مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1559|ئىنكاس: 10

ئەزەربەيجانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18028
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6737
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 12:36:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن __ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﻰ ۋە ﻳﺎۋروﭘﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﮕﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪاش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎزﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻐﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﮔﯜزەل ﻧﯧﻔﯩﺖ دۆﻟﯩﺘﻰ. ﻳﻪر ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 80ﻣﯩﯔ 660 ﻛﯟادرات ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ. ﺷﻪرق ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﻛﺎﺳﭙﻰ دﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪاش، ﺟﻪﻧﯘب ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺋﯩﺮان ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪۇ، ﺷﯩﻤﺎل ﺗﻪرﯨﭙﻰ روﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪاش. ﻏﻪرب ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪە ﮔﺮوزﯨﻴﻪ ۋە ﺋﻪرﻣﯧﻨﯩﻴﻪ دۆﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎر. ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ 50%ى ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻳﻪر ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻛﯩﻠﻮﻣﺎﺗﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎن. ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﺎﻛﻮ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪرﻛﯩﺰى ﺑﻮﻟﯘپ، داﯕﻠﯩﻖ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮى. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻔﯩﺖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﺎز ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮل ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻳﻪر ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ ﺑﻪك ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺟﺎﻳلاﺷﻤﯩﻐﺎن، ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﺎ ﻣﺎددﯨﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺋﺎز، ﺳﺎﭘﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى. ﭘﯘل ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﻣﺎﻧﺎت. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ 1991 _ ﻳﯩﻞ 8 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 _ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎرﻟﯩﻐﺎن.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 8ﻣﯩﻠﻴﻮن 246ﻣﯩﯔ ( 2003 -ﻳﯩﻞ 10ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ) ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار 77.3% ﻧﻰ، ﺋﻪرﻣﻪﻧﻠﻪر 5.6% ﻧﻰ، رۇﺳلار 5.2% ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﮔﯩﺮوزﯨﻴﻪ، ﺋﻪرﻣﯧﻨﯩﻴﻪ، ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن، ﺋﯩﺮان، ﺋﯩﺮاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺑﺎر. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ. ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار ﮔﯘرۇﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﻮﻏﯘز ﺗﯩﻠﻰ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە. رۇس ﺗﯩﻠﯩﻤﯘ ﻛﻪڭ ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎن، ﺳلاۋﯨﻴﺎن ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﯩﺮاﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﻪرەب ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮى ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎزﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪر ﺋﯩﺪى، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﯩﻤﻤﯧﺮﯨﺌﺎن، ﺳﯩﻜﯩﻔلار، ﺑﻮﻟﻐﺎر، ﺧﺎﺳﺎ، ﮬﻮن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ _ ﻗﻮۋﻣلار ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪن؛11__13- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯜرك ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ، ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪي ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻗﻮۋﻣﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﭘﺎﺳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎر ﻛﯩﻴﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﺸﻜﻪ، زﯨﻨﻨﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﯘل ﺑﻮﻟﺴﯘن ﮔﯜﻟﻠﯜك ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ دوﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺑﯩﻠﻪزۈك، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﯕﻐﯘراق، ﺋﺎﻟﻤﺎس ﻛﯚزﻟﯜك ﺋﯜزۈك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ زﯨﻨﻨﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪرﻟﻪر ﻛﻪڭ، ﺋﺎزادە ﺋﯩﺸﺘﺎن، ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن رەﺧﺘﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﻮﭼﯘق رەﯕﻠﯩﻚ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺑﻪﻟﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘزۇن ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻳﯧﻤﻪك _ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻜﺎ، ﻛﯚﻣﻪچ ﻧﺎن، ﺟﯘۋاۋا، ﻗﺎﻳﻤﺎق، ﺳﯜت، ﻗﯧﺘﻘلار ﺑﺎر. ﻳﺎﻏﺪا ﭘﯩﺸﯘرۇﻟﻐﺎن ﮔﯚش ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﺎلام ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪا ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ، ﻳﯧﻘﯩﻦ دوﺳﺖ _ ﺑﯘرادەرﻟﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎۋۋال ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﺪۇ ﮬﻪم ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ دﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﻛﯚرۈﺷﻜﻪﻧﺪە ﭼﻮﯕلار ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ، ﻛﯚزﯨﮕﻪ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯚﻳﯜپ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن راﻳﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪر ﻳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن ﻗﺎﺗلاﻣلارﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ دەۋرﯨﺪە، ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ، ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘلاپ ﺋﯩﺸﻠﻪش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯚﭼﻤﻪن ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮل ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮى ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ، ﺗﯜرى ﻛﯚپ. ﻗﯩﺰلار ﮔﯩﻠﻪم ﺗﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﻮﻏﯘﻟلار ﻧﻪﻗﯩﺸﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﯩﺲ، ﻳﺎﻏﺎچ ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﯜﻧﻪر _ ﺳﻪﻧﺌﻪت، ﻛﯚرﻛﻪﻣﻠﯩﻚ، ﻧﻪﭘﯩﺴﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﮔﯧﺌﻮﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ۋە ﺋﺎﺳﺘﺮوﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ زور ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎن ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻧﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﻰ، ﺷﻪرق ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ژاﻧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺧﻪﻣﯩﺴﻪ» ﭼﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎس ﺳﺎﻟﻐﺎن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﻪدﯨﺐ ﺋﯩﻠﯩﻴﺎس ﺋﯩﺒﯩﻦ ﻳﯜﺳﯜپ ﻧﯩﺰاﻣﯩﻲ ﮔﻪﻧﺠﯩﯟﯨﻲ ۋە ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ۋە ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻓﯘزۇﻟﻰ، ﭘﻪﻳلاﺳﻮپ ﻣﯩﺮزا ﺋﺎﺧﯘﻧﺪوف ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻧﻪزﻣﻪ _ ﻧﻪﺳﺮﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻮل ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ۋە ﻳﺎزﻣﺎ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻧﯩﺰاﻣﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺧﯧﺴﺮاۋ ۋە ﺷﯧﺮﯨﻦ»، «ﻟﻪﻳﻠﻰ _ ﻣﻪﺟﻨﯘن»، «ﮬﻪﻓﯩﺖ ﭘﻪﻳﻜﺎر»، «ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪەرﻧﺎﻣﻪ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ داﺳﺘﺎﻧلار ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪڭ ﺗﺎراﻟﻐﺎن، «ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ − دەدە ﻗﻮر _ ﻗﻮت» ﻣﯘ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﺎراﻟﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ داﺳﺘﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، 1999 _ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺟﯩﺮاﺗﻘﺎن راﺳﺨﻮﺗﻰ ﭘﯜﺗﯜن دۆﻟﻪت ﺧﺎم ﭼﻮﺗﯩﻨﯩﯔ 21%ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪن.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﮬﻪرﻳﯩﻠﻰ روزا ﮬﯧﻴﺖ، ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺖ، ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﯧﻴﺖ _ ﺑﺎﻳﺮاﻣلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ 5 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، 10 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، 10 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 _ ﻛﯜﻧﻰ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، 11 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 _ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻰ، 12 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31 _ ﻛﯜﻧﻰ دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮاﻣلارﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار «7» رەﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏلاﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪددەس، ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎن دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﭼﯩﻨﺎر دەرﯨﺨﯩﻨﻰ ﻛﯜچ _ ﻗﯘدرەت ۋە ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ «ﭼﯩﻨﺎر»، «ﭼﯩﻨﺎرە» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺴﯩﻤلارﻧﻰ ﻛﯚپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﺗﻮي _ ﺗﯚﻛﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭼﯩﻨﺎر دەرﯨﺨﻰ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪۇ.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺳﻮل ﻗﻮﻟﯩﺪا ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﯘزاﺗﻘﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﺳﻮل ﻗﻮﻟﻨﻰ ﭘﻪس ﻛﯚرﯨﺪۇ. «13» رەﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘرﻣﺎﻳﺪۇ، «13» رەﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﺎلا _ ﻗﺎزا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ.

ﻛﯚپ ﮬﺎﻟلاردا، ﮬﻪرﺑﯩﺮ دۆﻟﻪت، ﺷﻪﮬﻪر ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ۋەﻛﯩﻞ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪﯨﻜﻰ «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺑﺎﻛﻮﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ۋەﻛﯩﻞ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى. ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎر ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ 7 _ ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺋﯘرۇش ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪە، «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﻧﯩﯔ دەرﯨﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ۋوﻟﻘﺎن ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘن ﺳﯘﻳﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﺶ، ﺋﻮت ﭼﺎﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ دۈﺷﻤﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚرۈﻟﮕﻪن . 14 -ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﻮردا _ ﺳﺎراي ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ رﯨﯟاﻳﻪت ﺗﺎراﻟﻐﺎن: ﺋﯘزاق زاﻣﺎﻧلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى، ﻣﯘﻧﺎر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﮔﯜزەل، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺋﯘرۇش ﭘﺎرﺗﻠﯩﻐﺎن ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ۋە ﺷﯘ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﺋﯘزاق ﻳﯩﻞ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯧﭽﻪ _ ﻛﯜﻧﺪۈز ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯜﺗﯜﭘﺘﯘ... ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﺪا ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪۋﯨﺮى ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ، ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ، ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎرﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎق ﻳﯧﺮى ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈﭘﺘﯘ ۋە ﺑﯘ ﺋﺎزاﺑﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎي ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ دﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟاﭘﺘﯘ... ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎدﯨﻖ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪش ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎرﻏﺎ «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» دەپ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ... «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﻧﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 29.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ 4 ﻣﯧﺘﯩﺮدﯨﻦ 5 ﻣﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ، ﮬﺎك ﺗﺎش ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﭘﯘرۇﻟﻐﺎن. «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﺎﻛﻮ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟول ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ دﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﻤﺎﻗﺘﺎ.

مەنبە : ئۇيغۇر پايچىكى تورى

كۈچلۈك مىللى ئىقتىساد بولماستىن ، پارلاق مىللىي كىلەچەك بولمايدۇ .

شۇكرى ئاللا...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17116
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7471
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 12:58:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت    بۇ دۆلەت مەن بىلەن تەڭكەن

ئسىل ياشا

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 01:49:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (دۇنيا) نىڭ يازمىسىغا

ئەزەربەيجان ھازىر سىلاۋﯨﻴﺎن ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ئىشلەتمەيدۇ ، لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 11:13:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ دۆلەت كىشىلىرىنى بازارغىمۇ ئايروپىلان بىلەن بارىدۇ دەپ كۆرگەن بىر ماتىرىيالدىن ~

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19775
يازما سانى: 362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8753
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2201 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 12:48:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت باياۋان كە 2010-12-11 11:13 AMئەۋەتىلدى :
مەن بۇ دۆلەت كىشىلىرىنى بازارغىمۇ ئايروپىلان بىلەن بارىدۇ دەپ كۆرگەن بىر ماتىرىيالدىن ~

سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز تۈرىكمەنىستان خەلقى دوستۇم

ئىتىقاتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك-ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈم

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 01:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (gherip) نىڭ يازمىسىغا

مەنمۇ  شۇنداق  ئاڭلىغان................ [s:132]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 05:24:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئاپتۇر (دۇنيا) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت gherip كە 2010-12-11 01:49 AMئەۋەتىلدى ئاپتۇر (دۇنيا) نىڭ يازمىسىغا :
ئەزەربەيجان ھازىر سىلاۋﯨﻴﺎن ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ئىشلەتمەيدۇ ، لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ .

بۇلار ئەمەس تغرىكمىنىستان دوستۇم

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5934
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 12:39:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەربەيقانلىقلارنىڭ 7 رەقىمىنى ياقتۇرۇشى، 13 رەقىمىنى ياقتۇرماسلىقى ئۇلارنىڭ شىئە مەزھىپىگە تەۋەلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن!

كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1615
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35846
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 08:35:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاييەي  مەن ئەمدى ئاڭلىدىم بازارغا ئايرۇپىلان بىلەن بارىدىغان گەپنى [s:181]

كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئازسۆزلە!!!!....

سەلتەنەت سۈر ئەي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1305
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16139
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 08:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز مۇنارى؟؟؟؟؟ ئىستانبۇلدىمۇ باردۇ؟؟پولات بىلەن ئەلىف دىڭىز بويىدا ئولتۇرغاندا ئالدى تەرەپتە كىز كۈلەسى يەنى قىز مۇنارى دەپ بىر مۇنار دائىم چىقاتتى.

بىنا سالدىم،كۈن نۇرىنى توستى،شامال كىرسۇن دەپ دەرىزە ئاچتىم پاشا-چىۋىن كىردى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش