مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 377|ئىنكاس: 2

بالىلىرىمىزنى تەبىئەتكە قويۇپ بېرەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 1489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94483
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1948 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 08:12:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەممە ئادەمنىڭ ئوي–خىيالى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، مېنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلۇممۇ باشقىچە. ئۆيىمىز سەھرادا بولغاچقا، ئەتراپىمىزدا تەبىئەتنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكى، تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېپىلاتتى. ئوغلۇم يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىمكانقەدەر ئۇنىڭغا ئاجراتتىم. نۇرغۇن ھېكايە– چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ باتۇرلار، قەھرىمانلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇردۇم. ئاق–قارىنى چۈشەنگىدەك بولغاندا تۇغۇلغان كۈننى ئاددىي، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار توغرىسىدا تەربىيە بېرىشكە باشلىدىم .

  ئوغلۇم بەش ياشقا كىرگەن يىلى مەن ئۇنىڭغا : ئوغلۇم، بۈگۈن سىز بەش ياشقا كىردىڭىز، سىزگە ھەم ماڭا مۇبارەك بولسۇن، چۈنكى سىز ساق– سالامەت، ئەقىللىق چوڭ بولدىڭىز، مەنمۇ دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن تولغاق يەپ سىزدەك ئوماق، ئەقىللىق ئوغۇلنى تۇغۇۋالدىم. بۈگۈن مەن پۈتۈن كۈن ئىشقا بارماي سىزگە ھەمراھ بولىمەن، نېمە ئارزۇيىڭىز بولسا دەڭ، ئورۇنلاشقا تەييارمەن، دېدىم.

  بۇ قېتىم تاغقا چىقايلى، دېدى ئوغلۇم خۇشاللىقىنى باسالماي،ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئاۋۇ تاغقا.

  ئوغلۇمنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى يېڭىلا ياغقان ئاپپاق قارغا چۈمكەلگەن تاغقا قاراپ ماڭدۇق. بىز ھاسىراپ– ھۆمىدەپ ئاران دېگەندە تاغ باغرىغا چىقىپ ئارام ئالدۇق. ئوغلۇم قورام تاشلار ئۈستىگە ياغقان ئاپپاق قارلارغا ئىسمىنى يېزىپ، نۇرغۇن رەسىملەرنى سىزدى. توشقان، كەكلىك، كەپتەرلەرنىڭ قاردا قالدۇرغان ئىزلىرىنى بويلاپ ئۇلارنى قوغلىدى. مەن ئېلىۋالغان نەرسىلىرىم بىلەن مەھەللىمىزدىكى ئوۋچىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە ئوغلۇمغا دالا تامىقى ئېتىپ بەردىم. ئوغلۇم شوخ، مىجەزى ئوچۇق بولغاچقا، تاغقا چىقىپ تېخىمۇ ئېچىلىپ، قىن –قىنىغا پاتماي ئويناشقا باشلىدى. بىز تاغ ئۈستىدە نەچچە سائەت ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناپ مەھەللىگە قاراپ ماڭدۇق. ئوغلۇم تاغدىن چۈشكىچە شوخلۇق قىلىپ پەسكە دومىلاشقا باشلىدى. مەن ئۇزۇن يۇڭ شارپام بىلەن ئۇنىڭ بېلىدىن باغلاپ بىر ئۇچىنى ئۆزۈم تۇتىۋېلىپ، ئوغلۇم بىلەن تەڭ دومىلاپ چۈشتۈم. بىز يازدىن بېرى تاغ باغرىدىن سۇ ئېقىتىپ چۈشكەن دۆۋە– دۆۋە قۇملار توشقۇزۇۋەتكەن غول ئېرىق ئىچىدە بىر– بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. چۈنكى ئوغلۇمنىڭ يۈزى سوغۇقتىن قىزىرىپ، بۇرنىدىن ماڭقىسى ئېقىپ قالغانىدى. مېنىڭمۇ چاچلىرىم چۇۋۇلۇپ، كىيىملىرىم توپا– قارغا مىلىنىپ كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەنىدىم. بىز يەنە قۇمدىن قۇم شەھەر ياسىدۇق، ئوغلۇم ئۇ شەھەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ بەك كۆڭۈللۈك ئوينىدى. گەرچە ئۆي يىغىشتۇرۇش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇشتەك ئىشلار كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىپ تۇرسىمۇ، ئوغلۇمنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا سائەتلەپ ئولتۇردۇم .

  چۈشتىن كېيىن دادىسىمۇ رۇخسەت سوراپ كېلىپ ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا، خامان ئېلىۋاتقان ئايدىڭ كېچىلەردە بالىلار بىلەن «ئېشەك مىنىش ئويۇنى» ئويناپ قانداق يىقىلىپ چۈشكەنلىكى، مەھەللىدىكى سۇ تۈگمىنىدە ئويناۋېتىپ چاقپىلەككە قانداق ئىلىنىپ قالغانلىقى... دەك قىزىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەچ ئوغلىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇنى مۇز تېيىلدۇرۇپ ئويناتتى.

  تاغ باغرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوغلۇم پۈتۈنلەي ئۆيگە قامالدى. بىنالىشىش، ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى بالىلارنى گۈزەل تەبىئەتتىن ئايرىپ كومپيۇتېر، تېلېۋىزورغا بەنت قىلىۋەتكەنىدى. يەسلىدە بىر كۈننى ئاران ئۆتكۈزۈپ كەچتە ئالغىلى بارسام چاپىنىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۆزىنى سىرتقا ئوقتەك ئاتىدىغان ئوغلۇمنىڭ ھالەتلىرىدىن ھازىرقى زامان بالىلىرىنىڭ ئازابلىرىنى ئاساسەن چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم. پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىگە خۇشاللىق، پەرزەنتلىرىگە يالغۇزلۇق ۋە تۈگىمەس زىرىكىش ئېلىپ كېلىدىغان، بارسىمۇ بولىدىغان، بارمىسىمۇ بولىدىغان چاي، ئولتۇرۇش– يىغىلىشلارنىڭ مەرىدىن كېچىپ، بالىلىرىمىزغا كۆپرەك ھەمراھ بولايلى، ئاشۇ بەزىبىر ئىشلارغا كەتكەن ئىقتىساد بىلەن ۋاقىتنى، شەنبە– يەكشەنبە كۈنلىرىمىزنى بالىلارغا سەرپ قىلىپ، ئۇلارنى يازلىق لاگىر، ئائىلىۋى ساياھەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرساق، بالىلىرىمىزمۇ ئاشۇ بۇرۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلۇپ، شەيئىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇرى بويىچە كۆزىتىپ، تەبىئەتتىكى ئۇچار قۇش، دەل– دەرەخ، گۈل– گىياھلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۇلار بىلەن بالىلىق قەلبى بويىچە سىرداشسا، گۆدەك قەلبىدە ئۆچمەس خاتىرىلەر قالىدۇ. شۇندىلا بالىلىرىمىزنى ئىنسانلارنى، تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالايمىز .

مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تورى
ئېلىنغان مەنبە؛خەلق تورى

ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل، ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116072
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6785 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 01:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ياخشى بىر تەكلىپ بولدى.  مەن يازلىرى يېزىلاردىكى تۇككانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويۇپ شۇ يەرلەردە تەبىئەتنىڭ  ھەقىقىتىنى كۆزى بىلەن كۆرسۈنمىكىن دەيمەن . بىر چاغدا ئاپا، ياڭاق يەردىن چىقامدۇ دىۋىدى...شۇ چاغدە بۇمۇ بىر مەسئۇلىيەتكەن ....دەپ ھىس قىلىۋىدىم .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 883
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9290
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7199 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 08:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.بىراق مېنىڭ قارىشىم ئۆزگىچەرەك .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلارنىڭ ھۆقوق مەپەئەتىنى قوغداش قانونىدا بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقى نېمە دېگەن سوئالغا «ئويناش » دەپ جاۋاپ بىرىلگەن. مۇشۇ مەنەدىن ئىيتقاندا بالىلارنى سەھرا ۋە دالا تۈزلەرگە ئەپچىقىپ ئوينىتىپ تۇرۇش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى .لىكىن مېنىڭچە بۇنىڭلىق بىلەنلا مەسىلە نىگىزىدىن ھەل بولمايدۇ. بىز 24 سائەت ئىچىدىكى بالىلارنىڭ «ئويناش »ۋاقتىغا قانداق كېپىللىك قىلىش مەسىلىس ئۈستىدە ئويلىشىمىز كېرەك.3  ياشقا توشمىغان بالىلىرىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتى ئائىلىدە ياكى بوۋا-مومىسى بىلەن ياكى بالا باققۇچى بىلەن ئۆتىدۇ؛ 3-7ياشقىچە بالىلارنىڭ كۆپ ۋاقتى يەسلىدە ئۆتىدۇ؛ 7-12ياشقىچە بالىلارنىڭ كۆپ ۋاقتى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوتىدۇ....... مېنىڭچە قانداق قىلغاندا ئائىلە تەربىيەچىسى،يەسلى ،مەكتەپلەرنىڭ تەربىيە شەكلىنى بالىلارنىڭ ئويناش پىسخىكىسى ۋە ھوقۇقىغا ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى نۆۋەتتىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ بىر مۇھىم ھالقىسى قىلىنىشى كېرەك.سەۋەبى بالىلارنى تەبىئەتكە قايتۇرۇمىز دەپ ئۇلارنى سەھرالارغا ئاپىرىپ تەبىئەتكە قويىۋىتىش بىلەن بىز ئارزۇ قىلغان نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ.بەزىدە ئەكسىنچە نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ .ئەگەر مۈمكىن بولغان بولسا ئىدى ،تەرەقىي قىلغان غەرىپ ئەللىرى ئاللاقاچان مەكتەپلىرىنى تاقاپ ،بالىلارنى تەبىئەتكە قويىۋەتكەن بولاتتى.مېنىڭچە بىزنىڭ مىللەت توپىمىزنىڭ كۆپ قىسمى دىھقان،بالىلار تەبىئەتكە تۇيۇنىغلىق. شەھەرلىكلەرمۇ كۆپ دىيىلسە ،شەھەرلەرمۇ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى، شەھەردىمۇ بالىلارنىڭ    «ئويناش »ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلغىلى بولىدۇ.ئەڭ مۇھىمى بىزدە ئىلغار مائارىپ ئەندىزىسى ۋە ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى  كامچىل.دەرس ۋە دەرسخانە دېگەن ئوقۇمدا ئۆزگىرىش بولمىغىچە بالىلارنىڭ ئويناش ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلغىلى بولمايدۇ.غەرىپلىكلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرى دەرسخانە دېگەن ئىدىيىسى ناھايىتى توغرا .پائالىيەت ۋە تەجىرىبىدىن ھاسىل بولغان  بىلىممۇ دەرس ھېساپلىنىدۇ.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش