مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 474|ئىنكاس: 0

جىڭ–غۇلجا–قورغاس تۆمۈريولىدا 1– ئىيۇل يول  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن سايرامدىن كە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11338
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2643 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 06:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   جىڭ–غۇلجا–قورغاس تۆمۈريولىدا 1– ئىيۇل يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ

  ئۈرۈمچى–غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان   قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى بىر كېچىدە مەنزىلگە يېتىپ بارىدۇ.

   يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىش، زور تەرەققىي قىلىش قەدىمىگە ئەگىشىپ، شىن جاڭ تۆمۈريولىدا يەنەخۇشخەۋەر تارقالدى. 2010 – يىلى 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى – غۇلجا ئارىلىقىدا  6\5815قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ، ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشتەك 100 يىللىق ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىدىغان بولدى.
   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى – غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان6\5815 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريولدا قاتنايدىغان بولۇپ، تۇنجى ئېلېكتروۋوز سۆرەيدىغان يولۇچىلار پويىزى ئىكەن. 5815 / 6قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى 19 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇمشاق كارىۋاتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن ئىككىسى، قاتتىق كارىۋاتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن ئونى، قاتتىق ئورۇندۇقلۇق يولۇچىلار پويىزىدىن تۆتى بار ئىكەن. پويىز ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارغىچە ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى، شىخەنزە، ساۋەن، كۈيتۈن،جىڭ، جىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى، نىلقا، بۈلۈكەي، غۇلجا شەرقىي ۋوگزالى، غۇلجا ۋوگزالىدىن ئىبارەت 11 يولۇچىلار ۋوگزالىدىن ئۆتىدىكەن.
  يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش قولايلىقىنى تولۇق ئويلىشىپ، پويىز بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن قوزغىلىپ، ئەتىسى سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجا ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن، قاتناش ۋاقتى 11 سائەت 30 مىنۇت؛ قايتقاندا سائەت 20 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجا ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، ئەتىسى سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن، قاتناش ۋاقتى 11 سائەت 40 مىنۇت ،كېچىسى قاتناپ سەھەردە يېتىپ بارغاندا يولۇچىلار پويىزدا تولۇق ئارام ئالالايدۇ.
   ئۈرۈمچى – غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان قاتتىق ئورۇندۇقلۇق يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلەت باھاسى76 يۈەن، قاتتىق كارىۋاتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن كارىۋىتىنىڭ بېلەت باھاسى 142 يۈ ەن، 146 يۈەن، 151 يۈەن. يۇمشاق كارىۋاتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن كارىۋىتىنىڭ بېلەت باھاسى223 يۈەن، 234 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان يولۇچىلارنىڭ ئىستېمال تەلىپى قاندۇرۇلغان. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى شىنجاڭدىكى 27 تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورت ۋوگزالىدا بېلەت سېتىش كەسپىنى بېجىرىدىكەن.
   ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورت تىجارەت ۋوگزالى، تۆمۈريول بېلىتىنى ۋا كالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى 22 – ئىيۇندىن باشلاپ 5815 / 6 قېتىملىق پويىزنىڭ بېلىتىنى ساتىدىكەن. ھەر قايسى  5815 / 6 قېتىملىق پويىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاتتىق ئورۇندۇقلۇق پويىز  بېلىتىنىڭ سېتىلىش ۋاقتى 12 – ئىيۇندىن9 – ئىيۇلغىچە بولۇپ، 12كۈن بۇرۇن سېتىلىدىكەن، يۇمشاق كارىۋاتلىق، قاتتىق كارىۋاتلىق پويىزنىڭ بېلىتى يەنىلا 10 كۈن بۇرۇن سېتىلىدىكەن.


مەنبە:http://www.xjtsnews.com/normal/c ... 7/content_81738.htm
2010.06.17

مەن سايرام قىرغاقلىرىدا تۇغۇلۇپ  ، سايرام قىرغاقلىرىدا چوڭ بولدۇم...روھىمدا تەكلىماكاندىكى توغراق روھى بار. شۇڭا سايرامدا كۈلسەم خوتەندە ئاڭلىنىدۇ... چۈنكى مەن شىنجاڭلىق يىگىتمەن. مەن مۇشۇ زىمىنغا چېچىلغان بىر تال ئۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش