مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2927|ئىنكاس: 36

بىر كومپىيۇتىرغا ئىككى سېستىما قاچىلاش ئۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 08:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەرداشلار، كەمىنە نەسرۇللا مالچىدىن مىسرانىم تورىدىكى مۇنبەرداشلارغا بېشىم يەرگە تەگكۈدەك ئىگىلىپ سالام قىلىمەن،

مەن مۇشۇ يېقىندا ۋىندوۋس 7 نى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم، ئىشقىلىپ داڭلىغۇچىلىكى بار سېستىما ئىكەن، بەك پەيزى ئىكەن، ئىقتىدارلىرىمۇ بەك كۆپ ئىكەن، ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك چىرايلىق، سۈزۈك چىقىدىكەن، شۇڭا مەن بۇ سېستىمىنى بۇندىن كىيىن مۇقىم ئىشلەتمەكچى بولدۇم،
لىكىن بەزىلەر يەنىلا بۇ سېستىمىنى ئىشىلىتىپ بېقىپ پەقەت كۆنەلمەي قالغاچقا يەنىلا باشقىدىن ۋىندوۋس ئىكىسپى نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ،
مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم يەنىلا ھەر ئىككى سېستىمىنى تەڭ ئىشلىتىڭلار دىمەكچى، ۋىندوۋس 7نى ئالدىرماي ئۆگىنىپ كۆنۇۋېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سېستىمىنىمۇ كومپىيۇتىرىڭلارغا قاچىلىۋېلىڭلار، ئەگەر ھەر ئىككى سېستىمىنى قاچىلساڭلار ،خالىغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىلەر، بەك قولايلىق بۇلىدۇ،

ئەمىسە قاچىلاش ئۇسۇلىنى باشلايمەن، مەن دىگەندەك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلساڭلار چۇقۇم مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىيالايسىلەر، ئەگەر قىلالمىساڭلار ئىنكاسقا قىلامىغان يىرىڭلارنى يىزىپ قالدۇرۇپ قويساڭلار مەن بىلگىنىمچە دەپ بىرىمەن،
بۇ چچىرىم؛872795362،، 649140221 ، بۇ چچىنى قاچىلىۋالساڭلار ،مەن بىر قوللۇق قاچىلاپ كومپىيۇتىرىڭلارنى پىچەت قىلىۋېتىمەن،

كىتەرلىك دىتاللار ؛--ۋىندوۋس7نى قاچىلاش يۇمشاق دىتالى، [ توردىن چۈشۈرگەن بولسىمۇ بۇلىدۇ، ئەمما ياخشىسى بازاردىن سېتىۋالغان ھەقىقى نۇسخىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى، سېستىما مۇقىم بۇلاتتى، ]

كومپىيۇتىرىڭلاردا ۋىندوۋس شېپى بار بولسا يەنى س دىسكىغا قاچىلانغان بولسا ۋىندوۋس 7نى د دىسكىغا قاچىلايمىز، شۇڭا ئامال بار د دىسكىدىكى ھۆججەتلىرىڭلارنى باشقا دىسكىغا يۆتكىۋېلىڭلار، د دىسكىنىڭ ئىچى قۇرۇق بولسۇن،

1-چى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلىڭلار، يەنى 我的电脑نىڭ ئىچىگە كىرىپ ،د دىسكىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرپىنى چىكىمىز،چىققان تىزىملىكتىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن خەتنى چىكىمىز،
1

ئاندىن تۆۋەندىكىدەك جەدىۋەل چىقىدۇ،
2

بۇ جەدىۋەلدىكى بەتتە 4 دانە ئۇزۇن تاللاش كاتىكى بار ، بىز بىرنچى ۋە ئىككىنچى كاتەككە چېقىلمايمىز، 3-كاتەكنى 4096 دىگەن ساننى تاللايمىز،4-چى كاتەككە ۋىن7 دەپ دىسكىغا خەت كىرگۈزىمىز ،ئاندىن ئاستىدىكى ئىككى كىچىك كاتەكنىڭ ئۇستىدىكىسىگە چىكىت قۇيىمىز، ئاندىن مۇقۇملاش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز،

ئاندىن ۋىن7 نىڭ ئوپتىكى دىسكىسىنى دىسكا قويغۇچقا سالىمىز، سېستىما دىسكا قوزغالغاندىن كىيىن ئىچىدىكى setop.exeدىگەن ھۆججەتنى چىكىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
3

4

ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ ، ئاستىدىكى خەتنى چىكىمىز،
5

بىردەم ساقلىسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدەك بەت چىقىدۇ، رەسىمدىكىدەك ئاستىدىكىنى تاللايسىز،
6

ئاندىن بەتنىڭ ئاستىدىكى كىيىنكى بەت دىگەن خەنزۇچە خەتنى چىكىسىز، توۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ، سولتەرەپ بۇرجەكتىكى كىچىك كاتەككە بەلگە قۇيۇپ ، كىيىنكى قەدەم دىگەن خەتنى چىكىسىز،
7

ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بەت چىقىدۇ،رەسىمدىكىدەك ئاستىدىكىسىنى تاللايسىز،كىيىنكى قەدەم دىگەننى باسقاندىن كىيىن ، سېتىمىنى قاچىلماقچى بولغان ، بايا ۋىن 7 دەپ ئىسىم قويغان دىسكىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن مۇقۇملاش دىگەننى بېسىڭ،ئاندىن سېستىمىنى قاچىلاشقا باشلايدۇ، يېرىم سائەتتە پۇتۇنلەي قاچىلاپ بۇلىدۇ،
8

9

يەنى تۆەۋەندىكى رەسىمدەك قاچىلايدۇ، قاچىلاۋاتقان ۋاقتىدا كومپىيۇتىر بىر نەچچە قېتىم ئۆچۈپ يېنىپ ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ، بىز جىم ئولتۇرمىز، ئايەر مايەرنى باسماي قاچىلاپ بۇلۇشنى ساقلاپ ئولتۇرۇڭ،
قاچىلاۋاتقاندىكى كۆرۈنۈش.
10

كىيىن قاچىلاپ بىر نەچچە قېتىم ئۆچۈپ يانغاندىن كىيىن،تۆۋەندىكىدەك تىل تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ، خالىسىڭىز ئېنگىلىزچىنى خالىسىڭىز خەنزۇچىنى تاللاڭ، لىكىن خەنزۇچىسى ئاپتۇماتىك تاللاقلىق بولغاچقا بۇ يەرگە چېقىلماي،مۇقۇملاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ كىتىڭ،
11

ئاندىن بۇ تۆۋەندىكى رەسىمدەك تولدۇررۇش كاتىكى چىقىدۇ، بىرنچى كاتەككە كومپىيۇتىرغا كىرىدىغان ئىسمىڭىزنى يىزىڭ، ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ،ئىككىنچى كاتەككە ئاپتۇماتىك يىزىلدۇ،بۇ ئىسىم سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ نامى بۇلىدۇ،
12

ئاندىن تۆۋەندىكىدەك مەخپىي نۇمۇر تولدۇرۇش كاتىكى چىقىدۇ، ئەگەر سىز ۋىن 7 گە مەخپىي نۇمۇر ئارقىلىق كىرگىلى بۇلىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز،ئىسىڭىزدە قالغۇدەك نۇمۇر كىرگۈزۈڭ، بىرنچى ئىكىنچى كاتەككە ئوخشاش، توغرا تولدۇرۇڭ،ئۈچۈنچى كاتەككىمۇ ئوخشاش تولدۇرۇڭ، ئۈچۈنچى كاتەكتە ئاشكارا كۈرۈنىدۇ، كىيىن سېستىمىغا كىرىدىغان چاغدا مەخپىي نۇمۇر يازىدىغان كاتەكنىڭ ئاستىدا مەخپىي نۇمۇرى ئاشكارا كۆرۈنىدۇ، ئەگەر ئۈچۈنچى كاتەككە يازمىسىڭىز كۆرۈنمەيدۇ،ئەگەر سىز سېستىمىغا مەخپىي نۇمۇر سالمايمەن دىسڭىز، ھىچ قايسى كاتەكنى تولدۇرماي بۇ بەتتىن ئۆتۇپ كىتىڭ، بۇ يەرنى خالىساق تولدۇرمىز، خالىساق تولدۇرمىساقمۇ بۇلىدۇ،
13

بۇ بەتتىن ئۆتۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر بەت چىقىدۇ، بۇ بەتتە رەسىمدىكىدەك ئۈچ خىل قالقاننىڭ رەسمى كۆرۈنىدۇ،قىزىل خاتا بەلگىسى بار قالقاننى تاللايمىز،
14

بۇ يەرنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكى قەدەم دىگەننى باسقاندىن كىيىن يەنە بىر بەت چىقىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدەك ئۆينىڭ بەلگىسى بارنى تاللايمىز، ئاندىن مۇقۇملاش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز،شۇنىڭ بىلەن يەنە ئازراق قاچىلايدىغان نەرسىلىرى بار ،شۇنى ئاپتۇماتىك قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتىر قايتا قوزغىلىدۇ،
15

قوزغىلىش ئالدىدا تۆۋەندىكى رەسىمدەك قايسى سېستىمىغا كىرمەكچى بولساق شۇ سېستىمىنى تاللايمىز، بۇ بەتتە 30 غىچە تەتۈر سانايدىغان بىر قائىدىسى بار،سىلەر ساقلاپ ئولتۇرماي. كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئېنتىر كۇنۇپكىسىنى چىكىپلا كىرسەك بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېستمىڭىز قاچىلنىپ بولدى دىگەن گەپ،مىما سالغان بولسىڭىز مىمانى ئىسىمنى بېسىپ كىرىڭ،

16

سېستىمىغا مۇۋاپىقىيەتلىك كىرگەن بولسىڭىز بەلكىم بۇ سېستىما بەك غەلىتىدەك ھىس قىلىشىڭىز مۇمكىن، لىكىن سېستىمىنى ئازراق تەڭشىسەكلا بۇلىدۇ، بەلكىم سىلەر كىرىپلا بۇ يەرنى تەڭشەپ بۇلالمىساڭلار ، دەرھال چچى دىتالىنى قاچىلاپ ماڭا دىسەڭلار ياكى كىيىن يوللىماقچى بولغان تەڭشەشنى ئۆگىتىدىغان تېمامنى كۆرسەڭلار بۇلىدۇ،
كۆزنەكتە 我的电脑 بولمىغاچقا ۋەزىپەئىستونىدىكى بۇ بەلگىنى چىكىسىز،سېرىق رەڭدىكى ھۆججەت قىسقۇچنى چىكىڭ، كىيىن سېستىمىنى تەڭشىگەندىن كىيىن 我的电脑نى ئىكرانىغا چىقىرمىز،
17


چچ، 872795362 649140221
ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يىزىپ بىلەلمىگەن جايلىرىڭلارنى دىسەڭلار بۇلىدۇ،مەن ھەر ۋاقىت خىزمىتىڭلاردا تەييار،

مەنبە. نەسرۇللارنىڭ مېڭىسى

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21575
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7410
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2011-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 08:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزى بەك ياخشى بىراق مەن كۇنەلمدىم   [s:166]  [s:123]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4749
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7450
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 08:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا  جىزىنى يىراقتى كونتىرول قىلىشنى ئۇگۇتۇپ قويالامسىز چ چ654612086
  بۇتىمىڭىز غا كۆپتن كۆپ رەھمەت

ئالىمجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6103
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7354 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 08:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپىيوتىرنىڭ سەپلىمىسى قانچىلەك بولسا بولىدۇ.

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

ھايات شۇنداق.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15004
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12391
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 5572 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2011-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 09:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
win7بىر قىسىم دىتاللارنى يەكلەيدۇ،

جىنازىنى كۆتۈردى تۆت ئەر ئارقىسىدىن ئەگەشتۇق يۈز ئەر يەتتە كەتمەن توپا تاشلىدۇق قىلدى روھى دوزاققا سەپەر چۈنكى پىچاق غىلاپتا ئۇ ئۆلۈپتۇ كارۋاتتا......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 09:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  zerdar كە 2010-12-12 08:51 PMئەۋەتىلدى  :
بۇ تەخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپىيوتىرنىڭ سەپلىمىسى قانچىلەك بولسا بولىدۇ.
مىنىڭ كومپىيۇتىرىمنىڭ سەپلىمىسى ؛لىيەنشاڭ ماركىلىق خاتىرە كومپىيۇتىر،
سىپىيۇ ؛ ئىنتىل؛ قوش يادرو، ت3400، 2.16
ئىچكى ساقلىغۇچ ؛ بىر جى
ئاساسىي تاختا ئىشقىلىپ ياخشى ماركا

ئەڭ ياخشىىسى بازاردىن ھەقلىق ھەقىقى نۇسقىسىنى ئېلىپ قاچىلاڭلار، ۋىندوۋس شېپى  نى قاچىلغاندەك ئاسانلا قاچىلىيالايسىلەر، مەن ئۈستىدىكى دەرەستىكى سېستىمىنى بازاردىن سېستىۋالغان ، شۇنداق ئاسان قىلىپلا قوش سېستىما قىلىۋالدىم،

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 09:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  ئوت❤ كە 2010-12-12 09:09 PMئەۋەتىلدى  :
win7بىر قىسىم دىتاللارنى يەكلەيدۇ،
مەسلەن قايسى دىتالنى يەكلەيدىكەن، بىز دائىم قوللىنىدىغان ھىچقانداق دىتالنى يەكلىمەيدۇ، بەك ياخشى ئىشلىتىۋاتىمەن، سۈرئىتى ۋىندوۋس شېپى دىن تىز چىقسا چىقىدۇكى تۆۋەن چىقمايدۇ،

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 10:01:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت anatil0997 كە 2010-12-12 08:46 PMئەۋەتىلدى :
ئالدى بىلەن win7 نى ئاندىنxp نى قاچىلاش ئۈچۈن قاندق قىلىمىز؟ ئەڭ ئاخىرىدا سىزدېگەندەك ئىككى خىل سېستىمىنڭ تاللاش كۆزنىكى كۆرۈنمەي قالسىچۇ؟ يول كۆرسىتىڭ  

كەچۈرۈڭ ،مەن سىز دىگەندەك قاچىلاپ باقمىدىم، تېمىدا دىگەن ئۇسۇلدا قاچىلغان ئىدىم، مۇۋاپىقىيەتلىق قوش سېستىما قىلىۋالدىم، بولمىسا سىز ۋىندوۋس 7 نى س دىسكىغا قاچىلاپ ئاندىن ، د دىسكىغا ۋىن شېپى دەپ ئىسىم قۇيۇپ ، ئۇستىدىكى ئۇسۇلدەك، ئاندىن شۇ دىسكىغا شېپىنى قاچىلاڭ ، مەن پەقەت ئۆزەم قىلالىغىنىمنى دەرسلىك قىلىىپ يوللاپ قويدۇم، قالغىنىنى سىناپ بېقىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنالىسام ئوتتۇرغا قۇياي، سىز مۇنۇ ئادرىسقا كىرىپ بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ؛ تورەۋەندىكى ئادرىسقا كىرىڭ،
http://www.akillar.com/bbs/viewt ... 6&highlight


ۋىندوۋس 7 دە يۇلۇققان مەسسىلەر بولسا بۇ تېمىنى كورۇڭ،
http://www.akillar.com/bbs/thread-9296-1-1.html


بۇ ئادىرىستىمۇ ۋىن7 توغرۇلۇق سۆزلەنگەن
http://www.akillar.com/bbs/thread-9111-1-1.html

قوش سېستىما قاچىلاش، ۋىستا بىلەن شېپىنى
http://www.akillar.com/bbs/viewt ... 0&highlight

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر
jiksandisunapan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 11:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 11:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مە يەنىلاXPSP3 نى ئىشلىتىپ تۇراي. كۆيگەندىن كۆنگەن يامىنكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش