مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1385|ئىنكاس: 12

گوللاندىيە پادىشاھلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 11:27:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




يەر مەيدانى 41مىڭ 543 كۋادرات كىلومېتىر،
ئاھالىسى:2010-يىلى 10-ئايغا قەدەر گوللاندىيە نوپۇسى  16 مىليون  716 مىڭ.  90%ى گوللاندلار،  5%ى فىلىسلار، قالغىنى چەتئەل مۇھاجىرلىرى. ئاھالىسىنىڭ  36.4%ى خىرىستىئان دىنىغا،  35%ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇ. گوللاند تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ئامىستېردام،
  پايتەختى ئامىستىردام، پايتەخت نوپۇسى 2مىلىيۇن 230مىڭ.



جۇغراپىيىلىك ئورنى : غەربى ياۋروپانىڭ غەربى قىسمىدىكى بىرىتانىيە ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان ئويمان دېڭىز بويىغا جايلاشقان . شەرقىي  تەرىپى دېڭىزبىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى گېرمانىيە  بىلەن، جەنۇپ تەرىپى بېلگىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى شەرقىي جەنۇپتىن غەربى شىمالغا  قىيسايغان . شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن گوللاندىەنىڭ تەبىئى چېگرىسى بولغان نوردلان ئېگىزلىكى بولۇپ   مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىگىز چوققا كېبىناكەيس چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپى ھەمدە دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك ياكى ئېدىرلىق . گوللاندىەدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ۋانارىن كۆلى بولۇپ كۆلنىڭ كۆلىمى 5585 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ياۋروپادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەخمىنەن %15 زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ دائىرسىدە بولسىمۇ ، بىراق ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا قىش پەسلى ئانچە سوغوق بولمايدۇ ، كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە ، دانىيەگە يېقىن جەنۇبىي تەرىپى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە .


بايرىقى


    ۋاقىت پەرقى : شەرقى 1- ۋاقىت رايونى، ياۋروپا ئورتاق ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتىدىن 7 سائەت كېيىن (ھەر يىلى 3 - ئايدىن 10 - ئايغىچە ئاخىرىغىچە شىمالىي ياۋروپا يازلىق ۋاقىت قوللانغاچقا ، بېيجىڭ بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 1 سائەت قىسقىرايدۇ ).
     مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى : پۈتۈن مەملىكەت 12 ئۆلكىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئاپتونومىيىلىك ئاراللاردىن ئارۇبا ئارىلى ۋە گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتىل تاقىم ئاراللىرى بار.  ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ، ئۆلكە ، شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بار .


دۆلەت گېربى

   دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى : گوللاندىيىنىڭ تولۇق نامى نىدىرلاندىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، نىدىرلاندىيە دىگەن جاي نامى ھازىرقى گوللاندىيەنى ۋە بېلگىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى فىلېمىنلار ئولتۇراقلاشقان جاينى كۆرسىتەتى. گوللاندىيە دىگن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىككى ىىل قاراش بار،    (بىرىنچى، «گوللاندىيە» نامى نېمىسچە «گوتلاند» سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، «گود»نىڭ مەنىسى «ئورمان»، لاند نىڭ مەنىسى «زېمىن» ياكى «دۆلەت» بولىدۇ، ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ «ئورمان يېرى» ياكى «ئورمان دۆلىتى» دېگەن مەنىلەردە بولىدۇ. چۈنكى، ئۆتمۈشتە بۇ جايلارنى ئاسمانپەلەك دەرەخلەر ۋە بۈك - باراقسان ئورمانلار قاپلاپ تۇرغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، نامى دانىيە تىلىدىكى ollant نىڭ يازمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «نەم» بولىدۇ. گوللاندىيە ئەسلى ئۆلكە نامى بولۇپ، ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ دوكرېخىت ۋە ئەتراپ رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ، مىلادى 16 - ئەسىردە، ئىسپانىيە ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن، گوللاندىيە يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە ئۆلكە بىلەن بىرلىشىپ، «نېدىرلاندىيە بىرلەشمە ئۆلكىسى»نى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە گوللاندىيە ئەڭ مۇھىم ئۆلكە بولۇپ، سىياسىي،ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە رەھبەرلىك ئورۇندا تۇرغان، كېيىن نىدىرلاندىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بېلگىيەنىڭ شىمالى  شۇڭا كىشلەر تەدرىجىي ھالدا «گوللاندىيە» بىلەن «نېدىرلاندىيە» نى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، كېيىنچە «گوللاندىيە»  بۇ دۆلەتنىڭ ۋاكالەت نامىغا ئايلانغان .  لېكىن خەلىقئارا ئالاقە، دىپلوماتىيە قاتارلىق رەسمىي سورۇنلاردا يەنىلا «نېدىرلاندىيە»دېگەن دۆلەت نامى قوللىنىلىدۇ. «نېدىر» نىڭ مەنىسى «ئويمانلىق»، «لاند» بولسا «يەر، دۆلەت» دېگەنلىك بولۇپ، بىرلەشتۈرۈپ «ئويمانلىق دۆلىتى»(گوللاندىيە دۆلەت زېمىنىنىڭ 41 قىسمى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن) دېگەن مەنىدە بولىدۇ.
    گوللاندىيە قەدىمدە گوتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ تەرققىياتى بىر قەدەر كېيىن بولغان. يازما خاتىرىلەردە ئەڭ دەسلەپكى گوللاندىيە دۆلىتى 1463 - يىلى رەسمىي  قۇرغان، 16 - ئەسىردە بىر مەزگىل ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1648  - يىلى ئىسپانىيىلىكلەرنى ھەيدەپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 17 - ئەسىرلىرىنىڭ ئاخىرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان،  18  - ئەسىردىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكە سىستېمىسى تەدرىجىي پارچىلىنىپ، بىر قىسىم زىمىنى ناپالىيۇن تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە كېيىنكى برلگىيەگ قوشۇلۇپ كەتكەن، 1806  - يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 
  سىياسىي تۈزۈمى : ھازىر ئىجىرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇن- دىموكراتىك ھۆكۈمەت قانۇنى (1809 - يىلى بېكىتىلگەن، 1974- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ، پادىشاھلىق تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى (1810 - يىلى بېكىتىلگەن ، 1979- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك قانۇنى (1949- يىلى بېكىتىلگەن)دىن ئىبارەت ئۈچ نېگىزلىك قانۇندىن تەركىپ تاپقان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارلامېنت تەشكىلىي قانۇنى (1866- يىلى بېكىتىلگەن، 1974- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) مۇ بار . گوللاندىيە ئاساسىي قانۇندا  پادىشاھلىق ئاساى قانۇنلۇق تۈزۈم يۈرگۈزىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ دۆلەتنىڭ سىمىۋول خاراكتىرلىك ئالىي رەھبىرى ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ سىمىۋوللۇق باش قوماندانى بولۇپ ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارلاشمايدۇ . پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىردىنبىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ ، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ . ھۆكۈمەت بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ ، باش مىنىستىر دۆلەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ . پادىشاھنىڭ تۇنجى پەرزەنتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىس بولىدۇ .
  
     ئىقتىسادىي:   گوللاندىيىنىڭ سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى ماشىنسازلىق ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ، ماشىنا ، تېلېگراف ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر زور تەرەققىي قىلغان . ئاساسلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولسا ھەر خىل ماشىنا، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى ، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ، ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ، تەبئىي گاز ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار . ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان  مەھسۇلاتلار ، نېفىت، تەبىئى گاز، يېمەكلىك ، تاماكا ، كىيىم - كېچەك ، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
     گوللاندىيىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ %7 نى ئىگىلەيدۇ . دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق ، گۆش مەھسۇلاتلىرى ، توخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدۇ . گۈل،كۆكتات ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدۇ. 2009-يىللىق تاشقى سودىسىدا ئىكىسپورتىدا گېرمانىيە 25.4%، بېلگىيە 12.4%، فىرانسىيە 9.3%نى،  ئەنگىلىيە 8.17%، ئىتالىيە، 5%نى، ئامېرىكا 4%نى،   ئىمپورتىدا گېرمانىيە17.16%، جۇڭگو 11.58%، بېلگىيە 8.68%، ئامېرىكا 7.77%، ئەنگىلىيە 5.72%،  رۇسىيە 4.47%، فىرانسىيە 4.4%نى ئىگەللىگەن.
     گوللاندىيە ئىقتىسادىي يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ ، ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز . تېلېگراف ، دورا ياساش ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە  . 2009-يىلى گوللاندىەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى 660مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ،  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامىتى 39مىڭ 500 دوللار بولغان.ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك 1.6%نى، سانائەت 23.6%نى، مۇلازىمەت كەسپلىرى 74.9%نى ئىگەللىگەن. ئاھالىنىڭ 2% ى يېزا ئىگىلىك بىلەن، 18%ى سانائەت بىلەن، 80%ى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  2009-يىلى مۇقىم تېلفون 7مىليۇن 506مىڭ، يانفون 19مىلىيۇن927مىڭ، مۇلازىمېتىر 12مىلىيۇن 607مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 14مىلىيۇن ئىككى يۈزمىڭ بولغان.
     مەدەنىيىتى : گوللاندىيە دۇنيا بويىچە مائارىپ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ دۆلەتنىڭ يىللىق مائارىپ چىقىمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ 7%نى ئىگەللەيدۇ. گوللاندىيەدە ساۋاتسىزلىق 1923-يىلىلا تۈگىتىلگەن. ئاھالىنىڭ 21% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان،
دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:
    گوللاندىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ تارىخىنى  17 - ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ،  1937 - يىلى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭنى رەسمىي دۆلەت بايرىقىغا مۇقىملاشتۇرغان. قىزىل رەڭ خەلق جەڭ مالمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك شىجائەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئاق رەڭ خەلقنىڭ پروتېسىتانت دىنىغا بولغان قەتئىي ئېتقادىنى، شۇنداقلا ئاۋام خەلقىنىڭ ئىلاھتىن بەخىت ئاتاقىلىشىغائىنتىزار بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؛ كۆك رەڭ خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سادىق قەلبىنى بىلدۈرگەن. گوللاندىيىلىكلەر ئۈچ بۇرجەكلىك قىزغۇچ سېرىق بايراق بىلەن دۆلەت بايرىقىنى بىللە كۆتۈرۈپ چىقىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەت  19 - ئەسىردىن باشلاپ شەكللەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ خانغا بولغان ھۆرمىتى ۋەساداقىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ.
    گوللاندىيە دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېربى  1815 -يىلى خان ئوردىسىنىڭ پەرمانى بويىچە تۈزۈپ چىقىلغان. سۇلغۇن تېرىسىدىن ياسالغان قىزىل كۈنلۈك پەردىگە ئوخشاش ئېچىلىپ تۇرغان، ئاستىدىكى كۆك لېنتىغا شاھزادە ۋىليامنىڭ « ناسونى قوغدايمىزدېگەن قەسىمى يېزىلغان. ئۆرە تۇرغان ئىككى شىر قىزىل تىلىنى چىقىرىپ بىر كۆك قالقاننى ھىمايە قىلىپ تۇرغان. قالقاننىڭ چوققىسىغا ۋىليام Ⅰ نىڭ مۆھۈرىسىدە ئىشلىتىلگەن پادىشاھ تاجىسى كىيدۈرۈلگەن. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا تاج كىيدۈرۈلگەن بىر شىر سىزىلغان بولۇپ، ئوڭ قولىدا بىر خەنجەرنى، سول قولدا بىر ئالتۇن رەڭلىك ئوقيا بېشىنى ئوينىتىپ، پادىشاھ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. كۆك قالقانغا ئالتۇن رەڭلىك نۇرغۇن كىچىك ئۇزۇن چاس سىزىلغان، بۇلار ئوتلاق ۋەچارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئارخئېپسكوپ ۋورمونىغا تۇتقان دەۋا -دەستىگەرلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەرزدە ئۇتقانلىقىنى ۋە مۇستەقىل بولغانلىقنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۇ كىچىك پارچىلار گېربىگە قوشۇلغان.
 «دۇنيا يەر - جاي ناملىرى ئىزاھلىق لۇغىتى»، «دۆلەت ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى»، «دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ۋە گېربى» قاتارلىقلاردىن ئېلىندى

مەنبە-ئۇيغۇر قامۇسى
http://qamus2.okyan.com/View.aspx?ID=9371


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9363
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9985
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2759 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 11:49:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 11:55:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن « گوللاندىيەنى - ھۇنلاندىيە، ۋېنگىرىيەنى- ھۇنگىرىيە دىگەن ناملاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، گوللاندىيە ۋە ۋېنگىرىيەلىكلەر ئۆزلىرىنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتايدۇ » دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 12:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر ياخشى بىلىم.....ئىكەن

ھامىنى بىر ئۆلۈم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 346
يازما سانى: 2406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12981
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 12:06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گوللاندىيە پادىشاھلىقى

بۇلار نىمە ئۈچۈن شىرنى قۇت بىلىدۇ؟

ئەگەر قاخشاپ دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولسا بىر ئۆمۈر قاخشاپ چىقاتتىم!!!

ئۇچقۇر بورە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16451
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23913
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 12:29:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلىۋالدىم !بىزئۇچۇن بىر بىلىم بۇ؟

لەختە قاندىن ئىنسان ياراتقان، كۆك ئاسماندىن يۇلتۇز تاراتقان. ھەق سۆزىنى بىزگە ئاڭلاتقان، رەخمان سۈپەت ئىگەم بۈيۈكتۇر. بىزگە چەكسىز رەھىم ئەيلىگەن، تەۋبە قىلساق بىزنى كەچۈرگەن. قەلىپلەرنىڭ سىرىنى بىلگەن، مەڭگۈ ھايات ئاللا بۈيۈكتۇر چ چ :841970301          

ناتىرىي خىلور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 02:09:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىي كۈچى
2010-يىللىق ھەربىي ئىشلار خامچوتى : 8مىلىيارت 5يۈزمىلىيون ياۋرو
1997-يىلىدىن باشلاپ ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى بىكار قىلىنغان .
قۇرۇقلۇق ئارمىيسى :26مىڭ ، دېڭىز ئارمىيسى :11مىڭ، ھاۋا ئارمىيسى : 9مىڭ ، ھەربىي ساقچىلار :6000 ، باشقىلار :18مىڭ (زاپاس قوشون قالدۇرۇلدى )
GDP:796مىلىيارت 7يۈز مىلىيون ئامرىكا دوللىرى (كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغېنى 48مىڭ 209دوللار )

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5741 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 02:20:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گوللاندىيە---قارا جەمىيەتنىڭ ئۇۋىسى..

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن

ھاياتقا كۈلۈپ قا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10667
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3756
تۆھپە نۇمۇرى: 479
توردا: 2862 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 03:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەيۋەنگە ئالامەت ئەقىل بىلەن ھۇجۇم قىلغان! بەك قايىل مەن !

ئۆزەڭنى چىڭ تۇت قوشناڭنى ئوغرى تۇتما!

ئەر قانتى ئات

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21652
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7359
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2010-12-10
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 07:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (yipek-yoli) نىڭ يازمىسىغا

يەر -زىمىنى شۇنچە كىچىك بۇلسىمۇ ئۆتمۈشتە دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى نىمانچە چوڭ......

بۇلدى قىل تەقىدىر چاقچاقلىرىڭنى، ئالدىمدا ئويناتما قۇچاقلىرىڭنى. ئالدىمغا ئاش قۇيۇپ ،سەن مىنى ئالداپ، كەينىمدىن تەڭلىمە پىچاقلىرىڭنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش