سىز بەلكىم ھازىر تېلگىراف كەڭ بەلباغ ئابونتى بولشىڭىز مۇمكىن سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تورىڭىزنى تىيەنيى كەڭ بەلباغلىق تورى مىنىڭ E ئائىلەم يۈرۈشلۈك كەسپىي قاتارلىق نامىدا ئاتايدۇ . ئۇنداقتا بۈگۈن شۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى .
ئالدى بىلەن سىز كۆپ ئاڭلىغان ھەم ، نۆۋەتتە سىز ئىشىلىتىۋاتقان مىنىڭ ئائىلەم دېگەن نىمە ؟
مىنىڭ E ئائىلەم بولسا جۇڭگو تېلگىراف شىركىتىنىڭ ئائىلە ئابونتلىرىغا يۈزلەندۈرگەن ، ئائىلە ئابونتلىرىنى كۆپ خىل تاللاش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بىر خىل كەسىپ تۈرى شۇنداقلا جۇڭگودا ئائىلە ئابونتلىرىغا يۈزلەندۈرگەن تۇنجى تاۋار ماركىسى . نۆۋەتتە مىنىڭ E ئائىلەم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىدىن ، e6 , e8 , e9 , e11 قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرى بار .
مىنىڭ E ئائىلەم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى بېجىرسىڭىز ، ئائىلىڭىزدىكى مۇقىم تېلفۇن ، كىچىك زېرەك ، تىيەنيى يان تېلفۇنى ، 133 ، 153 ، 189 ، كەڭ بەلباغلىق تور ، قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشكە ، بىرلا ھېسابات ئارقىلىق ھەممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا پۇل تۆلەشكە ، ئايلىق ئىجارە ھەققى يوق ، تور سۈرئىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .
تىيەنيى 天翼 يان تېلفۇنى دېگەن نىمە ؟
تىيەنيى بولسا جۇڭگو تېلگىرافىنىڭ يان تېلفۇن كەسپىنىڭ تاۋار ماركىسى ، شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى كەسىپ يۈزلىنىشى . تىيەنيى يان تېلفۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ، رادىئاتسىيىسى تۆۋەن بولۇش ، سىمسىز تور سۈرئىتى يۇقىرى ، ئاۋاز سۈپىتى ئىنتايىن ئېنىق ، ئاۋاز يەتكۈزۈش تېخنىكىسى ئامېركا ھەربىي ئىشلار ئورنىنىڭ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن يان تېلفۇندىن ئىبارەت . نۆۋەتتە تىيەنيى يان تېلفۇن ئابونتلىرى ، بېجىرگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىگە قارىتا ، يانفۇندا تورغا چىقىش WIFI نى سوۋغا قىلىش ، يان تېلفۇندا تورغا چىقىش ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىش ، 189 ئېلخەت ساندۇقى ، توردا ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش ، بۇ تور ئىچىدە 200 پارچە ، باشقا توردىكىلەرگە 100 پارچە ئۇچۇر يوللاش قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىدىغان ئالاھىدىكلەرگە ئىگە . سىز
www.189.cn تورىغا چىقىپ بۇلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . لىكىن بۇ پەقەت تېلگىراف ئابونتلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ .
天翼live نىڭ ئالاھىدىلىكى
天翼Live نى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 飞信 بىلەن ئوخشاش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ . ئۇنىڭغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى بىۋاستە 189 ئېلخەت ساندۇقىغا كىرىش ، يانفۇنغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ، كىنو كۆرۈش ئىنتايىن تىز سۈرئەتلىك ، ھەر خىل ئۇچۇرلاردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە.
سىز :
http://elive.vnet.cn تور بېتى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرەلەيسىز . ئەگەر يان تېلفۇنىڭىز تېلگىرافنىڭ 3G كەسپىدىكى يانفۇن بولسا يانفۇن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
تېلگىرافنىڭ نۆۋەتتىكى تەۋسىيە كەسىپلىرى مىنىڭ E ئائىلەم يۈرۈشلۈك كەسپىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرى ، يان تېلفۇن + تور + مۇقىم تېلفۇن + ئائىلە تور كىنوخانىسى + مىنىڭ E ئائىلەم تېلفۇنى (بۇ بىر يۇمشاق دېتال ، بۇ ئارقىلىق تېلفۇن ئۇرسىڭىز قارشى تەرەپكە ئۆيىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى كۆرۈنىدۇ . سۆزلىشىش ھەققى ئائىلە تېلفۇنىڭىزغا سوۋغا قىلغان سۆزلىشىش ھەققى ئىچىدە ماڭىدۇ) كەسپىي . مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى
www.xj.ct10000.com تور بېتىدىن ياكى مۇلازىمەت قىززىق لىنىيىسى 10000 ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ
مەنبە:
http://www.2020520.com/?post=29