مۇھەببەت تىنىقلىرى
كۆڭۈل كىمنى سۆيسە ،شۇ كۆز ئالدىدا بولىدۇ.كۆز قەرگە تىكىلسە،شۇيەردەئۇنىڭ
قىياپىتى ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ!
يار ئۈچۈن كۆيمىسە،جاپا چەكمىسە،جان پىدا قىلمىسا،ئۇنداق كىشىنى ھەقىقىي ئاشىق دېگىلى بولمايدۇ!.
ئىككى ئاشىق بىر يەردە بولسا تۈگۈنلەر يېشىلىپ كېتىدۇ!.
ھەقىقى مۇھەببەت ئېرىشىشنى ئەمەس بەلكى قۇربان بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلەن ئۇلۇغدۇر!.
سەن بىراۋنى سىناۋاتقاندائۆزىڭنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن سىنىلىۋاتقانلىقىڭنى ئېسىڭدىن چىقارما!.
ساڭا ئەقىدەندىن نۇر ياساپ كۆڭۈل كۆزۈڭگە مېھرىم بىلەن باققان ئىدىم،كۆزلۈرۈڭدىكى سوغۇق نۇردىن گويا ئۆزۈمنى ھوقۇش ھۇلاۋاتقان بورانلىق كېچىدە قالغاندەك ھېس قىلدىم !.
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە ھېسداشلىق قىلىپ باغلىنىپ قالماڭ !،كېين ئۆزىىڭىز ياخشى كۆرىدىغاننى ئۇچىراتقاندابەخت ۋە بەخىتسىلىكنىڭ نىمىلىكىنى ئويلاپ چوڭقۇر ھەسرەتكە مۇپتىلا بولۇپ قالىسىز!.
سەن ئۈزەڭ ئېرىشمەكچى بولغان شەيئىنى ھەددىدىن زىيادە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۋەتمە ،ناۋادا سەن ئۇ نەرسىگە ئېرىشەلمەي قالساڭ بىر ئۆمۈر ھەسرەتتە قالسىەن ،ناۋادا ئۇنىڭغا ئېرىشپ ئۇنىڭ شۇدەرىجىدە يۈكسەك ئەمەسلىكىنى بىلگىنىڭدە بىرئۆمۈرئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆتىسەن !.
مەنبە:خاتىرەم