . ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەردە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ ، بىراق كەشمىرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئادەمگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ .

 

ھىمالايا تېغىدىكى قار–مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن دال كۆلى ئۈچ كۆلنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ، كۆل سۈيى ناھايىتى سۈزۈك تۇرىدۇ . دال كۆلى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس بەلكى كۈل ئۈستى مەھەللىسى ئىكەنلىكى بىلەن تەرىپلىنىدۇ . 

 

 

 

 

 

 

 


                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 09:40:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت zerdar كە 2010-12-10 10:04 PMئەۋەتىلدى :

مانا بۇ ھەقىقىي كەشمىر                

 

 

ئېگىز تاغ ھاۋا كېلىماتى كەشمىرنى ياز پەسلى سالقىن جەننەتكە ئايلاندۇرغان . ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەردە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ ، بىراق كەشمىرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئادەمگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ .

 

ھىمالايا تېغىدىكى قار–مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن دال كۆلى ئۈچ كۆلنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ، كۆل سۈيى ناھايىتى سۈزۈك تۇرىدۇ . دال كۆلى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس بەلكى كۈل ئۈستى مەھەللىسى ئىكەنلىكى بىلەن تەرىپلىنىدۇ . 

 

 

 

 

 

 

 


ياخشى سۇرەتلەركەن~

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 01:03:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت qaxmazulal كە 2010-12-10 03:20 PMئەۋەتىلدى :
مىللىتىنىڭ ئىشمى كەشمىرمىكىنا؟؟  ھەجەپ دۆلەت  نامى بىلەن ئوخشاشكەن ھە


مەنمۇ شۇنداق ئويدا~~

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش